zulpukar يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:13 PM
بىرىنچى قېتىم سوتتا ھۆكۈم قىلىنىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇ ...
ئۆزگىرىش بولۇش ياكى بولماسلىقى دەلىل ئىسپات ۋە 1-سوتنىڭ قانۇنغا تەدبىقلىنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا: ئەگەر، دەۋەگەر ياكى جاۋاپكارلار بىرىنچى سوتتا تەمىنلىگەن دەلىل ئىسپات يېتەرلىك بولۇپ، ھۆكۈم چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككە تەرەپ، 1-سوتتا، سوتچىنىڭ قانۇنغا تەدبىقلىشىغا نارازى بولۇپ، ھۆكۈمنامىگە قايىل بولمىغان بولسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ، 10 كۈن ياكى 15 كۈن (بۇ سۈرۈك ھۆكۈمنامىدا ئېنىق يېزىلىدۇ) ئەسلى سوت مەھمىكىسى ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قايىل بولمىغان تەرەپ ئۆزى بىۋاستە بىر دەرىجە يوقۇرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇنىدۇ. بىر دەرىجە يوقۇرى سوت مەھكىمىسى 1-سوتتىكى ماتېرىياللارنى قايتا قاراپ چىقىپ، ھەقىقەتەن خاتالىق بار ئىكەنلىكىنى بايقىسا، قايتا سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەسلى ھۆكۈمنامىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەگەر 1-سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى ھەقىقەتەن قانۇنغا ئۇيغۇن بولسا، بىر دەرىجە يوقۇرى سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، ئەسلى ھۆكۈمنامىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
(ئالدىراش بولغاچقا تەپسىلى يېزىلماي قالدى. كېيىن تولۇقلاپ يوللايمەن، ياكى باش تېما ئاپتورى تولۇقلاپ قويار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 11:53 PM