tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 08:22 PM
چۈنكى مەن ھېسيات بىلەن ئىش تۇتمايمەن ، كىم نېمە دېسە ئ ...
مەيلى يالقۇن روزى ئاكىمىز ئېيتقاندەك ئۇ تۈرك ناخشىچى بىلوگىدا شۇنداق يازغان بولسۇن ياكى باشقىلار تېپىۋالغان گەپلەر بولسۇن ، قىزلارنىڭ شۇ نەق مەيدان سەنئەت كىچىلىكىدىكى ئاتالمىش قىزغىنلىقى ھەممىمىزنى نومۇس قىلغۇزىدۇ، مەن گەرچە نەق مەيدان كىچىلىككە قاتناشمىغان بولساممۇ، شۇ كىچىلىكنىڭ لىنتىسىنى كۆرگەن ئىدىم، قىزلار قىزغىنلىقىدىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتىكەن، مەنمۇ نومۇس قىلغان ئىدىم، بۇ قانداقكى قىزلارنى سۆككىنىم ئەمەس، چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر قىزى، ئۇ گەپلەر ماڭىمۇ ئېغىر ھاقارەت تۇيۇلىدۇ، ئەمما رىئاللىق دەل شۇنداق بولغان، شۇڭا شۇ تۈردىكى قىزلارئوبدان ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك، چۈنكى قىزلار ھايالىقلىقى، نازۇكلىقى، ئۆز ئىززىتىنى ساقلىشى بىلەن گۈزەل، بىر مىللەتنىڭ قىز -ئاياللىرىغا قاراپ شۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا باھا بەرسە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، چۈنكى شۇ قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 10:28 PM