ئىككى نىكاھلىق بىر جۈپلەر
«ھىكايە»
<2>
تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ چىكىلىشى بىلەن كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ئاققان ياشلىرىنى ئىتتىك سۈرىتكەن ئالتۇنگۈل قۇلىدىكى خەتنى قاتلىغىنىچە بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى .
_ ئاپا ؟
ئىشىك تۈۋىدە قىزى دىلارەنى يىتىلىگەن ئالىيە مۇئەللىم تۇراتتى .
_ ۋوي ، ئالىيە مۇئەللىمكەنسىزغۇ ؟ كىرىڭ -كىرىڭ ، جىنىم قىزىم سىزنى ۋاقتىدا ئالغىلى بارماي مۇئەللىمىڭىزگە جاپا سىلىپتىمەن ئەمەسمۇ . ئالتۇنگۈل قىزىنىڭ بىشىنى سىلىغىنىچە مۇئەللىمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى .
_ ياقەي ،جاپا بۇلامدۇ، قارىسام دىلارەنى ئالغىلى مەكتەپكە بارالمىدىڭىز، سىزنى جىددى ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدو دەپ ئۆزەم ئالغاچ كەلدىم .
ئالىيە مۇئەللىم ئالتۇنگۈلنىڭ شۇنچە تەكەللوپلىرغا قارىماي ئۆزىنىڭ 2-باشلانغۇچتا ئۇقۇيدىغان قىزىنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئىيتىپ كىتىپ قالدى.
ئۆي ئىچى جىمجىت، ئالتۇنگۈل شۈكۈر بىلەن چۈشكەن تويلۇق سۆرەتكە قارىغىنىچە چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا غەرىق بولغان بولوپ كەچ كىرىپ كەتكەنلىگىنىمۇ سەزمەيلا قالدى.
_ ئاپا ،«قۇسىقىم ئىچىپ كەتتى »؟
قىزى دىلارەنىڭ ئۇماق، تاتلىق ئاۋازى ئونى خىيال دەرياسىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. كىلىڭ قىزىم ، ئالتۇنگۈل قىزى دىلارەنى قۇچاغلىغىنىچە ئۈن سىلىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئاپىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ دىلارەمۇ قۇرقۇپ تەڭلا يىغلاپ كەتتى.
_ ئاپا ، جىنىم ئاپا ،بولدى يىغلىماڭ ، «قۇسىقىم ئاچمىدى» . قىزىنىڭ سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بۇ گەپلىرنى ئاڭلاپ ئۇ قىزىنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاغلاپ ،باغرىغا باسقىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى. بىر ھازادىن كىيىن يىغىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ قىزىنىڭ بىشىنى سىلاپ ،يۈزىنى يۈزىگە ياققان ھالدا مۇنداق دىدى.
_ قىزىم ، مىنى كەچۈرۈڭ ، بۈگۈن كەچ سىرىتتا تاماق يەيلى بولامدۇ؟
_ ماقۇل ، رەھمەت ئاپا ، بۇرۇن دادام بىزنى دائىم ئاپاردىغان ئاشخانىغا بىرىپ چۈچۈرە ئىچىپ كىلەيلىچۇ؟
قىزىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ، ئالتۇنگۈل شۇ تاپتا شۈكۈرنىڭ قىزىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى.
ئالتۈنگۈل بىر قۇلىدا شۈكۈرنىڭ خىتىنى كۈتۈرۋالغان ، بىر قۇلىدا قىزىنىڭ قۇلىنى يىتىلىگەن ھالەتتە پىيادىلەر يولىدىن چىقىپ ماشىنا تۇسماقچى بولدى.
_ ئاپا ، پىيادە بارايلىچۇ؟ ،ئىلگىرى دادام بىلەن چىققاندا دائىم پىيادە باراتتۇققۇ؟ دادام دائىم مىنى بۇينىغا مىنگۈزۋالاتتى، ئاپا ؟ دادامنى بەكلا سىغىندىم، دادامنى كۆرۈپ كەلسەم بولامدو؟
قىزىنىڭ كەينى كەينىدىن سورىغان گۈدەكلەرچە سۇئاللىرى جاۋاپسىز قالدى. قىزى دىلارەنى يىتىلىگىنىچە پىيادىلەر يولىدا كىتىۋىتىپ يەنە خىيالغا غەرىق بولدى.
«باشقىلاردىن ئاڭلىغاننى مەيلى دىسەممۇ لىكىن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگۈنۈمچۈ ؟ ئۆزىنى ئاقلاپ يازغان خەتلىرىنى تىخى ، ۋاپاسىز ، ئەبلەخ، تۇزكور، ھىلىگەر قۇۋ تۈلكە، ئالدامچى ، كۆيدۈم -پىشتىم دىسەڭ ئالدىنىپ يۈرگىنىمنى ،ئىسىت ساڭا بەرگەن گۈلدەك ياشلىقىم ، ساڭا قىلغان ئەقىدەم ، سىنى تاغدەك يۈلەنچۈكۈم دەپ بىلىپ كىتىپتىمەن ، ئىسىت ،گۈلدەك چاغلىرىمنى خازان قىلدىڭ ، نىجىس قۇرىت ، ئىلاھىم مەڭگۈ ئۆيلىنەلمەي ،ئۆيلەنسەڭمۇ قىرى ،ۋاپاسىز خۇتۇنلارغا ئۇچراپ دەرىت تارتىپ ئۈتكەيسەن ، كۈنلىرىڭ پۇشايمان ، ئازاپ ، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۈتكەي. ئالتۇنگۈل تۇيۇقسىز يول ياقىسىدىكى بىر ئەخلەت توڭىنىڭ ئالدىدا توختاپ قۇلىدىكى خەتنى پۇرلىغىنىچە تۇڭغا تاشلىۋەتتى. ھەم قىزىنى كۈتىرىپ ئىتتىك قەدەم بىلەن مىڭىشقا باشلىدى.
ئاشخانا ئىچىدە ئادەملەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.
_ ئاپا ؟ ئاۋۇ دەرىزە تۈۋىدىكى ئورۇندا ئولتۇرايلىچۇ؟ مەن دادام ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرىمەن . سىز مەن ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرۇڭ ھە، بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرايلى .
ئالتۇنگۈل قىزىنىڭ كۈڭلىنى ئاياپ ئارتۇق بىر نىمە دىمەيلا دەرىزە تۈۋىگە قاراپ ماڭدى.
_ نىمە تاماق يەيسىلەر ؟
ياش ،چىرايلىققىنە بىر كۈتكۈچى قىز چاي قۇيۇۋىتىپ ئۇلاردىن سورىدى.
_ يۇمغاقسۈت سىلىنغان چۈچۈرىدىن ئىككىنى . ئالتۇنگۈل ئەمدى بىر نەرسە دەي دىيىشىگە قىزى ئۇنىڭدىن چاققان چىقتى.
« يۇمغاقسۈت» ،قىزىنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالتۇنگۈل ئىختىيارسىز ھالدا تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شۈكۈر بىلەن تۇنجى رەت ئۇچراشقان ، كۆزلىرى ئۇچراشقاندا قەلبىدە بىر خىل ئاجايىپ تۇيغۇ پەيدا بولوپ يۈزى ۋىللىدە قىزارغان ۋاقىتلارنى ئەسلەشكە باشلىدى.
بۇنىڭدىن 13يىل بۇرۇن.
_ «يۇمغاقسۈت » سىلىڭلار دىسەم سالماپسىلەرغۇ ؟
_ كەچۈرۈڭ ، ئاشخانىدا تۈگەپ قاپتىكەن .
ئاشىخانىدا تۈگىگەن بولسا ئەكىرسەڭلار بولىدىغۇ، ئاشخانىنىڭ يىنىدىلا سەي دوكىنىدا باركەنغۇ؟
بوم ،لىكىن يىقىملىق ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلغان ئالتۇنگۈل كەينىدىلا ئولتۇرغان قاشلىرى قاپقارا ،كىلىشكەن ،سۇمباتلىق يىگىتكە قاراپ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى. يىگىتمۇ كەينىگە بۇرۇلغان قىزغا قارىغىنىچە قىتىپلا قالدى. بىر ھازادىن كىيىن ئىككىسى تەڭلا :
_ سىز قايسى كەسىپتە ئۇقۇيسىز ؟ دەپ سوراپ سالدى.
_ مەن قانون كەسپىدە، تىخى بۇگۇنلا تىزىمغا ئالدوردۇم ، ئىسمىم شۈكۈر . سىزچۈ؟
قىز دۇدۇقلىغىنىچە گەپ قىلالماي قالدى.
_ ئاپا ؟ چۈچۈرىنى تىزراق ئىچىڭە ، مەن ئىچىپ بۇلاي دىدىم . دىلارەنىڭ تاتلىق گەپلىرى ئالتۇنگۈلنى خىيالدىن ئويغاتتى.
_ ھە، مىنىڭ قۇرسىقىم ئاچمىدى قىزىم ، سىز ئىچىۋىرىڭ ھە . ئۇ گۈدەك قىزىنىڭ چۈچۈرە ئىچىشىگە قاراپ ئولتۇردى.
_ دادام بولغان بولسا چۇقۇم ئىچەتتىڭىز ھە-ئاپا. دادام ئىچمەيمەن دىسىڭىز ھەرگىز ئونىمايىتتى.
ئالتۇنگۈل ئاشخانىدىن چىقىپ قىزىنى كۈتىرىپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۈيىگە قايتىشقا ماڭدى، ھىلىقى ئەخلەت توڭىنىڭ ئودۇلىغا كەلگەندە قەدەملىرى بارغانسىرى ئاستىلاشقا باشلىدى . بىر دەم تۇرغاندىن كىيىن قىزىنى يول ياقىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئەخلەت توڭىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ، خىلىدىن كىيىن ئەخلەت ئارىسىدىن ئۆزى پۈرلەپ تاشلىۋەتكەن خەتنى تىپىۋىلىپ يىپىشىپ قالغان ئەخلەتلەرنى تىرىۋىتىپ
قىزىنى يىتىلىگىنىچە ئۈيىگە يول ئالدى.
داۋامى ھەر كۈنى كەچتە يوللىنىدو.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 02:16 PM