ئانىجان يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 11:30 AM
ھەي،ھازىر بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيىسىنى دەرھال ئۆزگ ...
سىزگە نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەي قالدىم. ‹‹ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق›› دەيمىكىن دېسەم،بۇ تەسەللىدىن ئۆزۈممۇ قانائەتلەنمىدىم. بۇ شېئىرنى ئىككىمىزتەڭ ئوقۇپ،تەڭ ئازابلىنايلى. ھازىرچە ئامال-چارە تاپالمايدىغان ئوخشايمىز بۇ نادانلىققا.
مەن ئۇيغۇرمەن
مەن ئۇيغۇرمەن بەختىم پۈتۈن تۇغۇلغان،
تارىختا بىر يۇلتۇز بولۇپ تونۇلغان.
ۋادىلارغا تولۇپ ئاققان دەريادىم،
يىللار ئېشىپ،چۆللەر ئارا سوغۇلغان.
مەن ئۇيغۇرمەن ئۆملۈك بىلەن كۆكەرگەن،
چېچىلغاندا قۇدرىتىمنى يۈتتۈرگەن.
بىر قولۇمدا ئۈمىدۋارلىق مەشئىلى،
جاسارەتنى بايراق قىلىپ كۆتەرگەن.