abugazi123 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 03:16 AM
دەپسەن دوپپا خان تاجىم،
ياغلىق لىچەك ھىجاپچۇ؟
ئەۋر ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەبۇغازى ئەپەندىم ! شىئىرنىڭ قاپىيەلىرىنى ناھايىتى كەلتۈرۈپ ياخشى يېزىپسىز . ھەم دىمەكچى بولغانلىرىڭىزنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپسىز . سىزنىڭ شىئىر يېزىشتىكى قابىلىيىتىڭىزگە قايىل بولدۇم . بىراق بىرنەچچە كۆزقارىشىڭىز توغرىسىدا مۇنازىرلەشكىم كەپ قالدى .
مەسىلەن:
《
دەپسەن دوپپا خان تاجىم،
ياغلىق لىچەك ھىجاپچۇ؟
ئەۋرەتلەرنى يۆگىگەن ،
پۈركەنجە ۋە جىلبابچۇ؟》
دوپپا بىلەن پۈركەنجە جىلباپ ھىجاپلارنى نىمىشقا بىريەرگە ئېلىپ كېلىپ سېلىشتۇرىسىز ؟
جىلباپ ھىجاپلار ئۇيغۇرمىللىتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ ياق ئۇ مۇسۇلمان دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ شۇنداقمۇ ؟! ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ پەقەت مىللىي خاسلىق توغرىسىدىكى تېمىغا زورلاپ دىننىي مەزمۇننى ئارىلاشتۇرىسىز ؟
《
دىن ئۇقىمى ئەمەس ئۇ،
پەقەت مىللەت بەلگىسى.
دۇرۇس ئەمەس قىزلارغا،
ئەركەكلىرىڭ كەيگىسى.》
نىمىشقا دوپپىنى قىزلارغا دۇرۇس ئەمەس دەيسىز ؟ يۇرتلىرىمىزدا ئەزەلدىن تارتىپ ۋە ھېلىھەم نۇرغۇن قىز-ئاياللار روماللىرىنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق ياراشتۇرۇپ دوپپا كىيىدۇغۇ؟! بۈگۈنگە كەلگەندە دوپپا ئەرلەرنىڭلا بولۇپ قالامدۇ ؟
《
كىيىسەن بايرام ئايەمدە،
ياكى نەزىر ماتەمدە،
شۇدۇر مانا ئەھۋالىڭ،
داۋراڭ سالسەن ئالەمدە.》
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى دوپپا كىيىپ يۈرۈشكە ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن شارائىتى ياربەرمەيدۇ لىكىن ھېيىت -بايراملاردا ۋە مللىتىمىزگە ۋەكىل بولغان سورۇنلارداچوقۇم كىيىدۇ ئۇنىڭ نىمە يامىنى ؟ ئەجەپ ئەتىدىن كەچكىچە باشقا تىللاردا سۆزلىشىپلا يۈرىدىغان ئۆمرىدە دوپپا كىيىپ باقمىغان مىللەت ئۇقۇمى يوق ئۇيغۇرلارغا پىكىرىڭلار يوق . دوپپىنى كۈندە كىيىۋالغىنى بىلەن مىللەتكە بىرتىيىنلىق تۆھپە قوشمايدىغان نان قېپىلارغا پىكىرىڭلار يوق. ھازىر مىللىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر بايرامنى تەشۋىق قىلىۋاتساق ئۇنىڭغا قارشى تۇرامسىلەر ؟ بۇ بايرامنى ھازىر كۆزىڭىزغا ئىلمىگەن بىلەن بىر نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا كەلگۈسىدە بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر بايرام بولۇپ قالىدۇ . ھەريىلدا بىر قېتىم مۇشۇ بايرام ئارقىلىق كۆپچىلىككە مەدىنىيىتىمىزنى قەدىرلەشنى ئەسكەرتىپ قويغاننىڭ نىمە يامىنى ؟
ئاتالمىش دوپپا بايرىمى دەپ كەتمەڭ. دوپپا ئۆزىمىزنىڭ باش كىيىمى ئۇنى بايرام قىلساق ئۆزىمىزگە ياخشى دەپ قارايمەن !
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kerammusic تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-7 02:54 AM