چىمەنA يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 11:06 AM
ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان،قىزقىدىغان ئىسىل تىمىدىن ب ...
مەن كېيىنچە ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ باقاي.
بىر قېرىندىشىمىز ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە قانچىلىك تاپشۇرۇق بېرىلىدىغانلىقىنى سوراپتىكەن. مەن بۇرۇن بىر ماتېرىيالدا ئامېرىكىدا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىرىلىگە ئاساسەن، 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 10 مىنۇتلۇق، 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 20 مىنۇتلۇق، 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر سائەتلىك بولۇپ، ھەر بىر يىللىققا بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقنىڭ مىقتارىنى 10 مىنۇتلۇقتىن قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. مەن بۇ ئىشنى بۈگۈن بىر قانچە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن سوراپ كۆرسەم، تاپشۇرۇق مىقتارى ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىكەن.
ھازىر غەرب ئەللىرىدە «بالا تەرەققىياتى» (Child Development) كەسپىدە ئوقۇغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان، ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. بولسا ئاشۇ قېرىنداشلارمۇ ئۆزنىڭ كەسپىي ساھەسىگە ماسلاشتۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسا بەك ياخشى بولار ئىدى. بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەت تۈزۈش جەريانلىرىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما، قولىدىن كېلىدىغان مائارىپچىلىرىمىز ئىمكانىيەت بولسىلا بەزى ئىلغار نەرسىلەرنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى تولىمۇ ئۆتۈنىمەن. قىلىدىغان ئىشلار بەك كوپ بولۇپ، مەن ئۆزەم يالغۇز يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمەن.