ھازىر مىسرانىم مۇنبىرگە كىرىپ باشتىللا بۇ تېمنى كۆردۇم شۇنداقلا بۇگۈن دوپپا بايرىممىز ئىكەنلىكنى بىلدىم شۇنداقلا ئۆزۈمدىن بەكلا نۇمۇس قىلدىم ۋە ئۆزۈمگە بەك نەپرەتلەندىم،چۇنكى ئۆزمىزنىڭ مۇشىنداق بايرىممىزدىن خەۋەرسىزكەنمەن
مەن ئالدى بىلەن مېھرى ئىسسىق كۆكسى قارنى كەڭ شۇنداقلا بارچە ئالەمنى قوينىغا سىڭدۇرالايدىغان ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ بەلگىسى بولغان دوپپامدىن كەچۈرۈم سورايمەن،شۇنداقلا ھەر يىلى بۇ كۈننى ئېسىمدىن ھەرگىز چىقارمايمەن.
شۇنداقلا [ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن] ھېلمۇ ياخشى بۇ تېمغا ۋاقتىدا كىرىپتىمەن .بولمىغان بولسا بالامنى مەكتەپكە يالاڭۋاشتاق يولغا سالاركەنمەن.
بالامدىن ئوقۇتقۇچۇڭ بۈگۈنكى بايرامنى سىللەرگە خەۋەر قىلمىدما دىسەم ياق دەيدۇ.قارغاندا راسلا بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ، بالامنىڭ بېشغا چىرايلىق چىممەن دوپپىدىن كەيدۈرۈپ مەكتىپگە يولغا سالدىم. شۇنداقلا بالامغا ئوقۇتقۇچىڭغا مۇئەللىم ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىممىزغا مۇبارەك بولسۇن دەپ قوي دېدىم، چۇنكى ئوقۇتقۇچلار مانا مۇشىنداق بايراملارنى ئازراق ۋاقتىنى باللىرمىزغا بىلدۈرۈش مەجبۇريىتى بار دەپ ئويلايمەن.