Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 02:20 PM
سىز دېگەندەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئاتالمىش تەسەۋۋۇپ س ...
ھازىرقى بۇ ئەسەردىكى نۇرغۇن بايانلار رېئاللىقتىكى تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلغان مۇتتەھەم ئاشىقلارنىڭ تەسۋىرىنى بېرىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، چاغداش بۇنداق ئاشىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ، مەن بىلىدىغان نۇرغۇن ئاشىقلار يەر تېرىيدۇ، ھالال ئىشلەيدۇ، ناتۇنۇشلار بەرگەن نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. بۇ بىر مەسىلە.
يەنە بىرى، تەسەۋۋۇپ بىلەن سوپىزىم ئىككىسى ئوخشاش مەنىدىكى گەپ، سىز دىگەندەك ئىككى گەپ ئەمەس، ئەمدى مۇنۇ يەردىكى سوپىلار بولسا ئاشۇ تەسەۋۋۇپ ياكى سوپىزىمنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى مەۋجۇد ساقىندىلىرىدۇر، ئەل ئىچىدە ئۇلارنى تەرىقەتچىلەر دەپمۇ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئەل ئىچىدە تەسىرى خېلى بار، بۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھاياتتا چىقىش يولى تاپالمىغان، باشقا كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلاتلارغا ئامال تاپالمىغان كىشىلەر بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرقانداق زامان ، ھەرقانداق ماكاندا بولىدۇغۇ، ئۇلارنى بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى دەيمىز شۇ.
ئەمدى«ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئاتالمىش تەسەۋۋۇپ سىڭىشكەنمۇ ياكى ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى سىڭىشكەنمۇ ؟» دىگەن سۇۋالنى مەن ھېس قىلالمىدىم، تەسەۋۋۇپنى ئاتالمىش دەپ ئىزاھلىسىڭىز سىز پەقەت بىر ئىنكارچى بولۇپلا قالىسىز، ئۇنىڭغا قانداق قىلغاندا چىن مەنىدە چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز، تەسەۋۋۇپ شەرق مەدەنىيىتىدىكى ئۆزگىچە بىر ئېقىمىدۇر، ئۇ بارلىق ئىسلامىي خەلقلەرنىڭ ھەممىسىدە بار، ئۇيغۇرلارمۇ مۇسۇلمان خەلق بولغاچقا بىزمۇ ئۇنىڭدىن خالىي بولالمىدۇ شۇ. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارغا خاس سوپىزىم بولمايدۇ، بۇنداق ئۇقۇم مەۋجۇد ئەمەس.
تەسەۋۋۇپ -زاھىدلىقنى، بۇدۇنيادىن ئاخىرەتنى ئۈستۈن قويۇشنى، ئاخىرەتكە كۆپرەك ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنداق قاراشلار ئىسلامدىلا ئەمەس، باشقا دىنلاردىمۇ كۈرۈلىدۇ، مەسىلەن، بۇدىزمدىمۇ، خرىستياندىمۇ كۈرۈلىدۇ.
تەسەۋۋۇپنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇد بولۇشىغا يول قويۇش كېرەك، چۈنكى، ئۇنى توسۇيتتىم دەپمۇ توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىماىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىۋېلىشى جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلۇغبەگ پاجىئەسى ئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرىنىڭ ئېسىدىن تېخى كۈتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق، يەنە خوجا ئافاقنىڭ پاجىئەسىنى ھەم تارىخ ئونتۇپ كەتكىنى يوق، (ئەينى چاغدا سەئىدىيىلەر شاھلىرى دۆلەت باشقۇرۇشنى مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالمىغان بولسا ئافاق خوجا پاجىئەسى يۈز بەرمەس ئىدى)، مانا بۇ ئىككى تارىخىي ۋەقە تەرىقەتچىلەر يەنى سوپىزمچىلارنىڭ ئۆز رېلىدىن چىقىپ ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئارىلىشىشىدىن كىلىپ چىققان ئېچىنىشلىق ۋەقەدۇر. بېقىنىمىزنى پىت چاققىنى ئۈچۈنلا چاپاننى ئوچاققا سالساق بولمايدۇ، پەقەت پىتنى تېرىۋەتسەك بولىدۇ، چۈنكى چاپان يەنە لازم بولىدۇ