مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mewize

ئۆپكە تۇبىركىليۇزدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104505
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 06:58:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر مەسلىھەت : سىز تۆبىركىلوز ئۇرۇنلىرىنىڭ تۇلۇق كۇرۇسلۇق ھەقسىز داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىپ ياخشى ئۇزۇقلۇق بىلەن ئارامنى بىرلەشتۈرۈپ تەرتىپلىك داۋالىنىپ بېقىڭ ،سۈزىڭىزگە قارىسام بۇ قېتىم سىز 8 ئايلىق داۋالاشقا كىرىسىز .ئەگەر مۇشۇ باسقۇچتىن كېيىن يەنىلا تۇلۇق ساقايمىسىز ،ئۇ چاغدا بىرلا ئامال بار ، يەنى ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسدا ياتاقتا ياتىسىز ..قايسى دۇرا بەدىڭىزگە كۈنىۋالغان ؟ قايسى تۈردىكى تۆبىركىلوز دۇرىسى ئۈنۈم قىلىدۇ .بۇنى مەخسۇس ئايرىپ چىقىپ ئاندىن داۋالاشنى باشلايدۇ .بىراق بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ ...对症耐药。。。。

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 07:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىنىمغا مەنمۇ ئۆز قولۇم بىلەن بالامنىڭ سالىمازا ساقىيىشى ئۈچۈن قىلغان داۋالارنى تەپسىلى دەي، بىراق بۇ ئىنىمىز ئىنكاستىن قارىغاندا قاخشاش، داۋالىنىشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى ئېغىر ئىكەن، مۇنتىزىم داۋالىنىش خىيالىنى يوقتەك ھېس قىلدىم. بۇ كېسەلگە داۋانى ئۈزۈپ قويۇشقا، يىگىم كەلمىدى دەپ ئىتتىرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
مېنىڭ بالامغىمۇ ئوپكە كېسەللىكلەر بۆلىمىدە بالنىستقا خەت قىلغان، مەن دۇختۇردىن يىمەكچىلىك ھەققىدە مەسلىھەت سورىغىنىمدا ‹قورىمىغان  تاماقلارنى، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى قەتئىي يىمىسۇن دىدى، ئۆي ئۇرۇمچىدە بولمىسا، تاماق مەسىلىسى بىشىمنى قاتۇردى، چۈنكى لازا، ئاچچىقسۇ قۇرىمىغان تاماقتا بولمايدۇ-دە. شۇ چاغدا دەل مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىپ ساقايغان بىرسى بالىڭىزنى ئىلىپ كىتىپ ئۆيدە پەرۋىش قىلىڭ دەپ قانداق قىلىشنى تەپسىلى دەپ بەردى. مەن ئازراق دورا ئىلىۋىلىپ ئۆيگە قايتتىم.
ئۆيگە بىرىپلا ئەڭ ئاۋال تۆگە سۈتى، كۆكىنەكنىڭ سۈت پاراشۇكىنى تەيارلىدىم. ئاندىن بىرىنجى بولۇپ ئا چىڭمىسۇ دېگەن ئۆكۈلنى تۇنۇش دۇختۇر ئارقىلىق پەقەت مۇشۇ بىر خىللا ئوكۇلنىلا بەش كۈن ئاسما قىلىپ سالدۇردۇم. ئاندىن ئوزۇقلىنىشنى مۇنداق تەرتىپ بويىچە ئىلىپ باردىم. (چوقۇم ۋاقىت بويىچە، تەرتىپ بويىچە قىلدىم، قىلچىلىك كېچىكىش، ئالماشتۇرۇپ قويۇش دېگەندىن ساقلاندىم) يانى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر تال تۇخۇمنى قاينىغان كالا سۈتىگە چىقىپ ئىچىردۇم. ئاندىن نان بىلەن ناشتىلىق قىلدى. چۈشتە ئادەتتىكىدەك لەغمەن دېگەندەك قورىغان ئۆي تائاملىرىنى يىدى، تاماقتىن كېيىنلا بىر پىيالە تۆگە سۈتىنى ئاپتاپقا قويۇپ ئىللىغاندىن كېيىن (چوقۇم ئاپتاپتا ئىللىتىش كېرەك) ئۇچۇردۇم. كەچتە قوي گۆشى قايناپ يىرىم سائەتتىن كېيىن چامغۇرنى قىلىنراق يالپاغداپ سىلىپ قايتا قاينىتىپ تاكى شورپا ئاپپاق قويۇقراق ھالەتكە يەتكىچە قاينىتىپ پۇشۇرۇپ گۆش، چامغۇر، شورپا ھەممىسىنى پاپپاكىز ئۇچۇردۇم. ياتىدىغاندا كۆكىنەكنىڭ سۈت پاراشۇكىدىن بىر پىيالە تەڭشەپ ئۇچۇردۇم، دەل بىر ئاي بولغاندا قايتا ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ تەكشۇرتكەندە ھېلىقى تۆشۇكلەر پۇتۇپ ئۆكە ساغلام ئادەمنىڭ ئۆپكىسىدەك بولۇپ كەتكەن، دۇختۇرمۇ ئىككى قىتىملىق س ت دىبىنىنى سىلىشتۇرۇپ ھەيران بولۇپ داۋالىنىش تەرتىپىنى سورىغان.
مېنىڭچە سىز ئۆزىڭىزگە ھەم ئاتا-ئانىڭىزغا ھەقىقەتەن ئىچىڭىز ئاغىرىدىغان ئىشىڭىز بولسا دەرھال ئىزچىل داۋالىنىڭ، ئوكۇل سالدۇرماڭ، دورىنى ئاز يەڭ. سىزنىڭ بالىڭىز يوق ئىكەن، بالا بىر قانداق بولۇپ قالسا بالىدىنمۇ بەك بىز ئاتا-ئانا بولغۇچى بەكتەك تۈگىشىپ كىتىمىز.
ئاخىردا ئاللاھدىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saptilak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 07:52 PM  


بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4939
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 08:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چامغۇر يېغى دىگەن نېمە؟؟ بەزىلەر شۇنى پايدىلىق دەيدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93823
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 794
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 08:14:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتور خالمۇرات غوپۇر  10 نەچچە يىل تەتقىق  قىلىپ بۇ كىسەلگە كىسلاتا خاراكتېر لىك يمەك ئېچمەكنىڭ زىيان قىلىدىغانلىقى ئىشقار خاراكتېرلىك  يىمەك ئىچمەكنىڭ پايدا قىلدىغانلىقنى يەكۇنلەپ چىقان  ئىكەن. بۇ كىسەل ئۇيغۇرلاردا  شىنجاڭدا بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا بەك كۆپ ...ئۆتكەندە مۇشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىر بوۋاي  نەۋىرلىرنى چوكىلدىتىپ سۆيگلى تۇرۇپتۇ سۆيمەڭ دىسەم سۆيسەم ئۆزەمنىڭ نەۋىرسى سىنىڭ نېمە كارىڭ خۇدا ساقلايدۇ دەيدۇ  ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالغانتىم قىرىنداشلرىمىز بەك سەل قارايدۇ بۇ كىسەلگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66546
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3314
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 08:49:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىردىكى قاھارجان2 دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا بىر مەزمۇننى تۇلۇقلىغىم كەلدى،ئۆتكەن يىل ئۈچىنچى ئايدا 2-قېتىملىق داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلغان چاغدا،بۇ يىل 1-ئايدا داۋالانغان چاغدا بەدەننىڭ دورىغا كۆنىۋالغان ئىشى توغۇرلۇق مەنمۇ دوختۇرلاردىن  سورىغان ئەمما ئۇلارمۇ بۇنداق دېمىگەن ئىدى شۇنداقلا قان ۋە بەلغەم تەكشۈرۈشتە تۇبىركىليۇز باكتىريىسى بايقالمىغان ئىدى
مەن بۇرۇنقى 防疫站بەرگەن ھېلقى 13تال دورىنى ئۈچ ئاي يىگەن ،شۇنىڭ بىلەن كېسلىم ئېغىرلاپ ئۈرۈمچىدە تەكشۈرتكەندە كاۋاك بولغانلىقىنى ھەم ئۆپكىنىڭ كادىن چىققىىننى بىلدىم،ھەم شۇ چاغدا بىر مۇتەخەسسىس بۇ دورىنى يېمەسلىگىمنى تاپلىغان ئۇندىن كىيىن  دوختۇرخانىنىڭ دورىسىنى 11ئاي يىدىم،شۇنىڭ بىلەن توختاتقان
سىزدىن بىر مەسلىنى سوراشنى لايىق كۆردۈم ،سىز يۇقىردا تىلغا ئالغان دورىلار مىنىڭ بىلىشىمچە تۇبىركىليۇز باكتىريسىسنى تىزگىنلەيدۇ دەپ قارايمەن،ئەمما كاۋاك كىچىك بولسىغۇ لازىر نۇر بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولدىكەن،ھەم شۇنداق بىرسىنىمۇ ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمما مىنىڭكىدەك  چوڭ كاۋاكنى ئۇنداق ئۇسۇلدا نۇر بىلەن ئەتكىلى بولمايدىكەن دىگەنتى شۇ بۇرۇنقى دوختۇرلار ،شۇنىڭ بىلەن ئەمسە باشقا تېىخنىكا يوقمۇ دىسەم 气管镜دە ئۆپكىنى تازىلاپ ھەم دورا سالساق بولىدۇ دەپ شۇنى ئۈچ قېتىم قىلغان ئىدى، مەن دىمەكچى كاۋاكنى پۈتتۈرۈشنىڭ باشقا ئامالى يوقمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66546
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3314
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 09:22:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپ تىلەك ھەدىمىزدىن سورىۋالسام،بالىڭىز نەچچە ياشلاردا،بالىڭىزنىڭ ئۆپكىسىدىكى كاۋاك قانچىلىك ئىدى؟ نەچچە يەردە بار ئىدى ؟

تەۋەككۈل_ئەجىر 

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7900
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10378
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 7131 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ ئادرېستىكى رىتسىپلارنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... p;page=1#pid1845445

ئۇيغۇر تورخانا ئاچقۇچىلار ۋە تورخانا سېستىمىسى مۇنازىرە چ چ توپ نۇمۇرى:       50701499

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8961
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2231 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8961
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2231 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچىش ياكى گۆشىنى يېيىش ۋە سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇش ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىللە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سىل جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆپكىدە سىل كېسەللىك ئوچىقى شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئوغرى تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق ( سوزۇلما ھالەتتىكى يۇقمايدۇ ) كېسەللىك.
l ) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
قۇۋۋەتلىگۈچى لەتىف غىزالار ۋە داۋائى غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئاقسىل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە كالتسىي مول بولغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتىدىغان، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن گۈلقەنت ( كونا گۈلقەنت بولسا تېخىمۇ ياخشى )، ھەسەل، كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، تۆگە سۈتى، پاقلان گۆشى، توشقان گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، باچكا گۆشى، سامساق، چامغۇر، سەۋزە، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، پىستە مېغىزى، چىلان، بېھى، ئاق قوناق، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.
2) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) چىلانما: سامساقتىن 250 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 50 گرام، ئاق شېكەر l00 گرام، تۇز ئون گرام، ئاچچىقسۇ 250 مىللىلىتىر. سامساقنىڭ سىرتقى پوستىنى ئېلىۋىتىپ، تۇز سۈيىگە 24 سائەت چىلاپ، ئاق شېكەرنى ئاچچىقسۇدا ئېرىتىپ، ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، تۇز سۈيىگە چىلانغان سامساق بىلەن بىرلىكتە ئېرىتىلگەن ئاچچىقسۇغا سېلىپ، 15 كۈن تۇرغۇزۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا تاماققا سېلىپ ياكى يالغۇز ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) گۈلسامساق تاتلىق ئېشى: گۈلسامساق 20 گرام، يۇمىلاق گۈرۈچ l00 گرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. گۈلسامساقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن ناۋاتنى سېلىپ تەمى تەڭشىلىپ، كۈندە بىر ۋاخ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3) سۈتلۈك مېغىز ئېشى: مايدا قورۇلغان ياڭاق مېغىزى 80 گرام، چامغۇر 80 گرام، گۈرۈچ 60 گرام، كالا سۈتى 200 مىللىلىتىر، ئاق شېكەر 20 گرام. ئاۋۋال گۈرۈچنى يۈيۈپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ، ئېلىپ قۇرۇتۇپ، قورۇلغان ياڭاق مېغىزى، پاكىز يۇيۇپ توغرالغان چامغۇر ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ يۇمشاق ئېزىپ، داكا بىلەن قايتا - قايتا سۈزۈپ، سۈيىگە يەنە ئازراق سۇ قوشۇپ، ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، ئاخىرىدا ئاق شېكەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر قېتىم تەييارلاپ چۈشلۈك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4) نىشاستە ئۇمىچى: قوي گۆشى 500 گرام، نىشاستە 60 گرام، زەنجىۋىل ئون گرام. قوي گۆشى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز تازىلاپ، نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۈستىگە نىشاستىنى سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5) قوي گۆشى شورپىسى: پاقلان گۆشى l50 گرام، چامغۇر 60 گرام، سەۋزە 50 گرام، چۈچۈكبۇيا 20 گرام، نوقۇت 30 گرام، قىزىلگۈل l5 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قىزىلگۈل بىلەن پوستى ئاقلىنىپ چالا سوقۇلغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ئۈچ كىلوگرام سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە يالپاق توغرالغان گۆش، سەۋزە، چامغۇر ۋە نوقۇتنى سېلىپ قاينىتىپ، شورپا تەييارلاپ، تۇزىنى تەڭشەپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(6) چايلىقلار
① تەركىبى: بېھى 16 گرام، چۈچۈكبۇيان يىلتىزى 6 گرام، ياۋا قولماق 32 گرام.
تەسىرى: ئۆپكە سىلىغا شىپا بولىدۇ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: بېھىدىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، ئۈچ چىنە سۇدا قاينىتىپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.
② تەركىبى: قىزىلگۈل، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيان، ئاق سەندەل، لاچىندانە، ئۈستقۇددۇس، بىنەپشە، ئىت ئۈزۈمى، شاھتەررە، نېلۇپەر، زۇپا ھىندى، پىرسياۋشان 10 گرامدىن.
تەسىرى: ئۆپكە سىلى بىلەن سوزۇلما كاناي ياللۇقىغا شىپا بولىدۇ، سىل قىزىتمىسىنى قايتۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا ياكى يىرىكرەك سوقۇپ، ھەر قېتىم 5 ـ 10 گرامدىن بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ قىزىق ئىچىلىدۇ.
3) يېمەك - ئىچمەك پەرھىزى :
كالا گۆشى، خوشاڭ، بولاق مانتا، لازا، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، چۈچۈمەل ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
1. نەملىك، پاسكىنىچىلىق، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان، ھاۋا ياخشى ئالماشمايدىغان ئورۇنلاردا ياشىماسلىق، بوغىناق، چاڭ – توزاڭلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىدىغان كەسىپلەردىن ساقلىنىش، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان، ياخشى، پاكىز، ھاۋالىق ئورۇنلاردا ياشاش لازىم. نەم جاي ، پاسكىنا ئورۇن، چاڭ – توزاڭلار بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ يامان قوزغاتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق ماددىلىرى تولۇق بولمىغان كەم قۇۋۋەت تاماقلارنى يېمەسلىك، بەلكى تېز سىڭىدىغان، قۇۋۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تاماقلارنى يېيىش لازىم. قالايمىقان يەۋېرىپ قۇۋۋىتى ھازىمەنى خاراپلاشتۇرۇۋەتسە ئەكسىچە بەدەن ئاجىزلاپ ئاسانلا سىل كېسەللىكىگە مايىللىشىپ قالىدۇ.
3. ھاراق، شاراب، نەشە قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. ھەددىدىن ئارتۇق ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم.
5. كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇخلىماسلىق، بەك ئادەم كۆپ ئورۇندا مۇمكىن قەدەر تۇرماسلىق كېرەك.
6. ھەمىشە بۇرۇن ئارقىلىق تىنىش، ئېغىز ئارقىلىق تىنماسلىق كېرەك. ئۆپكىنىڭ پۈتۈن قىسىملىرىغا باراۋەر ھاۋا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر چوڭ – چوڭ تىنىش، ئۇخلىغان چېغىدا ئېغىز بۇرنىنى چۈمكەپ قويماي ئوچۇق قويۇش لازىم.
7. ياتىدىغان ئۆيدە ھېچقانداق ئىس – تۈتۈن بولماسلىقى كېرەك.
8. خام سۈت ئىچمەسلىك، قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
99. تاماق يېگەندە قولىنى، قاچا – قۇمۇچلىرىنى پاكىز يۇيۇش، سىل كېسىلى بارلارنىڭ قاچا – قۇمۇچلىرىنى ئايرىشپ كېرەك. شۇنداقلا سىل كېسىلى بارلار بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېمەسلىك لازىم.
10. سىل كېسىلى بارلارنىڭ تۈكۈرگەن بەلغەملىرىنى ۋە بەلغەم يوققان لۆڭگىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ياكى پاكىز يۇغاندىن كېيىن داستا قاينىتىۋېتىش كېرەك.
11. سىل كېسىلى بار ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى، نەزلە، زۇكام، يۆتەل ( بولۇپمۇ كۆك يۆتەل)، قىزىلغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا ناھايىتى تېزلىكتە داۋالىتىش، سەل قارىماسلىقى، مەلۇم بەلگىلەر كۆرۈلۈش بىلەنلا دوختۇر ياكى تېۋىپقا كۆرسىتىپ تەكشۈرتىشى لازىم.
سىل كېسەللىكى دەسلەپكى ۋاقتىدىلا چىڭ تۇتۇلۇپ تەلتۈكۈش داۋالىتىلسا ساقىيىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى سىل بولسۇن كېسەل كىشىنى ساپ ھاۋالىق، كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆيدە ياتقۇزۇش، بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارغا باي بولغان كۈچلۈك مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى بېرىش لازىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12345
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7704 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 12:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gul+qiray يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 04:20 PM
ئەگەر كۆك رەڭلىك كەپتەر بولماي، باشقا رەڭلىك كەپتەر ب ...

بۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز كۆرگەن مەخپىي رىتسىپتا كۆك كەپتەر دىيىلگەن .بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىزمۇ كۆك كەپتەر ئىدى.

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش