hayat يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 09:06 PM
ئەسلى بىرتېمىغا قارشى ئىنكاس يازمايتتىم. بۇ قىتىم مەج ...
ئورۇنلۇق تەكلىپ پىكىر بولۇپتۇ. ئەسەردىكى ھەر ئۈچ سۆزنىڭ بىرىدە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن،
مەن تۆۋەندە ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى بىر ئابزاسنىلا نەقىل قىلاي: ‹ كىم؟
يىرىم (يېرىم) كىچىدە (
كېچىدە) ئادەمنى ئۇخلاتماي
قاندا (
قانداق)
نىمىلە (
نېمىلەر) بۇ؟ئاستى
كارۋاتتا (
كارىۋاتتا) ياتىدىغان
يۇپۇرغۇلۇق (
يۇپۇرغۇلىق)
ئاغىنەم (
ئاغىينەم)
غودۇرغىنىچە (
غودۇرىغىنىچە)ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىلى ماڭدى.
سىرىتتىن (
سىرتتىن) بولسا ‹‹مەن ،مەن..››دەپ تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سۆز ئىبارىلەر بىر بىرى بىلەن ئۇلىنىپ كېتىپتۇ، ياكى بوشلۇق قويۇلماپتۇ.
ھايات ئۇستاز، مېنىڭچە سىز مەيلى قايسى پەن ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىڭىزدىن قەتتىينەزەر، ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ تىل ئىشلىتىش، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ۋاقىت چىقىرىپ يېتەكچىلىك قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزگە ئاپىرىن.
ھازىر كېتاپخانىلار كاساتلىشىپ، چۆلدەرەپ قالدى. بىراق، يەنىلا بىز مەيلى قايسى دەۋىردە ياشاشتىن قەتتىي نەزەر، ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتىشىمىز، ئانا تىلدا يېزىلغان ھەرقانداق يازمىمىزنى ئوقۇغانلارغا توغرا، تولۇق، مۇكەممەل، راۋان چۈشىنىشلىك بولىشى كېرەك. تىنىش بەلىگىلىرى جايىدا توغرا قويۇلىشىغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. تىل - يېزىق ــ بىر مىللەتنى، يەنە بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئەسەر ئاپتورىدىن ئاتىكارچىلىق قىلغىنىمدىن ئەپۈ سورايمەن. بۇ ئىنكاسىم نوقۇل مۇشۇ ئەسەر ئاپتورىغىلا ئەمەس، بەلكى، ھەر بىرىمىزگە ئورتاق ئىنكاس.