مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 12:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەھۋە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟

ئىلاۋە:  مەن تورداشلار يازغان قەھۋەنىڭ زىيىنى توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى كولومبىيا ئۇنىۋېرسىتېتى (Colombia University)  دا تېببىي ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىندىشىمىز دوكتۇر مەمەت ئېمىنگە بىر پارچە قىسقا يازما تەييارلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدىم.  ئۇ تۆۋەندىكىنى يېزىپ ماڭدۇرۇپتۇ.  بۇ يازمىنىڭ يۇقىرىدىكى تېمىسىنى مەن قويۇپ قويدۇم.  مەنمۇ بۇرۇن قەھۋەنىڭ تەن-سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر قانچە پارچە ئىنگلىزچە دوكلاتلارنى كۆرگەن.  تۆۋەندىكىسى دوكتۇر مەمەت ئېمىن تەييارلىغان يازما:


ئەمىلىيەتتە مەيلى چاي بولامدۇ ۋە ياكى قەھۋە بولامدۇ سۈپىتى (پاكىزلىقى ۋە تەركىۋى) ئۆلچەمگە يەتكەنلا بولسا ۋە مۇھاپىق ئىستىمال قىلىنسا، يەنى كۈنىگە 4 ئىستىكان ئەتىراپىدا بولسا (ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 6 ئىستىكاندىن ئېشىپ كەتمىسە) ساغلاملىققا پايدىسى بار، دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر. ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى كوفىن (caffeine) غا كەلسەك، ئۇ پەقەتلا غىدىقلۇغىچى بولۇپ، بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان كوك (Coke)، شاكىلات قاتارلىق نۇرغۇن يىمەك-ئىچمەك تەركىۋىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بار، ئۇنى ئىستىمال قىلسا زىيانلىق دىيىشنىڭ ئورنىغا ھەرقانداق نەرسىنى نورمالدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلسا زىيانلىق دىگەن ياخشى. مەسىلەن گوش-ماينى كۆپ ئىستىمال قىلساق ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان سىمىزلىك سەۋەبىدىن ساغلاملىققا ئىلىپ كەلگەن زىيان ھەرگىزمۇ كوفىندىن تۆۋەن ئەمەس. مۇچ، يەنى لازا قاتارلىق ئاچچىق چۈچۈك يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىنى يوقمىكەن؟، تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلساق زىيانلىق ئەمەسمىكەن؟ ئۆتكەن يىلى ئامېركىدىكى ئەڭ داڭلىق يۈرەك دوختۇرى مەھمەت ئۆز «شىكەر دىمەكلىك زەھەر دىمەكلىك" دىگەن ئىدى. يەنى دىمەكچى بولغىنى شىكەرنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ئىلىپ كەلگەن زىيىنى نۇرغۇن زىيانلىق دەپ قارالغان مادىلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك كوك تەركىۋىدىمۇ كوفىن بار، بىراق كوكنىڭ ئاساسلىق زىيىنى كوفىن بولماستىن، بەلكى تەركىۋىدىكى شىكەر. ئامىركىدا سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل ھىساپلىنىدۇ، دىمەكچى بولغۇنۇم گوش-ماي ۋە شىكەرنىڭ ساغلاملىق جەھەتتە ئامىركا خەلقىگە ئەكەلگەن زىيىنى باشقا زىيانلىق دەپ قارالغان نەرسىلەردىن يۇقۇرى. يەنى سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۇپ كەتكەنلەر راك كىسىلى، ئەيدىس كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن كۆپ يۇقۇرى. شۇڭا مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا ئۇنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتىۋىلىپلا، قالغان تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ. ماشىنا ھەيدىسەكمۇ ۋەقە پەيدا بولۇپ باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇشىمىز مۇمكىن، بىراق بىز بۇ سەۋەپتىن ماشىنا ھەيدەشتىن ۋاز كەچمەيمىز، ئەكسىچە قاتناش قايىدىسىگە بوي سۇنغان ئاساستا، ئىھتىيات قىلىپ ھەيدەيمىز. چاي ۋە قەھۋەنىڭ مەلۇم جەھەتتە زىيىنى بار بولۇشى مۇمكىن، بىراق مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئىلىپ كېلىدىغان پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا چاي ۋە قەھۋە تەركىۋىدە antioxidant (抗氧化剂) بار بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ماددا ئىكەنلىكى تالاش تارتىش قىلمايدىغان مەسىلە، ئۇندىن باشقا چاي قەھۋەنىڭ يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە، 2-تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتەرىنى تۆۋەنلىتىش، ئىسىدە ساقلاش قابىلىتىنى ئاشۇرۇپ، دىققىتىنى يىغىش قاتارلىق پايدىلىرى بار ئىكەن. چاي بىلەن قەھۋە ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق، ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شەرقتە چاي كۆپ ئىشلەپ چىرىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇ يەردىكى خەلق تارىختىن بۇيان چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن؛ قەھۋە غەربتە كۆپرەك ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولغاچقا ئۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 12:51:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Uyghurbufet يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 01:52 PM
دەسلەپتە ھارام دەپ پەتىۋا چىقىرىلغان ……قەھۋە، باسما خ ...

پىكىرىڭىز گە ئەگەشتىم!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95520
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 09:15:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىلىمخۇمار قىرىندىشىم  ئاللا بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، تىنىڭىزنى سالامەت ئائىلىڭىزنى خاتىرجەم قىلسۇن . سىز گە كوپ رەخمەت . سىزنىڭ يۇللاۋاتقان تىمىڭىز بىزدەك بىر دىنسىز دولەتتە ياشاۋاتقانلار  ئۇچۇن قوللۇنۇشچانلىقى يۇقۇرى بولغان تىما ئىكەن . پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى  ئىكەن . ئوزىنىڭ ياشاۋاتقان زامان- ماكان نى چىقىش قىلماي  تەبلىغ ۋە پەتىۋا بىرىش  دىمىسىمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس . زامان ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . ماكانىمىز  قانۇننى دوجنىسى بىلەن چىقىرىپ ھوجقەت  ،سىياسەت بىلەن باشقۇرىۋاتىدۇ . مۇشۇنداق شارائىتتا . بىز 16- ئەسىردە . 17- ئەسىردە 19 - ئەسىردە  ئىسلام پادىشالىقىدا ئوتكەن  داڭلىق ئىسلام ئولىمالىرىنىڭ پەتىۋاسىنى . ئوزگەرتمەي ئەينەن قوللانساق ،ماكان زامان بىلەن ھىساپلاشمىساق . ئۇ چاغدا ، ياخشى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئۇنىمى يامانغا ئورۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن .بۇ بىر مەسىلە ،چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغان مەسىلە .ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى دىننى ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇستىگە يۇكلەنگەن چوڭ تىما .  
    ئوزىنىڭ مەدىنىيىتىدىن تانغان مىللەت تولىمۇ بىچارە مىللەتتۇر .تولىمۇ  ئەقىلسىز مىللەتتۇر  . ئۇيغۇرلار . تۇركى قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار مىللەتتۇر . ئەگەر ھىدايىتۇللا ئاپپاق خۇجا بىلەن  قۇ تۇلكە سۇزۇڭتاڭنىڭ . نادانلاشتۇرۇش  سىياسىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان بولسا . ھىلىھەم دولىتىمىزدە .ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ماڭئالايدىغان شۇنداق بۇيۇك مىللەتتۇر .   خوش شۇنداق بىر تارىختا ئوزىگە خاس مەدىنىيەت ياراتقان بىر ئۇلۇغ مىللەت . نىمىشكا كىيىم كىچەكتە باشقىلارنىڭ  مەدىنىيەتنى  ئارىيەت ئالىدىكەنمىز .  بىزمۇ ئوزىمىزگە خاس بولغان . ئۇيغۇرلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان كىيىملىرىمىز بىلەن ئىسلامچە ياسانساق بولمامدىكەن ؟.نىمە ئۇچۇن   ياراشمايدىغان .ھازىرقى مەدىنىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ،كىيسە ھەممە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان . قارا ھىجاپنى كىيىپ كوزەينەق تاقاشنى تەشەپبۇس قىلىمىز . زامانغا ماكانغا لايىقلاشتۇرۇپ  ئوزگەرتىپ ئوزىمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنى سىڭدۇرۇپ ئىسلامچە كىيىملەرنى ئىشلەپ چىقارمايمىز .؟
   (4) ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر زىيالىي تاللىغاندا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئۆزىڭىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش ھاياتتا ياشاۋاتقان، سىزنىڭ زېمىنىڭىزدا، سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىزنىڭ ئىچىدە، ۋە سىزنىڭ جەمئىيىتىڭىزدە ياشاۋاتقان بىر زىيالىينى تاللاڭ. بۇ مېنىڭ سىزگە بېرىدىغان بىر تەكلىپىم. ھازىر ئىسلامدا نۇرغۇن ھەرىكەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئىسلامنى بىر ئادەم ئۈمىد قىلغاندەك دەرىجىدە تارقىتالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلار پەتىۋالارنى ئۆزلىرىنىڭ قېشىدىكى زىيالىيلاردىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يۇرتىدىكى ياكى ئەسلىدىكى دۆلىتىدىكى زىيالىيلاردىن ئېلىۋاتقانلىقىدىندۇر. بۇ يەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر پەتىۋانى مىسىردىن ئەكەلدۈرىدۇ، بىر قىسىملار پاكىستاندىن ئەكەلدۈرىدۇ، يەنە بىر قىسىملار بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئەكەلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى كىشىگە خۇددى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى پەقەت ئاشۇ زىيالىيلارلا چۈشىنىدىغاندەك بىر تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئەمما، ھازىرقى پاكىت شۇكى، ئۇ زىيالىيلار ئۆز جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەمما، سىز بىر دىنسىز دېموكراتىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن دىنسىز دېموكراتىيە ئىچىدە زادىلا ياشاپ باقمىغان بىر زىيالىيدىن پەتىۋا چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان بىر قوشنىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىشىدا ئۆز ئۆمرىدە بىرەر ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان زىيالىيدىن پەتىۋا سورىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق ئىشلاردا چوقۇن ئىنسانلىق ئېلېمېنتلىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار بەلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك. ئەقىلنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ كىتابلاردىن كەلمەيدۇ. بۇنى بىر ئومۇمىي قانۇنىيەت سۈپىتىدە ئەستە تۇتۇڭ. ئەقىلنىڭ كۆپىنچىلىرى ھاياتتىن كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇشتىن ئەمەس. سىز رېئاللىققا نەزەر تاشلاپ، ئاندىن «مېنىڭچە بۇنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەيسىز. شۇڭلاشقا، مېنىڭ شەخسىي تەكلىپىم، سىز زىيالىيلارنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان يەردىن ئىزدەڭ ...... قاراڭ بۇ نىمىدىگەن ئاقىلانە قارار .يەنە بۇنىڭغا قاراڭ .
مېنىڭ ھازىرقى كىيىنىشىمنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر ھازىرلا مېنىڭ ئۆلىمالىق سالاھىيىتىمنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇلار «سەن بىر شەيخ بولالمايسەن. قارا كىيىۋالغىنىڭنى؟ سېنىڭ بۇنداق كىيىنىشىڭ سۈننەتكە خىلاپ كېلىدۇ. سۈننەت ئۇچىغا بىر يەكتەك  (kurta) كىيىش ۋە بېشىغا بىر ئاق سەللە يۆگىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۆمرىدە ئۇنداق يەكتەك  تىن بىرەرنى كۆرۈپ باقمىغان. بېشىغا ئۇنداق ئاق سەللىنى بىرەر قېتىممۇ يۆگەپ باقمىغان. ئىبىن قەييۇم (Muhammad Ibn Abu Bakr, Ibn al-Qayyim) نىڭ دېيىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ كىشىلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۆز خەلقىنىڭ كىيىمىنى كىيىشتىن ئىبارەت (dress the cloth of his own people). چۈنكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەتراپىدىكى ئەرەبلەر نېمە كىيگەن بولسا، شۇنى كىيگەن. شۇڭا ئەگەر سىز سۈننەت بويىچە ئىش قىلماقچى بولىدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆز مەدەنىيىتىڭىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىڭىز كېرەك. مېنىڭ كىيگىنىم بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم.
   
   دىمەك بىز ئۇيغۇرلار . زامانغا خاس ،مىللى ئالاھىدىلىگىمىزنى قوغداپ  ۋە ئۇنى يوقاتماي  . دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىمىز ،ئوز مەدىنىيىتىمىز قوغدىشىمىز .دىننىمۇ ، پەننىمۇ قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىشىمىز كىرەك .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 09:55:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا غەرپ دۇنياسىدىن نېمە ئۈچۈن كەينىدە قالغانلىقىغا جاۋاپ  مانا بۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 12:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن بۇ تىمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بىلىمخۇمار ئاكىغا ئاللاھ ئەجىرنى بەرسۇن .يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلار ئەمىليەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىمۇ مەۋجۇت،ئىسلامىيەتكە ئادىل قاراپ ،بەزى    چىگىش مەسىلىلەرنى ،ھەقىقى كەسىپ ئەھلىدىن ،مۇسۇلمان زىيالىيلاردىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ توغرا يولغا ماڭايلى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 887
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 04:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمخۇمار ئاكىمىزنىڭ دىنى جەھەتتىكى بىلمىمۇ موللىشىپتۇ،رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105280
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:25:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رازى بولسۇن !

ئەمەتقارى ئەخەت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17528
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7230
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 11:46:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Eliyop يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 04:39 PM
بىلىم خۇمار ئاكا ياخشى تىمىلارنى يولاۋاتىسز لىكىن تى ...

قېرىندىشىم ،سېزنىڭ ۋاختىڭىز يەتمىسە بىزنىڭ يېتىدۇ ئەمەسمۇ ؟؟؟

ئەمەتقارى ئەخەت(تۆت كۆز) تاپسام تەر تۆكۈپ تىرياقنى تەستە، تالاي تەشۋىشلەر تەشتى تەپرىقنى. تاشتى تاراملاپ تارام تامچىلار، تىلەپ تەلمۈرۈپ توقۇپ تەسبىھنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 11:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق تىما ئىكەن ،رەھمەت ئەركىن ئاكا!

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17785
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7223
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 01:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ھەزىرتى ئۆمەر فىلىمىنى تاپالمايۋاتىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش