زاغرا يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 12:44 PM
ئۈرۈمچىنى بىلمەيمەن
قەشقەر دەيلى
توغرا گەپ قىلدىڭىز.مەرەز زاغرا.
مەرەز ئەلىنىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپ قۇيدۇم كۆڭلىڭىزگە ئالمايدۇ دەپ.
ئۇ بالا يوقاپ كەتتى.ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىشساق بولامدۇ نىمە؟
قارىسام خىلى مەسىللەردە ئىلمى ھۆكۈم قىلىدىكەنسىز.سوراپ باقاي.ئۇ بالىنىڭ دۇكان ئىجارىسى توغۇرلۇق قاقشاپ يوللىغىنىدىن خەۋرىڭىزمۇ بار.شۇنداق بولغاندا ھازىر شىنجاڭلا ئەمەس ئىچكىردىكى نۇرغۇن نامرات ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىمۇ بازار ئۆرلىدى.دۇكاننىڭ ئىجارىسى ئۆرلىدى.بۇ ئىشلار ئادەمگە پۇل بولمىسا بۇندىن كىيىن قىمىرلىيالماس بوپ قالامدۇ نىمە دىگەندەك خىياللارنى سىلىپ قۇيىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن خەقمۇ كىتابتا تىجارەتتە بەركەت بار دىيىشىپ كوچىغا چىقىۋالىدىغانلار ئاينىپ كىتىدىكەن.ئاددىيسى ھازىر يىزىدىن بازارغا كەلگەچ تۆتتال تۇخۇم ئىككى تال نەشپۈت كۆتۈرۈپ كىلىشتىنمۇ بۇ نۇقتىنى ھىس قىلالايمىز.بۇ يىل ئەتىيازلىق تىرىلغۇ مەزگىلىدە قەرىز تارقىتىدىغان بانكىلار دىھقانلارغا بىرىلدىغان قەرىزنى خىلى ئوبدان قىسىۋىتىپتۇ.تۈنۈگۈن بۈگۈننىڭ ئىچىدە چىققان قاتتىق بوران بىلەن ئىتىزغا تىرىغان يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كاردىن چىقتى.ئاڭلىسام بۇران ئىچىۋەتكەن سۇلىياۋ يوپۇقنىڭ ئورنىغا قايتا سۇلىياۋ يوپۇق ياپىمىز دەپ ئوغۇت دۇكانلىرىغا بارسا باھاسى ئون تۆت كويغا چىقىپتۇ.قەشقەرغە كەتكەن بىر تونۇش:قەشقەردە پاختىنى ئالتە كويدىن قىممەت ئالمايدۇ تىرىساڭ تىرى تىرىمىساڭ ئىختىيار دەپتۇ دەپ كەپتۇ.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا كۈزدە قوپاپ تىجارەتچىلەر پاختا ئۆرلىدى خەق پاختا ساتتى دەپ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرگىلى تۇرىدۇ.دىھقانچىلىقتىن پايدا كۆرمىگەن بىر قىسىم يىزا ياشلىرى تىجارەت قىلىمىز دەپ كوچىدا دۇكاندا ئىش قىلىشنى باشلايدۇ.ئاۋۇ بالىدەك تىجارەتتە پايدا ئالالمىغان ياش بولسا قاقشىغىنى قاخشىغان.بۇ ئىشلارنى دىسە كاللا قىزىيدىغان بوپ قالامدۇ نىمە.ئىشقىلىپ شۇنداق تىجارەتتە پايدا بولمىسا باشقا بىر كەسىپتىكىلەر بىرلىشىپ باھانى ئۆستۈرشىۋالسا قانۇنسىزلىق بولمايدىغاندۇ؟