مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: NURDEN

قىشلىق تەتىلدىن باشلانغان ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوسلار توغرا چۈشەنگەيسىلە يىقىندا مەكتەپتە ئىمتاھان ئىشى بىلەن تورغا چىقالمىغان ئازراق بولسىمۇ
يوللاي دىگەن مەخسەتتە ئەسەر ۋەقەلىكىنى سەل ئالدىغا سۈردۈم. ـــــــــ
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ن كىرە سەن كىرە دىيىشىپ بۇ  ئىككىيلەن ئاشخانىغا كىرىشتى،پاھ بۇ ئاشخانىمۇ ياكى پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىمۇ؟
كىرىشكىلا كۆزگە چىلىقىدىغىنى بولسا نەپىس لاھىيەلەنگەن فونتان بىلەن ئۇدۇلدىكى ھەيۋەتلىك شاھانە پەشتاق بولدى.
ئىككەيلەن بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي قارايتتى.ئاشخانا تىخى ئىش باشلىمىغاچقا ئىچىدە نۇرغۇن كىشى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى.بۇ ئىككەيلەنگە ھىچكىم دىققەت ئىتىبارىنى سالىدىغاندەك ئەمەس.ئۇلار بىلەن ھەم تەڭ بىرقانچە قىز ئوغۇل چاققانلىق بىلەن زال ئىچىنى تازلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى،‹‹ھەي بۇنداق تۇرسا قاچانمۇ ئىش باشلايدۇ؟››دىگەن خىيال نۇردۇننىڭ كاللىسىدا ئايلىناتتى.ئۇزاق ئۆتمەي بىرەيلەن كىلىپ ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشقاچ ئاشخانىنىڭ شارائىتى ۋە قويىدىغان تەلەپلەنى دىۋەتكەندىنكىيىن:ئەمسە ئۇكىلىرىم ھازىرلا ئىشقا چۈپكىتەمسىلە؟دىمەسما ،بۇگەپ بۇ ياشلارنى بەكلا خوش قىلۋەتتى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ ھىچ ئويلانماستىنلا ئىشقا چۈپ كەتتى.ئىككەيلەن ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي تۇرغاندا بىرقىز نۇردۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ :ئەسسالام ئەلەيكۇم بۈگۈن كەپسىز دە،دىگەچ قولىدىكى سۈپۈرگىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى.نۇردۇن بىردەملىك ھاڭۋىقىپ قالدى.ئىشنىڭ بىشى سۈپۈرگە تۇتۇش بولسا كىيىن قانداق ئىشلەمەن بۇيەدە.دىدى يۇ
خەپ بولدى كىيىنكى ئويۇنلارنى بىر كۆرۈپ باقمايمەنمۇ دەپلا سۈپۈرگىنى ئىلىپ ئىشقا چۈپكەتتى.زال ئىچى ئوي بىزەش ئۇستىلىرى،نەقەشچى،گەجخاچىىلار بىلەن تولۇپ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشى بىلەن زال ئىچى توپا چاڭغا بىر تولغان ئىدى.
بىركۈنلۈك جاپالىق ئەمما كۆڭۈللۈك تازلىقمۇ تۈگىدى.ئەمدى ئۇلا بىرىپ مۇئاشىنى دىيىشىشى كىرەك.ئۇلار سورىغان بولسىمۇ ئىنىق جاۋاپ ئالالماي بوپتۇ مەيلي كىيىنچە بىرنىمە دەمىز دەپلا ئۆيلىرىگە كىتىشتى.بىركۈنلۈك تازلىق نۇردۇننى خىلىلا چارچاتقان بولسىمۇ ئانىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن دەستىخاندا بىللە غىزالىنىپ،دەستىرخاننى يىغقاندىن كىيىن ياتاق
ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى بكارۋاتقا ئىتىپلا ئۇيقۇ دىڭىزىغا غەرىق بولدى.
   

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ۋاقتىدا يوللاشقا تىرىشىمەن

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئاللاھتىن بەختى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28786
يازما سانى: 823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10896
تۆھپە نۇمۇرى: 1150
توردا: 7155 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 11:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Asirgizni bakyahturdum dawaminitizrak yollisigiz bulatti

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 11:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  بامۇ  يا   تۈگەپ   قالدىمۇ

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 02:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى تېزىراق يوللانسا بولاتتى.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 08:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
                            سالام دوسلا ئۇزۇندىن بىرى تىمامنى يوللىيالماي قالدىم ئەپۇ قىلىڭلا.تىمامنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئەسەر ۋەقەلىكىگە قوشۇپ ئۆزۈمنىڭ مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان چۈشەنچەمنى قوشۇپ قويدۇم .مۇلازىمەت كەسپىي يىڭىدىن تەرەققىي قىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم جان كەسىپلەردىن بولۇپقالدى.قىرىنداشلارغا ئازراق مەنپەئەت ئىپكەلسە ئەجەپ ئەمەس.قولۇم ئازراق ساقايغان شۇڭا ۋەقەلىكتىن
ئازراق يىزىپ ئىۋەتىشنى ئويلاپ يوللۇدۇم.داۋامىنى يەنە ئىنكاس يوللايمەن.
                               5.مۇلازىمەت ئۇقۇمى ۋە ئادىمىيلىك

سەھەر ئەلچىسى ،جىمى مەۋجۇداتنىڭ كۈندۈلۈك مەشغۇلاتىغا ۋاقىپ بولغان ۋە دىھقانلار ئەمگىكىگە شاھىت بولغان شۇ خورازنىڭ جانلىق ۋە روھلۇق سايرىغان ئاۋازى بىلەن نۇردۇن ئاستا كۆزىنى ئۇۋلىغانچە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ كىيىملىرىنى رەتلىك تۈزەشتۈرۈپ ناشتىمۇ قىلماي ئىشقا كەتتى.چۈنكى ئاشخانىدا سائەت 9:00بىلەن يىغىلىپ ھەممەيلەن بىللە ناشتا قىلاتتى.خىزمەت ئورنىغىمۇ كىپقالدى،ئىشنىڭ بىشى سەھەردىن شۇنداقلا شۇ سەھەردە سۆيۈملۈك ئىغىزدىن چىققان شۇ ‹‹ئەسسالام ئەلەيكۇم››دىن ئەمەسمۇ.ئىشىكتىن بىسمىللا دەپ ئوڭ پۇتىنى ئىلىپ ئارقىدىنلا ئەسسالام ئەلەيكۇم  دەپ كىرىپ كەلدى .كۆڭۈلگە يارىشا بۇ سالام جاۋاپسىز قالمىغان ئىدى،‹‹ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!ئاللانىڭ سالىمى ساڭىمۇ  بولسۇن ››كۆپچىلىكنىڭ ئۆزرە سالامى ئۇنى تىخىمۇ خوش قىلغان ئىدى ئۇ بۇ خىزمەتداشلىرىدىن باشقىچە سۆيۈنۈپ كەتتى.
كۆپچىلىك چايلارنى قاينىتىشىپ،نانلارنى دەستىرخانغا قويۇشۇپ ئۈستەلنى چۆرىدىشىپ بىرلىكتە ناشتا قىلىشتى .ئادەم سەل كۆپ بولغاچقا بىر قانچە ئۈستەلگە بۆلۈنگەن ئىدى.ئەتتىگەندە بەركەتلىك شۇ نان بىلەن ناشتا قىلغاندىن كىيىن ئەتتىگەنلىك يىغىن باشلىنىپ كەتىتى.مۇزەپپەر جىڭلىي سۆز باشلىدى،ئۇنىڭ تۇنجى قىلغان سۆزى مۇلازىملاردىن سۇئال سوراشبولدى.
ــــ سىلەردىن بىر سۇئال سورايمەن قىنى كىم جاۋاپ بىرىپ باقىدۇ؟دەپ سۆز باشلىدى مۇزەپپەر جىڭلىي.
ھەممە سۈكۈتكە چۈشكەن ئىدى .چۈنكى ھىچكىممۇ خاتا جاۋاپ بىرىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مات بولۇشنى خالىمايتتى.
يەنىلا جاۋاپ بىرىپ كۆنۈپكەتكەن سالام ۋە نۇردۇنلارلا بەس-بەستە قوللىرىنى كۆتۈرۈشتى.مۇزەپپەر خوشلۇقتا ھە نوچى قىنى سەن ئالدىغا چىقە دەپلا سالامغا ئىشارەت قىلىپ سۆزگە كىرىشتى:بىر شەھەر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆلچەش ئۈچۈن نىمىگە قارايمىز؟ئۆزى ئۈچۈن ناتونۇش بولغان بۇ سۇئالدىن سالام نىمە دىيىشىنى ئۇقماي تەمتىرەپ قالدى.
ــــ شەھەر قۇرلىشى ،ئىگىز بىنالار .دىدى ئۇ سەل ئويلۇنىۋىلىپ.
ــــ خوش ئورنۇڭغا قايت يەنىچۇ؟
ــــ ھەيدىگەن ماشىنىسى.دىدى ئىگىزرەك كەلگەن مىھمان باشلىغۇچى بالا ئابلەتمۇ بوش كەلمەي.
ــــ مەنچە شەھەر تازلىقىمىكىن دەيمەن.دىدى ئاقسۇدىن كەلگەن قىز گۈزەلنۇرمۇ شوخلۇق بىلەن.
ــــ يەنىچۇ؟
ئارىنى بىرخىل جىمجىتلىق ئەۋىج ئالدى ،چۈنكى ھىچكىممۇ رازى قىلارلىق جاۋاپ بىرەلمىگەن ئىدى.
ــــ مەن دەپبىرەي ھە.دەپ گىلىنى بىر قىقىشتۈرۋەتكەندىنكىيىن سۆز باشلىدى نۇرجان جىڭلىي.
ــــ بىر رايۇننىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن شۇ رايۇننىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە شۇنداقلا مۇلازىمەت كەسپىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارايمىز.سۆزۈمنى ئىسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلا،بىر ساياھەتچى يات يەرگە بارغاندا تۇنجى ئۇچرىشىدىغان ئادىمى دەل مۇلازىمەتچىدۇر.شۇڭا مۇلازىمەتچى بولۇش ئۈچۈن تازلىق قىلىشنىلا بىلىش بىلەن چەكلىنىش نادانلىقتۇر.مۇلازىمەتچىدە چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەت:
1-ئەستايىدىللىق.
2-مەسئۇلىيەتچانلىق.
3-ناتىق ۋە ئۆز رايۇن ئالاھىدىلىكىگە پىششىق بولۇش.
4-بويسۇنۇش.
خۇلاسىلىسەك باشقۇرغۇچىغا بويسۇنۇش،باشقۇرغۇچىلاردىكى سەۋەنلىكنى كۆرمەسلىك كىرەك.خىجىل بولماسلىق،ئەدەپلىك،قىزغىن بولۇش كىرەك.
بۇنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك ئاز-پاز چۈشەنمىگەن بولسىمۇ چاۋاك چىلىشتى.بۈگۈن مۇلازىمەت بويىنچە تۇنجى تەربىيلىنىش بولغاچقا دەسلەپكى ئاساس دىققەت ھالەتتە تۇرۇشنى ئۈگەتتى.ئارىدىن بىلىدىغان بىرى چىقىپ بىزگە ئۈلگە كۆرسەتتى.
ـــ بۇنىڭدا قىز ئوغۇللارنىڭ تۇرۇش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ.مەن ئاۋال ئوغۇللارنىڭ تۇرۇش شەكلىنى كۆرسۈتۈپ بىرەي.
بۇ بالا 25ياشلار چامىسىدىكى ئۆزىنى توختاتقان ئەمما سۆزگە ناھايىتىمۇ ناتىق بولۇپ ئ|ۆزى ئاقسۇدىن تۈنۈگۈن تازلىقنىڭ يىرىمىدا يەنى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن قەشقەرلىك روزى ھاجى دىگەن بالا بىلەن كەلگەن ئىدى.ئۇلار بۇيەگە بالىلارنى مەشىقلەندۈرگىلى كەلگەن بولۇپ مۇلازىمەتچىلىكتە 6~7يىل تۇرغانلار بولۇپ ھايات غىزالىق چايخانىسىدىن يەنى نۇرمەمەتجان ئاكاشنىڭ دۇكىنىدىن يۆتكەپ كىلىنگەن ئىدى.دەسلەپ نۇردۇن بىلەن بىللە تازلىق قىلىش جەريانىدا ئارىدا ئازراق ئۇقۇشماسلىقمۇ بۇلغان تىخى.
ــــ ئەرلەر ئادەتتە ئىككى پۇتىنى مۈرە كەڭلىكىدە ئىچىپ ،قورساقنى ئىچىگە تارتىپ ،گەۋدىنى تىكتۇتۇپ،ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قولنى بەدەننىڭ ئارقىسىغا يەنى بەل تەرەپكە چاپلاپ كۆزنى ئۇدۇلغا قارىتىپ تىك تۇرىمىز.ئادەتتە
ئەتىگەنلىك تازلىقنى تۈگۈتۈپ خىرىدار كۈتكۈچە ۋە ئۈستەللەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ بىكار بولغاندىنكىينلا يەنە شۇ قىياپەتتە تۇرىمىز.تۇرغان ۋاقىتتا گەپ قىلىشقا،خىرىدارنىڭ يىنىدا قالايمىقان ۋارقىراش ئەمەس ئۇششاق ھەركەت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.دەپ ھەركەتنى ئۆلچەملىك قىلىپ كۆرسەتكەندىن كىيىن ئورنىغا قايىتتى.
ــــ مەن قىزلارنىڭ تۇرۇش شەكلىنى كۆرسۈتىمەن قىزلار دىققەت قىلىڭلا.دەپ ئالدىغا چىقتى ھىلىقى نۇردۇنغا تۇنجى كۈنى سۈپۈرگە تەڭلىگەن ئاقسۇلۇق قىز ئاسىيە.
ــــ قىزلار ئوڭپۇتىنىڭ تاپىنىنى سول پۇتىنىڭ نەخ ئوتتۇراد قىسمىغا ئەكىلىپ <>خىتى شەكلىدە قويىمىز ،بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ ئىغىرلىق چۈشۈش نۇقتىسىنى چىچىپ ئۇزاققىچە ھارماي تۇرۇش ئۈنۈمىەە ئىرىشكىلى بولىدۇ.ئوڭ قولىنى سول قولنىڭ دۈمبە قىسمىغا قويۇپ جۈپلەپ كىندىك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىمىز.بەدەننى تىك تۇتۇپ كۈلۈمسىرەيمىز.كۈلگەندە ئۇدۇلدىكى سەككىز چىش تولۇق كۆرنىشى شۇنداقلا تەبىئىي چىقىشى كىرەك.
ــــ قانداق باللا چۈشەندىڭلارمۇ؟دەپ سورىدى ئۈرۈمچىدىن بىزنى تەربىيەلەشكە كەلگەن مۇئەللىم نۇرجان.
ــــ چۈشەندۇق!دەپ تەڭلا توۋلاشتى بالىلار.
ــــ ئەمىسە ئاۋۇتجان ئۇكا سەن ئوغۇللارنى،ئاسىيە ۋە گۈزەلنۇر سىڭلىم سىلە قىزلارنى مەشىقلەندۈرۈڭلا.دەپ قويۇپ ئىككى مۇئەللىم سىرىتقا ماڭدى.بالىلار بولسابايىقى كۆرگەنلىرىنى رەسمىي مەشىق قىلىشقا چۈپكەتتى.
  
    ئاش پىشىم ۋاختى بولۇپ كەچمۇ كىردى.مەشىق جەريانىدا ئابلەت ھىلىقى ئاۋۇتجان دىگەن بالا بىلەن ۋارقىرىشىپ كەتتى.يا شىۋە جەھەتتىكى پەرىقمۇ يا پىسخىكا جەھەتتە ئوخشىماسلىق بولغاچقىمۇ بۇنىسى ئىنىق ئەمەس.لىكىن ئىنىقلى ئابلەت ئاۋۇتجاننى مۇساپىر دەپ كۆزگە ئىلماي شۇنداق قىلغان ئىدى.بۇنىىڭدىن ئابلەتنىڭ بۇچاغقىچە مۇساپىر بولۇپباقمىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى.چۈنكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى تىتىغان ھەرقانداق ئادەم ئۆزيۇرتىدىكى مۇساپىرلارغا مىھرىبانلىق قىلىدۇ ۋە دوستانە مۇئامىلىدە بولىدۇ.بىركۈنلۈك مەشىقمۇ تۈگىدى،پۈتۈن بىركۈن شۇ تىك تۇرۇشنىلا مەشىق قىلدى.نۇردۇنلارغا بۇ ئانچە تەس بىلىنمىدى،چۈنكى ئۇلار تولۇق ۋە ئالىي مەكتەپتە خىلى ھەربىي مەشىق قىلىپ بۇ ھەركەتلەرگە پىششىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئەمدى مەشىقنىڭ جاۋابىنى ئالىدىغان يەنى مەشىقنى ئۆڭتكۈزۋالىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى.ئۆتكۈزۋىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى،ئىشقىيلىپ بىركۈنلۈك مەشىقنىڭ خىلى پايدىسى بولغان ئىدى.ئاخىرىدا يىغىن ئىچىلىپ بالىلارنى بىرقۇر يوقلىما قىلغاندىن كىيىن قويۋەتتى.نۇردۇن ئاشخانىدىن قايتىپ ئۆيگە يول ئالدى.ۋاقىت خلى بىر يەرگە بارغاچقا كوچا ئاپتۇۋۇزى توختىغان ئىدى نۇردۇن ئامالسىز مىڭىپ چىكەتمەككە يول ئالدى.
قىش پەسلى بولغاچقىمۇ كەچ كىرىشى يوللاردا ئادەم زاتى كۆرۈنمەيتتى.غۇر-غۇر سوغۇق شامال لەپ-لەپ ياققان قارنى يەلپۈپ لەرزان ئۇسۇلغا چۈشكەن ئىدى.يولدىكى ئاندا ساندا مىڭىپ يۈرگەن ماشىنلار بۇلارنىڭ ئۇسۇلىغا تەڭكەش قىلىپ مۇزىكا چالاتتى.نۇردۇن ئۇنى بۇنى خىيال قىلىپ ئالا -ھەزەل 30مىنۇتدەك مىڭىپ ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدى لىكىن بەكلا چارچىغان ئىدى.ئەگەر ئەتتىگەن ئانامدىن پۇل ئىلۋالغان بولسام تاكسىيدا چىقاتتىم دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەرگەنمۇ بولدى.
ئاشخانىدا كەشلىك تاماق يەۋالغاچقا،ئۆيدىكلە بىلەن ھەم دەستىخان بولۇپ بىردەم مۇڭداشقاندىن كىيىن ئۆيدىكىلەرگە ئاللادىن ئامانلىق تىلەپ ياتاق ئۆيىگە كىركەتتى،دە.ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى.
   داۋامى بار...............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NURDEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 08:57 PM  


ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 02:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى يوقما؟

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 02:47:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوققۇ بۇ ئەسەرنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:05:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ئىنكاس يوللىنىدۇ.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107607
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-6-10
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 06:51:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش