مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: NURDEN

قىشلىق تەتىلدىن باشلانغان ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 04:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(6)

تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈن

  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نۇردۇنلاغىمۇ مەشىق قىلغىلى ئون بەشكۈنچە بولۇپقالدى.بۈگۈن تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈن شۇڭا مۇلازىملا كۈندىكىدىن خىلىلا بۇرۇن كىلىپ مەسچىت جامائەتلىرىنى ئۇزۇتۇشچۈن تەييارلىق قىلدى.بۈگۈن جامائەتنى ئۇزۇتۇشتىن سىرىت پۈتۈن بىركۈن خوجايىننىڭ دوسىت بۇرادەر،ئۇرۇق تۇققانىلىرىنى ئۇزۇتۇشچۈن دەستىرخان سىلىناتتى.

نۇردۇن بۈگۈن ئاساسىي بىرىنجىي قەۋەتتىكى مىھمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ تۇنجى كۈنى بولغاچقا چىرايىدا ئاندا -ساندا ھودۇقۇش بولغاندىن سىرت ئىپادىسى خىلىلا ياخشى بولغان ئىدى.بۇنى باشقۇرغۇچىلا كۆرۈپ تۇرغاچقا مىھمانلار ئۇزىغاندىن كىيىن نۇردۇن،سالام ۋە بىر قانچەيلەننى ئالاھىتەن تىلغا ئىلىپ ماختاشتى.ئەتىكى خىزمەتتە نۇردۇنغا ئۈستىدىكى 4جى ئايرىمخانىنىڭ مۇلازىمەتچىلىگى بۆلۈنگەن بولۇپ ،بۇئايرىمخانىغا 30ئادەم بىمالال سىغاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدە ئاسارى -ئەتىقە لۇڭقىلار تىزىلغان بولۇپ سەللا دېققەت قىلمىسا  خىرىدارلارنىڭ كەپسىز قونچاقلىرى ئۇلارنى چىقىپ

قوياتتى.ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئايرىمخانا مۇھىم مىھمانلار بىلەن توشۇپ كەتتى،نۇردۇن ئۆزىنى كىنولاردىكى ئايروپىلان خادىملىرىدەك ھېس قىلاتتى.ئۇ قولىدا چەينەكنى (杂壶)كۆتۈرۋىلىپ كۆتۈرۋىلىپ ئۇياق-بۇياققا

مىڭىپ يۈرۈپ خىرىدارلارغا چاي قۇيۇپ ،ئۈستەل ئۈستىنى رەتلەپ،يىغىلىپ قالغان كىرىگسىز قەغەزلەرنى

يىغىشتۇرۋاتاتتى،سىرىتتىنب يەنە ئىككى مىھمان كىرىشتى.ئۇ بىشىنى كۆتۈردى يۇ يەنە يەرگە قارىۋالدى،

چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇردا بىر مەزگىل قوغلاشقان ساۋاقدىشى ۋە باشلانغۇچتىكى يىقىن ئۆتكەن ساۋاقدىشى ئەلىنىڭ بىرگە كىرگىننى كۆرگەن ئىدى. ــ ھەجەپ بىر ئىش بولدى دىسە ،دەيتى ئۇ ئىچىدە،

تىشىدا بولسا يۈزلىرى قىززىرىپ كەتكەن ئىدى ،يەنە كىلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىللە كىرىشى.ئۇلار زادى نىمە

مۇناسىۋەتتە ئىدۇ؟دىمىسىمۇ ئەلى يىقىندا توي قىلغان لىكىن نۇردۇن تەتىل قىلمىغاچقا بارالمىغان ئىدى.

ئەلىمۇ دەسلەپ دىققەت قىلمىغان ئىدى،چۈنكى ئۇ نۇردۇننىڭ كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىشىنى چۈشىدىمۇ كۆرمەيتتى بىراق بۇ ھەقىقەت.قىسقىغىنا ۋاقىتتا نۇردۇن مۇشۇلارنى ئويلاپ بولدى ۋە يەنە ئۆىگە قايتىپ ئۇلارغا چاي قۇيدى،ئەمدى ئۇنىڭ ھالىتى بىردىنلا يىڭى توي قىلغان قىزدەك پۇت قوللىرى قولاشمايۋاتاتتى،

يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ بۇغداي ئۆڭ بولغاچقا چىرايىغا ئانچە چىقمىغان ئىدى.ئۇ چاينى قۇيۋىتىپ

ياندىكى خېرىدارنىڭ  كىيمىەە تۆۋەتتى دە توختىماستىن ئەپۇ سوراشقا باشلىدى.لىكىن ئۇ كىشى:‹‹ھىچقىسى يوق سىلەرمۇ تەمتىرەپقالدىڭلا ئۇكا›› دەپلا قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرىپكەتتى.

ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ شۇ گىپى بولمىسا نۇردۇن يىغلىۋىتەتتى،توۋا ماڭا نىمە بولغاندۇ؟دەيتتى ئۇ ئىچىدە.

ـــ سىزگە ھىچ ئىش بولمىغاندۇ؟دەپ سورىدى ھىلىقى قىز ساۋاقدىشى شۇ ئەسنادا.

ئۇ شۇئان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىيۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان بىرجۈپ كۆزنى كۆرۈپ چاققانلىق بىلەن

كۆزىنى چەتكە ئالدى ۋە:رەھمەت ھىچ ئىش بولمىدى .دەپلا سىرتقا ماڭدى .لىكىن ئۇنىڭغا راسلا بىر ئىش بولغان ئىدى.ئۇ خۇددى ئۇزۇن تىل دىڭىز ئاستىدا ياتقان تىيتانىك پاراخوتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك

قەلبىنى بىرخىل چۈچۈك سىزىم قاپلىدى.ئەجىبا بۇ باشقىلار ئېيىتقان مۇساببەتنىڭ ئويغىنىشىمۇ؟لىكىن مەن ئۇ ئېككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەيمەن دە.ئۇي توختىماستىن ئۆزىگە ئۆزى پىچىرلايىتتى.

مىھمانلارمۇ ئۇزىدى،ئەلى ئۇنىڭ بىلەن قايتىلاتتىن سالاملىشىپ ھىلىقى قىزنى ئۆزىنىڭ ئايالى دەپ تونۇشتۇردى.شۇ تاپتا نۇردۇننىڭ قەلبى تىيتانىك بىلەن تەڭلا قايتىدىن دەڭەزغا غەرىق بولدى،بايدىن بىرى قايتا پەيدا بولغان مۇھاببەتمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.نۇردۇن ئۇلارغا بەخىت تىلىگەنمۇ بولدى،ئۇلارمۇ ئۇزاشتى.

لىكىن نۇردۇنغا تەس بولدى،بۈگۈنكى پىشكەللىكلە يەتمىگەندەك باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭغا ئايرىم چاقىرىپ كايىپلا كەتتى.لىكىن شۇ كۈندىن باشلاپ نۇردۇن مۇلازىمەتچىلىكتىن تاماق تىزىملىغۇچىلىققا ئۆستۈرۈلدى.

تەربىيلىنىش جەريانىدا سالام  ئېككىسى تاماق تىزىملاشنى تىزلا ئۈگۈنۋالغان ئىدى،تاماقنى كومپىيوتىردا

تىزىملىغاچقا بۇ ئۇلارغا تەس تۇيۇلمىدى.شۇنداق قىلىپ ئالدىراش بىر كۈنمۇ تۈگىدى .ئىككىيلەن بۇ كەسىپتە تۇنجى باسقان قەدىمىنى قانداقلا بولمىسۇن غەلنىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە يول ئىلىشتى.

ــــــــــــــــــــ

داۋامى تىزلا يوللىنىدۇ......

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 06:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىز
ئەسىرىڭىزدە ئازراق ئىملا خاتالىقى بارلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ياخشى يېزىلىپتۇ، ھىچقىسى ئالدىراشچىلىقتا شۇنداق يېزىلىپ قالغان گەپ، بىزمۇ تۈزۈتۈپ ئوقۇۋالساق، سىزمۇ كىيىنكى قېتىمدا ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلغان ئاساستا يوللىسىڭىز.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش