مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىگە كىم يېتەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14121
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 529 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 08:39:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 02:49 PM
ناۋات ناۋات ئىنكاس !

ھەجەپمۇ جايىدا  كەپتۇ ئىنكاس ...

بىزنىڭ كەنىتننىڭ شۇجىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سىز قانداقمۇ بىلىۋالغانسىز ،ئەجەپ تەپسىلى يىزىپسىزغۇ شىنخۇا ئاگىنىتلىقى مۇخبىردەك،
بىز قىلايلى دىسە بەمەيدۇ ،ئۆزى كۈندە ئاغزىدىن تۈكۈرۈك چاچىرتىپ بۇ خزمەتتىن بەزا بولدۇم ،دەپ
نەچچە ۋاخ  زارالايدۇ لىكىن ،پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك خىزمىتىگە چاپلاشقىنى چاپلاشقان ،
بىچارە دىھقانلىرىمىزنىڭ ئاھۇ زارىغا ئۆزى يەتمىسە باشقىلار ھەرگىز يەتمەيدۇ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4624
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن بۇ تىمىدىن يېزا ئاساسى قاتلاملارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن
بىلگىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەندەك بولدۇم، شۇنداقلا مۇشۇ تىمىدا تىلغا
ئېلىنغان يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئادىللىقتىن، ئىلمىلىكتىن، قانون-سىياسەتتىن، ئىنسانىي مېھرى-
مۇھەببەتتىن چەتنىگەن ئۈلۈك خىزمەت ئۇسۇلىغا قاتتىق نەپرەتلەندىم. ناھايتى ئېنىقكى، بۇ
خىل خىزمەت  ئۇسۇلى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ خىزمەت ئۈنۈمىنى
ئۆستۈرۈش بۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى بۇغۇپ قويۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى
تۆۋەنلىتىۋىتىش رولىنى ئوينايدۇ، كۈتكەننىڭ تەتۈرىسىچە نەتىجە بىرىدۇ.
   بۇ تىمىنىڭ دەلىللىرى يىتەرلىك، تەپەككۇرى ئوچۇق، تىلى راۋان، ئىملاسى توغرا بۇلۇپ،
مەن مۇشۇ مۇنبەردە ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى ئەسەر ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇنى مۇكاپاتلىنىدىغان
ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بۇلىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ دائىم
چىقىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تىما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104588
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:29:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئنىتايىن ئەتراپلىق يېزىپسىز،مىنىڭ يولدىشىممۇ يېزىدا ئىشلەيدۇ،مۇشۇ جىددى ۋەزىيەت باشلانغاندىن بۇيان كۈندە كەچتە يېزىدا دىجورنى تۇرغىلى چىقىپ كىتىدۇ،ئۆيگە كىرىپ تامىقىنى يەپ بولغۇچە تىلفۇن قىلىپ چاقىرىپ بۇلىدۇ.بىر كۈندە ئاز دىگەندىمۇ 20-25كىچە ئادەم دىجورنى تۇرىدۇ.مەنمۇ مەكتەپتە دىجورنى تۇرىمەن، بارى- يوقى15ئادەم، بىر ئەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى قۇشۇلۇپ ئاران 3ئەر كىشى بار.ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپلا  تۇرىمىز،قارىسا بىر-بىرىمىزدىن ئۇششاق 5-6قىزلا ئاشۇ بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنى قوغداپ مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغىلا كارۋاتنى قۇيۇپ شۇ يەردە ئۇخلايمىز،بەزىلىرى قۇچاقتىكى بالىسنى ئەپ چىقىپ كېچە سائەت 2كىگىچە  بىز بىلەن بىللە  تەڭ دىجورنى تۇرىدۇ. يېزىدىن ،ناھىىيىدىن چىقىپ تەكشۈرىدۇ شۇ ھالەتتە دىجورنى تۇرىۋاتقىنىمىزنى كۈرۈپ بىزگە ئىچى ئاغرىيىدۇ ھەم مائارىپ ئىشخانىسى ئالاقىلىشىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىنى كۆپەيتىپ بەمەكچى بولىشىدۇ ئەمما ناھىيىدىن كەلگەن چوڭ باشلىقلا بىر   كەتتىمۇ ئاخىرىدا ھىچنىمە يوق،ئۆزىمىنىڭ باشلىقلىرى بولسا خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ياخشى ئىشلىمىسەك ئورنىمىزنى بىكالاپ يولىمىزغا راۋان بولۇشنى دىجورنى تۇرمىغانلارغا ياكى دىجورنىلىككە كىچىككەنلەرگە ئېغىرجەرىمانە قۇيىدىغانلىقىنى يىغىندا تەكىتلەپ تۇرىدۇ.  

ئۇلۇغ اللادىن ئەقىل-پاراسەت ۋە سەبىر تىلەيمەن!

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8128
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1731 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:45:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما  جايىنى  تېپىپتۇ  بەكمۇ     ورۇنلۇق پىكىر كۆز قاراشلار بىلەن يېزىلىپتۇ

كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 05:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلليەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ،ناھايتى ياخشى يىزىپسىز . بۇلۇپمۇ بىزدەك ئاساسى قاتلام كادىرلىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا . بىز دىمەكچى بولغان گەپپلەرنى دەپسىز . لىكىن بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.
يەنىلا شۇ ئارزۇ ئۈمۈد ئىچىدە ياشاۋىرىمىز خالاس.
بىز ئاساسى قاتلام كادىرلىرنىڭ يۈرەك سۆزىنى كىممۇ ئاڭلاپ ، كىم تۈزىتىدۇ ، كىم ئۆزگەرتىدۇ ، بىزنىڭ دەردىمىزنى كىم چۈشىنىدۇ . بۇ بىر مۇھىم مەسلە .

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 03:11:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۇپ سەل قاقشىغۇم كىلۋاتىدۇ
دوستلار ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى ؛ تەكشۇرۇش يەنىلا بىز ئۇيغۇرلارنى تەكشۇرۋاتقەن
ئىچكىردىن چىققان ئىشلەمچىلەرگە ھىچ گەپ يوق بىراق بىزگىچۇ ؟ سىرىتقا چىقىپ ئىشلەش كىنىشكىسى، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ،...

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1171 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 03:40:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 04:02 PM
مەن بالامغا شۇنداق تەربىيە قىلىمەن: بالام ياخشى ئوقۇغى ...

ئىنكاسنىڭ ئەڭ نوچىسى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1171 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 03:45:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە شۇنداق ئۆز دەردىنى تۆككەن بىلەن، ۋاقتى كەلگەندە جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ كىچىككىنە بىر ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيسىلەر، يەنە كېلىپ ئۇلارغا ياخشىراق مۇئامىلەڭلارمۇ يوق، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە بۇنداق ۋايساشلار تازا ئاقماس پاراڭ بوپ قالدىمۇ قانداق؟
خىزمەتنى ئۆزمۇ رازى بولغۇدەك، ئاساسلىق دېھقانلارنى رازى قىلغۇدەك قىلىش كېرەك، بولمىسا قاخشىماي ئاستا يولغا مېڭىش كېرەك، ئۇنداق قىلغۇسى كەلمىگەن، ئۆزىگە خوش ياقمايدىغان، خۇشاللىق تاپالمايدىغان خىزمەتنى قىلماسلىق كېرەك.
بىرەر دېھقاننىڭ كىچىككىنە بىرەر ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىڭە قېنى، ھە شۇ چاغدا خىزمىتىڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:38:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 02:18 PM
شۇنداقمۇ قاقشىدۇق خىزمەت قىلماق تەس دەپ ،يا شۇنچىۋالا  ...

قاراخان بۇرادەر، ئەگەر پەقەت ‹تۆمۈر تاۋاق› نىلا كۆزلەپ، خىزمەت قىلىۋاتقان، ‹ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق› دېگەندەك كادىر-خىزمەتچى دېگەن نام-ئاتاققا ھېرىسمەن بولۇپ، بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ھېساب دەپ ياشاۋاتقان بولساق، بۇ تېمىنى يېزىشتىنمۇ ئېرىنىپ، سىڭگەن نېنىمىزنى يەپ ئولتۇرۇپ ئولتۇرغان بولاتتۇق، ئەمدى ھەممە ئادەم بىسىم-كۈلپەت تارتىۋاتىمىز، دەپ ‹جۈرئەتلىك› بولۇپ، خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كىتىۋەرسە، باشقىلار بۇ خەخ مۇشۇنچىلىك ئىشىنمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدۇ، دەپ مەسخىرە قىلىۋەرسە، بىز يەنە ئوت سىرتىدا ئوت ئىچىدە كۆيگەندىمۇ بەكرەك ئازابلانماسمىزمۇ؟ ياخشى بولغان بىر ئاساسى قاتلام كادىرى رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئازادە ياخشى ياشىغىنى ياخشىمۇ ياكى ئاشۇ ناچار شارائىتلارنى بىر ئاز بولسىمۇ  ياخشىلاپ باقاي دەپ ‹ جەمىئيەتتە تىرىشىپ ياشاپ › باققىنى ئەۋزەلمۇ؟!

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:56:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىمى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 03:24 PM
خەلىق باج تۆلەپ ھەر قايسىڭلىنى بېقىۋاتسا ، دۆلەت ھەر ق ...


راسىت دەيسىز، بىز ئەتىگەن سائەت يەتتىدە ئۆيدىن ئايرىلىپ، چۈشتىمۇ ئارام ئالماي دېھقانلار بىلەن بىللە ئېتىزلاردا سۇ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چېچىپ، دېقانلار بىلەن بىللە ھەمسۆھبەت بولۇپ، يەنە ئايلاپ-ئايلاپ ئاپتاپلاردا يۈرۈپ قارىداپ، سوغۇقلاردا يۈرۈپ، پۇتلىرىمىزنى ئۈشتۈپ قويۇپ، كەچلىرى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن، باللىرىمىز ‹دادام قاچان كېلىدۇ› دەپ قاخشاپ-قاخشاپ ئۇخلاپ قالغاندا، ئەمچەكتىكى بالىلار ئۇسسۇزلىقتىن، ئاچلىقتىن ئانىسىنىڭ ئىللىق قوينىغا زار بولۇپ، ئىسەدەپ-ئىسەدەپ ئۇخلاپ قالغاندا ئاران ئۆيىمىزنى (ياق، كىچىسى ئۇخلايدىغان دەڭ) تاپقان بولغاندىكىن ، بىز ئالغان مائاش ئەلۋەتتە ھارام بولۇشى كېرەك، دۈجۈرنىلىكتە تۇرىمىز دەپ 24سائەتلەپ ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزغاندىكىن بىز ئالغان مائاش،ئەلۋەتتە ھارام بولۇشى كىرەك. شۇنچە ئىشلىگەنگە لايىق يا رەھبەرلەرنى يا سىزدەك خەلق ۋەكىللىرىنى رازى قىلالماي ئەسكى پالازدەك سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندىكىن ئەلۋەتتە،ئالغان مائاشىمىز ھارام بولۇشى كېرەك. 24 سائەت ئارام ئالماي، ھەتتا پۈتۈن كىچە ئۇخلىماي تۇرۇپمۇ ‹ئەسكى پالازدەك› سۆرەلمەيدىغان ئالاھىدە ئۇسۇللار بولسا، بىزگە دەپ بەرسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتۇق، سىزمۇ مائاشىمىزنى ھاللاللاپ ئېلىشىمىزغا ئالەمچە تۆھپە قوشۇپ، نۇرغۇن ساۋاپقا ئىگە بولاتتىڭىز. مۇمكىن بولسا، ھارام مائاش ئالغانلارنى تەكشۈرۈدىغان ئاشۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خزمەت گورۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ سىزمۇ بىر كەلسىڭىز (شۇ تەكشۈرۈشكە) بەكمۇ خۇرسەن بولاتتۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 12:03 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش