shoruq يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:38 AM
قاراخان بۇرادەر، ئەگەر پەقەت ‹تۆمۈر تاۋاق› نىلا كۆزل ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بەلكىم دىگەنلىرىم مۇنبەردىكى بەزى كادىرلارنىڭ ئاچچقىنى كەلتۈرۈپ قويغاندۇ ،مەنمۇ كادىر، كۆرۈپ تۇرۋاتقان ناھەقچىلىق توغرىسىدا قاقشسام سىزدىن ئېشىپ چۈشىمەن .ئاساسىي قاتلامدىكى ھەقىقىي ئىشلەيدىغان ، ھالال نىيەتلىك ساپالىق كادىرلارنى ھەققەتەن ھۆرمەتلەيمەن .سىزگە بىرلا مىسال ئالاي ئويلاپ بېقىڭ:
بىز كادىرلار دائىم بىرقىسىم باشلىقلاردىن ،تۈزۈلمىدىن قاقشايمىز، ئازراقلا بىكار قالساق قىلشىدىغان پاراڭ تېمىسى ئاساسلقى جەمئىيتىمىزدە بىيۇكراتلىق ،ھاكىمۇتلەقلىق ،چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئەپ كېتىشدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە بولىدۇ -دە ئاخىرىدا بۇ نازارەتچىكنىڭ كەملكى ،پۇقرادا (جۈملىدىن بىزدەك ئادەتتكى كادىرلاردا) ئەمەلدارلارنى نازارەت قىللايدىغان ،دادىل پىكىر-تەنقىت بىرەلەيدىغان دىمۇكراتىينىڭ يوقلىقى توغرىسىدا قاقشاپ كېلىپ ،ئاخرىدا ھەممىنى تۈزۈلمىدىكى مەسىلە دەپ خۇلاسە قىلىش دائىملىق ئەھۋال ،بىز جۇڭگۇلۇقلار ھەممىلا ئىشتا تۈزۈلمىدىن قاقشاپ ،ھەممىنى تۈزۈلمىگە ئارتىپ ئادەتلەنگەنمىز .
يىللىق خۇلاسە ، رەھبەرلەرنى دىمۇكراتىك باھالاشتا قولىمىزدىكى شۇنداق ناچار باشلىقلارنى موللاق ئاتقۇزالايدىغان ،ھېچبولمىغاندا سەگىتىپ قويالايدىغان نازارەتچىكىك ،دىمۇكراتىك باھالاش ھوقۇقىمىزنى يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشلىتەلەيدىغان چاغدا ،كۆپىنچىمىز دائىم ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئادالەت ،دىمۇكراتىيە...دىگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ ،ئاشۇ قولىمىزدىكى نامسىزبىر بىلەتتىكى «لاياقەتسىز»دىگەن گراپىنى تاللاشقا جۈرئەت قىلالماي قانداقتۇر خۇدۇكسىرەش ،مەسئۇليەتسىزلىك ھەتتا تاما -خۇشامەت بىلەن ۋىجدانىمىزغا خلاپ ھالدا «ئىلغار »دەپ تاللاپ ،شۇ بىرقىسىم بىيۇكرات ،ساپاسىز باشلىقلارنىڭ داۋامىلىق ئەمەل كۇرسىدا ئولتۇرشىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمىز ،ھەتتا بەزى نائەھلىلەر ئوغرى چاشقاندەك ماراپ يۈرۈپ ،كىمنىڭ «لاياقەتسىز»نى تاللىغانلقىنى بىردەمدە باشلىققا چېقىپ ،ياخشىچاق بولۇشقا ئامراق .باشلقنى لاياقەتسىز باھالىغان كادىر بولسا كېلىدىغان بىر يىل ئىچدە شۇ تاللغىنىغا بۇرنى -قۇلاققىچە تويغىچە زەربىگە ئۇچرايدۇ....بۇ بىز دائىم كۆرۈپ تۇردىغان ئىشلار. مانا بۇ بىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم كادىرلارنىڭ ساپاسى ....بىز كادىرلاريالغۇز خزمەت ئىقتىدارمىزنى ،ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي ئەڭ مۇھمى ھەققانىيەت تۇيغۇمىزنى ،ئىجتىمائىي ئادالەت تۇيغۇمىزنى ئۆستۈرسەك بولغىدەك ، بىزدەك جەمئىيەت سەرخللىرى ھېسابلىنىدىغان خان ئاشلقى يەيدىغانلار بۇنداق جۈرئەتسىز بولۇپ ،قانۇن بەرگەن دىمۇكراتىك نازارەتچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئىشلىتەلمايۋاتساق ،ئاۋامدىن يەنە نېمە كۈتۈش مۇمكىن ؟
ئۆزىمىزنى ئىتراپ قىلىش ساختا ئالىيجاناپلىقتىن مىڭ ئەۋزەل .
ئەمدى بىرقانچەيلەننىڭ مۇنبەردە قاقشىشى پەقەت «بېگىم يوق يەردە ئالىيىۋالاي »دىگەندەك بىر ئىش خالاس ،چۈنكى ھېچقانداق باشلىق مىسرانىمغا كىرىپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرمايدۇ .بۇنى ھەممىمىز بىلىمز.
ئاخرىدا دەيدىغىنىم بىزنىڭ زادى قانداق ئىشلەۋاتقىنىمىزنى ،كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقىنىمىزنى ،قانداق جاپا تارتىۋاتقىنىمزنى ئۆزىمىز قانچە سۆزلىسەكمۇ چاك باسمايدۇ ، يەنىلا باج تاپشۇرۇپ بىزنى بېقىۋاتقان ،بىزنىڭ خزمىتمىزنى كۆرۈپ تۇرۋاتقان خەلقىمىز باھالىسىۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 02:21 AM