مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

پانۇس كۆتۈرگەن قىزچاق(ۋەھىمىلىك ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اللە ئېشلىرىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3741
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 01:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى چىقىپ بولغىچە باشتىكى قورقۇنۇچلۇق ھىسياتلار يوقاپ كىتىپ ئادەم دىگەندەك رازى بولمايدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                پانۇس كۆتۈرگەن قىزچاق
                                             
                                                     (رۇستەم بەكرى)

                                                             (4)


................................................................
ھەم مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كاللامغا بىرخىل سۈرلۈك ئەسلىمە كەلدىدە، قانداقتۇر بىر شۇملۇق قاباھەتنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلىپ، مېنى ۋەھىمە قاپلاشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا قول چىراقلارنى ئېلىش ئۈچۈن ماشىنام تەرەپكە قاراپ يۈگرىدىم...............
................................................................

  مەن ئەرشىدىن بىلەن بىرىمىز بىردىن قول چىراقنى ئېلىپ بىرىنچى بولۇپ جەنۇبىي تەرەپتىكى تاش-سايلىق يولغا ئۆتتۇق. چۈنكى بىز باشتا ئەرشىدىن بىلەن ئۆتكەن يەر شىمال تەرەپتىكى ئىككى يول ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئىدى. مەن ئەرشىدىن بىلەن بىللە ئالىيە ھەم كامىراننىڭ ئىسملىرىنى توۋلاپ مۇشۇ 300 كۋادرات مېتىردەك يەردىن ئىزدىدۇق. ئەمما ئۇلارنى كۆرمىدۇق ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ساداسىنى ئاڭلىمىدۇق.
بىر ۋاقىتتا ئەتىراپىمغا قارسام ئەرشىدىن يوق. شۇنىڭ بىلەن مەن جىددىيلىشىپ، قاتتىق توۋلاپ ئەرشىدىننى چاقىردىم. بىر چاغدا تۇيۇقسىز ئەرشىدىننىڭ: -‹‹ھە، مانا مەن›› دېگەن ئاۋازى غەرىپ تەرەپتىن، يەنى ئارقامدىن ئاڭلاندى. مەن دەرھال ئۆرۈلۈپ قارسام ئۇ 100 نەچچە مېتىردەك غەرپ تەرەپتىن مېنىڭ يېنىمغا قاراپ يۈگرەپ يېتىپ كەلدى. مەن ئاچچىقلىنىپ:
- بۇ كېچىدە بۇ يەردە يالغۇز قالايىمىقان خالىغان يەرلەرگە چېپىپ يۈرمە! دېيىشىمگىلا ئۇ:
-مەن شۇ ئەتراپتىن ئىزدەپ باقاي دەپ شۇ ياققا كېتىپ قاپتىمەن. ھە راست! يەنە بىر ئىش، مەن ئاۋۇ يەردىكى بۇ يولنىڭ ئاستىدىكى قىيان ئۆتىدىغان تونىلنىڭ چىقىش ئېغىزى ئالدىدا بىر 10 نەچچە ياشلاردىكى بىر قىزنى كۆردۈم.ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن گەپ سورىسام ئۇ خۇددى گاسمۇ ياكى گېپىمنى چۈشەنمىدىمۇ بىلمىدىم، ئۇ ماڭا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. مەن ھەدەم ھەم ئىنىمنى سورىسام، ئۇ ماڭا يەنىلا جاۋاب قايتۇرماي، پەقەت ئۆزى تۇرۇۋاتقان شۇ قىيان ئۆتۈشمە تونىلىنى كۆرسىتىپ، ئاندىن ئۇدۇل تەرەپنى، يەنى بىزنىڭ ماشىنىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىرەك يەرنى كۆرسەتكەندەك قىلدى دېدى.
مەن بۇ چاغدا كاللامغا قانداقتۇر بىر ئوي كەلگەندەك ئەرشىدىنگە:
-جۈرە ئەرشىدىن تېز بول! بىز دەرھال شۇ كىچىك قىز بار يەرگە بېرىپ باقايلى دېدىم دە، ئىككىمىز تەڭلا يۈگۈرۈپ شۇ يەرگە باردۇق.
بىز ئۇ يول ئاستىدىكى قىيان ئۆتۈشمە تونىلىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ يەردە ھېچقانداق ئادامنىڭ سىماسى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قول چىرىقىمنى بۇ تونىلنىڭ نەچە مېتىر ئىچىگە چاقسام، ئۇ يەردە پەقەت 3،،4 تال شۇنداق كونراپ كەتكەن ئەسكى لاتا قونچاق ھەم 10 نەچچە تال ئاللىقاچان كۆيۈپ ئېرىپ بولغان شامنىڭ كونا ئىزناسى باركەن. بەلكىم خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئوخشايدۇ. مەن شۇندىلا بۇ ئىشلارنىڭ سەل بىنورماللىقىنى ھېس قىلىپ ئەرشىدىننى بىلەن دەرھاللا ئەرشىدىن ماڭا دەپ بەرگەن ھېلىقى، يەنى ماشىنىمىزنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئاستىدىكى يەنە بىر قىيان ئۆتۈشمە تونىلى قاراپ يۈگۈردۇق...
بىز بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ تونىلنىڭ نەچچە مېتىر ئىچىگە قول چىراق يورۇقىدا قاراپ ئىككىمىزلا ھەيران قالدۇق! چۈنكى بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا 3،،4 تال كونا ئەسكى لاتا قونچاق ۋە باشتىكى يەردكىگە ئوخشاش شام قالدۇقلىرى بار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا كاللام توختاپ قالغاندەك بىر خىل بولۇپ قالدى. ۋە كۆڭلۈممۇ بىر خىل ۋەھىمە ھەم شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى.
بۇ چاغدا مەن تۆۋەندىن، يۇقىرىدىكى يول ئۈستىدىكى ماشىنامغا قارىدىم. نەتىجە ماشىنا يەنىلا قۇپقۇرۇق ئىدى. ئەمدى مەن ئەرشىدىن بىلەن يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتتۇق. ۋە يەنە بىر لېنىيە يولغىمۇ ئۆتۈپ شىمال تەرەپتىكى چەكسىز كەتكەن سايغا قاردۇق. ئەمما يەنىلا ھېچقانداق ئىنسى_جىن يوق. مېنىڭچىمۇ بۇ تەرەپكە ئۆتسە ئوتتۇرا ئارىلىقتىن كۆزگە چېلىقار ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز ئارقىمىزغا يېنىپ ماشىنىمىز تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق.
بىز ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىرەر مىنۇتتەك ئەتىراپىمىزغا قاراپ تۇرۇپ كەتتۇق. مەن بۇ چاغدا قول چىراقنىڭ يورۇقىداتۇيۇقسىز ئەرشىدىننىڭ ئوڭ بىلىكىدىكى، مەن ئەتىگە ئالىيەگە سوۋغا قىلغا مارجان شەكىللىك قاشتېشى بىلەيزۈكنىڭ بىرىنى كۆرۈپ قالدىم دە، ئەرشىدىندىن:
-ئەرشىدىن، بۇ بىلەيزۈك سەندە تۇرىدىغۇ ئەمدى؟ دېدىم ھەيرانلىق بىلەن.
-ھە، بۇنى مەن بايا ماشىنىنى ئارقىسىدىكى قول چىراقنى ئالغىلى بارغاندا شۇ ئارقا ئورۇندۇقتا تۇرۇپتۇ. بايا كامىران تاقىۋالغان بىلەيزۈك ئوخشايدۇ، دېدى.
مەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئۇ بىلەيزۈكنى ئېلىۋېلىپ، بېرىپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا قارىدىم. ئەمما ھېچنېمىنى بايقىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەۇزۈكنى سول قولۇمغا تاقىغاچ يولنىڭ ئوڭ ياققىسىغا ئاستا مېڭىپ باردىم. مەن يول گىرۋېكىدە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ماشىنىمىزنىڭ 30 نەچچە مېتىردەك ئالدىدىكى يولنىڭ ئاستىدىكى قىيان ئۆتۈشمە تونىلىنىڭ ئالدا غۇۋا بىر سىمانى كۆردۈم ئۇ دەل بىز بايا كىرگەن 2- قىيان ئۆتۈشمە تونىلى ئىدى. ئەمدى مەن يول توسىقىنى ئاتلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، دەرھاللا ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگرىدىم. مېنىڭ ئارىلىقىم ئۇنىڭ بىلەن 10 نەچچە مېتىردەك قالغاندا، غۇۋا ئاي يورۇقىدا ئۇنىڭ بىر 10 نەچچە ياشلاردىكى كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بەلكىم كىچىك قىز بالىدەكمۇ قىلاتتى. ئەگەر قىز بالا بولۇپ قالسا ئەجىبا بايا 1- قېتىم ئەرشىدىن كۆرگەن قىز شۇمىدۇ؟ دېگەنلەر تېزلىك بىلەن يادىمغا يېتىپ بولغىچە، ئەرشىدىننىڭ:
-رۇستەم ئاكا! نېمىش بولدى؟! دەپ يۈگرەپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال توختاپ ئۇنىڭغا قاراپ ساقلاپ تۇردۇم. ھەم كەلگىچىلىك ۋاقىتتا ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارسام بايامقى كىچىك بالا يوق ئىدى.
ئەرشىدىن يېنىمغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى قىسقىلا دەپ بەردىم. ھەم شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز يول ئاستىدىكى ئۇ تونىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول چىراقلارنى چاقساق ھېچنېمە يوق.
ئەمدى نېمىلا بولمىسۇن، ئەرشىدىن ئىككىمىز مۇشۇ قىيان ئۆتۈشمە تونىلىنىڭ مۇشۇ ئېغىزىدىن يەنە بىر ئېغىزىغا ئۆتۈپ باقماقچى بولۇپ ئاستا ماڭدۇق. ھەر ھالدھ بۇ تونىلنىڭ ئىچى كەڭرەك ھەم ئادەم بويى ئېگىزئىكىدە ئىدى. بىز يەنە بىر ئۇچىغا چىققۇچە، قاچانلاردە ئۆلگەنلىكى نامەلۇم، ئىشقىلىپ 7،،8 دەك چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىدىن باشقا بىزگە ھېچنېمە ئۇچىرمىدى.
بىز تونىلنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ چاغدا، بۇ تونېل ئېغىزىنىڭ ئالدىدىكى يەردە قول چىراقنىڭ نۇرىدا بىر نەرسە پارقىراپ كۆرۈندى. مەن ئاستا ئېڭىشىپ قارسام، ئۇ دەل مەن ئالىيەگە سوۋغا قىلغان بىلەيزۈكنىڭ يەنە بىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا ھەرخىل يامان پەرەزلەر كېلىپ، مېنى بىرخىل ساراسىمە ھەم جىددىيچىلىك قاپلاشقا باشلىدى..............



-كەچۈرۈڭلار، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن (داۋامى بار).
توغرا چۈشەنگەيسىلەر.


(سەمىمىي ئەسكەرتىش: باشقا مۇنبەر ھەم بلوگ ۋە ئۈندىدار سالونىغا يۆتكىسىڭىز ئاپتۇر ھەم ئۈشبۇ مىسرانىم تور ئادېرىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ).

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا ، تىزراق بۇلىڭە.

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىنكاس شەكلىدە يوللاۋەرسىڭىز ئەسىرىڭىزئاۋات تىىمىلارۋەيېڭى ئىنكاسلىق تىمىلار قاتارىدىن چۈشمەي تۇرغۇدەك

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس شەكلىدە ساقلىۋالاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9167
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاخىرىنى ئوقۇمايمەن شۇنداقمۇ ئىچىمنى سىقتى     

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:43:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىزغۇ  ياخشىكەن،،لېكىن ،،،،،،،،،،،،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 06:21:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچۈرۈپلا يوقىتىۋەتسە بولغۇدەك مۇشۇنداق تېمىلارنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 07:08:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللاڭ......

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 661 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 08:57:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن ،لىكىن بەك ئاز ،كۆپرەك يوللسىڭزچۇ شۇنداق قىززقپ ئوقۇۋاتسا تۈگەپ كەتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش