مىسلىسىز شانلىق تارىخىنى ئاچقان خەلق - ھونلاردۇر! ھونلار بىز ياشاپ ئۆتىۋاتقان مۇشۇ ئاسىيانىڭ بىپايان يايلىقىدىكى كۆچىمەنچى قەبىلىلەرنىڭ قاينام بۇلاق چەشىمىسى!. مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر مۇقەددەم باش كۆتۈرگەن. ئۆز ئەۋلاتلىرىنى تىلغا ئېلىشىقا ئەيىمىندىغان بۇ ئاجايىپ ھون قەبىلىلەر ئىتىپاقى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئۈچ ئەسىر، مىلادىيەدىن كىيىنكى بەش ئەسىر ئىچىدە كونا قۇر تارىخىغا ئۇچۇقتىن ئوچۇق ئىزناسى، ئەدىبىيلىك يۇشۇرۇن تەسىر قالدۇرۇپ ھەر قايسى مىللەتلەرگە سېڭىپ كەتتى④...
قەدىمكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ پىرى بولغان ھونلار سىنىپى جەھەتتە تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت مىراس قالدۇرىدىغان ھاكىمىيەت شەكلىنى قۇرۇپ، تەڭرىقۇتنىڭ ھۆكۈمى مۇقەددەس قانۇن ھېسابلىنىدىغان، ھون جەمئىيىتىدە ئاقساقاللار كېڭىشى تەسىس قىلىنىدىغان، بۇ كېڭەشكە ھەر قايسى يېزا – قىشلاق (ئاۋۇل ياكى ئايماق) ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان تەڭرىقۇت ئىخىتىيارىدا خېلى مۇرەككەپ دۆلەت ئاپپاراتى قۇرۇلغان بولاتتى.⑤
تەڭرىقۇت - پۈتكۈل دۆلەت بويىچە ئالىي ھۆكۈمىران بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا سۈيرۈغالىق تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن. قەدىمكى زاماندا تارىم بويلىرىدا كۆپ ئىلاھلىق دىن تازا ئەۋجە ئالغان مەزگلەردە «تەڭرىقۇت» ھونلارنى چاقىرىشقا دەۋەت قىلىپ ئۆز ئاسىتىغا يىغىقان ئىدى. شامانىزىم ئىتقادىدا تۆت تۈرلۈك رەڭلەر ئارقىلىق تۆت تەرەپنى بەلگىلەپ، يەنى كۈلرەڭ شەرقنى، قىزىل رەڭ جەنۇب، ئاق رەڭ غەرب، قارا رەڭ شىمالنى كۆرسىتەتتى⑥.
«مىلادىيەدىن 2000 يىل بۇرۇن باتۇر تەڭرىقۇت خەن گاۋزۇ (لىيۇباڭ) نى ھازىرقى داتۇڭ شەھىرى يېنىدا يەتتە كېچە – كۈندۈز قورشاۋغا ئالغان. خەن گاۋزۇ باشچىلىقىدىكى بىر نەچچە يۈز مىڭ خەن قوشۇنلىرىنىڭ شەرق تەرەپنى كۆك ئاتلىق، غەرب تەرەپنى ئاز بوز ئاتلىق، شىمال تەرەپنى قارا ئاتلىق، جەنۇب تەرەپنى قىزىل تورۇق ئاتلىقتىن ئىبارەت 400 مىڭ ھون ئاتلىق قوشۇنلىرى قورشىۋالغان»⑦.
قەدىمكى زاماندا ھونلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىر قەدەر تاپقان بولۇپ، ھونلارنىڭ تېرتورىيەسىدىكى ھېنگان تاغلىرى، نويان تاغلىرى، خانگەي تاغلىرى (ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە)، ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، گەنسۇدىكى تېلەۋ تاغلىرى، ئالچى تاغلىرى (ھازىرقى چىلىيەنشەن تېغى) قاتارلىق تاغلارنىڭ ئېتەكلىرىدە، چەكسىز يايلاقلاردا، سىبىرىيەدىكى لىنا دەرياسى، يىنسەي دەرياسى، ئانفارا دەرياسى، قۇرلۇن دەرياسى، سېلىنگان دەرياسى، ئالتۇن ئۇنۇن دەرياسى، ئېرىتىش دەرياسى، ئېلى بويلىرىدىكى ياپيېشىل ئوتلاقلار، تاشقى مۇڭغۇلىيەدىكى ئۆتۈگۈن يايلىقى، كۆكخۇت يايلىقى (چىڭخەي كۆلىنىڭ بويلىرى)، ئىرەن يايلىقى (تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا)، بار كۆل يايلىقى قاتارلىق يايلاقلاردا ھونلارنىڭ مەشھۇر چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، بۇ مەيدانلاردا ئەينى دەۋىرلەردە مىليونلىغان ئاتلار، نەچچە ئون مىليون قوي، تۆگىلەر رەڭمۇرەڭ بولۇتتەك ئۈزۈپ يۈرەتتى. تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىيەدىن 2000 يىللار ئىلگىرى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇننى تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم.
قەدىمكى چاغلاردا «ھونلارنىڭ بۇغداي ئامبىرى» دەپ نام ئالغان ئەجدادلارنىڭ بۇنىڭدىن 7000 يىل بۇرۇن دېھقانچىلىق كەنىتلىرىنى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم. ھونلار بۇغداينى تارىم ۋادىسىدىن كەلتۈرگەندىن تاشقىرى ئۆزلىرىمۇ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ھونلار مىلادىيەدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە بايقالنىڭ جەنۇبى قىسمىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئارخىئولوگىيىلىك قىزىشلار ئارقىلىق ھونلارنىڭ تۆت چاسا شەكىلدىكى تاش قەبىرىلەر تېپىلغان، بۇ قەبىرىلەر ئىچىدە تېپىلغان تاش-چاناقلىرى مىلادىيەدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا مەنسۇپ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. يەنى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ نويان تاغلىرىدىن تېپىلغان 23-نومۇرلۇق ھون خانلىرىنىڭ قەبىرىلەرىدىن قارا زىرائەت ئۇرۇقى چىققان بولۇپ، ئۇ مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى دەۋىرگە مەنسۇپ⑧.
1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە بىر پارچە ماقالە بېسىلغان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئىپتىدائى قەبىرىستانلىقىدىن ئىككى جەسەت تاپقانلىقىنى ئېيىتقان. جەسەتنىڭ بىرى ياش ئايال، يەنە بىرى كىچىك بالا بولۇپ، نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولىتىتنىڭ كاربون 14 ئوكسىد تەجىربىخانىسى قەبىرىستانلىقتىن قىزىۋېلىنغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلش ئارقىلىق جەھەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ جەسەتلەر دەپنە قىلىنغان قەبىرىلەردىن چىغ سىۋەت ئىچىدە ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىققان⑨.
قەدىمكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ پىرى بولغان ھونلار شەرقتە ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىن تارتىپ غەربتە ياۋرۇپانىڭ ئەڭ غەربگىچە بولغان كەڭ زېىمىندا، ئاتلىرىنى دۈپۈرىلىتىپ، بۈيۈك، ئەڭ چوڭ «ھون چارۋىچىلىق ئىمپوراتورى» نى قۇرغان. باتۇر تەڭرىقۇت ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھون ئىمپىرىيىسىنى شەرقى ئاسىيادا قۇرۇپ «باتۇر تەڭرىقۇت[3]» دەپ ئاتالدى. ئاتتىللا بولسا ئاق ھونلارنى باشلاپ داۋاملىق تۈردە پاۋرۇپا زىمىنىغا قىستاپ كېلىپ، رىم ئىمپوراتورىغا تەھتىد سېلىپ، شەرقى رىمنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋرۇپادا سىرلىق بىز شەخىسكە «تەڭرىنىڭ قامچىسى ـــــ ئاتتىللا[4]» دېگەن نامنى ئېلىپ مەڭگۈ ئۆچمەس نامىنى قالدۈرۈپ كەتتى...
بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھون ئىمپوراتورلىرىدىن كېيىنكى يەنە مۇشۇ مۇڭغۇل زېمىنىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرۈك خاندانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋىرىگە ساياھەتىمىزنى باشلاپ، شۇ رايوندىكى مەڭگۈ تاشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەك...
ئانا تەڭرى ـــــ ئوماينىڭ نامى قەدىمكى تۈرك خاتىرلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنغان⑩. مىلادىيە 712 - يىللىرىدىن 716 – يىللىرى ئارلىقىدا ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئولانباتۇر شەھەرىدىن 62 كىلومىتېر يىراقلىقتىكى بايىن چۆكتۇ دېگەن جايغا ئورۇنىتىلغا «تۇنىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ (1897 – يىلى بايقالغان) 38 – قۇرىدا «تەڭرى ئوماي، مۇقەددەس يەر، سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ. بىز يەنە نېمىشقا تىزىپ كېتىمىز»؟⑴
مىلادىيەنىڭ 732-يىللىرى (1889-يىلى بايقالغان) كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللىغ تېگىن تەرەپىدىن ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ كۆكىن ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىكى خۇشۇ سايدا دېگەن جايغا تكلەنگەن «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقى تەرىپى 31 -قۇرىدا «ئومايدەك ئانام خانىشنىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كۆلتېگىن ئەر ئاتالىدى.» كۆك تەڭرى قاتارىدا يەنە ئايال روھلاردىن «ئوماي ئىلاھى»مۇ قەدىمكى تۈرك ئىستىكامىدا ناھايىتى مەشھۇردۇر.⑵