esilzad يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 12:55 PM
بۇلارنىڭ ناخشىسى مۇڭلۇق ئىكەن، مىللى مەدەنىيەتنىڭ بى ...
بىر كۆرۈپ قويغىدەك ،ساقلىۋالغۇدەك قىسقا فىلىم ئىكەن .
بىز ئۆزيۇرتىمىزدا شۇنداق سۈرلۈك مازارلارنىڭ ،ئاشۇنداق جان جەھلى بىلەن روھىييەت دۇنياسىغا غەرق بولۇپ بىز چۈشەنمەيدىغان ئۆزگىچە بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشلىرمىزنىڭ بارلقىنى بىلمەيدىكەنمزيۇ ،چەتئەللىكلەر ئاتايىن شۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىپ ،ھازرقى دۇنيادا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بۇ ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادسسسىنى تەتقىق قىلۋېتىپتۇ .
مەن سوپلىق -ئاشىقلىق يولىنى ياقتۇرمايمەن ،ھەم بىتئەت دەپ بىلىمەن .
بىراق بەزى كىشلەر بۇ يولنى ئۆزى تاللىغان ئىكەن ،،پەقەت ئۇلار ئۆزگىگە ۋە جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرمىسىلا بىزنىڭ ئۇنى ئەيىپلەش ئاساسىمىز يوق دەپ ئويلاپ قالدىم ،چۈنكى بىز ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە ۋە ئۇچىغا چىققان نادانلىق سانالغان بۇ ئىشلار ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ يۇقىرى روھىي پەللىسى ئوخشايدۇ ،ئاۋۇ ئاشىق سوپىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئوقۇۋاتقان مۇناجاتلىرى ، ھالدا جەررى -ساما سېلىشلىرى ،بۇقۇلداپ يامغۇردەك يىغلاپ كەتكىنىگە قاراپ مەن ئۈچۈن تۇتقان يولى پۈتۈنلەي بىمەنە ۋە خاتا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىخلاسىغا ، ئۆز ئىتقادىغا بولغان ساداقىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم .