تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 11:46 AM
قاش مەسىلىسى ، بۇرۇنلاردا يەنى توخسىنىجى يىللاردىمۇ ...
خوتەن قاشتېشىدىن ئۇيۇلغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئويمىلار
ئابلىكىم ئاۋۇت
دۆلىتىمىز قاشتېشى مەدەنىيىتى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ ‹‹قاشتېشى دۆلىتى ›› دىگەن چىرايلىق نامى بار.دۆلىتىمىز قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا خوتەن قاشتېشىدا ئۇيۇلغان ئويمىلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
دۆلىتىمىز ئويمىچىلىق تارىخىدا نۇرغۇن ئويمىچىلىق ئۇسلۇبلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ،بۇلاردىن شاڭخەي ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى،بېيجىڭ ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى ،ياڭجوۋ ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى ،سۇجوۋ ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى،غەربىي يۇرت ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى ....قاتارلىقلار قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.
يېقىنقى زامان قاشتېشى ئويمىچىلىق تارىخىدا خوتەن قاشتېشىدىىن ئۇيۇلغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئويمىلار- خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىق ساھەسىدە ‹‹مۇغۇل قاشتېشى ئويمىلىرى ياكى موغۇل قاشتېشى››،<<ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قاشتېشى ئويمىلار>> 痕都斯坦玉器 ياكى 痕玉 ، 伊斯兰玉器 دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئويمىلار چىيەنلونىڭ 33-يىلىدىن باشلاپ جىياچىڭنىڭ 22-يىلىغىچە (يەنى 1768-يىلىدىن 1817-يىلىغىچە) بولغان 50 يىل جەريانىدا موغۇل ئىمپىريەسىدىن莫卧儿帝国 دىيارىمىز ئارقىلىق بېيجىڭغا كىرگۈزىلگەن.(بۇ ئېمپىرىيە ھىندىستاننىڭ شىمالىي،پاكىستان ھەم ئاغغانىستاننىڭ شەرقى ۋە كەشمىر رايۇنى ۋە ھازىرقى دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئالتە شەھەر-رايۇنىنى زېمىن قىلىپ مىلادىيە 1526-يىلىدىن 1858-يىلىغىچە ھاكىمىيەت سۈرگەن ئىسلام ئىمپىريەسىدۇر).
چىيەنلوڭ خان زامانىسىدا بېيجىڭغا كىرگۈزۈلگەن ئىسلام ئۇسلۇبىدا ئويۇلغان قاشتېشى ئويمىلارنىڭ جەمئىي كىرگەن سانى 800 پارچىدىن كۆپرەك بولۇپ ، بۇنىڭ بىر قىسمىنى دىيارىمىزدىكى بەگ-غوجىلىرىمىز ھەدىيە قىلغان.
بۇ قاشتېشى ئويمىلارنىڭ ھەممىسى خان ئوردىسىدا شاھانە بۇيۇم قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان ھەم بۇ قاشتېشى ئويمىلارنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق يېزىق-تامغا يوق ھالەتتە كىرگەن ئەسلى ئويمىلارغا خان ئوردىسىغا كىرگەندىن كېيىن چىيەنلونىڭ مۆھىرنى ۋە چىيەنلوڭ خاننىڭ بۇ ئويمىلارغا ئاتاپ يازغان نەزمە قوشاقلىرىنىمۇ خەنچە يېزىقتا ئويغان.
بۇ خوتەن قاشتېشىدا ئويۇلغان ئويمىلار ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار رايۇنىدىن كىرگۈزىلگەنلىكى ۋە شۇ جايدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتى،ئۆزگىچە ھۈنەر-تېخنىكىسى بويىچە ئۇيۇلغانلىقى ،ئۇيۇلغان نەقىشلىرى ۋە نۇسخىلىرىنىڭ ئىسلام ئۇسلۇبىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قاشتېشى ئويمىلار››伊斯兰玉器دەپ ئاتالغان .
بۇ ئويمىلارغا مەپتۇن بولغان چىيەنلوڭ خان بۇ خىل ئويمىلارغا 痕都斯坦 دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام ئۇسلۇبىدا ئويۇلغان بۇ ئويمىلار 伊斯兰玉器 ياكى痕都斯坦玉器 دەپ ئاتالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن 痕都斯坦玉器 دىگەن نام كۆپرەك قوللىنىلغان ۋە بۇ خىلدىكى ئويمىلارنىڭ خەنلەر ئارىسىدىكى كەسپى ئاتىلىشى بولۇپ قالغان.
چىيەنلوڭ خان (1736-يىلىدىن 1795-يىلىغىچە ئاتمىش يىل پادىشاھ بولغان) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىقىنى ئىنتايىن تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇ خوتەن قاشتېشىغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ قاشتېشىغا ئاتاپ نۇرغۇن شېئىر-نەزمىلەرنى يازغان (تارىخىي خاتىرلەردە خاتىرلىنىشىچە بۇ خىلدىكى نەزمە قوشاقلار مىڭ پارچىدىن ئاشىدىكەن )ھەم ئوردا ئىچىگە دىيارىمىزدىن مەخسۇس قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ خوتەن قاشتېشىدىن نۇرغۇن ئويمىلارنى ئويدۇرغان . ئۇندىن باشقا خوتەن قاشتېشىدىن ‹‹يۈ ۋەزىرنىڭ كەلكۈننى تىزگىللىشى››قاتارلىق ...نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى قاشتېشى تىزما بۇيۇملارنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن .
سۇجۇ دىمۇ شۇ زامانلاردا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئويمىلارغا تەقلىد قىلىپ خوتەن قاشتېشى ئويمىلىرى ئويۇلغان.ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى بۇ ئويمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر بېيجىڭ خان سارىيى موزىيىدا ساقلانماقتا. يەنە بىر قىسمى تەيۋەننىڭ تەيبېيدىكى موزىيلاردا ساقلانماقتا.
خوتەن قاشتېشىدىىن ئۇيۇلغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئويمىلار ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى،ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى،ئىشلىتىلگەن قاشتېشىنىڭ ئېسىللىكى،بېزەك نۇسقىلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى،ئالتۇن-كۈمۈش،ئۈنچە-مەرۋايىت بىلەن گىرەلىشىپ ھاسىل قىلغان كۆز ۋە گۈل نۇسخىسىنىڭ جۇلاسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ قاشېشى ئويمىچىلىق ساھەسىدە ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرماقتا.
خوتەن قاشتېشىدىن ئۇيۇلغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئويمىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز،مەنزىل:
http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=forumdisplay&fid=80