بەك ياخشى تېمىكەن ماۋۇ ، دىگەندەك مىنىڭمۇ يېڭى تۇغۇتلۇق ۋاقتىمدا سۈتۈم بەك جىق كەلگەن ، لىكىن فىزىئولۇگىيىلىك يىتىشسىزلىك تۈپەيلى تۈزۈككىنە ئەمدۈرەلمەي ، 3ئايغا قالمايلا سۈتۈم سوغۇلۈپ كەتكەن ، كىيىن بىلسەم ئۇنىڭمۇ چارىسى باركەندۇق ، بىچارە قىزىم شورىيالماي يىغلاپ -قىقىراپ كىتەتتى ، ئۆزەممۇ تەڭ يىغلىغان ، بۇداقى تۇغۇلغۇسى بالامنى ئاللاھ خالىسا يېشىغا تۇشۇپ ئاشقۇچە ئەمدۇرىمەن ،باشقا تۈردىكى تەبىيىلەش «گۈمپىلىرىغا» كەلسەك مەن ھازىر 4ياشقا كىرەي دەپ قالغان قىزىم بىلەن تولا «ۋارقىرىشىپ »قالىمەن ، دىققەت قىلسام بولغۇدەك
، بىراق قىزىم مىنى دوراپ ، ناھايتى ئوڭايلا كەيپىياتىنى ئوڭشاشنى ئۆگىنىۋالدى ، ئۇ ئۆيدىكى پائالىيەتلىرىدە تولىمۇ ئەركىن ياكى تەرتىپلىك ، شۇغىنىسى ئۇ يەسلىدىكى «ئاچىلىرىنىڭ »نىمىشقا دائىم ئۆزى قۇشۇلۇپ بالىلارنىڭ ئەركىن ئازادە ئوينىسا بولمايدىغانلىقىنى ، قوللىرىنى ياۋاشلىق بىلەن تۇتۇپ ئولتۇرۇپ تىلىۋىزۇر كۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بولالماي قاخشاپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا بەك ئىچىم سىرىلىپ كىتىدۇ .