aysilig يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 12:30 PM
قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا ...
تۆۋەندىكىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەككە تىرەك قويۇش توغرىسىدىكى ناھايىتى توغرا بىر چۈشەنچە بولۇپ، بۇنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئادىل ئىسىملىك بىر بىلىملىك قېرىندىشىىمىز يازغان، ھازىرچە مۇشۇ مەزمۇنلار بىلەن بەزى چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ تۇرغايسىز، مەن يۇقىرى قان بېسىم توغرىسىدا يازماقچى بولغان ماقالەمدە بۇ توغرىدا تەپسىلىي توختىلىمەن:
ئالدى بىلەن بۇ ئوپراتسىيە توغرىسىدا ئاز پاز چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش زۆرۈر .ئوپراتسىيە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى «تاجىسىمان يۈرەك كېسلى»دېگەن نېمە بۇنى بىلىش كېرەك
يۇقىردىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يۈرەكنى تەمىن ئېتىدىغان ئاساسلىق قان تومۇر تاجىسىمان ئارتىرىيە تومۇرى،ئۇ ئوڭ ۋە سول تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تومۇرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ،ئۇلار يەنە بىرقانچە تارماق كىچىك تومۇرلارغا بۆلۈنىدۇ،ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالار قان تومۇرى ئارقىلىق ئۆزىگە ئوزۇقلۇق ئىنىرگىيە تولۇقلىغىنىدەك ئەڭ مۇھىم ئەزا بولغان يۈرەكمۇ مۇشۇ قان تومۇر ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلايدۇ،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دېگىنىمىز دەل مۇشۇ قان تومۇر(غول تومۇر ياكى ئىككى تارماق تومۇر ۋەياكى ئۇلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان كىچىك تارماق تومۇرلاربۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغانلىرى)نىڭ ئىچكى دىۋارىدا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرسەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قان تومۇر قېتىشىش ۋە توسۇلۇپ قېلىشتىن پەيدا بولغان يۈرەك مۇسكۇللۇرىغا قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكىدۇر،بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى،دەرىجىسى دېگەندەكلەرگە ئاساسەن يەنە نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەل مۇشۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ جىددىي بىرخىل تۈرىدۇر
ZSMYX110225001.jpg
ئادەتتە بۇخىل كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاساسلىقى دورا بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ،يەنى قان قويۇقلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش،قان بېسىمنى تىزگىنلەش ۋەھاكازالار،ئاساسلىقى قان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قېلىپ يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.قان تومۇردىكى كىچىك توسۇلۇشلار ئۇزۇن مۇددەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ بۇ جەرياندا بىماردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ياكى قىسقا ۋاقىتلىق مەيدە ئاغرىش يۈرەك قاتتىق سېلىپ كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈنىشى مۇمكىن توسۇلۇش مەلۇم دەرىجىگە يېتىپ شۇ قان تومۇر تەمىن ئېتىدىغان مۇسكۇللاردا ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
3539588668.jpg
كۆپلىگەن بىمارلار دەل مۇشۇۋاقتىدا ئالامەت ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنىدۇ،ئەگەر قان تومۇر تۇيۇقسىز پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىپ ئۆلگەن يۈرەك مۇسكۇلى يۈرەك قېرىنچىسى ياكى دالانچىسىنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن چاغدا يۈرەك توختاپ قېلىش خەۋىپى كېلىپ چىقىدۇ.يەنى بىز ئادەتتە دەيدىغان يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش دېگىنى دەل مۇشۇ.
ئەمدى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك كۆپىنچە بىمارلار دەل شۇ قان تومۇر توسۇلۇش بىر قەدەر ئېغىر بولغان چاغدا ئالامەتلەر بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكتىن ئاندىن دوختۇرغا كېلىدۇ،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە،ئەمدى باش تېمىدىكى ئاساسلىق مەسىلە يۈرەككە تىرەك قويۇش مەسلىسى،قانداق بىمار تىرەك قويۇشقا مۇۋاپىق؟زادى تىرەك قويۇپ داۋالاش ئەۋزەلمۇ ياكى يۈرەكنى ئېچىپ ئوپراتسىيە قىلىش يەنى كۆۋرۈك سېلىش(ئۆلگەن تومۇرنىڭ ئورنىغا بىمارنىڭ باشقا يېرىدىن ساق تومۇرنى ئېلىپ ئۇلاش)ئوپراتسىيەسى قىلىش ئەۋزەلمۇ؟ ئالدى بىلەن ئىككىنچى ئوپراتسىيە يەنى كۆۋرۈك سېلىش ئوپراتسىيەسى توغرىسىدا كۆرۈپ باقايلى:بۇ خىل ئوپراتسىيە مەيدانغا كەلگىلى خېلى بولدى يەنى 50-60-يىللاردىن باشلاپ غەرپ دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن ھازىرغىچە بۇ خىل ئوپراتسىيە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلۋاتىدۇ،بۇ ئوپراتسىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى دوختۇر بىۋاستە ھالدا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرلەنگەن ئاساستا( يۈرەكنى ئېچىپ تۇرۇپ كۆز بىلەن كۆرۈپ قول بىلەن تۇتۇپ قىلىدىغان ئوپراتسىيە بولغاچقا)ئوپراتسىيە بىرقەدەر مۇكەممەل ھەم مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ.تومۇر ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار،يۈرەكنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ئېنىق بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئوپراتسىيەنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقىمۇ دوختۇرنىڭ تېخنىكىسى بىلەن باغلىق.ئەمما بۇ ئوپراتسىيەنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بولسا:1. كۆكرەكنى ئېچىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن كېسىلىدىغان ئېغىز بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ،شۇنداقلا قوۋۇرغا سوڭەك ۋە كۆكرەك سۆڭەكلەر زەخمىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
2.ئوپراتسىيە يۈرەك پۈتۈنلەي توختىتىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ يەنى سىرتتىن ماشىنا ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ساقلاپ تۇرىدۇ،گەرچە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ يۈرەكنى قايتا قوزغاتقان چاغدا يۈرەك قوزغالماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.
3.ئوپراتسىيەدىن كېيىن ساقىيىپ سەللىمازا بولۇش ئۈچۈن بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ
4.ئۆپكە قاتارلىق باشقا ئەزالارنىڭ زەخمە يېيىشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ئەمدى تىرەك قويۇش ئوپراتسىيەسى بولسا 90-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىمارنىڭ بىلەك ياكى يوتىسىدىكى قان تومۇر ئارقىلىق نەيچە كىرگۈزۈپ شۇ نەيچە ئارقىلىق بۇزۇلغان تومۇرنىڭ ئىچىگە ئالاھىدە ياسالغان تومۇر كېڭەيتىش ئۈسكۈنىسىنى سېلىش ئوپراتسىيەسىدۇر.بۇ ئوپراتسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئوپراتسىيە زەخمىسى يوق دېيەرلىك بىمار بۈگۈنى ئوپراتسىيە قىلغان بولسا ئەتىسى كارۋاتتىن چۈشسە بولىدۇ،كۆپىنچە ھاللاردا جىددى خارەكتىرلىك يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق بىمارنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر مۇقىم بولغاندا بۇ ئوپراتسىيەنى دەرھال قىلىشقا يەنى 6سائەت ئىچىدە قىلىشقا بولىدۇ،.ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك شۇڭا كۆپلىگەن دوختۇرلار كېسەللىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بۇ ئوپراتسىيەنى تەۋسىيە قىلىدۇ.ئەمما بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق كەمچىلىكلىرى بار ئەلۋەتتە.يەنى بايام دېگەندەك دوختۇر بىۋاستا ھالدا بۇ ئوپراتسىيەنى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەس بەلكى رېنتىگىن.كامىرالارنىڭ ياردىمىدە قىلغاچقا شۇ توسۇلغان قان تومۇرنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەرلىنىشكە ئاجىز بولىدۇ،ئوپراتسىيەنىڭ تولۇق پاكىزە بولۇشىغا كاپالەت ئاز،يەنە بىر جەھەتتىن ئادەتتە توسۇلغان ئورۇن بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تىرەك قويۇشقا بولمايدۇ.ئۇچاغدا يەنە ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقىردىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسى بولمىسۇن ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق خەتىرى بار ئەلۋەتتە،ئىككىلا خىل ئۇسۇل بىلەن قىلغان ئوپراتسىيەنىڭ يەنە قايتا قوزغۇلۇش ئېھتىماللىقى بار،يەنى بىر ئورۇندىكى توسۇقنى ھەل قىلغان بىلەن يەنە باشقا ئورۇنلاردىمۇ توسۇق پەيدا بولۇش مۇمكىن يۇقىردىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاجىسىمان ئارتىرىيە ئوڭ ۋە سول دەپ ئىككىگە ئاندىن ئۇلاردىن يەنە نۇرغۇنلىغان كىچىك تومۇرلارغا بۆلۈنىدۇ،توسۇلۇش خالىغان يەردە يۈز بېرىش مۇمكىن،شۇڭلاشقا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولغان ئادەم قانداقلا بولمىسۇن دورىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك،تۇرمۇش ئادىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ نۇرغۇن مەسىلەن تاماكا ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش،مايلىق يېمەكلىكنى يېمەسلىك قاتارلىقلار،ئەمدى قايسى خىلدىكى ئوپراتسىيەنى تاللاشنى شۇ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى بېكىتىدۇ،كۆپىنچە ھاللاردا كېسەللىك جىددىي قوزغالغاندا تېرەك قويۇشنى دوختۇرلار كۆپرەك تەۋسىيە قىلىدۇ،بۇنداق ۋاقتىدا جاننى قۇتقۇزۇش مۇھىم ئەلۋەتتە.
يۇقىردىكى ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك بىلگەجان دەپ ئېيتقاندەك دەلىل ئىسپاتلىرى يوق،تومتاقلا بىر يېزىلىپ قالغان ماقالىكەن،شۇڭا ئۇنىڭدا يېزىلغانلىرىغا مەنمۇ بەك قوشۇلۇپ كەتمەيمەن.بۇلتۇر بىر خەۋەردە ئامرىكا سابىق پرىزدىنتى بۇشنىڭ تىرەك سالدۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلغانتىم.دېمەك غەرپ دۆلەتلىرىدە بۇ ئوپراتسىيەنى ئەخلەت قاتارىغا چىقىرىۋېتىش قۇرۇق گەپمىكىن .ئەگەر تېما ئىگىسى كەسىپ ئەھلى بولسا دەلىل ئىسپاتلىرى بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرسە بۇ باشقا، ئەمما ئاسپىلىننىڭ راك پەيدا قىلىدۇ دېگىنى مېنىڭچە ھېچقانداق ئاساسسىز گەپ،ئاسپىلىن راك پەيدا قىلماق تۈگۈل راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،بۇ ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان،ئەگەر قىزىقسىڭىز توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ،مېنىڭچە ئاسپىرىن توغرىلىق ماتىرياللار توردا بەك كۆپ،ئاسپىرىننىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ئاشقازانغا بولغان تەسىرى بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا ئاشقازان قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىش مۇمكىن،ئەمما ھازىر ھەممە دورىخانىلاردىن گېرمانىيە بايىر شېركىتىنىڭ ئۈچەيدە ئېرىيدىغان ئاسپىرىن تابلىتىنى拜阿司匹林 تاپقىلى بولىدۇ،باھاسىنىمۇ قىممەت دېگىلى بولمايدۇ،ئادەتتە دوختۇرلار كۆپىنچە ئەھۋالدا بىمارغا مۇشۇ ئاسپىرىننى تەۋسىيە قىلىدۇ،چۈنكى بۇ يۇقىردا دېگەندەك ئاشقازاندىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ،ئاخىرىدا تورداشلارغا تەۋسىيەرىم بىرەر كېسەللىكنىڭ داۋالاش توغرىسىدا مەسلىگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن شۇ كېسەللىكنى تونۇش لازىم،ھازىر ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەرقانداق كېسەللىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تېپىش تەس ئەمەس،ئاندىن ئامال بار چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرتۈپ نوپوزلۇق دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتماق لازىم،ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغان قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرۈپ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق لازىم.
http://bbs.izdinix.com/forum.php ... 8%D8%B1%DB%95%D9%83