بىز بىر دىنسىز ئىنسانپەرۋەر دېموكراتىيە ئىچىدە بىر ئاز سانلىقلار بولۇپ ياشاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز ئىمانلىق ئادەملەر ۋە ئۈممەتلەر بولۇشتىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن ئامېرىكىلىق ۋە بىر دۆلەتنىڭ گراجدانى بولۇشتىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۇنداق جىددىي ۋەزىيەت كلاسسىك ئىسلامدا مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بىزنىڭ باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بېرىۋاتقاندا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئىسرائىلىيىنى قوللاۋاتقاندا بىز قانداق قىلىمىز؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز باشقا مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدا ئىنتايىن كۆپ خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا بىز قانداق قىلىمىز؟ بىز مۇشۇ دۆلەتتىكى باج تاپشۇرىدىغان گراجدانلارمىز. بۇ سوئاللارغا بىرەر ئاسان جاۋاب مەۋجۇت ئەمەس.
بۇ سۆزلەرنى ھەقىيقەتەن ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تېگىشكىك!