مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 花公主

ھېلىقى ساۋاقدىشىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89440
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئاخىرى 3 كۈندىن بىرى كۈندە قارايمەن يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103151
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 12:00:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ۋاي ما ھىكايىنىڭمۇ ئاخىرى چىخماپتىغۇ ئەمدى 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88691
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2014-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 05:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يازمايسىزغۇ   ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3084
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 506 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 07:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى،،،ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئويلاپ تازا پەيزى ئوقۇۋاتقانتىم،،،،تېزراق يوللاڭ ھە،،،ياخشى يېزىپسىز،،،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 08:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altuntax يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 10:43 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" c- y1 B" s- I+ K) W+ pقىنى ئاخىرى 3 كۈندىن بىرى كۈندە قارايمەن يوق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Z8 {! Z0 t6 A% w4 [2 Cئىمكان بار تىز يوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 09:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاخىرى يەنە يوققۇ،،   ؟ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىمۇ  قانداق؟

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 10:35:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىغان كىتەيلە .... ھازىر مىسرانىمدا   داۋامى بار ......   ياكى  ئاخىرى چىقماس ئەسارلەر نى يىزىش مودىغا ئايلىنىۋاتسا  ، بىزمۇ مودىغا ماسلىشىپ ،  ئاپتورغا مەدەت ، ئىلھام  بەرگەچ سەبىرنىڭ چوڭىنى قىلىپ  كۈتەيلى ئەمدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 d0 z6 U; L" S* w5 `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 x$ w8 b: f8 @
سەبىر گۈزەلدۇر ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 12:07:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-26 09:47 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' K7 }0 h9 y: L/ ^% E1 n/ R! m6 ~$ _ۋاي ئاخىرى يەنە يوققۇ،،   ؟ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىم ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 o6 m6 J% |* O9 }يېزىۋاتىمە، ئامالنىڭ بارىچە تىز يوللايمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 12:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تىمىدەك قىلىدۇ داۋامى تىزراق چىقسا.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:19:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& d8 K1 c0 U3 E9 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 L7 S6 {+ m- z# |* w' e

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! b* e- p2 t2 N4 ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" V- x/ E7 R" l; G
داۋامى.....

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  g- `  o" Y0 b* V

2.بۇرۇلۇش

         

        تولۇقلىما  ئىمتاھاندىن چىققان  ئىززەت بىلەن  نۇرزىيە  كۆزۈمگە باشقىچىلا  سۇلغۇن كۆرۈنۈپ  كەتتى. ئىززەت مېنىڭ«قانداراق  ئاداش؟»دەپ سورىغان سۇئالىمغاجاۋاپمۇ  بەرمەستىن  ئۈستىلى ئۈستىدىكى  چېقىلدىغانلىكى نەرسىلەرنى يەرگە  ئېتىپ  چېقىشقا باشلىدى.مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ياش تامچىسىغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ  تۇرۇپلاقالدىم.ئارزىگۈل بىلەن جاينا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولىۋىدى:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 @2 ^+ U$ L$ W6 V7 ^' k* A

      - ئۆز مەيلىگە قويۇڭلار،ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن.دەپ توختىتىپ قويدۇم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q8 z& @6 x1 w$ F! f

      ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا قاراپ ھېچكىم ئۇنى بۇنچىلىك ئىشلارنى ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايتى.ئادەتتىمۇ ئۇ قارىماققا قەتئىي ھەم مەغرۇر كۆرنىدىغان شوخ قىز بولغاچقا، كىشىگە يۈركى پۈتۈن،بىپەرۋا قىزلاردەك تۇيغۇ بېرەتتى.مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ كۆزىدىن پەقەت ئىككى تامچىلا ياش چىقىپ توختىدى.ئۇ باشقا «مەغلۇبىيەتچى»قىزلاردەك بوزلاپ يىغلىمىدى.ئەكىسچە تىزلا ئەسلىگە كېلىپ ياتاقنى بىرەر قۇر يىغۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن،ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىز بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت ئىمتاھاننى ياخشى بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلائەمەس ئېدى.ئالتە قىزنىڭ ئىچىدە بۇنى بىردىنبر ھېس قىلالىغان كىشى پەقەت مەنلا ئېدىم(يەنى ئۇنى مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان دەپ پەرەز قىلغانىدىم.).شۇڭا ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاپ سالماسلىق ئۈچۈن،توغرىسى  باشقا ياتاقداشلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىغابولغان چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە سۇئاللارنى سورىماي  ياتاقتا سېلنىۋاتقان پاراڭلارنى تىڭشاپ ئولتۇردۇم.تۇيۇقسىز كىشى تەسەۋۇر قىلغۇسىز ۋەقەدىن بىرى كېلىپ چىقتى:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 [5 Q# ]6 v0 b) @

        - بۇ خەقچۇ زادى بىزنى ئۆتمىسۇن دېگەنگەپ. دېدى نۇرزىيە چېچىلىپ.-شۇندامۇ قاملاشمىغان سۇئال چىقارغان بارمۇ دەيمەن.بەك جىلە قىلۋەتتى جۇمۇ مېنى بۇ ئىمتاھان.ماۋسۇمنىڭ بېشىدىلا ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىغاسوغوق سۇ سېپىپ.

        -ھوي خانقىز،ئا پاچاق-بىلەكلەرگە چاپلىۋالغان جاۋاپلار ئەسقاتمىغان ئوخشىمامدا ئەھۋالدىن قارىغاندا؟! سۆزلەپلا قاپتۇقيا ئەجەپ! ئىززەتخانغىمۇ بەختىخان يوللىغان قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ پايدىسى تەگمىگەن ئوخشىمامدا....ئارزىگۈلنىڭ گىپىنى ئىززەت تارتىۋالدى:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* `; v0 _' n# B0 q7 o1 J& p4 R

       -«ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ»دېگەننى ئاڭلىغانمۇ جېنىم،نۇرزىخان بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇ چارىسى باشقا يەردە كۈچىنى كۆرسىتەلىسىمۇ بۇ جەددال خوتۇننىڭ ئالدىدا بىر تىيىنگە ئەرزىمەس بولۇپ قالدى لىكىن.ھېلىيگەرلىكىنى كۆرمەمسىلە ئۇنىڭ.كىتاپتىن چىقارغان يېرى قىرىق پىرسەنگىمۇ يەتمەيدىكەن دەڭلار. بۇ بىزنى تەتۈر قىينىغىنى بولماي نېمە؟ ئىشىقىلىپ يەن دىگەن بىرنىمىنىڭچۇ قىزلار بىلەن پۇرچىقى پىشمايدۇ زادى.ئۆتەلمەسلىكىمىزدىن ئەجەپلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ مېنىڭچە.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 t$ J" O2 e# A. w9 g# n) [

       -ئۇندامۇ دەپ كەتمەڭ ئاداش،يەن يۈئەنمۇئەللىم پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن،بىزگە ئانا يوللۇق ئايال.-دېدى سارىن ئىززەتنىڭ«قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ،ئوغۇللارنى بىزدىن چارە كۆرىدۇ.»دېگەن گىپىگە تۈزىتىش بېرىپ.-مېنىڭچە بۇ مۇئەللىم شۇنداق پىرىنسىپئال،مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگەدەرىسلەرنىمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدۇ. سىز دىگەندەك ئۇنچىلىكمۇ چىقارمىغاندۇ سۇئالنى؟!يۈزدە توقسان پىرسەندىن ئارتۇق يەر كىتاپتىن چىقىدۇ دەپ ئېنىق دىگەن تۇرسا.چوقۇم سىلەر دەرىستە دىققەت قىلمىغان،ھەم كىيىن تەكرار قىلمىغان مەزمۇنلار بولۇشى مۇمكىن ئۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر دەرىسلەرگە ئانچە ئەستايدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيسى......


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" i) |7 B. S2 n. x, x" n2 {

         - ساڭا نېمە قويدى ۋوي ساقام، بەك ماختاپ كەتتىڭيا ئۇ قېرى بۇزۇقنى. گەپ قىلمىسا بىزنى ئويۇن قېپى، ئالقاپ قىزلارغاچىقرىۋەتكۈڭ با ھە سېنىڭ. بايقاپ گەپ قىل جۇمۇ،ئاچچىغىم كىلىپ قالىدۇ مېنىڭ! جاجاڭنى يەپ قالما يەنە!-سەنلەپلا چۈشتى نۇرزىيە سارىننىڭ ئۆزلىرىنى چۈشۈرۈپ سۆزلەشلىرىدىن تىرىكىپ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L; C/ \5 z% j9 L* r" r" g

        سارىنمۇ جىدەل سېغنىپ قالغان چېغى، پەيىتنى توغرا تاللىيالمىغىنىغا ۋە بىزنىڭ ئىشارەت قىلىشلىرىمىزغا دىققەت قىلمايلا بۇ «ئىستىل تۈزىتىش ھەركىتى»نى  جاھىللارچە داۋاملاشتۇرىۋەردى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: q6 O! }$ r$ V9 {7 \1 H

        -مەنمۇ سىزنى سەن دەۋىرەي ئەمىسە!سۆزلىرىمدىن رەنجىپ قاپسەنغۇ ھە دېسەم-دېمىسەم.ئەمما ئارقىڭغا بىر تەپسىلىي قاراپ ئۆزۈڭگە بىر باھا بىرىپ باق.يەن مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى قانچە قېتىم تاشلىغىنىڭنى،قانچە قېتىم ئېغىزچە سىناقتا تۇرۇپ قالغىنىڭنى،تاپشۇرۇقنى قانچە قېتىم تاپشۇرمىغىنىڭنى ھېسابلاپ باق.بۇ پەنىدىن قېلىپ قېلىشىڭ ھېچبىر سەۋەبسىز ئەستۇ ھەر قانچە بولسىمۇ؟باشقىلاردىن ئاغرىنىۋەرمەي ئۆزۈڭدىنمۇ ئىزدەپ بېقىشىڭ كېرەكتە سەۋەبىنى. خەنلەرنىڭمۇتەپەككۇرى كۇڭزىنىڭ بىر داڭلىق شاگىرتى زېڭزى:«مەن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئۆز خاتالىقىم ئۈستىدە ئويلىنىمەن.» دېگەنىكەن. ئەمما سەن بىلەن بىز كۈنىگە ئەمەس،ئېيىغا يېرىم قېتىم بولسىمۇ ئويلىنىپ قويمايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L1 p" n- @' ^, }

       -بولدى قىلە ۋوي قالماق!-دەپ چالۋاقاشتى ئىززەت بىلەن نۇرزىيە تەڭلا.  «ساقنى تازدېسەڭ كۈلگۈسى كېلۇر،تازنى تاز دېسەڭ ئۆلگۈسى كېلۇر.» دېگەندەك سارىننىڭ بۇ گەپلىرى  بۇ ئىككىسىنىڭ يېغىرىنى تاتلاپ قويغانىدى.  -ھەدەپ قويساق سۆزلەۋېرىسەنغۇ مۇمامدەك. بەك كۆتىنى يالايسەنغۇ قېرى قانجۇقنىڭ؟قارىغاندا «سېسىق ئۇستىخان»لىرىدىن سەنمۇ ئوبدانلا «ئېغىزلىنىپ» قالغان چېغىڭۋا.كىمىمىز ئىدىڭ سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا داۋلى سۆزلەيدىغانغا ؟ ئاپار ئۇ كوڭزى بوۋاڭنى!بۇ گەپلىرىڭنى نەگە بېرىپ دېسەڭ دە،ئەمما بىزنىڭ ئالدىمىزدا دېگۈچى بولمائۇختۇڭما!بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئاقمايدۇ ئۇنداق يالاقچىلىقىڭ جۇمۇ بىلىپ قوي!سەنمىغۇ تېگىڭدىن پەس بىرنىمە زادى، شۇڭىمىغۇ ئازراق« يالاق »«يالاپ»لا ئۆزۈڭنى بىلەلمەي قالغان چېغىڭ.كوڭزى –پۇڭزى دەپ نەدىكى بىرنىملەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىزگە تەربىيە ئىشلەپ كېتىشلىرىڭنى قاندا قىلاي؟! كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ،تۈفى......


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- d) v( N/ t; U4 w4 H  s

      جدەل ئاۋۇدى،سارىنمۇ ائغزىنى بولىشىغا قويىۋەتتى:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b1 E5 }6 k* F4 I

      -سەنلەرمىچۇ ئۆز ھالىڭغا قاراپ گەپقىلىش.ئالدىمدا مەلىكىلەردەك گىدىيىپ ھەيۋە كۆرسىتشكىنىڭ بىلەن،ھەقنى بىلگۈدەكمۇ ئەقلىڭ يوق دۆت بىر نېمىلەركەنسەن   سەندەك قۇتىغۇر،رەسۋا بىر نېمىلەرنىڭ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشىدىن ھەيرانقال......

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ y3 |" A) m7 D0 I* r9 V7 {5 y' r

      « چاڭ-چۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سارىننىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى. نۇرزىيەنىڭ :« ما نېمىنىڭ دورىسىنى بىرىپ قويمىساق ئۆزىنى بىلەلمەيىغان ئوخشايدۇ،قوپە ئاداش.» دېيىشى بىلەن تەڭلا ياتاقتا تاراق-تۇرۇق كۆپىيىپ كەتتى. ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام نۇرزىيە بىلەن سارىن بىر-بىرىگە ھوجۇم قىلىشقىلى،ئىززەت نۇرزىيەگە بولىشىش ئۈچۈن تەمشەلگىنى تۇرۇپتۇ. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىززەتنى بېلىدىن قۇچاقلاپ تارىتقۇشلىدىم.ئەمما ئۇنىڭ   بەدىنىنى كونتىرول قىلىپ تۇرالىغىنىم بىلەن ئاغزىنى كونتىرول قىلىپ تۇرالمىدىم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. z0 q; W5 E: |! _" u! K

       -ئەپتىڭگە قاراپ ئىش قىلساڭ بولمامدۇ ھېي ئورانگۇتان.بىز بىر ھامماچاڭنىڭ قىزى بولمىغاندىكىن تولا شىلتىڭ ئاتما جۇمۇ ھە.بوش ئاتكاچىلىق قىلساڭ بولامىكى سەن.ئالدىمىزدا ھە ھۇ دەپ دۇرۇس قىياپەتكە كىرۋالغىنىڭ بىلەنچۇ بەش قولدەك بىلىمىز سەن جالاپنىڭ قىزىنىڭ قانداقلىقىنى. كۆتۈڭگە قايناقسۇسەن مەرەزنىڭ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, z7 u& H# R0 Y3 Z3 i

     -سېسىق ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل ھېي،ئاپامغا تولا تىل تەككۈزمە جۇمۇ ئاچاڭنىڭ ئىرىنى ئاجراشتۇرۇپ تېگىۋالمىغاندىكن. نوچى بولۇشساڭ بىرگە بىر كېلىشە نۇمۇسسىز ھايۋانلار!- دەپ ۋارقىرىدى نۇرزىيە بىلەن«جەڭ»قىلىۋاتقان سارىنمۇ بوش كەلمەي.  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! k% _' x, O* G$ I" I; s# f) E

      نۇرزىيەنىڭ قولى ئىتتىك  بولغاچقا بەسىتلىك كەلگەن كۈچتۈڭگۈر مۇڭغۇل قىزى سارىن تېخى ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا نەچچە تەستەك يەپ كەتتى.جاينا  بېرىپ نۇرزىيەنى تۇتۋېلشى بىلەن تەڭلا سارىن كېلىپ ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قورسىقىغا نەچچىنى تىپىۋەتتى.ئارزىگۈل سارىننى سىرىتقا سۆرىۋىدى،نۇرزىيە شۇھامان ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان ۋىجىك قازاق قىزنىڭ قولىدىن يۇلقىنىپ چىقتى –دە:«ۋۇ رەزگى جالاپ،بادام قاپاق، ئوسۇرۇق كۆز چۈپرەندە قانجۇق،لالما ئىتنىڭ كۆتىنى يىگەن مەينەت. »دەپ ۋاقىرغىنىچە سارىننىڭ يەڭسىز،پەس ياقىلىق كوپتىسىدىن مارىلاپ تۇرغان ئوچۇق بەدىننى   ئۇرۇپ  تاتىلاشقا باشلىدى.جاينا ئۇنى توسۇپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالدى. سارىن چىرقىرىراپ تىپىرلاشقا باشلىدى.جاينا ئارزىگۈلگە سارىننى قويىۋىتىشنى ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ جىدەلنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ،جاھىللىق قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋەردى.ئويلىمىغان يەردىن نۇرزىيە ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن (ئۇ  تىرنىقىنى ياسىتىپ گۈل سىزغۇزۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغانىدى.) سارىننىڭ كۆكسىنىمۇ قوشۇپ تاتلىۋالدى.ئاچچىق ئازاپتىن چۈچىگەن سارىن ئارزىگۈلنى كۈچ بىلەن ئىتتىرۋىتىپ نۇرزىيەگە ئېتىلدى ۋە:«ۋۇ مۆشۈكنىڭ كۆتىدىن تۆرەلگەن پەسەندى جالاپ.ئەقلىگە پوق ئولتۇرۇپ قالغان ھايۋان، ئىنساپسىز،نامەرىد،پەس چۈپرەندى. »دەپ تىللىغىنىچە ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنى يەرگە باستى.ئۇلارپولدا يېتشقىنىچە پومداقلىشىپ كەتتى.جاينا ئىككىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلارنى ئاجرىتالمىدى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h) o- Q4 L$ {, ]+ T8 }

         بىز ئامالسىز قالغان شۇ پەيىتتە،ياتقىمىزدىكى قىيا-چىيانىڭ دەستىدىن ئارامسىزلانغان، قوشنا ياتاقتىكى چوڭ ئاچاشلار كىرىپ بۇلارنى ئاجراشتۇردى ۋە:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# N) Y& B" m, k0 O& U

        -نېمانداق يۈزى قېلىن بىرنىمىلەر ھەي سەنلەر، نۇمۇس قىلىشساڭ بولمامدۇ كىچىككىنە تۇرۇپ بىر-بىرڭگە ئېسىلىشىپ جودا چىقىرىشتىن.قىز بالىمۇ سەنلەردەك بولامدۇ ھەي؟ نوچلىقىڭنى بۇنداق جايغا ئىلىشلىتىشمەي ئۆگۈنۈشكە ئىشلىتىشسەڭ بولمامدۇ؟! ۋۇ يۈزى قېلىن شەرمەندىلەر. ئىسىت سەنلەرنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچسى بولۇپ قالغىنىڭ.بۇدۇ بۇنداق سەتلىشىشكىنىڭنى كۆرسىتىشكۈچە بولۇشما ھە.ئۆزۈڭنى بىلىپ،كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ يۈرۈش.بۇ دىگەن مەكتەپ،سەنلەر جىدەل چىقىردىغان يەر ئەمەس.سەنلەرنىڭ ئىش ھەركىتى بۇ يەردە بىر ئۆزۈڭگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ جۇمۇ بىلۋېلىش،بۇندىن كىيىن ئۆزۈڭگە كۆپرەك دىققەت قىلىۋېلىش ھە!-دەپ بىرمۇنچە تىللاپ كەتتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 }! G0 o0 \, I

       نۇرزىيەنى ساۋاقداشلىرى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.جاينا سارىننىڭ چېچىنى تاراپ قويدى.مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرى ۋە بوينىدىكى قان ئىزلىرىنى سۈرتۈپ كىيملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم.بىز جىدەلنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ مۇڭغۇل ئاچىللىرىنىڭ يېنىدىن چىقىپ تۇرشىنى ئۆتۈندۇق ئەمما ئۇ رەت قىلدى.نۇرزىيەمۇ باشقا يەرگە چىققىلىى ئۇنىمىدى.ئۇلار نەچچەھەپتىگىچە بىر-بىرىگە «كەينى»نى قىلىشىپ يۈرۈشتى. ياتىقىمىزنى بىرخىل بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلاپ كەتتى.ئۇلار پات-پات بىر-بىرىگە يېنىچە، قىرىچە تىگىشىپ قوياتتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, i! N# u9 N  j

          نېمىشقىدۇر يىل ئۆرۈلۈشى بىلەن بىردىنلا بىزنىڭ  مىللىي ئوقۇغۇچىلارقەسىرى  ئالدىدا  ئاللىكىملەرنىڭ  داڭلىق ماركىلىق ماشىنىللىرى  كۆپىيىپ قالدى.«بىسمىللا» دېمەي تۇرۇپ ئۈچ پەن ئىمتاھاندىن قېلىپ قېلىشقان ئىززەت بىلەن نۇرزىيەنىڭ يۈزلىرىدىكى نەچچە كۈن ئاۋالقى قايغۇ  ۋە  پۇشايمان ئپادىللىرى  تىزلا ئۆچۈپ، قايتىدىن«رەڭ تۈزەش»كە باشلىدى. چىرايلىق پەرداز قىلشقان ئىككىسى سارىننى قولتۇقلىشىپ كۈلۈشكەن پېتى ياتاققا كىرىپ كېلىپ بىزنى ھەيران قالدۇردى ۋە تولىمۇ سۆيۈندۈرىۋەتتى.باشقىچە  بىر خىل قىزغىنلىق ياتىقىمىزدىكى سوغوق كەيپىيانىڭ ئورنىنى  ئېلىپ،ياتىقىمىزدا ئىللىق بىر كەيپىيات قايتىدىن ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بىراق ياتىقىمىز  ئەتراپىدا كۈندىن-كۈنگە  ئاۋۇپ  كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلارنى، شۇ  ئىسىل  ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان  مەكتىۋىمىزنىڭ ھەرمىللەت  ساھىپجاماللىرىنى (دەسلىپىدە بۇلارنىڭ ئارسىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت قىزلىرى يوق ئېدى.)  كۆرگىنىمىزدە بىر قىسمىلا بولۇپ كېتەتتۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y1 Q, @* v5 u! }- @% y+ p

        كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، بۇ قىزلاردىكى بىرخىل جىنىسى ئەۋزەللىكىمىش، ئۇلار بۇ خىل ئەۋزەللىكتىن جايىدا ۋە ۋاقتىدا تولۇق پايدىلىنىۋېتىپتىمىش.بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ماددى جەھەتتى مۇكەممەلشتۈرشكە،يەنە بىر جەھەتتىن  پۇرسەتنى چىڭراق تۇتۇپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە كۆپرەك پۇل يىغىۋېلىشقا ئاساس سېلىۋېتىپتىمىش. بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەمەس قىزلارغا بۇ تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتمىش،ئەگەر پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويسا ئۆمۈلۈك پۇشايمانغا قالامىش.بۇلارنى ئاڭلاپ شۇنداق قۇسقۇم كېلىپ كەتتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ?5 Z+ W9 j+ i: [

      ئىززەتنىڭ كەيپىياتىدىكى چۈشكۈنلۈك بارغانسىرى روشەنلىشىشكە باشلىدى.ياتاقداشلار ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇنى-بۇنى دەپ بېقىشتۇق.بۇ خىل بۇرۇقتۇرمىلىققا چىدىمىغان مەن بىر كۈنى بالىلا تولۇق ۋاقىتتىلا:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 J" d$ [2 |9 Q& w8 h0 c

       -ئاي خېنىم، بىزدىن بىر نەرسىنى  يوشۇرمايۋاتقانلا  ھە! ئۆزلىرىگە  ئوخشىمايلا  قېلىۋاتىدىلا مۇشۇ  كۈنلەردە ، زادى  نىم  بوغان  سىلىگە؟- دەپسورىدىم  گەرچە  كۆڭلۈمدە  بۇنىڭ  جاۋابى ئاشكارە بولسىمۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 o" V. R  i: A8 R8 n. A3 Y

        -ھېچنىمە بولمىدىم،بىر ئوبدان تۇرمامدىمەمانا!بىرەر ئىش بولىدىغان بولسا دېمەمتىم سىلەرگە! ئەجەپ مەن بىلەنلا قاپسىلەرغۇ ئەمدى؟ دېدى ئىززەت مۇغەمبەرلىك بىلەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  y9 u# Z; q+ `

       -ئۆزلىرىنى بىلىپ ئىقرار قىلاملا ياكى مەن ئاشكارلىۋىتىمەنمۇ ؟-دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.  ئىززەت:«نېمىنى ئىقرار قىلىمەن زادى؟»دېگەن مەنىدە قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي تۇرىۋالدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ^: u+ U. h1 C- I

       - ئەمسە دېدىم ھە؟! توي قىلمىغان يىگىتلىرى تالاق قىلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟دېدىم مەن يۇمۇرىستىك قىلىپ. ياتاقتا«ئاللا، توۋا»ئاۋازلىرى بىلەن بىرپەس كۈلكە كۆتۈرۈلدى.ئىززەتمۇ دۈگىلەك كۆزلىرىنى پارقىرتىپ كۈلۈپ كەتتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 G" ?% A4 D2 c6 B/ @. Q

       - سىزدىن ھېچنىمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىكەن زادى.داخانمۇ يا سىز؟-دېدى ئىززەت ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, F  c  {4 b5 }  H" o2 R7 q9 T

       بىز ئىززەتنىڭ سۇنغان دىلىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپ تەسلەللىلەرنى بېرىپ،ئۇنى ئۈمىدۋار ،غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندىدۇق.ھەم ئۇنى بۇ كۆڭۈلسىزلىك پاتقىقىدىن تىزراق تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى قىلىشتۇق.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ g7 _# s$ E3 N! s, s& p

      ئۈندىدارنىڭ ئومۇملىششغا ئەگىشىپ ئىززەتنىڭ روھى ھالىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.ئەمما بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئىددىيسىدە تەسەۋۇر قلغۇسىز دەرجىدە بىر خىل ئەخلاقى چىرىكلىكنىڭ ئۇرۇقى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.دەسلىۋىدە ئۆزى چىرايلىق،مودا، ئەمما ئەخلاقى بۇلغانغان بىر قانچە قىز بىلەن دوسىتلىشىپ قالدى.«ئېغىلدا يۈرسەڭ ئىشەكنىڭ خۇيىنى ئالىسەن.»دېگەن گەپ راس بولسا كېرەك،ئۇ ھېلقى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «ئىسىل»دوسىتلىرىنىڭ  بىر قوللۇق «تەربىيلەپ » چىقشى ئارقىسىدا ناھايتى «جەزبىدار» بىر قىزغا ئايلانىدى. يارشىملىق قارا چاچلار قىرقىلىپ سېرىققا بويالدى.كىيمىلىرى تارلاشتى،قىسقىرىدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇل «مەستانە»لىرى كۆپەيدى.بارا-بارا ھەرخىل ئۇچۇرشىشلار ئاۋۇپ،ئاخشىمى ياتاققا بەك كەچ قايىتىدىغان، ھەتتا ئارلاپ- ئارلاپ كىرمەيدىغانمۇ بولدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( @3 u" g4 Q: z$ z: J& c+ ?2 r6 D

       شۇنىڭدىن ئىتبارەن ئىززەتنىڭ كاللىسىدا«سورۇن»،«ئوغۇل بالا»،«مۇھەببەت»تىن باشقا ئۇقۇملارغا قىلچىلك ئورۇن قالمىدى.ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق ئىككى دوستى ئۇنى پات-پات يوقلاپ تۇردىغان بولدى.ئۇ ئۈچى بىر يەرگە كەلسە پاراڭلىشىدىغان بىردىنبىر تېمىسى مۇھەببەت ئىدى.بۇلار بۇ تېما ئۈچۈن ئاچ قورساق ھالەتتە ئولتۇرۇپ كەچ كىرىپ تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رازى ئىدى.ئەگەر بىللە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا ، كىنودىكى ئارتىسلارنىڭ چىراي شەكلى ، بەدەن قۇرۇلمىسىغا باھا بېرىشەتتى ۋە ئۆز كۆڭلى بويىچە لاھىيلەپ چىقاتتى. مەنچە بولغاندا بۇلار ئۈچۈن قانداقلا ھالەتتە يارىلىش ئەيىپ ئىدى.مەيلى سىزنىڭ چىرايىڭىز ۋە بەدەن شەكلىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ كۆز قارشىچە ھامان ئۇنداق مۇنداق نۇقسانلاردىن خالى ئەمەس ئىدى.بۇلارتېخى ئۆز خىياللىرىدىن ھوزۇر ھېس قىلىشىپ كېتەتتى،يەنە بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ دوسلۇقىدىن ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغىنىدىن مەنمۇنىلىق ھېس قىلىشىپ:«مال تۈرى بىلەن،ئادەم خىلى بىلەن دېگەن راسكەن. بىز نېمىدىگەن قاملاشقان دوسىتلارھە!»دېيىشەتتى. مەنمۇ كۆڭلۈمدە ئىززەتنىڭ لېيىدىلا مۇشۇنداق خاراكتىر بار بولۇشىمۇمكىن دىگەنگە ھۆكۈم قىلىپ، بۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ خىلى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايتىم.ھەم بۇلارنىڭ بۇ «ئۆزگىچە» قىزقىشىدىن ھەيران بولاتتىم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 V: k$ g# M+ a2 B

         «خۇرۇم چاپان بۈدرە چاچ،ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ» دېگەندەك،ئىززەتنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى نوچىرىغانسىرى تۇرمۇشى شۇنچىلىك غورىگىل قېلىۋاتاتتى.ئەمما «سۆلەت بىرىنجى،سالامەتلىك ئىككىنجى » دېگەننى ئۆزلىرىگە شۇئار ۋە مىزان قىلۋېلىشقان ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھېلقى چىرايلىق ئىككى دوستى ئۈچۈن بۇ بۇنداق ئۆتۈشمۇ بىرخىل شەرەپ ۋە بەخىت ھېسابلىناتتى. ھېساپلىناتتى.نۇرزىيەمۇ ئۇلارغا ئوخشاش سۆلەتۋاز بولغىنى بىلەن،يانچۇقىنىڭ بۇشلۇقى ۋە قورساقنىڭ ئاچلىقىغا بۇلاردەك «سەبىر»قىلالمايتى.شۇڭا ئۇ خاراكتىرى ئۇلارنىڭكى بىلەن بىر سىزقتا توختىسمۇ، كەسكىن بۇ توپقا يېقىنلاشماي،ئۆزى قاچانلاردىندۇر يۈرىۋالغان خۇتەنلىك مۇھەببىتى بىلەن ياخشى يۈرۈپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى.

       ئىززەت ھەر دائىم ماڭا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرشىش تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى.چۈنكى بىر مەنلا ئۇنىڭ بۇخىل قىلىقلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلساممۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاخىرغىچە ئەستايدىل ئاڭلايتىم.ئۇنىڭ كىچىلىك سورىنىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش تېخىمۇ زوربولدى.ھەر كۈنى ئەتىگىنى قويۇق تاماكا پۇرىقىغا مىلەنگەن پېتى قايتىپ كىرگەن  ئىززەت  مېنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ھاياجانلانىغىنىچە ئۆزىىگە كېچىدىكى سورۇندا قانچە ئوغۇل بالىنى دىققەت قىلغانلىقىنى،قانچە يىگىتنىڭ يېقىنلىشىش ئىپادىسىدە بولغانلىقىنى،قانچىسىنىڭ تانسىغا تارىتقانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە سۆزلەپ بېرەتتى. كىچىلك سورۇنغا شۇنچىلىك بىرىلىپ كېتىۋاتقان ئىززەتكە قاراپ،مەن كۆڭلۈمدە:«مۇشۇ كىچىلىك بەزمىخانا دېگەن جاينىڭ ئوغۇل-قىزلارنى ئىسسىق يوتقاننىڭ مىھرىدىن،تاتىلىق ئۇيقۇسىدىن كەچتۈرەلىگۈدەك زادى قانداق سىھرى كۈچى باردۇ؟ زادى قانداقراق جايدۇ ئۇ؟»دەپ ئويلاپ قالاتتىم.

       ياتىقىمىزدا بىردىنلا مۇھەببەتلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. جاينا غۇلجىلىق بىر قازاق يىگىت بىلەن تېپشىۋالدى.سارىنمۇ تۈۋەن يىللىقتىكى ئۆزى بىلەن بىريۇرىتلىق مۇڭغۇل يىگىت بىلەن يۈرۈپ قالدى. پەقەت ئارزىگۈل ئىككىمىزلا نىشانسىز لەيلەپ يۈرىۋاتاتتۇق.ھەپتە ئاخرى ياتاقداشىرىم مېنى يالغۇزلۇق پاتقىقىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزھالى بىلەن بولۇشاتتى. شۇ يالغۇزلۇق ئىچىدە غېرىپلىقنىڭ باسمىقىدا ھالسىزلانغانمەن تۇرمۇشۇمنى سۇسىز قۇدۇققا ئوخشاش ۋەيرانە ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم. كارۋىتىمنىڭ بېشىدىكى ئارىيەتكە ئېلىپ چىققان دۆۋە-دۆۋە ئوقۇشلۇقلار بۇ بوشلۇقنى پەقەتلاتولدۇرالمايۋاتاتتى.شۇ ئىزتىراپ ئىچىدە قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆز ئالدىمدا بىرئاق ئاتلىق شاھزادە پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە مەن ئىشەنگەن ۋە ئەگەشمەكچى، بىر ئۆمۈرپىشىنى تۇتماقچى بولغان ئۇ يىگىتنىڭ  ئاق  ئاتلىق شاھزادە بولماستىن،بەلكى ئاق ئىشەكلىك مەلئۇن ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنى قانچىلىك ئېغىر سىناق ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ كۈتۈپتۇرۋاتقانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمىگەن ئىكەنمەن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- e! V# b; V5 o6 X. h/ Y7 s

                 داۋامى پات يېقىندا يوللىنىدۇ،ۋاقىپ بولغايسىزلەر!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* g) k6 h6 ^1 K+ _1 p بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   花公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 12:52 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" v4 Z5 w$ s1 u; V. n% V

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 v0 S2 L0 n: Q4 O) J* l! ]2 x

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش