nurjula يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 10:42 AM
مەنمۇ بۇرۇن ئوقۇپ ھەجەپ ياخشى يېزىپتۇ دەپ ئويلىغان ئىد ...
ياخشى پىكىر بوپتۇ .
مەن مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىكى تەسسەۋۋۇرۇمنى ئىلىپ ئىيتسام 61~15 يىلنىڭ ئالدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە غوللۇق شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ مىللىي ئاۋات بازىرى شەنشىخاڭزا ئادەم دىڭىزى ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردا سەنشىخاڭزا ئەتىراپىدىكى 30 كۇۋادىراتلىق دۇكانلارنىڭ ھەر يىللىق ئىجارىسى ئورنىنىڭ ئوىشاش بولماسلىقىغا قاراپ تەخمىنەن 20000 يۈۋەندىن 350000 يۈۋەنگىچە ئىكەندۇق .شۇ چاغلاردا كەچ تەرەپلەردە سىرىتقا ئايلانغىلى چىقسام يايما تىجارەتچىلەردىن ھارۋا سورەۋاتقانلاردىن ، خالتا كوچا ئىچىدىكى كىچىك دۇكانلاردىن باشقا مۇنتىىزىم دۇكان ئاچىدىغانلار ئاللىقاچان دۇكانلىرىنى تاقاپ بەزىللىرى بىر كۈنلۈك تىجارەتتىن كىيىن ئارام ئىلىشقا بەزىللىرى قاتار چاي ئويناشقا دىگەندەك قاتىرايىتتى . نىمشىكە ئۇ ۋاقىتتا تىجارەت ياخشى ، دۇكان ئىجارىسى ئەزان . ئۇنداق ئۆزىنى ئۈرۈپ كۈچەپ كەتمىسمۇ ھەي يىللىق دۇكان ئىجارىسىنى تۆلەپ خوتۇن باللىرىنى بىقىپ بانكىغا 20-30 مىڭدىن پۇل تاشلىيالايىتتى .
ئارىدىن 10 يىلغا يىقىن ۋاقىت ئۆتتى شۇ چاغدىكى دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك 600000 يۈۋندىن 130000 يۈۋەنگىچە ئۆستى لىكىن يىلدىن-يىلغا ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئاھالدىن باشقا ئۇششاق تىجارەتچىلەرنى تۇرغۇزماسلىق . ۋە ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ، قاغىلق ...........قاتارلىق رايۇنلاردىن توپ مال ئالغىلى كىلدىغان تىجارەتچىلەرنى شۇ ئۆز رايۇندا توپ مال بىلەن تەمىلەيدىغان توپ تارقىتىش ئورۇنلىرى بىۋاستە زاۋۇتتىن ئەكىلىپ ئەزان باھادا تارقاتقاچقا بۇلارنىڭ %70`%60 تىنى ئۆز رايۇندىن ئالدىغان بولدى . ئانچە-مۇنچە ئۈرۈمچىگە سەيلى-ساياھەت ،ئوقۇش ، كۇرۇسلارغا كىلدىغان ئېستىمالچىلار ئۈرۈمچىدە يىلدىن-يىلغا كۆپۈيۋاتقان زىيادە كۆپ دۇكاندارلارنىڭ ماللىرىنى ئېستمال قىلىپ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس . بۇنىڭلىق بىلەن سودا بۇرنقى يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە پەسلەپ كەتكەن بولغان بىچارە بىقۇۋۇل تىقارەتچىلەر بىردىن-بىر ئامال دۇكاننى بۇرۇنقى 8~7 سائەت ئاچىدىغان ئىشتىن 12~10 سائەتلەپ ئاچىدىغان ھەتتا ئائىلدىكىللىرى بىلەن ئىسمىنا ئالمىشىپ 24 سائەت ئاچىدىغان ھالەتكە كەلدى . نىمە بىر يۈۋەننى كۆپ تاپارمىمىزكىن دەيدۇ دە .
مانا ئۈرۈمچىدە ئادەم كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ . بىراق دۇكان ئىجارىسى چۈشمەيۋاتىدۇ . نەچچە يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر دۇكان ئچىىش ئۈچۈن ئاۋات يەردىن دۇكان تىپىش دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئىدى . ھازىرچۇ ئالدنقى ھەپتە مۇشۇ سەنشىخاڭزا ئەتىراپىدىكى ئورۇنلارنى نەچچە رەت ئايلىنپ چىقتىم . ئۆتكۈزۇلىپ بىرىلدىغان . ئىجارە بىرىدىغان دۇكان شۇنداق كۆپ ئىكەن .
كىتىۋاتسام سامسىنىڭ مەزلىك ھىدى بۇرنىمنى غىدىقلاپ ئىشتىياھىمى ئىچىەتتى . قارسام ئۇدۇلۇمدا بىر سامسىىاندا يىڭى سامسىلارنى قومۇرۋىتىپتۇ . يا دەپلا دۇكانغا كىرىپ سامسىدىن تۆتنى يىسەم شۇنداق تەملىك ئىچىدە گۆش دىگەنمۇ خىل بار مەن ئويلاپتىمەن بۇ سامسا 3 يۈۋەنلىك ئوخشايدۇ ، دۇكاندا ئىشلەۋاتقان ئادەملەرەە قارىسام بىر ئائىلە كىشللىرى ئوخشايدۇ چىرايى بىر-بىرگە نۇسىىلاپ قويغاندەك . مۇشۇنداق ياخشى يىقىپ مەيلىغۇ 3 يۈۋەن ساتسا دەپ تەملىكىگە چىدىماي يەنە 7 نى بۇيرىتىپ قىزىق چاي بىلەن 10 سامسىنى يەۋىتىپ 30 يۈۋەننى بەرسەم پۇلنى ئالغۇچى ئاكىمىز ، 10 يۈۋەننى ئارتۇق بىرپسىز ئىنىم دەپ قايتۇرۇپ بەردى . 2 يۈۋەنما سامسا دىسەم ،شۇنداق دەيدۇ . ھە بەك بىلەن ئىشكەن بۇ دىدىم ئىچىمدە ، ھەر كۈنى شۇ يەردىن سامسا يەپ قالدىم . بىر كۈنى ئاكا سامسىڭىز شۇنداق ئەزانكەن مەنپەت قىلامدۇ ؟- دەپ سورسام ، - مۇشۇ كوچىدا سامسا ياقىدىغان دۇكان 10 دىن ئاشىدۇ ئىنىم . دۇكىنىم كوچىنىڭ سەل ئىچكىرسىدە بولغاچ ياخشىراق قىلمىسام خىرىدار كوچىنىڭ بىشىدا توسۇلۇپ قالىدۇ . دۇكاننىڭ ئىجارىسى ئالدىنقى يىلى 65000 يۈۋەن ئىدى بۇ يىل بىراقلا 80000 يۈۋەنگە چىقىرۋالدى . ئىككى -ئۈچ ئۇستام ئىشلەتسەك ھەر ئۇستامغا 30000 يۈۋندىن 40000 يۈۋەنگۈچە بەرسەك ئالدىمزىغا پۇل تاشلىيالمىدۇق . شۇڭلاشقا ئۈچ ئوغلۇم ، ئايالىم كىلنىم بولۇپ يەتتە-سەككىز كىشى قىلۋاتىمىز . ئادەم كۈچىمىزنى ھىساپلىساق مەنپەت قىلمايدۇ . بىر كىلو گۆش 60 يۈۋەندىن ئاتلايدۇ ، ئادەم كۈچىنى چىقىرۋەتسەك بىر سامسىدا تۆت موغا يىقىن قالىدۇ . دۇكان ئىجارىسى . ئۆزىمىز ئولتۇرۋاتقان ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ يىلدا 20000~ 10000 يۈۋەن ئاران كىرىم قىلالايمىز ئىنىم دەيدۇ . نىمە دەي ئىچىم ئاغىردى ئوغۇللىرغۇ مەيلىغۇ ئوغۇلغۇ ئۇلار . كىلنى بىلەن قىزى ئايالى دىگەننىڭ چاي قۇيۇش ، سامسا قاتلاش ، گۆش-پىياز چاناش دىگەندەكلەر بىلەن چىكىسىدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەر ئىقىپ كىتىپتتۇ
دىمەك ھەر كۈنى ، ھەي يىلى مۇشۇنداق دەم ئىلىش يوق ھاياتلىق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان گەپ يوق . مۇشۇلارغا ئوىشاش سانسىز تىجارەتچىلەرنىڭ دەم ئىلىش كۈنى دەل ئاغىرىپ قالغان كۈنىمىكىن دەيمەن . بولمسىا بىر كۈنلۈك ئىشتىن ھارغىن پۇتلىرنى سۆرەپ كارۋاتقا چىقىپلا ئۇيقۇغا كەتكەن . بۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى بىرلا بازار ياخشى بولسا، دۇكاننى تارتىۋالمىسا ياكى ئىجارىسنى ئۆستۈرۋالمىسا . ئاللاھ ئاغىرىق -سىلاقتىن ساقلىسا .
ھازىر كۈندە كەسپى شىركەتلەردە ئىشلىگەنىڭ ھالىغا ۋاي ئۇلارنىڭ دەبدەبىسىنى ئېستىقبال سەھنىسىدە كۆرسە بولىدۇ . دولىتىمىزنىڭ سىياسىتى سىز ئىيتقندەك بىزدەك جان، خان .قارىم ،گۈللەرگە يىتىپ كىلىپ بولغۇچە جاڭ ،ۋاڭ كاڭ ...لار تەرىپدىن ئىشغال قىلىنىپ كىتىدۇ .
بىر گەپ ئۆمۈرىدە ئۈرۈمچىگە چىقىپ باقمىغان بىر مەھەلدىشىم بار ئىدى مۇشۇ قىتىم ئۇنى بىللا ئىلىپ چىققان ئىدىم ، شۇ جىنىدا ئىككى-ئۈچ كۈن ئايلنىپ ئاداش نەگە قارىسام تىمىنىڭ ئۇلى بوشاپ كەتكەن. تاملىرى ئىسلىشىپ سوۋاقلىرى ئاجىراپ كەتكەن ، يوللىرى يۈندە ..... رايۇنلاردىكى دۇكاندا ساپلا بىز خەق . پاكىز، ھەشەمەت ، رەتلىك دۇكاندا باشقىلاركەن ، ئېسىل دۇكان ئاچىدىغان بىزلەر ئاندنا-ساندا ئىكەن دەيدۇ . مەن قىسقا قىلىپ دەپ قويدۇم . بىز خەق تىخى بۇنداق ئېسىل ھەشەمەت دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ ئاچچقۇدەك بولمىدۇق ئاداش .
يۈرتىغا مىڭىشقا تەرەددۇق قىلغان كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ يۈزىدە چۈشكۈنلىك . پەرىشانلىق . ئۇلار نەچچە يىلى ئاۋال مۇنبەت تىرىلغۇ يەرلىرىنى تاشلىۋىتىپ ياكى شاپاق نەرقى ئەزان سېتىۋىتىپ چىققانلار . ئەمدى بارسا يەرلىرنى خەق بىرەمدۇ ؟
ئويلاپ باقمايمىزمۇ بىر مو يەر 27000 يۈۋەندىن ئالدى ئالدىنقى يىلى . ياخشى ئۇ يەر-بۇ يەردىن تولا ئەررىز قىلىىپ . ھەم تولا چاتاق چىقىپ ھە بۇ گالىرۇرڭلارمۇ بوش ئەمەسكەن دىدىمۇ مەركەز يېزا ئۆيلىرىگە ۋە تېرىلغۇ يەرلەرگە قارىتا سىياسەت چىقىرىپ يەرلەرنى مەجبۇرى ئالماسلىق سېتىش-ساتماسلىق ھوقۇقى يەر ئېگىسىنىڭ قولدا بولدىغانلىقى توغۇرسىدا سىياسەت تارقىتىش بىلەن بۇرۇنقىدەك ئۆينى يەرلىرنى بەرمىگەنلەرنى تازا ياساپ مەجبۇرى ئالدىغان ئىشنى تاشلاپ پۇلغا قىزىقتۇرۇپ باھانى ئۆرلەتتى . دىمىسمۇ ئىككى مو يەرنى تېخنىلىق باشقۇرسا گەپ يوق ئاتە-بەش ئادەمنى باقىدىغان تۇرسا 27000 يۈەنگە بىكارلىق بەرگەنگە باربەر بوپ قالىدۇ دە. بۇنداق 27000~25000 يۈۋەن پۇلنى ئىچكىردىكى قىزل چىراغ كوچىسىدىكى يالىچاچ پاچاقلار ئەرلەرگە مىيڭاڭلاپ بىرىپ ئىككى ئايدا تاپىدۇ . ئىككى-ئۈچ يىل مىياڭلاپ بىر سومكا پۇلنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە كەلسە 30~20 مو يەرنى سېتىۋالىدۇ . كىلەر يىلى نەچچىسى بىرلىشىپ بەخت كۆچىسى ، شادلىق كوچىسى....نامى بىلەن تۇرالغۇ ، دۇكان رەستىلەرنى سىلىۋالىدۇ . بىز گەدەنكەشلەر ھىجاراپ يۈرتىمىزنىڭ تەرەقىياتى تىز ھە شۇنداق چىرايلىق دەپ كۆڭلىمىزنى ياساپ ئاۋۇندۇرۇپ ئۆتىمىز . بىرەر بەركەتلىك 1000 غا تىتىيدىغان بالىدىن بىرسى ئۆمۈلەپ چىتلاپ قويغان چىتىغا يىقىن كىلىپ بولغۇچە ھەي كەلگۈسىدىكى ....رورچى ....يانە كەينىڭگە دەپ قوللىرىنى شىلتىيدۇ . بىزلەر بۇ شىلتىشنى ئاددى چاغلايمىز ، يەر بىزلەرگە كەلگەندە زەھەردىن قىممەت . ئەزان ئۆينى ئېزدەپ كەينىمزگە چېكىنىپ قانداق قىلىمىز ،ئامېرىكىنىڭ بىر فىلىمى بولدىغان قاڭالتىردىن يادىۋالغان كەپىلك ئكيلەر تەسۋىرلىندىغان B-13 رايۇن دەيدىغان شۇنداق رايۇندىن بىرنى قۇرۋالمىز . ئۆيلەرنىڭ تىمى نىپىز ئەر-ئاياللىق ئىشلارمۇ شۇنچىلىك ئاۋالينىپ ئاخىرلاشقان . چوڭقۇر ئاغدۇرۇلمىغان يەرگە سالغان ئۇرق قانداق بولماقچى چوڭ بولسا ئازىراق شامالدا يىلتىزى تۇتۇپ تۇرالماي يىقلىغىلى ئاران تۇرغان . ئا ئۆيدە قازانغا ياغ قۇيسا بۇسى ما ئۆيدە بۇراۋاتقان ئەرۋا ئەمەستە بىز گۆرگە كىرىپ بولغان .
...
ئۆز ۋاقتىدا دېھقاننى كەمستىكەنلەر ، ياراتمىغانلار ، ئەمدى دېھقانلارغا ھەۋەس قىلدىغان بىر زامان كەپ قاپتۇ . بۇرۇن ئەيسا ئوينىسا ئەمدى مۇسا ئوينايدىغان زامان كەپتۇ . دۆلەت مۇشۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان يەرگە بولغان سىلىقنى كۆپ جەھەتتىن بىكار قىلۋەتتى . مەجبۇرى ئەمگەكنى كۆترۋەتتى . ئەقلى بار تېخنىكسى بار دىھقان بولسا بۇرنقدەك كۆيۈپ پىشىۇرۋاتىدىغان كىپەر ، بۇغداينىڭ ئورنىغا ئىقتىسادى يۇقۇرى مىۋىلىق باغ، باراڭلىق قوغۇن تاۋۇز تىرىپ گەپ يوق يىلدا خىىل كۆپ كىرىم قىلالايدۇ . يېزىدا نىمە كەڭرى ھويلا-ئارام كەڭرى كۆلەملىك مال-چارۋا بىقىپ مەنپەتلەنسە بولىدۇ . پايدا قىلمدى دىگەندىمۇ يازدا بىرنى قۇربان ھىيىت باھانىسىدە بىرنى سوغۇق قىشتا بىرنى بوغۇزلاپ لەڭمەن، چۆچۈرگە توغرا خوتۇن دەپ ئەتىيازلىقى ئىتىزنىڭ ئىشلىرى باشلىنىپ بولغۇچە يەپ ياتالايدۇ . ئارتۇق كىرىم قىلالمىسىمۇ قوسقىغا يىگەنىڭمۇ ئۆزى بىر كىرىمۇ ئەمدى .
دېھقاننىڭ يەنە بىر ۋارايانىتى دىخان خان دىمەكتۇر . ئۇندىن قالسا خاتىرجەم خىزمەت مەمۇرلۇق . ئىشىاننى ئورۇغا بەرمەي ، بوران-چاپقۇندا توپىغا كۆمۈپ قويماي ،باشلىقلارنى رەنجىتىپ قويماي بىر ئايدا 22 كۈننى ئۆتكۈزسسە ھەر ھالدا يىتەرلىك دارامىتىنى قولغا ئالىدۇ .
.....ئىشقىلىپ نىمە دەيمىز ھەممىزمىدە بىر غەم . دانىشمەنلەر سۆزلەيدۇ شۇلارغا رەھمەت . بىراق مەن مۇشۇ كەمگۈچە شۇ دانىشمەنلەرنىڭ ھەر ئايلىقى 4000~3000 يۈۋەنلىك ئىش ھەققىنى تاشلاپ ئۆزلىرى دائىما تەشۋىق قىلدىغان بىزنىڭ كۆرسەتمىمىز بويۇنچە ئىش تۇتساڭلار ھەر ئايلىقىڭلار 10000~15000 يۈۋەندىن ئىشىپ كىتىدۇ دىگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنى كۆرمىدىم . چىقتى دىگەندىمۇ ئىشنىڭ ئىپى-جىپىنى بىلىپ بولغۇچە زىيان تارىتسا ئارقىسىدا مەبلەغ يەنى تىرەك بىلەن يۆلەيدىغان يۆلەنچۈگى بار تەلەيلىكلەرنى كۆردۇم ، ئاڭلىدىم .
....چەتئەلنىڭ باي دادام نامرات دادام، باي بولۇشنىڭ 1000 خىل چارىسى ، ....ئەتە سىز مىليوننىرغا ئايلىنىسز شۇنىڭ نىمە قىلىش كىرەك بىزنى ئىزدەڭ......قاتارلىق نوبىل مۇكاپاتىغا دەرىجىسى توشقۇدەك نادىر كىتاپلارنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچمىدۇق لىكن ئوقۇپ يادا دەپ بىرەلىگۈدەك بوپ كەتتۇق دەيدۇ بىر تونۇشۇم .شۇ بويۇنچە ئىش كۆرەي دەپ ئائىلمۇ-ئائىلە، ئىشىكمۇ-ئىشىك يۈرۈپ ئايغىمنىڭ چەمى قالمدى . بەزىلەردىن چىرايلىق گەپ ئاڭلاپ قايىتتىم ،بەزىلەردىن يامان ەەپ ئاڭلاپ قايىتتىم . ھەتتا ئىشىك باقار خادىملار ئاھالەر كىرەۈزمەڭلەر دەم ئىلىشمىزغا دەىلى قىلدىكەن دەيدۇ دەپ توسۇپ قويدى . نۇمسكى مىللەتكەنمىز مەيدىسىن ئىتتىرىپ كىرىشكە يۈزىمىز چىدىمدى . ئاتا-ئاندىن قالغان خىمىتۇرچ بولمىسا ياكى قولدا 20~15 مو يەر بولمسا ئەڭ ياخشىسى بازار ئىگىلكتىن سۆز ئىچشنى نۇمۇس دەپ بىلدىم دەيدۇ ھىلىقى سانسىز يالاڭئاياق سەيياھ كىشىلەرنىڭ تىپىك ۋەكلى بولمىش تونۇشم .
يىغىپ ئىيتقاندا سىز ئىيتقندەك بۇ ئىشلار ھامان ئۆز جايىغا چۈشىۇپ قالار دەپ ئۇ ئالەمگە ئۈمۈت بىلەن ياشاپ كەتمەمدۇق . ھە مۇنداق ھە ئىنكاس دىگەننى نۇر كابىل سىمىدەكلا يىزىپ ماشتاق .
ئوقۇمەنلەر ئوقۇپ بولاماي بىشىا قانمۇ ياكى ياغمۇ ئشقىلىپ نىمە چۈششە چۈشكىدەك يازمىسا ھادۇق چىقمايدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 01:59 PM