مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mewize

ئۆپكە تۇبىركىليۇزدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102473
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 07:45 AM
مېنىڭچە بولغاندىمۇ تۆگىدىن بىرنى سېتىۋېلىڭ ،. تازا ئوب ...

كۇچا تەۋەسىدە ساپ تۆگە سۈتى ساتىدىغان جاي بولسا خەۋىرىنى بەرسەڭلار.....
ئۆتۈنۈپ قالاي...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66546
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3314
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:36:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالۋۇن قېىرىندىشىمغا:تېلىفۇندا  ئىنكاسقا نەقىل ئالغىلى بولمايدىكەن
    سىز دىگەندەك ئۇ يېمەكلىكتىن مەن يىراق تۇرۇپ كېلىۋاتىمەن،ھاراق تاماكا دىگەنلەرگە ئەزەلدىن يېقىن يولاپ باقمىدىم،بەزىدە تۇنۇش بۇرادەرلەر 《مانا سىلە ئاشۇ نەرسىلەرنى  بىلمەي ،ھىچ بولمىغاندا تاماكىمۇ چەكمەي كېسەل بوپ قاپسىلە دەپ قويىدۇ ئادەمنى كۈلدۈرۈپ》.
كىچىك بالىلارغا ئاساسەن يېقىن كەلمەيمەن،ئۆيدىمۇ كىچىك بالىلار خېلى كۆپ،شۇڭا ئادەتتە تاماق يىگەن قاچا-پىيالە دىگەنلەرگە دىققەت قىلمەن، كىچىك باللارنى يېقىن كەلتۈرمەيمەن، شۇنداق بولغانچە بۇ كىچىك باللا مەن ئىشلەتكەن قاچىلارغا يامان ئامراق، ئاشۇ قاچىلاردا  چاي ،سۇ ئىچىمىز دەپ تۇرۋېلىشچۇ !ئادەمنى قورقۇتۇپ.

مۇشۇ تاماق مەسلىسىگە كەلگەندە قىينالدىم ،سىرىتلاردا تاماق يىگەندە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويارمەنمۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم يۈردۈم ،بەزىدە ئاشخانىدىن تاماقمۇ يېمەي چىقىپ كەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىلا غىزالىندىغان بولدۇم،چاتاق يىرى مۇشۇنداق ئۆيدە سىرتلارغا چىقماي يۈرۈشمۇ خەتەرلىككەن،بولمىسا كېسەلنىڭ بېسىمى ئاز كەلگەندەك پىسخىك كېسەللىكمۇ  پەيدا بولۇشقا باشلايدىكەن،كاج ،ئۇرۇشقاق،جاھىل مىجەز بوپ قالدىكەنسىز……

ئىككىنچى گەپ تۈشۈك مەسلىسى بولسا ئۆزۈم 2011-يىل 1-ئايدا تۇنجى تەكشۈرتكەندە ناھىيلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 防疫站دە تەكشۈرتكەندە ئۇلار تۇبىركىليۇز دەپ دىئاگنۇز قويغان تۆشۈكنىڭ گىپىنى قىلمىغان ،بەرگەن دورىنى ئۈچ ئايدەك يىدىم ھەم شورپا دىگەندەك تاماقلار بىلەن كۈتۈندۈم،كىيىن ئورنۇمدىنمۇ تۇرالماس بولدۇم،ئەندىن ئۈرۈمچىگە بارسام ئۇلار ئاشۇنداق نەچچە يەر تۈشۈك،سول ئۆپكە كادىن چىقتى دەپ ئايرىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93823
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 794
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىككى ئاي كالىتسىي تولۇقلاڭ كامارلانىڭ پۈتىشگە  پايدىسى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mewize يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 03:56 PM
ئاشۇ سۈتنى(ئېشەك سۈت)ئىچىشنى دەسلەپتە ئويلاشقان،كىيى ...

قېرىندىشىم ، مىنىڭچە سىزنىڭ بۇ سۈتىنى ( ئىشەك سۈتىنى ) ئىچىشىڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق .
مىنىڭ بىلىشىمچە ئىشەك سۈتىنى جىگەر راكى يەنى جىگەر قېتىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدۇ ، چۈنكى ئىشەك سۈتىنىڭ باشقا سۈتلەرگە قارىغاندا جىگەرنى يۇمشىتىش ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولى ياخشىراق ئىكەن .
مىنىڭ تاغاممۇ ئېغىر دەرىجىدە جىگەر قېتىش بولۇپ قېلىپ بىر قانچە يىل ئاشۇ سۈتنى ئىچكەن . سىز ئىنكاسىڭىزدا تونىشىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ بۇ سۈتنى ( ئىشەك سۈتىنى ) ئىچىپ جىگىرنىڭ زەھەرلىنىپ قالغانلىقىنى دەپسىز ، مىنىڭچە جىگىرنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىدا باشقا بىر سەۋەپلەرمۇ بولىشى مومكىن ، مىدىتسىنا ساھەسىدە جىگەر قېتىش كىسەللىكىگە ئىشەك سۈتى تەۋسىيە قىلىدىكەن . ئەمما ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كىسىلى بىمارلىرىنىڭ بۇ سۈتنى ئىچكىننى ئاڭلاپ باقماپتىمەن . يۇقارقى تورداشلارمۇ تۆگە سۈتى تەۋسىيە قىپتۇ ، مەنمۇ ئوخشاشلا تۆگە سۈتى تەۋسىيە قىلىمەن .
تۈگە سۈتى تېپىلمىغان شارائىتتا قوي گۆشى ، كەپتەر گۆشى ، غاز گۆشى ، تۆگە گۆشى ، كەپتەر تۇخۇمى ، توخۇ تۇخۇمى ( يەرلىك بولسا تېخى ياخشى ) ، بېلىق قاتارلىق ئىسسىقلىق ئىنىرگىيسى يۇقىرى ، قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى توختىتىپ قويماي ئىستىمال قىلىپ تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .    شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۈنلۈك تامىقىڭىزغا بولمىدى دىگەندىمۇ بىر تال باش چامغۇر قوشۇپ يەپ بەرسىڭىز پايدىسى تىگىپ قالىدۇ .
ئومومەن تەبىئىتى سوغۇق ۋە يەللىك يىمەكلىكلەردىن  پەرھىز تۇتۇپ تورداشلار كۆرسەتكەن ۋە مەن كۆرسەتكەن يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلسىڭىز ئاللاھ خالىسا كىسلىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇپ قېلىشى مومكىن ، بىز تەۋسىيە قىلغان يىمەكلىكلەردىن بىرسى تېپىلمىسا بىرسى تېپىلىدۇ ، كۈنىگە يەۋەرسە زىرىكىش ھىس قىلىش ، يىگۈسى كەلمەسلىك نورمال ئەھۋال ، ئەمما ئىرادىلىك بولۇپ كۆپ يىمىسىمۇ ئاز يەپ بەدەننى قۇۋەتلەندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كىسەلگە قارشى داۋالىنىش ئۇسۇلى قوللانغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، بەدەننى قۇۋەتلىمەي تۇرۇپ داۋالىنىشنى ئاساس قىلغاندىن كۆپ ياخشى .
مەن تېۋىپ ئەمەس ، مىدىتسىنادىمۇ ئوقىمىغان پەقەت بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلار ، تونۇش بىلىشلەر ئىچىدە مۇشۇنداق كىسەللىك بىلەن ئاغرىپ باققانلارنى كۆرگەن ھەم داۋالىنىش ، كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئاڭلىغان شۇ بويىچە سۆزلىدىم .
مىنىڭچە بولغاندا دوختۇرخانىغا بەك كۆپ كۆرىنىپ كەتمەڭ ، بىرمۇنچە پۇلغا تەكشۈرۈشلەرنى قىلىۋەرسىڭىز ئىقتىسادى جەھەتتىن بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايسىز ، مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىڭىزدىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشى ( ياخشىلىنىش ياكى يامانلىشىش ) نى ھىس قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن تەكشۈرتۈش قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن ، تولا تەكشۈرەتكەندە جىسمانىي جەھەتتىن زىينى بار ئىكەن ، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ئاندىن روھى بېسىممۇ بولۇپ قېلىشى مومكىن .
روھى كەيپىياتىڭىزنىمۇ ياخشىلاشنى ئۇنۇتماڭ .
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي !

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:42:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ _ئەلەيكۇم. ئالدى بىلەن اللە تىن كىسىلىڭىزگە شىپالىق تىلەيمەن.
ئاكام بىلەن ئىككىمىز  2000-يىلى مۇشۇ كىسەل  بىلەن فاڭيىزەندىن 200سوم تۆلەپ كارتا سېتىۋېلىپ  ھەقسىز دورا ئىچىپ ساقايغان مەن بىر ئاي ئىچكەن كىيىن  ئازراق يۈتەلسەم ئىچتىم بولمىسا ئىچمىدىم. كىيىن  سەل ئېغىرلاپ قاپتۇ دەپ لەنمىيسۇ دەپ ئىككى كۈندە بىر ئۇرىدىغان سۆڭگەچ ئۇكۇلىنى ئىككى ئاي ئۇرغۇزدۇممىكى ئىسىمدە قالماپتۇ. مەكتەپتە كۈندە بىرۋاخ سۈڭەك شورپىسى ئىچكەن. ھەپتە ئاخىردا ئانام ئۆيدە  چامغۇر بىلەن قوي گۈشىدە شورپا قىلىپ بەرگەن. مەن ئالاھىدە بىرەر داۋالاش ئۇسۇلىمۇ قوللانمىغان. اللە شىپالىق بىرىپ ساقىيىپ كەتتىم.  ھەراس بۇ كىسەل دىگەندە غەم قىلىۋەرسىڭىز تېخمۇ ئېغىرلاپ كىتىسىز. بىزنىڭ غېممىزنى اللە قىلىدۇ شۇڭا كەيپىياتىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ. يۇقارقى تورداشلار دىگەندەك رىتسىپلارنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئەڭ مۇھىمى چىن نىيتىڭىز  شەكسىز ئىشەنچ  بىلەن اللە تىن تىلەڭ. اللە خالىسا چۇقۇم ساقىيىپ كىتىسىز.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66546
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3314
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 05:04:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈل چىراي دىگەن دوستۇمغا :
كۇچا ناھىيسىدە بولسىڭىز  تۈگە سۈتى بار جاينى مەن بىلىمەن،بۇرۇن مەن ئۇ يەرگە بارغان،كۇچالىق بولسىڭىز  چىلىڭ ۋۇ(705)  بېكەت تەرەپكە ماڭغان يولدا  بىر پولات كۆۋرۈك بارغۇ  بىلىسىز ھەقىچان شۇ يەردە بىر تۈگە سۈتى ساتىدىغان يەر با،يول قىرىدا ۋىۋىسكىسى با،يەنى قىبلە تەرەپكە مەڭدىغان يولنىڭ ئوڭ تەرپىدە (تاغ تەرەپتە)

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 05:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gul+qiray يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 04:23 PM
كۇچا تەۋەسىدە ساپ تۆگە سۈتى ساتىدىغان جاي بولسا خەۋىر ...

كۇچاردىكى تۆگە سۈتى ساتىدىغان جاينى ۋە شۇ تۆگىلەرنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن .پولات كۆۋرۈك دەيدىغان بىر كۆۋرۈك باغۇ،شۇ كۆۋرۈكنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتسىڭىز كۈرىسىز ئۇ تۆگىلەرنى .مەنمۇ كۇچاردىن.705.بىكەتىن يىڭى شەھەرگە ماڭغاندا ئۆتىدىغان كۆۋرۈك شۇ.

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 05:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gul+qiray يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 04:23 PM
كۇچا تەۋەسىدە ساپ تۆگە سۈتى ساتىدىغان جاي بولسا خەۋىر ...

كۇچا ناھىيلىك تېلىۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ قارشى تەرىپىدە  يول ئۈستىدىلا بىر كوچا بار . يول ئۈستىدە تۇرۇپ قارىسىڭىز 10- 15 تۆگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ .  تۆگە سۈتىنىڭ كىلوسىنى 40 كويدىن ساتىدۇ . ئەگەر تاپالمىسىڭىز مەن ئاپىرىپ قۇياي .  

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104505
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 06:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىم بۇ ساقىيىدىغان كېسەل ئىدى،سىزنىڭ كېەللىك ئالامەتلىرىڭىزدىن قارىغاندا ،بىرلا ئېغىز گەپ ،دۇرا كۈنىۋاپتۇ ،يەنى تۈبۈركىلوز دۇرىسى تەسىر قىلماس بولغان .ئەسلى سىز دەسلەپتە ئۆز ئورنىڭىزدىكى تۆبىركىلوز داۋالاش ئورنىغا بېرىپ كۈچەيتىپ داۋالاش ۋە ئۇلاپ داۋالاش باسقۇچىدىكى ھەقسىز دۇرىنى تۇلۇق 6 ئاي يىگەن بولسىڭىز ئۈنۈمى بۇلاتتى .يۇقۇردىكى باللىنىڭ ھەقسىز دۇرىنى يىمەڭ دىگىنى جىگەر -بۆرەككە تەسىر قىلىدۇ دىگەننى كۆرسىتىدۇ . .بۇنى يىگەندىن لى فوپىڭ قاتارلىق ئادەتتە دۇرىخانىدا ساتىدىغان تۆبىركىلوز دۇرىسىنى يەڭ بۇنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ .بۇنى تۈپتىن خاتا دىگىلى بولمايدۇ .ئەمما سىزنىڭ ئۆپكىڭىز كاۋاك ھالەتتە ،شۇنداقلا كېسىلىڭىز ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كېتىپتۇ .بۇنداق چاغدا ھېلىقى دۇرىنى يىسىڭىز قىلچە ئۈنۈمى بولمايدۇ .تۆبىركىلوز ئورنىدىكى جۇڭگو تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن داۋالاش لاھىيەسىدىكى 6 ئايلىق خىمىيىلىك داۋالاشتا يەيدىغان دۇرا كۈچلۈك ،بۇنىڭغا قۇشۇمچە جىگەر قوغدايدىغان دۇرا يەپ ،ئايدا بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرسا بۇلىدۇ .ئادەتتە ئەكس تەسىرى كۆپ كۈرۈلمەيدۇ .قىسمەن ئادەملەردە كۈرۈلىدۇ .لېكىن بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس .بىر ئىككى ھەپتىدىلا ئەسلىگە كېلىدۇ .ھەرقانداق دۇرىخانىدا سېتىۋالىدىغان ھېلىقى لىفوپىڭ ،يى ئەندىڭچۈن دىگەن تۆت خىل دۇرىنى ئادەتتە يېشى چوڭ ،تۆبىركىلوزغا ئەگەشمە كېسەل قۇشۇلۇپ كەلگەن بىمارلارغا بېرىلىدۇ .بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىككى كۈندە بىر قېتىم 13 تال چوڭلۇقى تۈگمىدەك دۇرىنى يەيتتى بۇ كېسەللەرگە بەك تەس كېلەتتى ..ھازىر بولسا كۈندە بىر قېتىم تۆت تال ، كېيىنكى ئۈچىنچى ئېيىدا ئىككى تال يەيدۇ .تەركىۋى ئوخشاشلا لىفوپىڭ ،يىيەنجىڭ ،يى ئەندىڭچۈن ،بى چىڭ شىيەنئەن قاتارلىق دۇرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .جۇڭگۇ تەۋەسىدە مەيلى قايسى جايغىلا بېرىپ ئوخشاشلا مۇشۇ تۆت خىل دۇرا بار .لىيەنمىسۇنى ئۇردۇردىڭىزمۇ ؟
يەنە بىر مۇھىم ئىش ،مۇشۇ تۇلۇق كۇرۇسلۇق داۋالاش باسقۇچىدا چۇقۇم دۇرىنى ئۈزۈپ قويماي يىيىشكە كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈمى بۇلىدۇ .نۇرغۇن كېسەللەر بىر نەچچە ئايدا ئالامەتلىرى يۇقىغاندا دۇرىنى توختۇتۇپ قۇيىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ،بۇ ئەڭ خەتەرلىك ،تۆبىركىلوز تاياقچە باكتىرىيىسى يەنىلا بار دىگەن گەپ ،ئۇزۇقلۇنۇش مەسلىسدە يۇقۇردىكى بەزى باللىنىڭ پىكرى ئۇرۇنلۇق ،ئۆزەم مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلەيمەن ،نۇرغۇن گەپلەر بارتتى ..مۇبادا كۈرىشەلىگەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104505
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 06:51:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگە سۈتى بىلەن ئېشەك سۈتىنى مەن تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن ..چۈنكى دەسلەپتە قېشىمىزغا كېلىپ تەكشۈرتكەندە «تۆبىركىلوز » دەپ دىئاگنوز قۇيۇلۇپ ،بەلغەم يۇقۇملۇق چىقىپ ئاخىردا ،ئاڭلىسام سىلەرنىڭ دۇرىنىڭ ئەكس تەسىرى كۆپ دەيدۇ دەپ بىزنىڭ داۋالاشنى رەت قىلىپ ، ھەمدە مەن مۇشۇنداق سۈت ئىچىپ باشقا دۇرا يەپ داۋالىنىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ ،ئارىلىقتىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندە بىزنىڭ قېشىمىزدا مەخسۇس داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان ئادەملەر خېلى كۆپ بولغان .مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئەڭ نوچىسى كەپتەر گۈشى ...يەنە شېرخان ئەپەندىم ئېيتقان يىمەكلىكلەر ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش