elqe يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 03:16 PM
بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننىڭ مەجرۇھ بولۇپ قالغىن ...
بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننىڭ مەجرۇھ بولۇپ قالغىنىغا ئىچ ئاغرىتىشىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىشكە بولىدۇ!
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ دېگەن تەمسىلگە چىنپۈتتۈم.
دوختۇردىكى بالىسىنى داۋالىتىشقا تەييارلىغان پۇلنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ، دوختۇرخانا ‹پۇلۇڭ يوقكەن› دەپ بالىنى ياتاققا ئالغىلى ئۇنىماي، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن بالىلار بالىلار ئۆلۈپ كەتتى، پالەچ بولدى.
ئاشۇ ئوغرىلار خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىشتىن بۇرۇن ‹توختا، ماۋۇ بىر جاپاكەشنىڭ ھالال ئەجىر بىلەن تاپقان پۇلىدۇ، مانچە ئادەمنىڭ جېنىنى قامدايدىغان پۇلىدۇر بۇنىڭغا مەن قارا سانىسام باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟› دېگەننى ئويلامدۇ؟ ياق! ئۇنىڭ كاللىسىدا ئامال قىلىپ شۇ پۇلنى ئالسام، كەچلىكى كەيىپ قىلسامنىلا ئويلايدۇ، جازا مەيدانىغا كەلگەندە بولسا ‹ئېسىت! نېمە پوق يەپ ئوغۇرلۇق قىلار بولغىيتىم› دەيدۇ، ھارامغا سۇنۇلغان قولىنى كەسكەندە بولسا سىزگە ئوخشاش گۆشباشلار ئىچ ئاغرىتىپ ‹ۋىيەي› دەيدۇ، بىراق ئاشۇ پۇل مېلىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان بىچارە، بالا چاقىسىنىڭ قورسقىنى ئاران تويغۇزىۋاتقان شۇ جاپاكەش ئاتىغا كىم ئىچ ئاغرىتىدۇ؟