مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 13289986520

ئۇيغۇر ئىجارىكەش بايلار ئىنساپ قىلىڭلار!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 02:02:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بازار ئىگلىكى ئادەملەرنى رەھىمسىز قىلىپ ماركىسنىڭ ئېيتقىنىدەك كاپتال باشقىلارنىڭ قان تەرىنى ئۆزنىڭ قىلىشنى ئۆگىتىپ بايلىقنى قان ھىدى پۇرايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيامدۇنىمە؟

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21726
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9992 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 02:08:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بايلارنى تىللاش باشلىنىپ كېتىپتۇدە.

يازما ئاپتورى:
   يازمىڭىزنى ئىجارە بەرگۈچى بايلارغا بېرىلگەن تەكلىپ دىيىش كېرەكمۇ؟ ياكى.....
يازمىڭىزدىكى ‹‹سىلەر قالغان قان ئىچمىگەن››، ‹‹قانخور بايلار›› دېگەن ئېغىر ھاقارەتلىك سۆزلەردىن زادى نېمە مەنانى چۈشىنىش كېرەك؟

   بازار ئىگىلىكى، ئىقتىسادى ئاڭ، سودىگەرلىك روھى يېتىلمىگەن كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ سودا ساھەسىنى چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
  بۇ ھەقتىكى مىسالنى مەن ئاددى تىل بىلەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
1.  مەلۇم سودا-ساراينىڭ بىر ئېغىز ئۈيىنىڭ ئىجارە ھەققىنى 30مىڭ دەپ ئالايلى.
بۇ ئىجارە ھەققى ئاددى پۇخرالارغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ. چۈنكى دۇكاننىڭ ئىجارە ھەققىغە ماس ھالدا قىممەت باھالىق، يوقۇرى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان تاۋارلارنى سېلىشقا ئۇلارنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. ئادەتتىكى تاۋارلار بىلەن بۇ دۇكانلاردا تىجارەت قىلغانلارنىڭ تاپاۋىتى يىل ئاخىرى ئىجارە ھەققىگە ئاران چىقىشىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ دىتسىزلىقىدىن ئاغرىنماي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئاغرىنىدۇ.
2. دۇكان پۈتۈپ چىققاندا ئۇنىڭ پۈتۈش ھەققى، بىزەش ھەققى، تۈرلۈك رەسمىيەتلىرى ئىجارە ھەققى ئارقىلىق قولغا قايتىپ كېلىدۇ. ئادەتتە ئىجارە بېرىلگەن دۇكانلار قولدىن- قولغا ئۆتكەچكە ئاسانلا كونىرايدۇ ھەم بىزەكلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ(ئىجارە ئالغانلارنىڭ كۆپى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.) ھەر بىر خېرىدارغا ئىجارە بەرگەندە دۇكاننى قايتىدىن بىزەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىمۇ شۇ ئىجارە ھەققىدىن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ(بىزەك ماتىريالىنىڭمۇ يىلدىن-يىلغا ئۆسۈۋاتقانلىقى سىزگىمۇ ئايان)
3. بىر بىنانىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ۋە رەسمىيەت ھەققى كېتىدۇ. مۇشۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن دۇكانلارنى ئىجارە بېرىش كېرەك. سودىگەر بايلار ھېسابنى ئىنچىكە سۇقۇپ، بىنانىڭ چېقىلىش مۇددىتىدىن كېيىن قايتا سېلىشقا كېتىدىغان پۇل، بىزەش پۇلى، ئۆزىگە قالىدىغان ئىقتىسادىي پايدىنى ھازىرقى بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈنۈلۈشى بويىچە توغرا ھېسابلاپ تۇرۇپ ئىجارە ھەققىنى بېكىتىدۇ.
سودىگەرنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا پايدا يارىتىشتىن ئىبارەت.

قېنى يۇقارقىلاردىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

سىز بەلكىم ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرغا ئەرزان بەرسە بولمامدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق سودا ساھەسىدىكى تاۋارلارنىڭ(بۇ نۇرغۇن ساھەگە، بىنا سېلىش، بىزەكچىلىك ماتىرياللىرى) يالغۇز ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئۇبۇرۇت قىلىنىدىغانلىقىنى، تۈرلۈك رەسمىيەت ھەققىنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئېتىۋار قىلىنىپ ئەرزان بىجىرىلىدىغانلىقىنى، ھەر خىل تاۋارلارنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەرزان تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىرەر ماتىريالدىن ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلاپ باقمىغان.
  سودا ساھەسىمۇ كەسكىن رىقابەت ئىچىدە. مۇشۇ رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايمەن دېگۈچىلەر بولسا سودا ساھەسىگە قەدەم قويسا بولىدۇ. بولمىسا باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدۇ.

تەكلىپ بەرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئەمما ‹‹قانخور›› دېگەندەك ھاقارەت ئىشلىتىپ، باشقىلارنى تىللاشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ئۆتكەنكى كىرىيەدىكى يەر تەۋرەشتىمۇ، ئۇياقتىن يەر تەۋرەپ بولغۇچە بۇياقتىن ‹‹كارخانىچىلار جىم يېتىۋالدى يەي) دېگەندەك يازما يېزىلىپ نۇرغۇن كارخانىچىلىرىمىز ھاقارەتكە ئۇچرىدى. كېيىن شۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى توردا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا يازما يازغۇچىلار، ھاقارەت قىلغۇچىلار شەرمەندە بولدى. نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلار جەمىيەتكە كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىنمىغان(بەلكىم ئىجارە بەرگۈچى بايلارنىڭمۇ بىز بىلمىگەن نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بولسا كېرەك.)لىقتىن بايلىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىز ئۈستىدە ئۆسەك-سۆزلەر بەكلا كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ جەمىيەتنى، بازار ئىگىلىكىنى تەپسىلى كۈزۈتۈش ۋە چۈشۈنۈش ئارقىلىق يازما يازساق.    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 12:32 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
otqash405 + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك
izqel + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ehrami + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Gvlmisal + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 169   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11173
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5052 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 05:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنى تىللىماق ھەقىقەتەن بەك ئاسان ھە !

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 08:34:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا تىللاش نۆۋىتى كارخانىچىلىرىمىزغا كەپتۇمۇ دەيمەن؟
ئۆتكەندە باشقا بىر مۇنبەردە بىرسى يەنە بىرىسى بىلەن قاتتىقراق دىيىشىپ قاپتىكەن،باشقابىر تورداش «بۇ مۇنبەر مىسرانىم پۇراۋاتىدۇ...»دەپ ئىنكاس يىزىپتىكەن.
شۇ مەقسەتنى سىلىقراق گەپ بىلەن ئىپادىلىگىلى  بولماسمۇ؟«قانخور.....»نىمىدىگەن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 09:40:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي باھاسىنىڭ ھەم دۇكان ئىجارىسنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سودىگەرلەردىكى مەسىلە ئەمەس ، ، ، ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى دىگەندەك بايلىرمىزنى تىللاپ كىتىدىكەنسىلە ، ، ، ئۆي باھاسى ھەم دۇكان ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىىشىنىڭ سەۋەبىنى ھەممە ئادەم بىلدۇ ، ئەمما كىشلەر ئاساسلىق سەۋەبنى دىيەلمەي سودىگەرلەرنى تىللايدۇ ، ، ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 731 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 09:43:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9705
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1810 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 09:44:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازار ئىگىلىكى دەۋىردە مىڭ قاخشىغان بىلەن بىكار، باھانى بازار شۇنداق بەلگىلىگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3809
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 09:54:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس كىچىك بالىكەن بۇ .

tik turganning hammisila dangl

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9827
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1703 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 10:12:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق تېمىكەن ،نۇر بەكرى ئەپەندىمگە دەپ باقساق بولارمىكىن ئۇيغۇرلارغا دۇكاننى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەرزانراق بېرىڭ دەپ ،تەستىقلارما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 10:17:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىمى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 09:40 AM
ئۆي باھاسىنىڭ ھەم دۇكان ئىجارىسنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سودىگ ...

    ئۆي، دۇكان ...قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىق  مەسىلە. 2001 -يىلدىن باشلاپ ، ئەتراپىمىزدىكى ناھىيە،شەھەرلەرنىڭ ئۆي -مۈلۈك باھاسى قانچىلىك ئۆسۈپ كەتتى؟ بۇنى ھەممىمىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، قۇلىغىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتىمىز....؟؟!!! ئەمدى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ،ئۆسۈش قەدىمى سەل ئاستىلاشقا باشلىدى.
     سىياسەت،تۈزۈلمە سەۋەبىدىن ئۆسكەن باھانى ، بۇلاردىن كۆرۈش ---بۇ توردىشىمىز دىگەندەك، ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇرتوقۇمنى بوپ قالىدۇ.
   
   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش