iltebir0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:28 AM
سىلى يوللاڭلا نوزۇگۇم ئىپارخان يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تا ...
ئاماننىساخان سىزنىڭ ئاپپاقخوجا ئاكىڭىزدەك تارىخ كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ خەقنىڭ بەش-ئالتە ياشلىق قىزىنى قايناۋاتقان ماي قازانغا تاشلاپ جاللات خېنىم يەڭگىڭىزدەك نەتچچە يىلدا يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇيغۇر مىللىتىگە چوڭ تۆھپە قوشالماي قالغان بولسىمۇ ، ئون ئىككى مۇقامدىن ئبارەت خەلقارادا ئىتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بىر مىللىي مەدەنىي يادىكارلىقنى ئۇيغۇرلارغا قالدۇرۇپ كەتتى. ئاپپاق ئاكىڭىز كۆيدۇرەلمەي قالدىدە بۇقەغەزدىكى نەرسە بولمىغاندىكىن !
ئەقلى گەجگسىگە ئۆتۈپ قالغان دىگەندەك مودىدىن قالغان گەپلىرىڭىزنى نېرى ئاپىرىڭ .ئاۋال مىسرانىم توربېتىدا قانداق نەقىل كەلتۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ شۇنى ئوڭشاپ ئۈگىنىپ ئاندىن جاۋاپ قايتۇرۇڭ ئاياللا بىرلەشمىسىنىڭ شۇجىسىدەك قىزىلگە خەت بوياپ يۈرمەڭ.
سوئال: ئىسلام ئۆلىمالىرى ناخشا – مۇزىكا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
جاۋاب: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى قەدىمدىن بىرى ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلمەكتە. ناخشا- مۇزىكىلار ئىچىدە، پۈتۈن ئالىملار بىردەك ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ، ھالاللىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ ۋە ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقانلىرىمۇ بار. ئەسلىدە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئۆزىدە چاتاق يوق. چۈنكى شەيئىلەر ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالالدۇر. پەقەت ناخشىنىڭ ھاراملىقىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە، ناخشا مەزمۇنى ۋە ناخشا بىلەن چېتىلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، ناخشا بۇ سەۋەبتىن ھالال دائىرىسىدىن چىقىپ ھارام دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. مەيلى ناخشا بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى سۆزلەر بولسۇن، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق سۆز ھارامدۇر.
سوئال: ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار قايسىلار؟
جاۋاب: پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئاڭلاشقا بولىدىغان ۋە ھالاللىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ناخشىلار تۆۋەندىكىچە:
(1) كىشى ئۆز – ئۆزىگە غىڭشىپ ئوقۇيدىغان پاكىز ناخشىلار. بۇيەردىكى پاكىز دىگەن سۆزنى ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ .
(2) ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە ئېيتىپ بېرىدىغان ناخشىلىرى.
(3) پادىچىلار پادىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ناخشىلار.
(4) ئاياللار توي – تۆكۈنلەردە ئۆزئارا ئوقۇشىدىغان ئەنئەنىۋى ناخشىلار ۋە بۇلارغا ئوخشىغان پاكىز ناخشىلاردۇر.
شۇنىڭدەك، ھېيت – بايراملاردا، توي – تۆكۈنلەردە، زىياپەت، ئۇزۇن سەپەردىن قايتىش ۋە تۇغۇت مۇناسىۋەتلىرىدەك خوشاللىق پەيتلىرىدە ناخشا ئېيتىش مۇستەھەب ( ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەر) قاتارىدىن سانىلىدۇ.([1])
ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىغا ئېھتىمالى بولغان ناخشا-مۇزىكىلار
يۇقارقىلارنىڭ مەنبەسى : دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 389- بەت
توردا قۇرۇق گەپ سېتىۋەرمەي ھازىرقى زامان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ قويسىلا!