مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 13289986520

ئۇيغۇر ئىجارىكەش بايلار ئىنساپ قىلىڭلار!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 12:12:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      كىچىككىنە يېزىمىزدا  20 نەچچە كۇۋادىراتلىق دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى 3 تۈمەنگە يەتتى. چەت ياقىدىكىلىرىمۇ بەش ئالتە مىڭ، ئاقارتقاندىن باشقا بېزىلىشى يوق. ھەپتىدە بىر كۈنلۈك دېھقان بازىرىدىكى قوتا سۇپىمۇ تۆت بەش مىڭ. ئاڭلىشىمچە دېھقان بازىرى ئاچقان بەزىلەرنىڭ مەبلىغى قىسقا مۇددەتتىلا 8 نۆللۈك سەۋىيەگە يېتىپتۇ. دۇكان ئىجارە بەرگۈچىلەرنىڭ يىلدا 2 قېتىم ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈش خۇمارى باردەك.
    مېنىڭ بىر ئاغىنەم دۇكىنىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 42000 غا سېتىۋالغان. ھازىر 3 تۈمەندىن ئىجارىگە بېرىۋاتىدۇ. دۇكانغا مىڭ يۇەندەك چىقىم قىلدى. ئۆزى تىجارەت قىلسىمۇ، تاپىدىغان پۇلىنىڭ ئىجارە كىرىمىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغانلىغىنى ئۆزى سۆزلەپ بەردى. ئىجارە ئالغۇچىنىڭ پات-پات ئالمىشىپ تۇرۇشى شۇنىڭدىنمىكىن. بۇ مانا مۇشۇنداق ئىشلار.
     تارىمبويلىرى قېرىندىشىمىز  ئەمەلىي گەپلەرنى قىلىپتۇ.
    تېما ئىگىسىنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۈرۈمچىلا بولمىسا كېرەك. تەشەببۇسى مېنىڭچە توغرا، لېكىن بەزى سۆزلەرنى ئىشلەتمىسە بوپتىكەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gayur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 12:15 PM  


بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10913
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 01:33:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohuwaz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 12:28 AM
ئىقتىسادى ئىڭى يىتىلمىگەن كىچىك بالىنىڭ يازغان تىمىسى ...

ئىقتىسادىي ئاڭ دېگەنمۇ پۇل بولسا ئاندىن يېتىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىزنىڭ قورۇدىمۇ بىر نەچچە ئاتالمىش باي ھاجىملار بار. شۇنچىلىك زور ، كەڭرى زېمىنلىرى تۇرۇپ يەنە نامراتلارغا بېرىلىدىغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى تالىشىپ ئېلىۋالىدۇ. ئاددىيسى ، بىزنىڭ قوشنمىزمۇ خېلى كاتتا باي، ئالدىنقى قېتىم بىر خوتۇن بالىسى بار ئوقۇتقۇچى يېگىت ئۇ ئادەمنڭ ئۆيىنى ئىجارە ئالماقچى بولغانىدى مىڭ يۈەننى تالىشىپ قىلىپ بەرمىگەنتى، ئەمدى قارىسام ئىچكىرىدىن چىققان بىر ئاقچىغا بېرىپتۇ. شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ باشقىچە تۇيغۇدا بوپقالدىم.

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 01:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي باھاسى ، ئىجارە ھەققى... خەلىقنىڭ جانىجان مەنپىەتىگە تاقىشىدىغان ئىش !

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6920
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 02:03:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانخور دىگەن گەپ بەك ئىشىپ كىتىپتۇ


ئۈرۈمچىنى بىلمەيمەن

قەشقەر دەيلى

بەزى يەرلەرگە سىلىنغان سودا-سارايلار  يۇقىرى قەۋەتنىڭ ئىجارىسىنى مانچە يىل ئالمايمىز دىسىمۇ ھىچكىم چىقمىدى.

1-قەۋەت بولسا تالاش تارتىش. مۇناسىۋەت بولمىسا ئالالمايسىز دىگەن گەپ

دىمەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەر قىممەت بولسىمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تىپىشقا كۆزى يەتمىگەن يەرنى بىكارغا بەرسىمۇ بىكار.

مەسلەن:قەشقەر خەلىقئار بىكەت ئالدىدىكى 3مو كۆلەمدىكى كەچلىك بازارنى دەيلى. يىللىق ئىجارىسى 10000سومغا بارمايدۇ ھەر بىر دۇكاننىڭ(بىر يىلنىڭ ئالدىدا ھازىر قانداقكى بىلمەيمەن). ئاشۇ يەردە  ئۆتۈنۈپ بىرىش ھەققىلام 100000 سوملۇق دۇكانلارمۇ بار،مەسلەن بىلىق ساتىدىغان ئورۇنلار شۇنداق.ئۆتۈنۈپ بىرىش ھەققى 50000 سوملۇق دۇكانلارمۇ بار،بىلىقچىلارنىڭ ئالدىدىكى لەڭپۇڭ راڭپىزا دۇكانلىرى،تەڭلە گۆش دۇكانلىرى(ئىككى چۇكاننىڭ چوڭ پەرقى يوق،بازارغا كىرىش يولىدىكى بىلىقچىلار ئوڭ تەرەپتە،لەڭپۇڭچىلار سول تەرەپتە)،  ئۆتۈنۈپ بىرىش ھەققى 5000 سومغىمۇ بارمايدىغان دۇكانلار بار، ئىچىدىكى لەغمەن ئۈگرە،چۆچۈرە ساتىدىغان دۇكانلار بىلىقچىلار بىلەن لەڭپۇڭچىلارنىڭ يان خوشنىسى ئوتتۇرىدا 4 مىتىرلىق يول بار شۇ..  مانا ماۋۇ 3 مو كۆلەم ئىچىدىكى كەچلىك بازارنىڭ دۇكانلارنىڭ پەرقى. ئاران 3 مو ھە.يۇقۇردىكى ئۈچ خىل سوممىلىق دۇكانلار خوشنا بولۇپ بىر مو كۆلەمنىڭ ئىچىدىكى ئورۇنلار بولمىسا.

دىمەك بۇ باھانى ئادەم شەكىللەندۈرمىگەن بازار شەكىللەندۈرگەن

ئىنساپ قىلايلى دىسەك بولىدۇ. قان ئىچتى دىسەك بولمايدۇ.

ئاڭلىغانلىرىم:
ئۇيغۇرلاردىن دۇكان ئالسا ئۇزۇن يىللىق توختام تۈزگىلى ئۇنىمايدۇ. ھەر يىلى ئۆستىرىمەن دەيدۇ. خەنزۇدىن ئالغان ياخشى

ئۇيغۇردىن ئالسا ۋاختى توشماستىنلام پۇلى جىقلارغا بىكارلاپ بىرىشكە قىستايدۇ. ئاران ئەجىر قىلىپ چۆپقەت توپلىغاندا ئۆزەم ئاچىمەن مانداق ئۆزگەرتىمەن دەپ باشنى ئاغرىتىدۇ

مۇشۇ ئاڭلىغانلىرىمغا قارىغاندا ئەھۋال راس شۇنداقمۇ ياكى قىرىنداشلىرىمىز باشقىلاردىن خاپا بولالماي ئۇيغۇرلاردىن خاپا بولاشقا بەك ئالدىرامدۇ بۇنى بىلمەيمەن


مەلۇم بىر رايۇندىكى دۇكاننىڭ ئىجارىسى شۇ ئەتراپتىكى باشقا دۇكانلار بىلەن پەرىقلەنمىسە (گەرچە سىزگە قىممەت تۇيۇلسىمۇ) يەنى باشقا بايلارنىڭ دۇكانلىرى بىلەن باھاسى ئوخشاش بولسا بۇنىڭدىن ئاغرىنساق توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق بولىشىنى مەلۇم بىر شەخس شەكىللەندۈرمىگەن.شۇ رايۇننىڭ  شۇ دۇكاننىڭ ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرگەن.

بىباھا قاشتىشى بولىدۇ. كىرەكسىز تاش بولىدۇ. ساپال بولىدۇ. ئالتۇن بولىدۇ. دۇكاننىڭ قىممىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش

بىكارغا بەرسە ئالمايدىغان دۇكان بولىدۇ. قانچە قىممەت بولسىمۇ  ئەرزىيدىغىنى بولىدۇ.
بۇنىسى رايۇن، ئەۋزەللىك  ..... دىگەندەك بىر قاتار مەسىللەرگە چىتىلىدۇ. بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىز.

ھىچكىم بارمايدىغان ياكى تاپماق تەس ئورۇندىكى دۇكان بولىدۇ. ئاۋات ئادەم كۆپ بارىدىغان يەردىكى دۇكان بولىدۇ دىگەندەك




ئەمدى شۇ  كىچىك بىر رايۇندىكى (پەرىق ئەۋزەللىك ) چوڭ پەرىقلەنمەيدىغان  ئىككى دۇكاننىڭ ئىجارىسى بەك گەۋدىلىك پەرىقلىنىپ كەتسە بۇ باشقا گەپ. ئالمىساق بولىدۇ بۇنداق دۇكاننى.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7502
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 02:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئوينىڭ باھاسى قاچان چۇشەر ...؟

خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

ھاياتلىغىمنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39567
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4853
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2725 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 03:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نىمىشقا بىر تەرەپلىمىلىك پىكىر قىلىشقا كۆنۇپ كەتكەندىمىز-ھە؟ مۇشۇ بايلارنىڭ « بايلىقى» دا خۇددى بىزنىڭ ھەققىمىز باردەك..ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار ! بىز كىچىككىنە ئىشلىرىمىزنى بىجىرىش ئۈچۈن كىملەرگە تەلمۇرۇپ، كىملەرگە ساغىرىپ ئۈمۇد بىلەن بويۇن قىسىۋاتىمىز؟؟؟؟شۇ بايلىرىمىز بىر كېچىدىلا ئوڭغا ئۆرۇلۇپلا باي بولۇپ قالمىغاندۇ -ھەقىچان؟ شۇ مۇرۇسى ئۇستۇدىكى رەببىمىز ياراتقان كاللىسىنى ئىشلىتىپ ، توختىماي ھەركەت قىلىپ ئەجىر -مېھنىتى بىلەن بۈگۇنكىدەك بىز توردا ئولتۇرۇپ بىمالال ھاقارەتلىيەلىگۈدەك « باي » لار قاتارىدىن ئورۇن  ئالغاندۇ..ئۇزۇن سەپەرلەرلەرنى قاتتىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، مۇرېسىگە ئەسكى ماز يوتقان -كۆرپىلىرىنى تېڭىپ چىقىۋاتقان باشقىلار ....ھە باشقىلار....يىل ئۆتمەيلا قوساق سېلىپ نەچچە يۈز مو يەرنىڭ خوجايىنى بولۇپ، قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارغا يىللىق ئىشلەپ مەدىكار بولسا لام -جىم!!!!!!شۇ بايلىرىمىز شۇ سودا-سارايلارنى پۇت تىرەپ «سودا-ساراي» قىلغۇچە كەينىدىكى مۇشاقەتلىرىنى قايسىمىز كۆردۇق؟؟؟؟ۋاختى كەلسە بىز تېخى ئۇلارنى قوللىماقتا يوق باشقا سودا-سارايلارغا يۈگۇرەيمىز. خۇددى ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ..بىزنىڭ پەگادىكىدەك. ئۆتكەندە كېرىيەدە يەر تەۋرەپ ئاپەت بولغاندا خۇددى ۋېجدانىمىز 1000گىرادۇس قايناپ كېتىپ « پالانى باي نەق مەيداندا يوقكەن؟...پۇستانى شىركەت كېچىكىپ بېرىپتۇيەي...پالانى ھاجىم ئۆزى بارماي سۆزى بېرىپتۇيەي...» دەپ كېتىشتۇق. مۇنبەردە كۆزنى مۇشۇكتەك يۇمۇپ ئولتۇرۇپ ئىنساننى مايمۇنغا ئوخشاتمىغىمىز بەك ئاسان -ھە؟ شۇ بايلىرىمىزنىڭ شۇ كارخانچىلىرىمىزنىڭ دۇكان -سارايلىرى، تاللا بازارلىرىغا كىرىپ نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىپ قانچىلىك قوللىيالىدۇق؟ يازنىڭ تومۇزلىرىدا قايسى بىر كارخانچىمىزنىڭ ئىچىملىكلىرىنى يېشىگى بىلەن ئېلىپ قويۇپ ئېچەلىدۇق؟ ئادىسى شۇ بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇنى ماركىسى ۋە ئادرىسىغا قاراپ پەرىقلەندۇرۇپ ئالالىدۇقمۇ؟ بولدىلا قاينىسام بەكلا قايناپ قالغۇدەكمەن .  ئەسكەرتىش: مەن تىجارەتچىمۇ ئەمەس! خىزمەتچىمۇ ئەمەس ! پەقەت ئاددى ئائىلە ئايالىمەن ! ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ زىتىمغا تىگەىشمىگەيلا..قان بېسېمىم بار!ئەگەر ئىنكاسىم بەك ياراپ كېتىپ تەڭگە -تىللا بولسا ياق دىمەيمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زاغرا + 108 قان بىسىمدىن قوقاپ كە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ياخشى سۆز -ياخشى بىر سەدىقىدۇر.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 03:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karlik يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 12:25 AM
ياخشى يىزىپسىز دىمىسىمۇ ھازىر ئىجارە ھەققى قىممەت ،يې ...

7000 دىن 13000 يۈنگىچە. كادىرلار ۋە ئوپېرا ئۆمەكنىڭ ئېگىز قەۋەتلىك ئۆيلىرى 10 مىڭنىڭ ئۈستىدە، مۇھاجىرلار مېھمانخانىسى، دېھقانچىلىق نازارىتى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 5-6 قەۋەتلىك ئۆيلىرى 8000،9000 ئەتراپىدا مېڭىۋاتىدۇ. قايسى كۈنى قوشنىمىز 50 كۋادرات مېتىرلىق ئۆينى 480 مىڭغا ساتتى.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 03:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي قىممەتچىلىك...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ehrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 03:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10393
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 05:07:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 12:25 AM
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم سودا شەھەرچىسى بارمۇ؟ ...

بار خىلە بار قەشقەردە يامبۇ  ئۈرۈمچىدە قايسىكىن

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 05:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سەۋەپ ، نەتىجە مۇناسىۋىتى بۇيىچە تەھلىل قىلساقمۇ يازما ئىگىسىنىڭ قارىشىنى ھەق دىيىشكە بۇلىدۇ . ئۇيغۇر سودا شەھەرچىللىرىدە باشقا مىللەتتىن ئىجارە ئالغانلار قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق . ئىجارە ھەققى ئۆسسە ئاساسەن ئۇيغۇردىن تەشكىللەنگەن  ئىجارىكەشلەر مال باھاسىغا ئىجارە پۇلىنى قوشماي ئامال يوق ، ئۇلارنىڭ ساتىدىغان ماللىرىنىمۇ ئوخشاشلا يەنىلا ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار ئالغاچقا ئاخىرىدا بۇ پۇلنى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئالىدۇ .
  ناۋادا مال باھاسى ئۈسۈلىۋەرسە خەلقنىڭ بەرداشلىق بىرىش چېكى بۇزۇلۇپ ئامالسىز ئىچكىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ، خەنلەر ساتىدىغان ئەرزان ماللارنى ئىستىمال قىلىشقا يۈزلىنىدۇ ، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى بۇ خىل ئىستىمال زەنجىرىدىكى ھەرقايسى ھالقىنى كۇنترول قىلغانلار بۇلىدۇ . دىمەك بارلىق ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ . بۇ ھەقىقەتەن سودا -ساراي ئىگىللىرى ئويلىنىشقا تىگىشلىك يازمىكەن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش