sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 02:56 PM
ئەمسە سىز قولىنى كىسىڭ !مەن پەقەت ھەمما ئادەمنىڭ بىجى ...
قولىنى كىسىش جازاسىنىمۇ ئاللاھ بەرگەن ھەم بۇيرىغان ھەم بۇيرىۋاتىدۇ.
قولى كىسىلگەن ئوغرىغا ئىچ ئاغرىتقىنىڭىزنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. لىكىن سىز يەنە بىر تەرىپىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ. پۇل-مىلى ئوغۇرلانغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
سىز بىر يىل جاپادا ئىشلەپ تىجەپ يىققان 10نەچچە مىڭ پۇلنى، ئوغلىڭىزنى ئۆيلەيمەن دەپ بازار ئايلانغاندا شارتتىدە ئوغۇرلاپ ئىككى كۈندە سورىۋەتسە ،ئاق چىكىپ تۈتۈنگە ئايلاندۇرىۋەتسە سىنىمۇ خۇدا ياراتقان دەپ ئولتۇرارسىزمۇ؟
قارىغاندا بىرەر قىتىم پۇلىڭىزنى ئوغرىغا بىرپ باقماپسىز. شۇڭا چۈشەنمەپسىز
بىر ئوغرىنىڭ قولى كىسىلسە بىرنەچچە يۈز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مىلىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
بىرەر بازاچى تونىشىڭىز بولسا سوراپ بىقىڭ. بىر يىلدا قانچىنى كوملايسەن دەپ؟ كۈنىگە 500 سومدىن كوملىسا (تەخمىنەن شۇنداراق يىسابلىدىم. بىر قىتىمدىلام 1-2مىڭنى كوملايدىغانلارمۇ بار) يىللىقى 150000 سوم دىگەن گەپ.
ئىككى يىل بىقىپ ئەجىر قىلغان كالىڭىزنى 10 مىڭ سومغا سىتىپ ئۇلاغ بازىرىدىن چىقىپ بىر تەخسە لەغمەن يەپ لەغمەن پۇلىنى تۆلىيەلمىسىڭىز قانداق ھىس قىلىسىز؟ نىمە دەپ كالىنى بۈگۈن ساتار بولغىيتىم دىيىشىڭىز مۇمكىن؟ئوغرىدىن كۆرمەيسىزغۇ ھەقىچان؟
بىر يىل ئىتىزلىقتا ئىشلەپ كىۋەز سىتىپ ساتقان پۇلىڭىزنى خوتۇن-بالىلىرىڭىزغا كىيىم-كىچەك سىتىۋالغۇچە ساقلاپ تۇرماي ئۈلگۈرىتمەي كوملىۋالسا . ئۆيگە 4 سامسا ئالالماي بىشىڭىزنى ساڭگىلىتىپ كىرىڭە. بىشىڭىز قانچە كۈن ئاغرىيدىكەن قىنى. قانچە كۈن ساق ئۇخلىيالايدىكەنسىز قىنى؟ سىزغۇ بەلكىم باي. ھىچگەپ ئەمەستۇ بەلكىم؟پۈتۈن ئائىلە كىشىللىرى بويىچە ئوغرىنى قاغىماقتىن باشقا ئامال يوق. لىكىن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
لىكىن ئاۋۇ دىھقانلارچۇ?
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 03:16 PM