Kerammusic يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 04:28 PM
0997 ئەپەندوم سىزنىڭ ئىسلامى بىلىمىڭىز بەك تولۇپ تېشىپ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم : باشقىلارنىڭ بىكار ۋاقتى يوق . سىزگە
دەللىلسىز ‹‹ ھەدىس ›› ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ‹‹ سۆز ›› لىرىنى يەتكۈزىدىغان ...
سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان بىر كىشىگە بىر ئېغىز پاراڭ قىلىشنى خالىمايسىزغۇ
دەيمەن ؟ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يىرگىنمەڭ ! سىزگە سۆزلىشى ؛ سىزنىڭ
ياقتۇرغانلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ...
سىز ، كاپىتان ۋە سەردۇر دېگەن كىشىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئىشىنىپ
كەتمەڭ ... ! ئۇلار مىسرانىمدا چەكلىنىپ قايتا ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر ...
ھەمدە : بىر ئادەم نەچچە خىل ئىسىمدا تىزىملىتىپ تور مۇھىمىتىنى پاراكەندە
قىلىۋاتقانلاردۇر . لىكىن ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ مىللەتدېشىمىز ئۇيغۇر.................
بەلكىم ئۇلاردىن : بامدات نامىزىدا ئوقۇيدىغان : ‹‹ سۈرە ›› لەرنى سورىسىڭىز
دۇدۇقلاپ قېلىشى ، جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن .
ئۇلار ئېغىزىدا ؛ ‹‹ سەنئەت بايلىقىمىز ، بارلىقىمىز ›› دەپ جار سېلىشىدۇ .
ئەمما ، سەنئەتنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان پايدىسىدىن زىينى كۆپ ...
مىسرانىىمنىڭ : ئامرىكا ساياھەت خاتىرسىگە قارىغاندىمۇ :ساپالىق ، تەرەققىي
قىلغان ئەللەر كىشللىرىنىڭ : تېلۋىزىيە ، كىنو دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈشكە
ۋاقتى يوقكەن .
خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئېيىتقاندەك : ‹‹ ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ›› دېگەن
تەمسىلگە ئىشنىدىكەن .
بىز قاچانغۇچە :قىز ـ ئاياللىرىمىزنىڭ ياتلارنىڭ ئالدىدا كاسسىنى تولغاپ ، كۆكرىكىنى
لىغىرلىتىپ ، باشقىلارنىڭ: ‹‹ كۆڭۈل ئېچىش ئەرمىكى ›› بولالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ
يۈرىيمىز ... ؟ بىز قاچانغۇچە سەنئەتنى ئولۇغلايمىز ، ئۇچۇرۇپ ماختىنىمىز ...
پاقا قۇدۇق ئىچىدە تۇرۇپ جاھان مۇشۇ ، ھەممىنى كۆردۈم دەپ ئويلايدىكەن .
دۇنيادا يەھۇدىيلارنىڭ ناخشا ـ مۇقامى بارمۇ ... ؟ تەرەققىي قىلغان ياپۇن
گىرمانلارنىڭ ناخشا ـ مۇقامى بارمۇ ؟ يوق . ئەمما ئۇلار دۇنيادىكى ساپالىق
ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىدى . ئسلام قانۇنى بۇيىنچە دۆلەتنى
ئىدارە قىلدىغان دۆلەتلەرنىڭ ناخشا ـ مۇقامى بارمۇ ... ؟ بۇنداق ئىشلارغا
يول قويامدۇ ... ؟ سەنئەت ـ ناخشا ـ ئۇسۇل دېگەننىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا
چىۋىننىڭ پوقىچىلىك پايدىسى يوق . قېنى ئىچكىرىگە بېرىپ بېقىڭە ... ؟
ئۇيغۇر دېسە : ناخشا ـ ئۇسۇلچى ئوغرى ، كاۋاپچى دەپ تونۇيدۇ .
سەنئەت ، ئۇسۇل ـ ناخشا دېگەننى كۆپىنچە ھالدا : قىز ـ يىگىت ئارلاشقان
سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەتنىڭ بىر تۈرى . نامەھرەملەرنىڭ بىر ـ بىرىگە
شەھۋەت نەزىرىدە بېقىشىدىغان ، زىناغا باشلايدىغان پەلەمپەيدۇر...
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالىدا : پەيغەمبىرىمىز پاك
نەسەبلىك بىر ئائىلىدىن پەيغەمبەرلىككە تاللىۋېلىندى . پەيغەمبىرىمىزگە ، پەيغەمبەرلىك
ۋەھى كىلىشتىن بۇرۇن ( پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرى ئىدى )
مەككىگە يېقىن بىر شەھەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا : توي بولۇۋاتقان بىر ئۆيدىن
ئاڭلىنىۋاتقان ناخشا ، نەغمە ـ ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىرىپ كۆرۈپ ،ئاڭلىماقچى
بولغاندا : ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇخلىتىپ قويۇلغان .
ئەخلاقنامە دېگەن كىتابنىڭ : جەننەت يۈزى كۆرمەيدىغان 10 خىل كىشىلەر بابىدا :چاڭ ، تارىلىق چالغۇلارنى چالىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى سۆزلەنگەن .
مۇھەممەد ئەلەيسىھالامنىڭ تەرجىمھالى بىلەن ، ئەخلاقنامە دېگەن كىتابقا
قارالسۇن....
سىزنى ئۆز بىلگەچكە : نەقىل ئالدىم . ناۋادا مۇۋاپىق كۆرسىڭىز :
2637273402 qq نۇمۇرۇمنى قوشۇۋېلىڭ ..........................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-22 12:23 AM