ئىككى نىكاھلىق بىر جۈپلەر
‹4›
ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن ئالتۇنگۈل دىلارەنى چوڭ ئۆيگە ئىلىپ ماڭدى، ھەر شەنبە كۈنى دىلارەنى ئىلىپ قىيىن ئاتا- قىيىن ئانىسىنى يۇقلاش ئۇنىڭغا ئادەت بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇۋاي بىلەن مۇمايمۇ ئۇنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرەتتىكى ھىيىت -بايرام كۆنلىرىدە ،ھەتتا ئۆيىدە بىرەر خۇشاللىق ئىش بولسا ئۆز قىزلىرىنى ئونتۇپ قالسا قالاتتىكى ئالدى بىلەن ئونىڭغا خەۋەر قىلاتتى ياكى چاقىراتتى. بۇلۇپمۇ قىيىن ئانىسى ئونى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. دەم ئىلىش كۈنلىرى بىرەر قىتىم كىلەلمىسە «ئاغرىپ قالغانمىدو، يا ئۇماق نەۋرەمگە بىرەر ئىش بولغاندىمۇ » دىگەندەك خىياللار بىلەن ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالاتتى، بەزىدە بۇۋاينى بىرىپ قاراپ بىقىشقا سالاتتى، شۈكۈرگە ئىككىسىنىڭلا ئاچچىقى بار بولوپ ئالتۇنگۈلنى قۇيۇۋەتكەنلىكىدىن ، گۈلدەك ئائىلىنى بۇزغانلىقىدىن ،ھەتتا ئاجرىشىپ بولغۇچە ئۆزلىرىگە ھىچنىمىنى ئۇقتۇرمىغانلىقدىن پەقەتلا رازى ئەمەس ئىدى، شۇ سەۋەپلىك شۈكۈر ئايدا بىرەر قىتىم ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئونىڭغا تۈزۈك چىراي ئاچمايىتتى، لىكىن شۈكۈرنىڭ مىجەزىنى ئىنىق بىلگەچكە ئارتوق گەپمۇ قىلمايىتتى. شۈكۈرمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئالغاچ كەلگەن نەرسىلەرنى قۇيۇپلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كىتەتتى، سىڭىللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولوپلا يىراق يىزىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قايتىپ كىتەتتى، چوڭلار، سىڭىللىرى ئۇنىڭدىن يۈز بەرگەن ئىشلارغا چۈشەنچە بىرىشنى تەلەپ قىلاتتى ،لىكىن ئۇ ھىچنىمە دىمىگەچكە كىينچە ھەممىسى ئىشلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قۇيۇپ بىرىشنى لايىق كۆرگەن ئىدى.
ئالتۇنگۈل دىلارەنى يىتىلەپ شەرقى ئايلانما يولدىكى پىيادىلەر يولىداكىتىۋاتاتتى، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بىر -بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ياپ-يىشىل دەرەخلەر، ئەتىگەندىكى نەمخۇش ساپ ھاۋا،يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى شىلدىرلاپ ئىقىۋاتقان سۈزۈك سۇ كىشىگە بىر خىل باشقىچە ھوزور ئاتا قىلاتتى، لىكىن شۇ تاپتا بۇ مەنزىرىلەر ئونىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايىتتى.ئۈرۈمچىدەك گۈزەل شەھەردە، ئالى مەلوماتلىق ئائىلىدە چوڭ بولغان، كىچىكىدىن تارتىپلا ھەر قانداق بىر ئىشتا ئادىللىق تەلەپ قىلىپ ، مىنىڭ توغرا دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئىززەت-ھۆرمەتنى ئەلا بىلىدىغان ، غورور- ۋىجداننى ئەڭ مۇھىم دەپ قاريدىغان ئالتۇنگۈلگە نىسپەتەن يۈز بەرگەن ئىشلار بەكلا ئىغىر كەلگەن بولوپ بۇرۇن ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال دەپ ئويلاپ كەلگەنلىكىدىن ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلاتتى. ھەممە ئىشلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ھىچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان بولوپ قالغان ئىدى، مۇشۇ كۈنلەردە ئونىڭ تۇرمۇشتىكى روھى يۈلەنچۈكى ، قانائىتى قىزى دىلارە ئىدى. نەچچە رەت ئۈرۈمچىگە ، ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرى بولغان ئۆز ئاتا -ئانىسىنىڭ قىشىغا قايتىپ كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن قانداقتۇ بىر خىل ئۆزىمۇ ئىيتىپ بىرەلمەيدىغان سىھرى كۈچ ئۇنى داۋاملىق ھالدا بۇ ناھىيىدە تۇرۇپ قىلىشقا ، ماڭغان ئىزىدىن قايىتماسلىققا ئۈندەيىتتى. خىلى بىر مەزگىل ماڭغاندىن كىيىن ئۇلار غەربى ئايلانما كۇچىدىن ئۈتۈپ بەيلىشىن ئولتۇراق رايۇنىىغا يىتىپ كەلدى.
ئولار ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن مۇماي باشقىچىلا جانلىنىپ كەتتى، دىلارەنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كۈتۈرۈۋالدى، ئارقىدىنلا ئالتۇنگۈلنى مىھمانخانا ئۆيگە باشلاپ جوزىغا تاتلىق تۈرۈملەرنى تۈكۈۋەتتى.
ئۆي ئىچىنى مىزىلىك شورپا پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى. ئالتۇنگۈل دىلارەنى كەچتە كىلىپ ئەكىتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ مىڭىشقا تەمشەمدى.
- ياق-ياق، قىزىم، بۈگۈن قايتىمەن دىمەڭ ،مەن سىلەرنى كىلىدو دەپ ئەتىگەندىلا قازانغا گۆش سىلىپ قۇيدۇم ، بۈگۈن بۇ ئۆيدە ئارام ئىلىڭ ،مەن سىز ياخشى كۆرىدىغان چۈچۈرە ئىتىپ بىرەي .- دىدى مۇماي تۇسۇپ.
- شۇنداق قىزىم، ئاپىڭىز سىزنى يىقىننىڭ ياقى بەكلاجاپا تارتىپ كىتىۋاتىدو دەپ ئەتىگەندە مىنى بازارغا ئەۋەتىپ سىلەرنىڭ يولىڭلارغا قاراپ ئولتۇرغان ، بۈگۈن بۇ يەردە كەچ قىلىڭلار ، بۇمۇ سىزنىڭ ئۆز ئۆيىڭىز قىزىم ،-دىدى بۇۋايمۇ تەڭلا.
ئالتۇنگۈلنىڭ ئىچىنى شۇنداق بىر يىغا قاپلىدىكى ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇۋالدى.
- شۇنداق قىلىڭە ئاپا، سەل تۇرۇپ ئاچاملار كەلسە مەن مىھرىبان بىلەن بىرگە ئوينايمەن .-دىلارەنىڭ چۈچۈك تىللىرىدىن تۈكۈلگەن بۇ ئۈنچە سۆزلەردىن ئالتۇنگۈل ھىچنىمە دىيەلمەي مۈرىسىدىكى سومكىسىنى قۇيۇپ مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى، دىلارە چوڭ دادىسى بىلەن ئۇيۇن ئۇيناشقا كىرىشىپ كەتتى ، دىلارە
بۇۋايدىن توختىماي ئونى -بونى سورىسا بۇۋايمۇ كىچىك بالىلارغا ئوخشاش سۈيۈملۈك نەۋرىسىنىڭ گەپلىرىگە جاۋاپ بىرىپ ئىككىسى چۇرۇلدىشىپ كەتتى. تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن بوۋاي ئادىتى بۇيىچە ياتاق ئۆيىگە چىقىپ چۈشلۈك ئارام ئىلىشقا ماڭدى. ئالتونگۈل دىلارەنى ئەركىلىتىپ ياستۇققا يۈلەنگۈنىچە ئۆزىمۇ تۇيمايلا ئوخلاپ قالدى. مۇماي ئونىڭ ئوخلاپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئونىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا ئىچىدە بىر نمىلەرنى دەپ كەتتى.
ـ جىنىم قىزىم، جاپاكەش قىزىم....................
- جۈرۈڭ قىزىم ،ئاپىڭىز بىر دەم ئوخلىۋالسۇن، ئىككىمىز بازارغا چىقىپ كىلەيلى ،مەن سىزگە ئامراق نەرسىلىرىڭىزنى ئىلىپ بىرەي . دىلارەمۇ چوڭ ئانىسىغا ئامراق بولغاچ ھىچنىمە دىمەيلا بىشىنى لىڭشىتىپ مۇمايغا ئەگەشتى.
ئارىدىن برەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئالتۇنگۈل جۈيلۈپ كىتىپ ئۇيغىنىپ كەتتى، ئۆي ئىچى جىمجىت بولوپ ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى، ئۇ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ مۇزدەك سودا يۈزىنى يۇيۇپ سومكىدىن قۇلياغلىقىنى ئىلىپ يۈزىنى سۈرتىۋاتاتتى، ئىشىكنىڭ ئىچىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ باشقىدىن جىمىپ كەتتى.
ئاپام بىلەن دىلارە قايتىپ كىرگەن ئوخشايدو دەپ ئويلىغان ئالتۇنگۈل ئالدىراش تازلىق ئۆيىدىن چىقىپ مىھمانخانا ئۆيگە كىردى. كىردىيۇ نىمە قىلارىنى، نىمە دىيىشىنى بىلمەي داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدى. مىھمانخانا ئۆيدە شۈكۈر قۇلىدىكى نەرسىلەرنى تىزىش بىلەن ئاۋارە ئىدى، ئومۇ قۇلىدىكى نەرسىلەرنى قۇيۇپ بولوپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قىتىپلا قالدى، ئىككىسى بىر ھازاغىچە بىر -بىرىگە قارىغان ھالەتتە جىمجىت تۇرۇشقاندىن كىيىن تەڭلا بىر نىمە دىمەكچى بولوپ ئىغىزىنى ئىچىشتى-يۇ توختاپ قالدى، ئىشىك تەرەپتىن دىلارەنىڭ
خۇشال كۆلكە ئاۋازى ئاڭلانغان ئىدى.
داۋامى ئىككى كۈندە بىر قىسىم يوللىنىدو
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarjiman19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-30 05:55 AM