تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قەتئىي قوللايمەن.چۈنكى مەن بەزى بالىلارنىڭ بولۇپمۇ باشلانغۇچتىكى سەبىي بالىلارنىڭ چوڭ ياشلارنىڭ ئەگەشتۈرۈشى ئاستىدا تورغا كىرىپ ئاشۇنداق نىجىس،مەينەت پاتقاققا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.بەزى تورخانا خوجايىنلىرى بالىلارنى كىرگۈزۈۋېرىدىكەن.بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىزلىككە چۆمدۈم ۋە قاتتىق ئازاپلاندىم.
ئەتراپىمىزدا قاپقانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.زەھەر،ھاراق-تاماكا،نېشە،تور ئويۇنلىرى،دىبا دېگەندەك شەيتاننىڭ بازىلىرى ئىبلىس چاڭگىلىنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە سۇنۇۋاتماقتا.بۇ ئەھۋال چوڭ شەھەرلەردە بەك ئېغىر.كىشىنى ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ.
شەھەرلەشتۇق،باي بولدۇق،بىنا ئۆيدە ئولتۇردۇق،رېستۇرانلاردا قاتار چايلاردا ئالدىراش دەپ كۆرەڭلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار،ئۆيدە يالغۇز قالغان بالىلىرىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟؟؟بالىلارغا تاماق بېرىپ باقسىلا ھېسابمۇ؟؟؟ ئۇلارغا مەنىۋىي جەھەتتىن كۆيۈنىدىغان،تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلىرىگە سىرداش بولۇپ يۆلەك بولىدىغانغا ۋاقىت ئاجراتتىڭلارمۇ؟؟؟ تولىمۇ ئەپسۇس، ئەسلىدىنلا دىننى يەكلەپ،پەقەت بالىلارنى زورلاپ مىنكاۋخەن قىلىشتىن باشقىغا چولىسى يوق مەكتەپلىرىمىزدىن مىللىتىمىز بالىلىرىنى ئىمان-ئەخلاقلىق،جۇشقۇن،جەسۇر،مەدەنىيەتلىك،مۇستەقىل،ھاياتىي كۈچكە تولغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈمىدىنى ئەسلا كۈتمەيمىز. شۇنداق شارائىتتا ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە بولسىمۇ ياخشىراق بىرەر مۇھىت يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلمەستىن خىزمەت،ئاتالمىش ‹‹جامائەتنىڭ قاتار چاي سورۇنلىرى›› ئىچىگە چۆكۈپ كېتىپ بالىلارنى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان جەمىيەتكە ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ ھېلىمۇ يېتىپ ئاشقۇدەك كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەن بىزنىڭ قەلبىمىزنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلىۋاتماقتا!!
بولسا مۇشۇ دىلبۇزۇر،كومپىيۇتېر يەنە بالىلارنىڭ دوسىتلىرىغا قاتتىق ھېزى بولساق.بالىلار يامان قىلىقلارنى،ئەجەللىك ۋىرۇسلارنى يۇقتۇرۇپ قالمىسا.ھازىرقى مۇھىتىمىزنى قاتتىق بۇلغانغان دېسەك ئوشۇق كەتمەيدۇ.ھەتتا بىر ئىچىملىك سۇدىنمۇ ھالال دەپ ئىشەنچىلىك ھالەتتە ئىستېمال قىلالمايۋاتساق.ساختىلىق قەدەمدە ئۇچراپ تۇرغان.
كومپىيۇتېرنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن باشقىغا تۇتقۇزغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى زادى،سېرىق تور بەتلەرنىڭ دەستىدىن!!
يا تازىلايدىغان بىرەر سېستىما يوق،ھەي،....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hatem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 05:12 PM