heslirim يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 07:10 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىلىكجان ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەغف ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز قەيەردىن، دوستىڭىز قەيەردە؟
دوستىڭىزنىڭ پۇتى تولۇق ساقايدىمۇ؟
دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى تېرىكچىلىگى قانداق؟ ئائىلە شارائىتى قانداق؟
دوستىڭىزنىڭ ئاشۇ ھادىسىگە ئۇچراشتىن بۇرۇنقى پەزىلىتى قانداق ئېدى؟ ئۇنىڭ ھازىر ھەقىقەتەن بۇ زەھەردىن قول ئۈزۈش نىيىتى ۋە ئېرادىسى بارمۇ؟
يۇقارقى سۇئاللىرىمغا تولۇق سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئاشكارا جاۋاپ بېرىشنى ئەپسىز كۆرسىڭىز ئۇچۇر ئارقىلىق جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئاشكارىسىي ياخشى.
ئەگەر دوستىڭىزنىڭ دورا خۇمارىدىن قۇتۇلالماسلىغىغا ئىقتىساد سەۋەپچى بولسا مەن ئۇنىڭ زەھەردىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادى يارىدەم قىلىشنى خالايمەن. ئەگەر تېنى ساغلام بولۇپ، تۇرمۇشتا باشقا چىقىش يولى بولمىغان بولسا، ئارىلىغمىز يېقىن بولسا ياكى ئائىلىسىدىن ئايرىلالىسا مەن ئۇنىڭغا بىر كىشىلىك تۇرمۇش يولى تېپىپ بېرىشنىمۇ خالايمەن (ئەلۋەتتە ئەمگىگى ئارقىلىق). شەرتى چوقۇم پەزىلەتلىك، دۇرۇس، راستچىل بولۇشى كېرەك.
زەھەر خۇمارىدىن قۇتۇلۇشىغا ئىقتىسادى يارىدەم قىلىشىمنىڭ شەرتى دوستىڭىز بۇ زەھەرگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم پەزىلەتلىك، ھالال سۆزلۈك بولغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭغا سىز ئۆز گۇۋاھلىقىڭىزغا مەسئۇل بولالىغان ھالدا سەمىمىلىك بىلەن گۇۋاھلىق بېرەلىسىڭىز يىتەرلىك. ئىككىنچىسى، بىر سەمىمى ئادەم ئۇنىڭ زەھەردىن قۇتۇلۇشىغا كېپىل بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ يارىدىمىمىز ئارقىلىق ئەگەر ئۇ زەھەردىن ھەقىقى قۇتۇلۇپ قايتىدىن نورمال ئادەم بولالىسا مەقسىدىمىز ئادا بولغان بولىدۇ، ئەگەر ئېرادىسى بوش ياكى يالغانچى بولۇپ چىقىپ، زەھەرنى تاشلىيالمىسا ئۇ چاغدا كېپىل بولغان ئادەم بىز سەرپ قىلغان ئىقتىسادى ياردەمنى تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئەمەلىيەتتە بىزدىمۇ ئارتۇق ئىقتىساد يوق، لىكىن بىر قېرىندېشىمىزنىڭ خاراپ بولۇش ئاقىۋىتىدىن ساقلىنىپ قېلىشىغا بىزنىڭ ئىمكانىيىتىمىز يار بېرىدىغان بولسا ، بىزنىڭ يارىدىمىمىز بىر قېرىندېشىمىزنىڭ ھاياتىدا بىر ياخشى بۇرۇلۇش ياسىيالايدىغان بولسا بىز بۇ يارىدەمنى ئىككىلەنمەي قىلىشنى خالايمىز. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ئېرادىسى سەۋەپلىك بۇ يارىدەمنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغان بولسا ئۇ ھالدا بۇ يارىدەم ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىزنىڭ بۇنداق ئىسراپچىلىققا سالىدىغان مەبلىغىمىز ھەقىقەتەن يوق.