soalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:49 PM
2011-يىلى 5-ئايدا قۇرلۇش باشلانغان قەشقەر ئولتۇراق رايۇن ...
قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنچىلكى بىلەن ھازرقى زامان ئۆي بېزەكچىلكىنى مۇۋەپپىقيەتلىك بىرلەشتۈرەلىگەن نۇرغۇن بىزەكچى ھۈنەرۋەنلىرى شاگىرتلىرنى ئەگەشتۈرۈپ باشقا شەھەرلەردىمۇ بىنا ئۆي ،شەخسىي داچىلارنى بىزەشنى كۆتىرە ئېلىۋىلىپ پۇلنى چويلىدا سۈزۈپ يۇرۋاتىدۇ .
بولۇپمۇ خوتەندە پۇل تاپقانلار ئۆيىنى قەشقەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىرىگە بېزىتىش مودىكەن ، بىرنەچچە شۇنداق ئۆينى كۆرۈپ باقتىم ، بېزەكچىلىك سۈپتىمۇ بەك ياخشىكەن ،ھەققىمۇ شۇنىڭغا يارىشا يۇقىرى ، ئەڭ ئاددىي بىزىگەن ئۆيلەرگىمۇ 100مىڭ ئەتراپىدا كېتىپتۇ ، بەزى بايلار مىليوننىڭ ئۈستىدە بىېزىتىپتۇ .
شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇستىراق ھۈنەرۋەنلەر پۇلنى جىقراق تېپش ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرگە كەتتىمۇ ياكى سىز دىگەن ئۆيلەرنىڭ تولىسى مەمۇرلارنىڭ بولغاچقا ،بۇلار مودا قوغلشىپ ياۋروپا ياكى خەنزۇچە بىېزتىشكە ئامراق ، مىللىي پاسوندا ئۆي بېزىتىشكە ئانچە قىزقمامدۇ ؟