yasenm يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 07:28 PM
بۇ سانلىق سىپىر ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنساپ ھەققىدە گەپلەر بولۇنىۋاتقان تېمىغا بەزى قېرىنداشلارنىڭ بەكمۇ مەسئۇللىيەتسىز ئىنكاس قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ تەنە قىلىپ ساپتىمەن. ئاشۇ قېرىندىشىمدىن ئەپۇ سورايمەن.
نورمال توغرا رىقابەت بولمىغان جەمئىيىتىمىزدە دانالىق، ئىقتىدارلىق دىگەن ئاتالغۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلى مەناسىدىن يىراقلاشقانلىغى ھەم يىراقلىشىۋاتقانلىغى ھەممىگە مەلۇملۇق ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبىدىن ھازىر ئۇيغۇر ئىقتىسادى گويا تۈنەك كەپتىرىگە ئوخشاپ قالدى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ھەتتا جان قايغۇسىدا تىپىرلاپ يۈرگەن كاسىپلىرىمىز ھەم ئۇششاق تىجارەتچىلىرىمىزنى بىراقلا ئىقتىدارسىز نادانغا چىقىرىپ ئىنساپنى ئۇنتۇپ قالساق، سان -ساناقسىز ئاجىز-ئۇرۇقلارنى ئۆل دىگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بايلىغىنىڭ مەھەللىسىدىكىلەرگە پايدىسى بولمىغان كىشىنىڭ
ئاقىۋىتى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر بار. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىىسادى پەلسەپەلىرى ھىچ بولمىغاندا ھازىرچە بىزگە ماس كەلمەيدۇ، گەرچە مەن ئۇششاق تىجارەتچى بولمىساممۇ نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىد بولدۇم. ئاللاھ بارلىق ئىجارىكەشلەرگە دىيانەت بەرگەي!