ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:14 PM
قانۇننى بىلمىگەنلەر ھەقىقەتەن بىچارە، قانۇن ئارقىلىق ...
مەن تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ، قانۇن بىلمەيمەن ،لېكىن مەن بىچارە ئەمەس ، چۈنكى مەن قانۇنغا خلاپ ئىش قىلسام جازالىنىدىغىنىمنى ،ھەرقانداق بىر شەخس ياكى تەشكىلات-ئورگان مېنى ئاساسسىز بوزەك قىلسا، مەنپەتىمگە ،جىسمانىيتىمگە،ئابرويۇمغا دەخلى -تەرۇز قىلسا قانۇن ئارقىلىق قوغدىنىش ھوقۇقۇم بارلقىنى بىلىمەن ،مېنىڭچە بىر پۇقراغا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
قانۇننىڭ جىقلىقىدا قايسى بىرىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ ؟ ھەم ئۆگەنگىنىڭىز بىلەن ئۇنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى دۆلەت تەيىنلىگەن قانۇن ئورگانلىرى ۋە ئىجراچىلاردا تۇرسا،شۇلار بىلىپ ئىجرا قىلمىسا ياكى ناھەق ئىجرا قىلسا نىمە قىلالايسىز ؟
مەسىلەن :ھىندستاندەك پۇقرا قىزلىرى باسقۇنچىلىق قىلنىپ ئۆلىكى دەرەخكە ئېسىپ قۇيۇلسىمۇ ، قانۇن ئورگانلىرى ھەتتا مۇھىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى باسقۇنچىلقىنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قاراپ ،ئەرزىلەرگە پەرۋا قىلمىسا ،قانۇننى يادلاپ سۇ قىلۋەتسىڭىزمۇ پوققا پايدىسى يوق !
دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت پۇقراسىنىڭ قانۇننى ماددىمۇ-ماددا بىلىش ،ئۇنى يادلاش مەسئۇليتى يوق .بىراق قانۇن ساھەسىدىكىلەر چوقۇم شۇنداق قىلشى كېرەك . پۇقرادىن كەلگەن باجدىن مۇئاش -تەمىنات ئېلۋاتقان قانۇن تۈزگۈچىلەر ،ئىجرا قىلغۇچىلار چوقۇم لىللا مەيداندا تۇرۇپ قانۇننى تەبىقە ،مىللەت ،جىنىس ئايرىماي ئادىل ئىجرا قىلىشى شەرت !(ئېلىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەردە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كىرىمى باشقا كەسىپلەردىن يۇقىرى،مۇشۇ دەل قانۇن -ئەدلىيە ساھەسىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ، قانۇن ئىجراچىلىرنىڭ يۇقىرى كىرىمى بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان تەدبىر )
ئەمدى ھەممە ئىشقا لايىق قانۇن بار تۇرۇپ ، گېلىنى ياغىلغانلارئۈچۈن يوچۇق ئىزدەپ،ئامال بار شۇلارغا پايدىلىق ھۆكۈم چىقرۋاتقان نەپسانىيەتچى قانۇن ئىجراچىلىرى جاجىسىنى يېمىسە پۇقرانى قانۇننىڭ ئادىللقىغا قۇرۇق تەشۋىقات بىلەن ئىشەندۈرگىلى بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 11:07 PM