مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

پانۇس كۆتۈرگەن قىزچاق(ۋەھىمىلىك ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوق  بولغاچقا تازا مەززىسى بولمىدى.تىزراق يېزىڭە بىزنى ساقلىتىۋەرمەي قارسام سىز مۇشۇ خىل ئۇسلۇپتىلا ئەسەر  يازامسىزكىن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 07:39 PM
داۋامىنى كىچىسى يازمايدىغانسىز         كىچىسى ئۇقۇپ مىنى  ...

ۋاي ۋۇي نىماندا قىزىق گەپ قىلدىغانسىز سىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانا تۈگەپ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                             پانۇس كۆتۈرگەن قىزچاق

                                                  (رۇستەم بەكرى)

                                                          (3)

.............................................................
لېكىن بىز 4،،5 كېلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئەرشىدىن قورسىقىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى دەپ. ماشىنىنى توختىتىشنى ئۆتۈندى. ئەمما مېنىڭ كاللامغا بۇ چاغدا چاقمات تېزلىكىدە بۇ ياقلاردا ماشىنا توختىتىشنى خالىماسلىق خاھىشى غىل-پاللا كەچتى. ئەمما، لېكىن توختاتمىسام بولمايتتى......
لېكىن قانداقتۇر، كاللامدا توختاشقا قارىشى بىر خىل ئىنكاس توختىماستىن سېگىنال بەرگەندەك تويغۇ بار ئىدى..................
...............................................................

شۇنداقتىمۇ مەن ماشىنىنى تېز سۈئەتلىك يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاتتىم. ئاندىن ئالىيەگە:
-كامىرانغا سەن ھەمرا بولۇپ تۇر. مەن ئەرشىدىننى سىرتقا ئەپ چىقىپ كېلەي. دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم.
بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ يولنىڭ سول تەرىپىدىكى 2 مېتىر تۆۋەندىكى تاش-شېغىللىق يەرگە چۈشۈپ ماشىنىمىز بار نۇقتىدىن بىر ئاز يىرراقلىدۇق.....
بىر ۋاقىتتا ئەرشىدىن تۇيۇقسىزلا ماڭا:
-رۇستەم ئاكا! دەپ مېنى چاقىرغاندەك قىلدى. لېكىن مەن بىر ئىشنى ئويلاپ تۇرغاچقا دەماللىققا ئىنكاس قايتۇرمىدىم. ئاندىن ئۇ مېنى ئاڭلىسۇن دېگەندەك يەنە بىر قېتىم كۈچلۈكرەك توۋلىدى.
-ھە، نېمە گەپ ئەرشىدىن؟
-مەن دېمەكچى ئاكا، مەن،،، مەن،،، سەل قورقىۋاتىمەن. دېدى.
-قورقىۋاتىمەن؟ نېمىگە قورقىسەن؟مانا ماۋۇ يەردە مەن بارغۇ؟ ئارىلىقىمىز پەقەت 20 مېتىردەكلا كېلىدۇ. دېيىشىمگىلا ئۇ:
-مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مېنى بىر خىل سۈر بېسىپ قالدى.
-نېمىگە ئەمدى؟
-مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بايا كامىران يولدا كېتىۋاتقاچ ئۇنى كۆردۈم، بۇنى  كۆردۈم دېگگن گېپى بولمامدۇ. ھەم ئالىيە ھەدەمنىڭ كېيىنكى ئىپادىسى، دېدى.
-بەلكىم ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ كامىران بەك چارچاپ كەتكەچكە ئۇنىڭغا شۇنداق كۆرۈنۈش كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەم يەنە ئالىيەمۇ قەستەن سېنى ھەم مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇمۇ كامىرانغا كېيىن ماسلاشقاندۇ بەلكىم دېدىم.
-لېكىن شۇنداق بولسىمۇ......، دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمەي توختاپ قالدى.
-لېكىن شۇنداق بولسىمۇ؟ نېمە لېكىن شۇنداق بولسىمۇ؟ قېنى ئېنىق دەپ باقمامسەن. دېيىشىمگىلا ئۇ:
-مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن ئويلايمەن، ھەدەم ماڭا قارىغاندا كامىران ئىنىمغا بەكرەك ئامراقمىكىن دەپ ئويلايمەن دېيىشىگىلا ماشىنىدىن:
-رۇستەم ئاكا! بولدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىشى تۈگىدىمۇ دېگەن ئالىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاندىن ئەرشىدىن ماڭا يەنە بىر ئاز ساقلاپ تۇرسۇن دېگەچكە. ئالىيەگە يەنە سەل ساقلاپ تۇرۇشنى دەپ قويدۇم.
-ئىشقىلىپ مەن شۇنداقراق ھېس قىلىپ قالدىم. خۇددى ئۆزەمنى چەتكە قېقىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. يەنە بىرسى بۈگۈن قارىسام كامىران ئىنىم سەن بۈگۈن ئەتىگەن ھەدەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلغان ھېلىقى ئوخشاش بىر جۈپ مارجان شەكىللىك قاشتېشى بىلەيزۈكنى كامىران 3 كۈن تاقاپ تۇراي دېگەندە بىرسىنى بېرىپ تۇردى. شۇڭا مەن شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم دېدى.
-ھەي، سەنمۇزە قىزىق گەپ قىلىدىكەنسەن. ئۆزۈڭمۇ 15كە كىرەي دەپ قالدىڭ. ئىنىڭ بولسا ئەمدى 10غا كىردى. سەن شۇنىڭغىمۇ ئەمدى باشقىچە ئويلاپ كەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟ ھەدەڭ ھەر ئىككىڭلارغا ئامراق.
-ھە راست ئاكا، سەن ئۇ مارجان شەكىللىك قاشتېشى بىلەيزۈكنى نەدىن ئالغان؟ بەك چىرايلىق ھەم قەدىمىي كۆرۈنىدىكەن، دېدى.
-ئۇنى بىر ئاغىنىمىز ئۆيىگە بىزنى مېھمانغا چاقىرغاندا سوۋغا قىلغان. كۆزۈمىزنى يۇمۇپ ئالغان چاغدا سوۋغاتلىق ساندۇقچىدىن شۇ چىققان دېدىم. ئاندىن:
ئىشىڭ تۈگىگەن بولسا بولدى ماڭايلى دېيىشىمگىلا ئۇ:
-رۇستەم ئاكا! قارا! مەن بىر نەرسە تېپىۋالدىم! دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. بۇ چاغدا مەن دەرھاللا ئارقامغا ئۆرۈلدۈم.
ئۇ بولسا بىر چوڭ ئېلان تاختىسى ئورنىتىلغان يوغان بىر سېمونت ستولبىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ماڭا گەپ قىلىۋاتقان ئىدى.(بىز باشتا ماشىنىدىن چۈشكەندە ئۇ بىر تەرەپكە، مەن بىر تەرەپكە كەتكەن. ھەم ئەدەپ يۈززىسىدىن ئارقامغا قارمىغان، ۋە سۆزلەشكەندىمۇتېلېفۇن ئويناپ تاماكا چەككەچ پاراڭلاشقان ئىدىم).  شۇنىڭ بىلەن تەڭ كاللامغا بىر ئىش غىل-پال قىلىپلا ئۆتكەندەك بولدىدە، تېزدىن يۈگۈرگەن پېتى ئەرشىدىننىڭ يېنىغا قاراپ چاپتىم.
مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىم بولسا، داكىدىن ئورالغان سېپى شۇنداق كونىراپ چىرىپ كېتەي دەپ قالغان بىر پىچاق شەكىلىگە ئوخشاپ قالىدىغان ئەينەك پارچىسى ئىدى. ئۇ ئەينەك پارچىسى داغدەك تۇراتتى. مەن ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ يانفۇنۇمنىڭ چىرىقىدا قارغىنىمدا، ئۇ داغلار خېلى ئۇزۇن بولغان قېتىپ ئۆڭۈپ كەتكەن قاندەك كۆرۈندى. شۇندىلا كاللامغا بىر نەرسە ئېنىق كەلدى دە، قولۇمدىكى ئۇ ‹‹پىچاقنى›› ئاستا يەرگە قويۇپ قويۇپ،دەرھاللا:
-ئەرشىدىن! ئىشىڭ تۈگىدىمۇ؟ دېدىم.
-ھە، تۈگىدى ئاكا.
-تۈگىگەن بولسا تېز بول، ماڭايلى. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلى.
-نېمىشقا؟ دەپ ئەندىكىپ سورىدى ئەرشىدىن.
-باشقا ئىش يوق، مەن دېمەكچى ۋاقىت خېلى كەچ بولۇپ كەتتى. شۇڭا دەيمەن دېدىم دە، مەنمۇ ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تېزدىن يۈگرەپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا چىقىپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئەمما ئىككىمىزلا ماشىنىغا قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدۇق! چۈنكى ماشىنا قۇپقۇرۇق ئىدى. ماشىنا ئىچىدە ئالىيە بىلەن كامىراننىڭ ھېچقايسسى يوق. بۇ ۋاقىتتا مەن دەرھاللا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چەكسىز كەتكەن سايلىققا قاراپ، ئەتىراپتىن ئۇلارنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ تېپىشقا كىرىشتىم. لېكىن ئۇلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدىم.......
ھەم مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كاللامغا بىرخىل سۈرلۈك ئەسلىمە كەلدىدە، قانداقتۇر بىر شۇملۇق قاباھەتنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلىپ، مېنى ۋەھىمە قاپلاشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا قول چىراقلارنى ئېلىش ئۈچۈن ماشىنام تەرەپكە قاراپ يۈگىدىم...............




-كەچۈرۈڭلار، ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن (داۋامى بار).
توغرا چۈشەنگەيسىلەر.


(سەمىمىي ئەسكەرتىش: باشقا مۇنبەر ھەم بلوگ ۋە ئۈندىدار سالونىغا يۆتكىسىڭىز ئاپتۇر ھەم ئۈشبۇ مىسرانىم تور ئادېرىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ).



زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:16:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان داۋامى چىقار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:30:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ،  
سەمىمى ئەسكەرتىش  نىم ئۈچۈن ھەممە ھىكايىڭىزدە  گىتتارنى تىلغا ئالىسىز، ئاندىن قەلەي قۇتا دىگەن گىپىڭىزمۇ بار ،؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:27:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت ماز بالاڭزا مۇشۇ ، يا يوللىماي تۇمايدۇ يوللىسا داۋامىنى چىقارمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98653
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنامەن  تېزراق مۇنبەرگە يوللىۋېتەرسىز ھە

ئوڭۇشسىزلىق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ بوسۇغىسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:31:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 11:27 PM
دەششەت ماز بالاڭزا مۇشۇ ، يا يوللىماي تۇمايدۇ يوللىسا  ...

شۇ گەپ ئەمەسمۇ يوللىغانكى جىقراق ياكى ھەممىنى بىر يوللىماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98653
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىرچان بولۇپ داۋامىنى ساقلايلى قېرىنداشلار   
مۇشۇنداق داۋامى بار دېگەن ئەسەرلەر ئادەمنى تېخىمۇ بەك قىززىقتۇرىدىكەن

ئوڭۇشسىزلىق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ بوسۇغىسى...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش