مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: heslirim

سىرلىق قىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

不放弃,不抛弃

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 279
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9909
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 09:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ ؟        يىزۋاتامسىز يە ؟بەك ساخلاپ كەتمەيلى

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10931
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1527 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 09:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ھىكايە ماڭا بەك ياردى جۇمۇ ،مەنمۇ يەنە 6يىل بويتاق يۈرسەم مۆمىن توڭدەكلا بولۇپ قالغۇدەكمەن ،لىكىن بىر يەرلىرى مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئوخشاپمۇ كىتدىكەن ،مىنىڭمۇ بىر جانجىگەر ئاغىنەم با ئىسمى تايىر لىكىن ساقلى جىق ،مەنمۇ ئۆيدە گەپ ئاڭلىسام ئۆستەڭ بويغا بېرۋېلىپ قولاققا نائۇشنىكنى تاقاپ ناخشىنى بولىشىغا تولاپ كىتمە ،مەن ناخشىنى سەت ئېيتامدىم يا ناخشامنى ھېچكىم ئاڭلىمامدۇ بىلمەيمە ،ئۇنداقمىكى دىسەم ئۆستەڭ يولنىڭ بويىدا ،گەپنىڭ قىسقىسى بەلەن يېزىپسىز مۇنۇ ھىكايىنى داۋامىنى كۈتىمە
ھېلىقى ئاغىنەمنىڭمۇ قاراڭ بېشىدا چېچى ئاز

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 09:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heslirim يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 07:08 PM
بۈگۈن  خۇدا  خالىسا  يېڭى  باپنى  يوللايمەن

سىزگە ئازراق تەلەپ ئارلاشقان پىكىرىم بار ئىدى،دىسەم بولامۇ دەپ بەك ئىككىلىنىپ ئاخىرى دېيىشنى توغرا تاپتىم،  ئۇشبۇ ئىجادىيتىڭىزنى تاماملاپ بوپ خاپا بولماي مىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 02:48:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
donapandi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 07:23 PM
مىسرانىمغا يوللىسا بولمامتى

خەق   يوللىمىسڭىز   بولمامدۇ  دىمەپتۇ  ؟   ئۇيغۇر  تىلىدا   چۈشنىشلىك  قىلىپ  .يوللاپ  ياخشى  قىپسىز. دەپتۇ  . ھەنىم  بولسا  ئۇيغۇرچە  يېزىپتۇ   ئىنكاسنى. . بىر ياخشى  ئىنكاستىن  پۇتاق  تاپمىسىڭىز  ئىچىڭىز  پۇشۇپ  قالامدىكەن. ياكى  ئىنكاز ئىگىسى ئىككەڭلارنىڭ   ئوتتۇرسىدا  سۈركۈلۈش  بارمىدى.ئەگەر  ئوتتۇرداڭلاردا  ئاداۋەت  بولسا.  ئايرىم  دىيشىپ  ھەل  قىلىڭلار. تېمامنى  ىچەك  ئىنكاس  بىلەن  .توشقۇزۇپ  قۇيشۇڭلارغا  قەتتى يول   قۇيالمايمەن. ماۋۇ  ئەسەرنىڭ  ئايىغى  خېلى  ئۇزۇن. سىز قۇرۇق بەت  گەپ  سىز  قۇسۇر  ئىزدەپ  . بەت  سانىنى  ئاينىتىپ  بېرشىڭىز  ھاجەتسىز.            ئەسكەرتىش.  مۇنبەرگە  ھەرخىل  ساھەدىككى  نى  -نى  بىلىملىك   كىشلەر  كىردۇ. مۇنبەردىگەن  كىچبك بالىلارنىڭ  ئۇيۇنچۇقخانىسى  ئەمەس.  شۇڭا  ئىنكاس  يازغاندا  قىزىق قانراق  بولوپ  .قالايمىقان  .تېمىغا  مۇناسىۋەتسىز. باشقىلارنىڭ  غۇرۇرىغا  تىگىدىغان  .ئىنكاس  يېزىشتىن  ساقلانساق.  دىل ئازار   خۇدا  بىزا................ ھۆرمەتلىك  ئوقۇرمەن  دوسلار  بۈگۈن شەخسى  ئىشىىم  سەل  كۆپ بوپ  قېلىپ  .بۈگۈن  يوللىيالماي  قالدىم. لىكىن شەنبە كۈنى  يازالمىغاننىڭ ئورنىنى. يەكشەنبە   بىراقلا  تولدۇرمەن. ئەيىپكە  بۇيرىماسلىغىڭلارنى   ئۈمۈت  قىلمەن. بۇندىن  كىن ئۈزۈلدۈرمەي   يوللاپ  تۇرمەن.    .ماسلاشقىنىڭلارغا   رەھمەت. بەزى گېپىم  سەل  قوپال   بوپ  قالدى. مەندىمۇ  ئامال  يوق.  شۇنداق  يېزىشقا  .مەجبۇرلاپ   قويدى. قىسمەن  ئىنكاسلار.

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108352
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 12:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   ئەسىرىڭىزنى     مىسرانىمدىمۇ  كۈرۈپ     خۇرسەن  بولدۇم    رەھمەت  قۇلڭىزغا  دەرەت
    كەلمىسۇن    ئاخىرنى   قاپان  يازىسىز     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108352
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 01:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ   ئەسىرڭىزنى   مىسرانىمدىمۇ  كۈرۈپ    ناھايتىمۇ  خۇرسەن  بولدۇم   رەھمەت   
      قولىرڭىزغا  دەرىت   كەلمىسۇن      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108352
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 01:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heslirim يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 02:48 AM
خەق   يوللىمىسڭىز   بولمامدۇ  دىمەپتۇ  ؟   ئۇيغۇر  تىلىد ...

بۇ   ئەسىرڭىزنى     مىسرانىمدىمۇ  كۈرۈپ   ناھايتىمۇ   خۇرسەن  بولدۇم     رەھمەت  
     قوللىرڭىزغا  دەرىت  كەلمىسۇن  

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 03:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنجى باپ  چاھار باغدىكى چۈش
ئابباسنىڭ كونا ئۆيى ئۇنىڭ بوۋىسدىن قالغان ئۆي ئىدى.ئابباس كىچىك ۋاقتىدا شۇ ئۆيدە تۇرغان .ئابباسنىڭ دادىسى قېرىغانسىرى يالغۇزلۇقنى خالىمىدىمۇ، مەھەللە ئىچىگە كۆچۈپ كىلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كونا ئۆينىڭ قالتىس بېر بېغى بار بۇلۇپ، بىز دائىم چارچىغاندا ياكى زېرەككەندە ئۇنىڭ بېغىغا بېرىپ ھايات پەيزىنى سۈرەتتۇق.
مەھەللىدىكى بەزى قىزلارمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ بېغىغا ئامراق ئىدى. بىرەر سورۇنغا چاقىرساق باھانە تېپىپ چىقمايدىغان قىزلار ،ئۇنىڭ بېغىغا چاقىرساق  ئۆمىلەپ بولسىمۇ باراتتى. دىمىسىمۇ ئۇنىڭ بېغىدىن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن چىقىدىغان مىۋىلەرنىغۇ دىمەيلا قوياي،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مېۋىلەرنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزنىڭ ھاۋاسىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى ئىزدەپ سوراپ تېپىپ، كىچىككىنە بېغىنى پادىشاھلارنىڭ چاھار بېغىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
بىز ئۇنىڭ بېغىغا موتسىكىلىتتا كەلگەچكە ،يولدا گەپ قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى. لىكىن ئاۋۇ ئابباس پاينەك موتسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچىنى بەرمىگىنىمگە ئۇنىماي تارتىۋېلىپ،بەكلا قوپال ھەم تېز ماڭدى.ئۇنىڭ شۇنداق قىلدىغانلىقىنى بىلىپ ئاچقۇچنى بەرگىلى ئۇنىمىغان ئىدىم. لىكىن تازنىڭ جاھىللىقى ئالدىدا مانا مەن دىگەن جاھىللارمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۈگۈنمۇ مەن ‹ئاستا ماڭ!› دىگەنسىرى مەن بىلەن قېيىشىپ تېخىمۇ تېز مېڭىپ تاسلا قالدۇق توختاپ قالغان تېرەكتۇرنى سۇقۇپ ياش ھاياتىمىزنى نابۇت قىغىلى!
تېرەكتۇر شوپۇرىغۇ قېرىپ قالغان ئادەمكەن،لېكىن ئاۋۇ تېرەكتۇر قارىماققا يېڭىدەك قىلاتتى. ئەگە ر تېز سۈرەتتە كېلىۋاتقان موتوغا تىگىپلا كەتسە بىچارە تېرەكتۇر  شۇ جايىدىلا يەر چىشلەپ قالاتتى.
‹خەپ تاز !نەچچە ئاي بۇرۇن بىر قىزنى موتونىڭ كەينىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ،ئۆيۈڭدىكىلەرگە بىر مۇنچە بالا تېرىپ بەرگىنىڭدىن نىمىشقا ساۋاق ئالمايسەن› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن بىر مىنۇتمۇ ئادەمگە بىر كۈندەك بىلىندىكەن. قورقۇپ تىتىرەپ ئولتۇرۇپ ،يامەن تەسلىكتە تاز بۇرادىرىمنىڭ چاھار بېغىغا كىلىۋالدىم. لىكىن يۈرگۈم ھازىرغىچە تېز سۇقىۋاتاتتى. موتسىكىلىت توختىشغا سەكرەپ چۈشىۋالدىم.
- بۇ ساراڭلىغىڭنى قاچان تاشلا سەن؟ مۇشۇنداقلا قىلساڭ ھامان بىركۈنى تېرەككە ئۈسۈپ ئۈلىسەن!
تاز ئاچچىقلىنىپ چالۋاقاشلىرىمغا پىسەنتمۇ قىلمىدى. ئەكسىچە مېنى‹ قوقانچاق توخا يۈرەك› دەپ مازاق قىلىپ خېلىغىچە چىشىمغا تەگدى. ۋاھ باغنىڭ ھاۋاسى نىمانچە ساپ ! ھەم سالقىن. باققا كىرىپلا شۇنداق راھەتلىنىپ قالدىم، ئادەتتە ئۇنىڭ بېغىغا كەلسەم بىرىنجى بولۇپ قىلدىغان ئىشىم قايسى مېۋىنىڭ مەي بۇلۇپ پىشقىننى كۆزىتىش ھەم ئېغىز تىگىش ئىدى.
بۈگۈن باققا كىرىپلا قىزىرىپ پىشقا ن توغاچنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرىم ئېقىپ ئالدىراپلا بېرىپ بىرنەچچە تال توغاچنى ئۇرۇقى بىلەن قۇشۇپلا يەۋەتتىم. توغاچنى يەپ بۇلۇپ تۇرسام ،ئايپاڭ ‹تېخى تۆنۆگۈن ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى چاچقان توغاچنى يەپسەن ›دەپ ، قورقۇتۇپ كۆزلىرىمنى ئالا- چەكمەن قىلۋەتتى.
-ۋاييە ئۆلسەم ئۆلەرمەن، ھامىنى بىر ئۆلۈم. ئەگەر ھازىر زەھەرلىنىپ ئۆلسەم بەلكىم سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۆلگەنلىگىم ئۈچۈن گۇناھلىرىمدىن پاكلىنىپ قالامدىمەن تېخى؟
- مىنىڭ سەۋەبىمدىن ؟ قاچان بىرەر ئىشنى ئۆزەڭدىن كۆرەرسەن ؟، سەن ئۆزەڭ ئاچكۆزلۈك قىلىپ مىۋىنى يۇمايلا يەپ تېخى گۇنانى ماڭا قويماقچىمۇ؟
-سەن تاز باشتىلا دورا چاچقانلىقىنى دىگەن بولساڭ بۇ توڭ غورىلىرڭنى مەن ھەرگىز يىمىگەن بولاتتىم .
- ھا-ھا-ھا! ھەقىقەتەن ئۇششۇق كۆكەمە موللامدە سەن، ساڭا دىسەم سەن موللەككە ئۇچراپ قالغان شەيتاننىمۇ نەس باسىدۇ .
-قانداق تاز! گېپىمنىڭ توغرىلىغنى ھېس قىلغان ئوخشىمامسەن؟.ئەگەر توغاچتىن زەھەرلىنىپ ئۆلسەم، مېنى نەس بېسىپتۇ دەپ ئويلاپ،ھەر بىر يېشىمغا ئون مىڭ يۈەندىن ھېساپلاپ ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ يۈەننى ئاپامغا بېرىپ قوي . ئاندىن نامازنى كۆپرەك ئۇقۇپ گۇناھلىرىڭغا تۆۋە قىل. ئۆزەڭنىڭ گۇناھىغا مىنىڭ گۇناھلىرىم قۇشۇلۇپ دوۋزاققا ئوتۇن بوپ كەتمىگىن يەنە.
- ھە؟ يانا چۇ، يەنە قانداق ۋەز نەسىھەتلىرى بار؟ داموللام ،قاراخۇنۇم . تېزراق دەۋالسىلا ھېلى ئۈلگۈرە لمەي قالمىسلا يەنە!
-ھازىرچە مۇشۇنچىلىك . قالغىنى سەن ئايپاڭنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق .
-شۇنداقمۇ ئىنسابىغا باغلىق دىسلە ؟ ، ھېلىمۇ ياخشى تۆنۆگۈن ھاۋا تۇتۇق دەپ دورا چاچماپتىكەنمەن. بولمىسا بۈگۈن كۆرىدىغىنىم بار كەنتۇق مېنىڭ . ھېساپقا خېلى ئۇستىكەنسەن سەن موللاچاق .يىلىغا ئون مىڭدىن ئىككى يۈز سەكدەن مىڭ دەپ كېتىپسەن. ئاپاڭنىڭ قورسىغىدككى ۋاقتىڭنىمۇ ھىسابلاپ ئۈلىدىغان ۋاقتىڭدىممۇ مېنى قۇيۋالاي دەمسەن؟
- كىم سەن تازنى قۇيىمەن دەپتۇ؟.مەن پەقەت كىملىكتىكى يېشىم بويىنچە سەندىن تۈلەم تەلەپ قىلدىم.
شۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ ئابباس ئىككىمىز تەڭلا تازا قانغۇدەك كۈلۈپتۇق.كۈلكىمىز تۈگەپ بىرئاز سۈكۈتتىن كىيىن ئابباسنىڭ سۈزى جىمجىتلىقنى بۇزدى.ئۇنىڭ گەپ باشلىشى بىلەن باققا كەلگەندىن بېرى بارلىق قايغۇلارنى ئۇنتۇپ ئارام تېپىپ قالغان بېشىم ، يەنە ئەلەم ئۇچىغدا پۇچىلىنىشقا باشلىدى.
- سەن قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسەن ؟ ئاداش ؟ توي ئىشى ئۆمۈرلۈك ئىش ، سەل قارما ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىڭمۇ بىريەرگە بېرىپ قالدى ، چۇققۇم ياخشى ئويلان.
ئۇماڭا بىرتال تاماكا سۇنغاچ مەنىلىك قاراپ قويدى.
-مېنىڭ تاماكا چەككىنىمنى نەدە كۆرگەن ئىدىڭ. كۆتە ئۇنداق نەرسەڭنى. راسنى دىسەم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپلا قالدىم ، قانداق قىلىشنى پەقەت بىلمەيۋاتىمەن. سەن ئادەتتە مەن بەك ئەقىللىق بولغاچقا چېچىم چۈشۈپ كەتكەن دەپ ماختىنىپ يۈرەتتڭ .بۈگۈن ئىشلىتىپ باقە ئاشۇ ئەقىللىق كاللاڭنى؟
گېپىنى ئاڭلاپ ئابباسنىڭ چىرايى ئۆزگەردى تاماكىسنى قاتتىق ئىككى شوراپلا ئىسنى پۈلىۋەتكەندىن كىيىن كەسكىن تەلەپپۇزدا گېپىمگە جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى.
- گېپىمنى ئوبدان ئاڭلا. مەھەللىدىكى تورغۇننىڭ سىڭلىسنى تۇنۇيسەنغۇ؟
-شۇنداق تۇنۇيمەن.
-شۇ قىزنى قولدىن چىقىرىپ قويماي ،تويۇڭنى ۋاقتىدا قىلىۋال، ئۇ قىزدەكتىن يەنە بىرنى بۇ ئۆمرۈڭدە ئۇچىرتالمايسەن. ئاڭلىسام ئۇ قىزغا ئەلچى كىرگۈزگەنلەر كۆپكەن، جىددى تۇتۇش قىلمىساڭ كىيىن پۇشايمانغا قالسەن. ئەگەر پۇلدىن قىسىلساڭ مەن بېرىپ تۇرمەن.
-نىمە دەركىن دەپ تېخى ئاغزىڭغا قاراپ كىتىپتېمەن. شۇما سېنىڭ تاپقان ياخشى چارەڭ ؟مۇشۇما سېنىڭ بەك ئىشلەپ كېتىپ تاز بوپ قالغان كاللاڭ؟ ئامال تېپىپتىمش تېخى .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىررى قۇلقىمغا قەتئىي خوش ياقمىدى.
-باشقا ئامال تاپ، زىخمۇ كۆيمىسۇن كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن.
مەن بەك بولمىسا توي قىلىشنىڭ ۋاختىنى كەينىگە سۈرمىسەم بولمايدۇ. تازغا ئاچچىقلانغىنىم بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. دەرھال ئامال تېپىشىم كىرەك. يەنە كىلىپ ھازىر ماڭا پەقەت ئۇلا ياردەم قىلالايدۇ .ئامالسىز يەنە يۇمشاپ قالدىم.
-ياخشىراق ئامال تاپقىن. توي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. جىددىيلىشىپ كەتكەچكىمۇ، تاس قالدىم گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ قويغىلى. لىكىن ئابباس ئەقىللىق بولغاچقا .گېپىمنىڭ تىگىدە گەپ بارلىغىنى سېزىپ ،كوچىلاپ تۇرۋالدى. ئامالسىز ئۇنىڭدىن‹ ھېچكىمگە دىمەيمەن› دەپ نەچچە قېتىم قەسەم ئېلىپ ، نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدىم .
-نەچچە يىل بۇرۇن ئەختەم مازىرغا توشقان ئوۋلاشقا بارغىنمىز ئېسىڭدىمۇ ؟ بۇ ئىشلار دەل شۇ كۈندىن باشلانغان.
كۆز ئالدىمدا نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈش خىرە كۆرۈنگەندەك شۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇ ئىچىدە ئۆتۈشۈمىشنى سۆزلەشكە باشلىدىم.
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن سىزمۇ مەن بىلەن تەڭ ئاشۇ ھاياجانلىق ھېس تۇيغىغا كىلەلىسڭىز مەقسىدىم ھاسىل بولغان بولاتتى.
قىشنىڭ تازا سوغوق كۈنلىرى ئىدى. پەينەك باشچىلىغدا بىر نەچچىمىز، ئىككى قارچۇغىنى ئېلىپ ئەختەم مازىرى ئەتراپىغا توشقان،قىرغاۋۇل ئوۋلاشقا چىقتۇق. بىر -ئىككى كۈن تېنەپ يۈرۈپ ھېچنىمە تۇتالمىدۇق.4- كۈنى ئامىتمىز كىلىپ خېلى كۆپ توشقان تۇتتۇق. قارچۇغىمۇ كۆرگەنلا جانۋارنى قاچۇرۇپ قويماي ئېلىۋاتاتتى. پىشىن نامزىدىن كىيىن بىر يۇلغۇنلۇقنىڭ ئارىسىدىن ئارام ئېلىشقا ئەپلىك جاينى ئۇچۇرتۇپ،ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرماقچى بۇلىۋىدۇق.تۇيۇقسىز بىر قىرغاۋۇل يۇلغۇن ئارسىدىن پالاخلاپ چىقىپ ئۇچۇپ كەتتى.
مېنىڭ قارچۇغام قىرغاۋۇلنى كۆرۈپ پالاخشىپ ئولتۇرالمايلا قالاتتى . ئويلاشماي قارچۇغىنى قويۋېتىپتىمەن. قىرغاۋۇل خۇددى كەپتەردەك ناھايىتى يىراققا ئۇچۇپ ،قۇيۇق ئۆسكەن توغراق ئارسىغا كىرىپ كەتتى. بۇ جانۋار ئۇنى قوغلاپ كەينىدىن توغراغلىققا ئۆزىنى ئاتتى . ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قارچۇغنى تاپالمىدىم. شۇ ئىزدىگەنچە باشقىلارغا  مېنى كەچتە گەمىدە ساقلاشنى ئېيتپ قۇيۇپ جانۋارنى ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتىم.
توغراق ئارىسىدا مەن ئىزدىمىگەن چاشقان تۈشىكىدىن تارتىپ ھەرە كۈنىگىچە ،ھەتتا توغراق كامىرمۇ قالمىدى.كەچ شام ۋاقتىغىچە ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۈمۈت ئۈزەي دىگەندە، بۇ جانىۋارنىڭ قۇيرىقىغا ئېسىلغان قوڭغىراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈرگۈم خۇددى بېلىقتەك پىلتىڭلاپ .نەچچىنى موللاق ئېتىپ ھاياجىنىمنى باسالماي .قالدىم.
ئۇنى ئاران تاپتىم. ھۇف! خۇداغا شۈكرى.ئۇنى توغراق ئۇچدىن تەستە چۈشۈرۈپ قۇلۇمغا قوندۇرۋېلىپ ئاچچىقتا قايناپلا كەتتىم.
- مېنى ھېرىپ ئۆلسۇن دىگەنمىتىڭ ؟ ئالالمىغاندىكىن غىت قىسىپ توغراققا كىرمىسەڭ بولمامدۇ؟! ھۇ قاپاق كاللاھ .دۆيۈز!
قارچۇغا خۇددى گېپىمنى چۈشەنگەندەك. تۈگۈلۈپ شۈمشىيىپلا كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ يەنە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ. ئۇىڭغا چىرايلىقچە چۈشەندۈرمەكچى بۇلۇپ ،گەپنى باشلاپ تۇرۇشۇمغا،‹كىمگە گەپ قىلۋاتسىز؟›دىگەن بىر ئايال كىشنىڭ زىل ئاۋازى تۇيۇقسىز قۇلىغىمنىڭ تۈۋىدىلا ئاڭلاندى. قۇلىغىمغا بىرەر ئالۋاستى كىرۋالغاندەك يۈرگۈم زىڭڭىدە قىلىپ بەدىنىمدىن سوغوق تەر ئېقىپ كەتتى....
كۈچەپ تۇرۇپ كەينىمگە شۇنداق ئۆرلۈدم. كۆزلىرىم چاچىراپ كەتكىلى تاسلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.50 تىن گەپ يوق ئاشاتتى. پاختا قاچىلايدىغان تاغارغا ئوخشايدىغان بىر خالتىنى كاللىسغا كىيۋالغان. كاللسسىغا كىيۋالغان ئۇ خالتىسى، بېشىدىن تارتىپ يەرگىچە سۆرۈلۈپ قالغان ئىدى !
ئۇنىڭ ئىنسان ئەمەسلىگىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. ئۇ يۆگىنۋالغاچقا زادا قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم .پۇت قولۇم تىترەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا قاچتىم. ناھايىتى ئەپسۇس ئىككى مىتىر ماڭا ماڭمايلا ئۇ غەلىتە مەخلۇققا ئۈسۈپ توختاپ قالدىم. قورقۇپ سەتلا تولىۋەتتىم ،
- ۋايجان!!!
- مەندىن نىمىشقا قاچىسز؟
ئاۋاز يەنە قۇلاق تۈۋىمدىلا ئاڭلاندى. ئاغىزىم گەپكە كىلىدىغاندەك ئەمەس. ھەيران قالدىم ، بايام ئۇ كەينىمدە تۇرۇپ گەپ قىلغاندىممۇ قۇلاق تۈۋىمدىن ئاڭلانغان، بۇ قېتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئەجىبا قۇلىغىمدا راسلا بىرنەرسە بارمىدۇ؟!قورقۇنچىلقتا ئۇنىڭ كىيىنكى  گېپى قۇلىغىمغىمۇ كىرمىدى.ئەمدى ئۇ ئالدىغا بىر چامداپلا ياقامدىن كاپپىدە تۇتتى، ئۇنىڭ قۇلى بەدىنىمگە تىگىشىكە. ئۆزەممۇ سەزمەستىن. ئىشتانغا سىيىپ قويغان ئىدىم.ئۇمېنى بىر كۆتۈرىۋىدى،پۇتۇم  ھاۋادا ساڭگىلاپ قالدى.ئەزىرائىلنى كۆرگەندەكلا بولدۇم.
ئۇقىشلىق چاپاننىڭ ياققىسدىن تۇرتقان ئىدى. چاپىنىپ چەرتىلدەپ يىرتىلدى. يەرگە قاتتىق چۈشۈپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدۇم.لىكىن ئۇ تىزلا يەنە بىر قاماللاپ  مىنى چىڭراق تۇتىۋالدى ۋە مېنى كۆتۈرۈپلا ئالدىغا ئىككى قەدەم چامداپ يەرگە ئاستا قويدى دە‹مەن ھېلى يەنە كىلىمەن›دەپ قويۇپ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى.
سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئابباس گەپنىڭ بېلىگە تەپتى.
-مۇنداقمۇ ئىش بولدى دىسە مۆمىن ئاخۇن؟ مەن نىمىگە ھىساپ ئالدىلىردا ؟ يېقىن ئاغىنىمىش تېخى!
نۇرغۇن ئىشلارنى يۇشۇرغانلىغىمنى بىلىپ تازنىڭ سەپرايى ئۆرلەپلا كەتتى.
-ئالدىراڭغۇ بىر نىمە كەنسەن ،غىت قىسىپ ئاخىرنى ئاڭلىساڭ نىمىشقا يۇشىرغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىسەن.
-تام تەشتى موللەك، ئەگەر مېنى قايىل قىلالىغىدەك باھانە تاپمايدىغان بولساڭ كۆرىدىغىنىڭ بار.قېنى تېز سۆزلە ئاخىرنى!
   تازنىڭ قاپلىق تاماكىسى تۈگۈگەن چېغى، موخۇركىا يۆگىگەش ماڭا بۇيرۇق قىلىۋاتاتتى. -ھازىر تولا سۆزلەپ بەك ئۇسساپ كەتتىم. ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باياتتىن ياقى كۆزۈم يۇمۇلۇپ بەك ئۇيقا باستى ، شۇڭا بىردەم ئوخلىۋېپ ئاندىن ئاخىرنى دەپ بېرەي.
-خوتون كىشدەك مىجىق نىمە كەنسەن كۈندۈزىمۇ ئۇخلامسەن؟
ئابباس تۇل خۇتۇندەك ھەدەپ كاسىلداۋاتاتتى. لىكىن مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي تېزلا ئۇخلاپ قالدىم. ئۇخلاپلا چۈش كۆرۈپتىمەن.
ياپ -يېشىل چىمەنلىك ئۈستىدە تۇرۇپتمىشىمەن. قولۇمدا مېنىڭ بالام دەپ بىر بالىنى كۆتۈر ۋاپتىمەن. پۈتۈن ئەتىراپ ياپ –يېشىل، ئەمما ئاسماننى ئىس تۈتەك قاپلاپ كەتكەچكە قۇياش كۆرۈنمەيتى. مەن ئاسماندىكى بۇنچە كۆپ ئىس- تۈتەكنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ، بۇ ئىسلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەي ھەيران بولۇپ تۇرسام، تۇيۇقسىز قۇلۇمدىكى بوۋاق مېنى‹ دادا!› دەپ چاقىرىپ ماڭا قاراپ تۇرغىدەك. مەن بالىنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ خوشاللىغىمدا ئۇنى ئەركىلتىپ سۆيمەكچى بۇلۇپ يۈزگە ئېغىزىم تىگشىگلا ئۇنىڭ يۈزلىرگە قاپ-قارا ساقال ئۈسۈپ چىققىدەك.
ۋاي دادام!..... ھازىرلا بوۋاق ئىدى ؛ بىردەمدە بوۋايغا ئايلاندى. قارىماققا كىچىكلا بالا، لىكىن ماركىسنىڭ ساقىلدىنمۇ ئۇزۇن ساقىلى بار، بۇرتىمۇ ئابدىكىرەمكامنىڭ بۇرتىدىن قېلىشمايدۇ. قورقىنچىلىقتا قولۇمدىن قانداق چۈشۈپ كەتكىننى تۇيىمايلا قاپتىمەن.
سىلەر دەپ بېقىڭلار ؟ تۇيۇقسىز قولۇڭلىدىككى بوۋاق بالاڭلارغا ساقال بۇرۇت چىقىپ قالسا قانداق بوپ قالسىلەر؟ قۇلۇمدىن يەرگە چۈشۈپلا ھېلىقى بوۋاق ئورنىدىن دەس تۇردى . قولى ئۇزىراپ گېلىمنىلا بوغدى دە،‹ھۇ ئېشەك! مېنى نىمە دەپ قاتتىق يەرگە تاشلايسەن؟›دەپ قاتتىق ۋاقىردى.
بۇ بوۋاينىڭ قولى خۇددى رەزەڭگىدەك سوزىلامدۇ قانداق، گېلىمنى شۇنداق چىڭ بوغدى ، يۈرگۈم گېىلمغا قاپلىشىپ قالغاندەك نەپەس ئالالمىدىم. كۈزۈمگە يۇلتۇز كۆرىنىشكە باشلىدى. جان ئاچچىغىمدا  قېرى بوۋاقنىڭ تۇمشىغىغا كىلىشتۈرۈپ تەخەيچىلاپ بىرنى تەپكەنتىم. ئىككى بېلىگى ئۈزلۈپ بوينىمدا قالدى.مەن ئۇنى خېلى قاتتىق تەپكەن ئوخشايمەن. قۇلى ئۈزۈلگەن بىچارە بوۋاي بىرلا چىقىراپ نەچچە مېتىر دۇمىلاپ ئىسقا ئايلىنىپ يۇقاپ كەتتى.
ئۇنى ئىزدىمەكچى بولغان ئىدىم. تۇيۇقسىزتەككەن بىر تەستەك كۆزلىرىمدىن ئوت ياندۇرۇپ ئويغىتىۋەتتى.
-ھو ئېشەك مېجەز موللەك! مېنىمۇ ئۆزەڭدەك خۇتۇندىن قورقىدىغان قېرى يىگىت قىلاي دەمسەن ؟ سەن ماڭقىنى نىمىشقا خۇتۇن ئالمايمەن دەيدىكىن دەپتىمەن. شۇنچە يىل بىللە يۈرۈپ ھەجەپ سەزمەپتىمەن. ئەسلى سەن بىر نىجىسكەنسەن!
ما تاز ئايپاڭنىڭ گېپىدىن كۆزلۈرۈم قىزىرىپ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.
-ھېي نىمە دىدىڭ ؟ نىمە كەنمەن ؟!!!
ئاۋازىمدىن قانچىلىك ئاچچىغىم كەلگىنى بىلىنىپ تۇراتتى.
- ئابباس! ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە!
ئەگەر ئابباستىن باشقا ئادەم بولغان بولسا ئاغىزىنى يىرتىپلا ۋەتكەن بولاتتىم. لىكىن نىمىشقىكىن ئۇ مېنى شۇنداق ھاقارەتلىسىمۇ ئۇنى ئۇرۇشقا قۇلۇم بارمىدى.
-نىمە دەۋاتقانلىقىمنى ئۆزەڭ ئوبدان بىلسەن. ھى تولا قۇۋلۇق قىلما.
-نىمىگە قۇۋلۇق قىپتىمەن. گەپنى ئۇچۇق قىل بېكار يۈز قىلىپ ئولتۇرمايمەن!
ئەتتىگەن ئۆيدە بولغان ئىشلار ئاز كەلگەندەك. ماۋۇ تازنىڭ زەھەردەك سۆزلىرى ئىچىمگە ئۈتۈپ كەتكەن ئىدى. ئاچچىقتىن ئۆزەمنى ھىچ تۇتالماي. ئابباس بىلەن بۈگۈن زادى ئۇرۇشماقچى بۇلىۋدىم. ئابباسنىڭ سۆزى مېنى توختۇتۇپ قويدى.
-بايام نېمە دەپ مېنى قۇچاقلايسەن. قانداق قىلىدۇ قېنى دەپ قاراپ تۇرسام ! يۈزلىرىمنى يالايسەن. ۋاي ئاللاھ دەرھال قولۇم بىلەن ئېيتىشقا باشلىدىم. يەنە تېخى بىر تىپىك بىلەن تاس قالدىڭ، جېنىمنى ئالغىلى . ئېيتە سەن ھېجىقىز مېنى ئۆزەڭگە ئوخشاي بۇزاي دەمسەن؟
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باياتتىن بوۋاينى ئەمەس ئابباسنى تەپكەنلىكىمى ھېس قىلدىم. توۋا نىمە دەيدۇ ، ماۋۇ ئايپاڭ كاللا تاز. ئۈزەمنى شۇنچە تۇتىۋالساممۇ بولمىدى،ئاخىر كۈلۈپ سالدىم. ئابباسقا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدىم .بۇ تاز بىرمۇنچە غۇدۇڭشۇپ ئاران پەسكويغا چۈشتى. ئاۋال چۈشلۈك تاماق يەپ .پىشىندىن كىيىن ئەختەم مازىردا بولغان ئىشنىڭ ئاخىرنى سۆزلەپ بەرمەكچى بۇلۇپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق. بۈگۈن نۇرغۇن ئىشلار مېنى بەك بىئارام قىلدى. ئاپامدىن بىرمۇنچە تىل ئاڭلىغىنىمنى ئاز دەپ، يەنە تېخى قاربېسىپ قالدى. تېخى ئايپاڭدىن تاياقمۇ يىدىم . مېنى بۈگۈن بەكلا نەس باستى .

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 03:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         3-باپ سېغىنىش                                                                                                             ئابباس بىلەن  ناماز ئەسىردىن   كېيىن  بىزنىڭ ئۆيدە  كۆرشىدىغانغا  دىيىشىپ  ئۆيگە قايتتۇق  .ئابباسنىڭ دادىسى  تاماق يەپ  ماڭ   دەپ  شۇنچە  تۇتىۋالغان  بولسىممۇ  ، باياتتىن قاپىغىم  بەك تارتىپ  كەتكەچكە  ، ئاپامدىن ئەنسىرەپ ئۇلار بىلەن  چالا  -پۇلا  خوشلىشىپ   ،ئالدىراپلا   ئۆيگە ماڭدىم ،  باغدا قار بېسىپ قالغاچقىمۇ  ،  ياكى قورساق بەكلا  ئېچىپ كەتكەچكىمۇ  بۇت قۇلۇمدا پەقەتلا  جان  يوق ،توك سوقىۋەتكەن چاشقاندەك سولىشىپلا   قالغان ئىدىم .  شۇنداقتىمۇ ئۆيگە تېزرەك بېرىشىم كېرەك ئىدى.  ئېغىر قەدەملىرىمنى تېزلىتىپ ھايال بولمايلا ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. قورو دەرۋازىسدىن  كىرىپ   ئۇشتۇمتۇت كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى.  ھويلا  ئىچى  رەتسىز  ،  ھەم  بەكلا  سۈرۈك بىلىنىپ ، ئاپامدىن تېخىمۇ ئەنسىرەپ  قالدىم . ئاپام  راسلا  بىر يەرگە كەتكەنمىدۇ.  دىگەن خىيال  كاللامدا   ئەگىشكە          باشلىدى  .ئادەتتە  ھويلا  ئارامغا  سۇ چېچىپ  تازلاپ  تۇردىغان  ئاپام  بۈگۈن        ھەجەپ ھويلىنىمۇ  سۈپۈرمەپتۇيا      ؟ئالدىراپلا   ئۆيگە كىردىم  .  ئۆينىڭ  ئىشگى ئۇچۇق تۇراتتى ، ئاپام  دىگىننى قىلىپ راسلا   بىر يەرگە كىتىپتۇدە !!! ئۆز خىيالىمىدىن ئۆزەم  چۈچۈپ  يۈرگۈم  گۈپۈلدەپ تېز-تېز  سۇقۇشقا باشلىدى.       ئاپا ،  ئاپا !!!  ئۆيگە كىرىپلائىختىيارسىز  توۋلاپ  كەتتىم  . ئۆي ئىچىدىن  ھېچ سادا  يوق. ئۆينىڭ ئىچىنى قېزىۋەتتىم  .  ئاپامنىڭ قارسىمۇ  يوق  .بېشىمدىن  بىرسى  سۇ قۇيۋاتقاندەك   سوغوق  تەرگە چۈمۈپ  كەتتىم  .ئاپام  زادى  نەگە كەتكەندۇ؟؟    ياكى  قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ  كەتكەنمىدۇ  ؟ ھەرخىل  پەرەز قىلىپ  باقتىم  ، ئاۋال  قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئىزدىمەكچى  بولدۇميۇ  ،  لىكىن يەنىلا   بىردەم  ساقلاپ   بېقىشنى  لايىق  كۆرۈپ   .ئاۋال  تاھارات  ئېلىپ  ناماز  پىشىننى  ئوقۇدۇم. نامازنى نەچچە  ئېزىپ قايتالاپ دىگىدەك تەستە تاماملىدىم .      ئەمدى  تاقەت  قىلىپ  بولالمايدىغانلىقىمغا  كۆزۈم  يىتىپ  ئاپامنى ئىزدەپ ماڭدىم  . يولغا  چىقىپلا   يىراقتىن  ئاپامنىڭ    ئۆي  تەرەپكە  قاراپ كېلىۋاتقانلىغىنى  كۆرۈپ يۈرگۈم   ئىزغا  چۈشتى   ، خۇداغا  شۈكرى  !‹ ئاپام  ئابباسنىڭ  ئاپىسى  بىلەن يېقىن  ئۆتەتتى  . ئۇلار  بۈگۈن  بىللە  بىرەې  يەرگە  بارغان  چېغى›  ،  بىللە  قايتىپ  كېلىۋاتاتتى.  ئۇلار  يېقىنلاپ كەلگەندە  ئاپامنىڭ  قۇلىدا  بىر نەرسە  كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ  ئالدىغا  باردىم  . ئاپامنىڭ دىمى سىقىلدىغان  كىسىلى  بولغاچقا  ھاسىراپ كەتمىسۇن دەپ ، قولدىككى نەرسنى ئېلىش  ئۈچۈن ئالدىراپلا   قول ئۇزاتتىم   .ئەككىلە   ئاپا  مەن  كۆتىرەي !  قولىدىككى  نەرسىگە  ئېىسىلدىم  . ئۆزەم  كۆتۈرەلەيمەن !  . بېرىپ  ئويۇنۇڭنى  ئوينا  !  خەپ  ھۆرەم  توڭ    !  قاچانلا  قارسا     مېنى  تىللاپ  ،دۆشكەللەپ  يۈرگىنىڭ  يۈرگەن  ، مېنى  تۇغۇپ  چوڭ قىلغۇچە  نۇرغۇن  جاپا  چەكتىڭ،       بۇنى  بىلمەن.  لىكىن  بالا   بولغانلىق  گۇناھكار  بولغانلىق  ئەمەستە!       بوپتۇ  ،مېنى  خالىغانچە  ئۇرۇپ  تىللىۋال   ،  توي  قىلىشقا   قىستىمساڭلا   قانداق  قىلساڭ  مەيلى  ئىدى..شۇلارنى  خىيال  قىلغاچ  ئۆزمەگە پىچچىرلاپ   ئاپامغا ئەگىشىپ  ئۆيگە  كىردىم  .   ئاپام    ئۆيگە  كىرىپلا  ھېچ  سەۋەپسىزلا   قوپاللىق  بىلەن  مىنى   يەنە  سىلكىدى. بۇنىڭغىمۇ  بوپتۇ  دېدىم  ، ئاچچىغنىڭ يانمىغانلىقىنى بىلىپ  ، ئارتۇق گەپ  قىلماي   يۇۋاشلىق  بىلەن  بىردەم   سۈكۈتكە  چۆمدۈم.  ئەمما  5 مىنۇتقا    بارماي  يەنە  چىدمىدىم.  ئۆزەمنىڭ  ئۈيدە  بۇنداق  سىقىلىپ  ئولتۇرۇش  ماڭا  تەس  كەلگەن  ئىدى  .ئاغزىم  قىچشىپ تەۋەككۇل قىلىپ   ئاپامدىن  يەنە  گەپ  سوراشقا  باشلىدىم  .  ئاپا   !!   ئەكەلگىنىڭ   نىمە    ئۇ ؟   يەيدىغان   نەرسىما  ؟  ئاپام  ماڭا  ئالىيىپ  قۇيۇپ   تەرلىرنى  سۈرتىشكە باشلىدى ..  قېلىنلىق  قىلىپ  بېرىپ  سومكىنى ئاختۇردۇم.   سومكىنى  ئېچىپلا    يەنە  خۇيۇم تۇتتى  .    نەدىن  تېپ  كەلدىڭ  بۇ  توڭ  كاۋىنى ؟  ئىسسىقتا  جېنىڭغا  جاپا   سېپ  . توڭ  كاۋا  ؟  ئاپام يەنە  ئاچچىقلاپ   كەتتى.        مانتا  ئىتىپ  بەرسەم  ، توڭ  كاۋا دىمەي  يەۋاتاتتىڭ  .ئەمدى  توڭ  بوپ  قالدىما  ؟    ھەراس   سەن  زادى  قاچان  توي  قىلسەن ؟  ۋاي  ئاللا   يانا  باشلىدىغۇ   .    خاپا   بولما   ئاپا      مەنمۇ  ساڭا  كۈينۈپ شۇ  ئىسسىقتا   ئېغىر  سومكىنى كۆتۈرۈپ  كەپسە  .......   كۈينەمىش   ! ماڭا  كۈيۈنگەن  ئادام   نىمىشقا   خۇتۇن ئالمايسەن ؟  مېنى ئۇزاقراق  ئۆمۈر كۆرسۇن  دىسەڭ   تېزرەك  توي  قىل  .           يانا   شۇ  گەپ  ئاپامنىڭ ئاغزىدىن  باشقا  گەپ  چىقمايدۇ  .       مۇشۇنداق  قىستاۋېرىپ  ھامان  بېشىمغا  چىقىدۇ .                خىيلىمغا شۇلار  كېچىپ ئاپامغا  چۈشەندۈرمەكچى  بولدۇم.. .توينىڭ  گىپىنى  قۇيۇپ   تۇر  ئاپا  ،  سەل  تۇرۇپ  ئابباس  كىلىدىغان  بولدى  . بىللە  مەسلەتلىشپ   ئاندىن  ساڭا  جاۋاپ  بىرەي  . ئاپام يەنە  گەپ  قىلماقچى  بولغان  دەرھاللا   ئاغىزنى  ئەتتىم.   ئاۋال  بىرنەرسە  يەۋالايلى   ئاپا !  قورساق  ئېچىپ   نەچچە  قېتىم  ئەزان   توۋلاپ   بولدى. ئۆيدە  يىگدەك  نەرسە  بارمۇ  ؟     تويماس   بالا  قازا   !!!  خۇتۇن  ئال  دىسەم  ئۇنىمايسەن، مەن  سېنىڭ  چاكىرىڭ   ئەمەس   قۇلۇڭ  چولاق  بولمىغانكى  ئۆزەڭ  ئىتىپ  يە  !!   ھېلىمۇ  مۇشىنچىلىك  قىلىپ   قويدۇم ،        مېنىڭ  ساڭا  تاماق  ئىتىپ  بەرگىدەك  ھالىم   يوق.       ئاپام  يالۋۇرىشلىرىمغا  پىسەنتمۇ  قىلماي   .، كونا  ئادىتى  بۇيۇنچە  كۆزئەينىكنىڭ  ئۈستى  تەرپىنى  پەسكە  بېسىپ   قۇيۇپ  ، شىرىن  بۇلاق  ناملىق   كىتاۋىنى  ئۇقۇشقا   باشلىدى. كونا -  يېڭى     ئشقىلىپ  بارلىق  ھۈنرىمنى  ئىشلەتكەن  بولساممۇ  پەقەت ئۈنمى  بولمىدى.   . ئاپام  بوپ  قاپتۇ! ؛  ئەگەر  خەق  بولغان  بولسا   دەسسەپ  قوپالماس  قىلۋەتكەن  بولاتتىم. . ئاپامنى يۇمشاق گەپ بىلەن ئېرىتەلمەي  ، ئاچچىغىنى كەلتۈرسەم  قېيداپ  بولسىمۇ  تاماق  ئىتىپ  بېرەمدىكىن  دەپ  ؛يەنە  ئاپام  بىلەن  قېيىشىپ باقتىم  . لىكىن ئاپام  خۇددىكى كىتاپ ئىچىدىن بىرەر تۈشۈك تېپىپ كىرىپ كەتمەكچى بولغاندەك  كىتاپقا تىكىلىپ ئولتۇراتتى ،گېپىمنى  قىرغىمۇ  ئېپ  قويمىدى    .                                                                                                               ئەستا  تازىمۇ  بىرئىش بولدىدە؛  قورساق  كولدۇرلاپ  كەتكىلى  نەۋاق ، ئاپام  بۇ ئولتۇرشىدا  ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەممۇ كىتاپتىن باش كۆتۈرمىگىدەك.   ئالدىرماڭ ھۆرىخان  ، ئوخشۇتۇپ  بىر تاماق  ئېتىپ ئالدىڭىزدا  ئولتۇرۇپ  يىمەيدىغان  بولسام. شۇچاغدا  جېنىم  بالام  ،  ئەتكەن تامىقىڭ  بەكلا  مىزلىك  پۇرايدىغۇ   ، ئەكىلە  تېتىپ  باقاي    دەپ  شۆلگەيلىرڭىزنى  ئېقىتمىغىنىڭىزنى   مەن  بىر  كۆرەي !!! .          مەنمۇ  ئۇنداق يۇۋاش  مۆمىنجانلاردىن  ئەمەس !  سىز  ئاۋال  كىتاپنى  ئۇقۇپ  بۇلۇپ  ئاندىن  يەڭ جۇما  ، دەپ   تاماقنىڭ پۇرغىنىمۇ  پۇراتماي  ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ  كەتمىسەم  . ئۆزەمنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىگىمنى  يەنە  بىر قېتىم  تەستىقلاپ ،   دەرھال  تاماق   ئېتىش ئۈچۈن ئاشخانىغا  كىردىم  .      لىكىن قايسى تاماقنى ئىتىشنى پەقەت  بىلەلمىدىم،ئادەتتە چاي قايناتساممۇ  چاينىڭ قاينىغان - قاينىمىغانلىقىنى قۇلۇمنى تىقىپ باقمىسام بىلمەيتىم. بۈگۈن تەس  بولدىدە   ؛  قانداق قىلارمەن ؟ نىمىشقىمۇ تاماق ئىتىشنى ئۈگۈنۈپ قويمىغاندىمەن!  شاپاق  دوپپامنى  ئالدىمغا  ئېلىپ قۇيۇپ  شۇنداق  بىر ئويلاپ  تىكەنمەن  يەنە  ئامال  تېپىلدى   ،ھاھاھاھا!!! مەن  دىگەن كىم؟ ئۇنچىلىك تاماق ئىتىش دىگەن قانچىلىك ئىش  ئىدى.                                                                                                                                ئابباسنىڭ  بىر ئاشپەز ئاغىنىسىگە تېلفۇن قىلىپ شۆگۈرۈش ئىتىش ئۇسۇلىنى خاتىرەمگە تەپسىلى تىزىملىۋالدىم  .  ئۇ  ئاشپەز  نۇرغۇن تاماقلارنى تىلغا  ئالغان  بولسىمۇ  ۋاقىتنى تىجەش ئۈچۈن يەنىلا  گۈرۈچ ئېشى ئىتىشنى تاللىدىم.  تېلفۇننى قۇيۇپلا  دەرھال تاماققا  تۇتۇش قىلدىم.           قازاننى ئېسىپ  ئازراق  سۇ قۇيدۇم  گۆش، پىياز ، قاتارلىق  كۆكتاتلارنى سېلىپ  بىرەرسائەت قايناتقاندىن  كېيىن گۈرۈشنى سالدىم  .تاماق بىشقىچە ئۈگدەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ‹قىززىق  بۈگۈن ھەجەپ ئۇخلايدىغانلا  بوپ قالدىم دېسە ›بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ قازاننى  ئاچسام، ھېلىمۇ ياخشى قازانغا  سۇنى خېلى كۆپ قۇيۇپتىكەنمەن. بولمىسا  گۈرۈچ  ئېشى. گۈرۈش ئېتىلدۇرمىسى  بوپ  قالار ئىكەن ،خۇداغا شۈكرى دەل  ۋاقتىدا  ئويغۇنۇپ  تىمەن.  ئاش   پىشىپ  مەي  بوپ كەتكەندەك  كۆرىنەتتى،  ئاغزىمغا  سېرىق سۇ كەپ كەتتى  .    يالغۇز  يېيىشكە يەنە كۆڭلۈم  ئۇنىمىدى، ئاغزىمدا  دەپ قويغان  بىلەن بەكلا  ئاق كۆڭۈل ئادەممەن! ئەزەلدىن باشقىلارغا  قېيداشنى بىلمەيمەن. شۇڭلاشقا   ئاشنى ئۇسۇپ  بىرىنجى  بۇلۇپ ئاپامنىڭ  ئالدىغا  ئەكەلدىم  ،ئاپۇي  ئاش پىشتى  ، ئىىسغدا  ئىچۋېلىڭە .  ئاپام تاماققا  قاراپمۇ قويمىدى ، خوتۇن كىشى  قېرىسا  بەكلا    كاج  ھەم  جايىل  بوپ  قالدىكەن  .ئۇنى دەپ   ،بۇنى دەپ يالۋۇرۇپ باختىم  ، پەقەتلا   ئۈنىمى بولمىدى.   قورسىغى  توق ئوخشايدۇ  دەپ  ئويلاپ   ،ئەمسە  مەندىن رەنجىمە ، تاماقتا گۇناھ  يوق . ھېلى  مېنى ئاچ قويدۇڭ  دەپ قېيدىمما    ھە!   ئۆز گۇناھىڭ ئۆزەڭگە.                                                                                                                     تازىمۇ  بىر  خوتون  ئالمايمەن  دىسەم  ئاشلىق  ئېلان  قىلماقچىمۇ  نىمە ؟ يېمىسەڭ  يىمە! قاراپتۇر  ئالدىڭدا ئولتۇرۇپ ئاشنىڭ ھەممىسنى سوقىۋەتمىسەم.   ھېلى  ماڭا  يالۋۇرۇپ ئۆتۈنسەڭمۇ  ھېلىغۇ ئاشكەن ، قاچىنىمۇ  يالاتمايمەن !!! ئىچىمدە شۇلارنى  ئويلاپ تاماق يىيىشكە ئالدىراپ   قالدىم  . ئاپام گەپ قىلماي ئولتۇرۋالغاچقا  ئامال قىلالماي ، تاماقنى يىمەكچى بولۇپ  بىر  قۇشۇق ئاشنى  شۇنداقلا  ئاغزىمغا  سالغانتىم   ،  ئاپامنىڭ ئالدىدا  مات  بۇلۇشتىن قورقۇپ ئاشنى كۆتۈرۈپلا   ياتاق ئۆيگە ئۆزەمنى ئاتتىم . يائاللاھ  تاس - ماس  قالدىم  ، تۇنجۇقۇپ  ئۆلگىلى  !  شۇ مۇ تاماق بولدىمۇ  ؟ گۆش سالغان  تاماقمۇ شۇنداق  لاۋزا بولامدىكىنە؟ بىر يەرلىرنىڭ كۈيۈك  پۇراشلىرچۇ  تېخى؟  تۈفى!   ئاشپەزمىش تېخى،  ھۇ  قاسماق!!!!  ماڭا ئۇساتملىق  قىلىپ  كېتىشڭنى  قانداق  قىلاي. ماڭا تاماق ئېتىشنى ئۈگەتكىچە قاسقاندىككى  مانتاڭنى  يىسەڭچۇ!                                                                                     ئاچچىغىمدا  ئاشنى قازان  بىلەن كۈتۈرۈپ ئەچىقىپ ئىتنىڭ  ئالدىغا   قۇيۇپ  بەردىم. ياتاق ئۆيگە كىرىپ  ئولتۇرۇپ  يەنە ئىچىم سىقىلدى. ئاچچىغىمنى قاسماق ئاشپەزدىن چىقىرىش  ئۈچۈن  قايتا -قايتىلاپ  تېلفۇن  قىلساممۇ  قاسماق  تېلفۇنى  ئالماي  قويدى.   خەپ  ئالدىمغىمۇ  ئۇچراپ  قالارسەن....      ئۆزەمچە    ئاشپەزدىن ئاغرىنىپ غۇدۇڭشۇپ قويدۇم .  تاماق ئەتمەك نىمانچە  تەس ،گۈرۈچ ئېشىنىمۇ قاملاشتۇرالمىدىم    دەيمىنا   !!!!                                 مەن  نىمانچە  دۆت ؟  ئاپام بولمىسا  مەن راستىنلا  تۈگەشكىدەكمەن .                                                 كارۋات  ئۈستىدە يېنى  يېتىپ  خىيالغا  چۆكتۈم.             ـ                                                                ھەي  زۇمرەت   قاچانغىچە  مىنى مۇشنداق  ئازاپ  ئىچىدە  قويارسەن ،؟؟ سېنىڭ  ئىزدىرىكىڭنى  بىلسەم  ئىدى ، تاكى  ئۆلگىچە  سېنى  ساقلىغان  بولاتتىم.  نەچچە قېتىم سېنى ئۇنتۇپ  كەتمەكچىمۇ  بولدۇم. ھەم  باشقا  بىر قىزنى  تېپىپ  توي قىلىشنىمۇ  ئويلاشتىم  . كېيىن  ئۆزەمگە قايتىپ   شەيتاننىڭ  خىيالىنى  قىلغانلىقىمنى  ھېس  قىلىپ  پۇشايمان  قىلدىم.     زۇمرەت !!    مەن  يەنە قانچىلىك  بەرداشلىق  بېرەلەيمەن  بۇنى  بىلمەيمەن. مەن ھازىر  بەكلا  بىچەرە  ھالغا  چۈشۈپ قالدىم.   سېنى بەكلا   سېغىندىم  .  شۇ  تاپتا   قورقۇتۇپ  جېنىمنى  ئالساڭمۇ  مەيلى  ئىدى.  سېنى  بىرلا  كۆرىۋالسام  !! يېقىندىن  بېرى  چۈشۈمگىمۇ  كىرمەس  بولدۇڭ.  ئازاپتىن يۈرەكلىرىم  پۇچۇلۇنۇپ  كەتتى.   مېنى  بەكلا   ئۇزاق  تاشلىۋەتتىڭ  جانىم !!!.  خىيال  قۇشۇم  زۇمرەتننىڭ  قېشىغا  ئۇچۇپ  كەتكەچكە    ، بەكلا    يىغا   تۇتۇپ   كەتتى  .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن  بىر كۈن دەككە - دۈككە  ئىچىدە  يۈرۈپ  ئۆزۈمنى  بەكلا  بىچارە  ھېس  قىلىپ ئۆزۈمنى   بېسىۋالالمىدىم   .  دىسلىۋەدە  كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش  سىرغىپ چۈشكەن ئىدى. مانا  ئەمدى  ئىختىيارسىز خۇددى كىچىك   بالدەك  يىغلاپلا  كەتتىم.  ئۆزەمگە ئاز   ،  ئىنساندىن  قىز  تاپالمىغاندەك   دىۋېدىن  جانان  ئىزدىگەن  گۇناھ  ئۆزەمدە   .  يەنە كىلىپ   ئۇ   ئادەتتىكى  بىر دىۋە  ئەمەس   دىۋىلەر  شاھىنىڭ  كەنجى  پەرىسى   .   ئۇنى  ئويلىغانسىرى  يۈرگۈم  ئېيچىشىپ   ئۆلىۋالغۇملا    كېلەتتى.   ئادىتىم  بۇيۇنچە  بوينۇمدىككى  ئالتۇن  قوڭغۇراقنى  ئېلىپ يۈزلىرمگە سۈرتۈپ  يېنىش -يېنىشلاپ سۆيدۈم .     بۇ كىچىك  قوڭغىراقنى    زۇمرەت    بىز  ئىككىنجى  قېتىم   قاراڭغۇ گەمىدە   كۆرۈشكەندە  سوغا قىلغان   ئەگەر مېنى چاقىرماقچى بولسىڭىز  .  ئۇنى  يىنىك  سىلكىسڭىز   مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن  .  دېگەن ئىدى.   ئۇنىڭ  دىگىنى  راس ئىكەن .  مەن  ئۇنى  دەسلەپتە قۇلۇمغا  ئېلىشىمغا   ئۇ ئالدىمدا  پەيدا  بولاتتى  .  3   يىلغىچە  شۇنداق  مەنلىك  ئۆتتى  كۈندە  كۆرۈشۈپ  تۇردۇق  .  لىكىن  2  يىل  بۇرۇن    .   بىر چۈش كۆردۈم.  چۈشۈمدە      ،  خۇددى  ئادەمنىڭ  سايىسگە  ئوخشايدىغان  تۇتۇش   مۇمكىن  بولمايدىغان  بىر  قارا گەۋدە  زۇمرەت ئىككىمىزنىڭ  ئوتتۇرسىدا  تۇيۇقسىز  پەيدا   بۇلۇپ  زۇمرەتنى  باغلاپ  ئېلىپ  كەتكەن ئىدى.   مەن  ئۇنىڭغا   بار كۈچۈم  بىلەن قارشىلىق  كۆرسەتكەن  بولساممۇ    ئۇنى  ئېلىپ  قالالمىدىم. ئۇ   ئۇخۇددى راستىنلا  سايىدەك  ئۇنى تۇتماقچى بولغان قوللۇرۇم  ، ھاۋادا لەيلەپ  قالدى  . لىكىن ئۇ  ئەبلەخ!!  مېنى  بىرلا  ئىتتىرشى   بىلەن   ھەركەتتىن قالدىم ، پۈتۈن ئەزايىم ھەركەتتىن قالدى  . پەقەتلا كۆزۈمدىن ياش ئېقىپ  تۇراتتى  . زۇمرەت ھېچ قانداق گەپ قىلماي  كۆز ئالدىمدىن  غايىپ بولدى  . چۈشۈمدە   يىغلاپ  ئاۋازىم  تېشىمغىمۇ چىققان چېغى ئاپام يۈگرەپ  كىرىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى.   شۇنىڭ دىن كىيىن  ئۇنى پەقەتلا  كۆرۈپ باقمىدىم  .قوڭغىراقنى  نەچچە  مىڭ  قېتىملاپ  تەۋرەتىپ  باقتىم،  ئۇ كەلمىدى  . شۇندىن  تارتىپ   كۈندە كىچىسى مېنى   قارا  باسىدۇ  . كۈنلىرىم نالە زار  ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. مەھەللىدە  مۆمىنجاننى جېن بوغۇپ ، تاس قاپتۇ  ئۆلتۈرۈپ قويغىلى  دىگەن گەپ  تارقىلىپ  يۈردى.   ھېچ كىم مېنىڭ  دەردىمنى چۈشەنمەيدۇ. مەن زۇمرەتنىڭ سايىسدە  ھېچ كىم چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن. ھەرخىل  نەرسىلەرنى كۆردۈم.  نېمە  سەۋەپتىن ئۇ مېنى ئىزدىمىگەنلىگىنى بىلمىدىم . مېنىڭچە چۈشۈمدە  كۆرگەنلىرىم  ئەمىليەت  ئۇنى چۇققۇم  بىر نەرسە  باغلاپ  ئەكەتتى.ئەجىبا  دادىسى ئۇنى قۇتۇلدۇرمىغانمىدۇ؟!!!  بۇ ئىشنىڭ  تېگىدە  چۇققۇم  بىرگەپ بار !! مەن  ھامان  ئۇنى قۇتقۇزۇپ  قايتۇرۇپ   كېلىمەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق  جاندىن  يۈز مىڭنى  قۇربان قىلىشتىن  يانمايمەن.         توغرا  بۇنداق  سۈكۈت  قىلىپ  ئۇنى ساقلا   ۋەرمەي  بىرەر ئىش قىلشىم كېرەك .    شۇ ئەسنادا ئۆينىڭ  ئىشگى   ئېچىللىپ  بىرسى  مېھمانخانىغا    كىردىگەندەك  قىلدى.ئېسىمنى يىغىپ قولاقلىرمنى دىڭ قىلىپ تېشىدىككى شەپىگە قۇلاق  سېلۋاتاتتىم   .          شۇ ھامان  خىيالىمغا   بىر ئىش  كەلدى ئۇ  كەلدىممۇ  نىممە  ؟؟؟، ئۇ  بۇرۇن  بەزىدە  ھەرخىل  ئۇسۇلدا  مېنى  قورقىتاتتى.       گاھى  ئۆينى  ھازىرلائۆرىۋېتىدىغاندەك تەۋرەتسە گاھىدا ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولاتتى ، لىكىن ئاپام ئۆينىڭ تەۋرىشنى ھەم ئۇنىڭ مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىنى پەقەتلاسەزمەيتى .  ئۇنى  مەندىن باشقا  ھېچكىم كۆرەلمەيتتى  . ئۆيگگە كىرگەن چۇققۇم  زۇمرەت !!!!    يۈرگۈم  يەنە  تىپپىرلاپ   كەتتى، ھاياجاندىن  تىنىقىم يىتىشمەي  قالدى. كارۋاتتىن   سەكرەپلا   چۈشۈپ   تېشىغا  چىقتىم  .ھېچنىمە   يوق   . ئاشخانا   ، مېھمانخانا  ھەممە  يەرنى  ئالا  قويماي  ئىزدىدىم. . ھېچنىمە  يوق   .   توۋا  ئاپاممۇ كۆرۈنمەيدۇ   ؟  بەلكىم    خىيالى  تۇيغۇم   بولسا   كىرەك  . ياكى ئاپام  سىرىقا  ماڭغان بولسا ئاپام چىقارغا  شەپىمىدۇ ؟؟؟ شۇلارنى  ئويلاپ سالپايغان ھالدا   ياتاق  ئۆيگە  قايتىپ  كىرىپ  كارۋاتنىڭ  قىرغىدا  شۇنداق  ئولتۇرشۇمغا  ئارقا تەرەپتىن  . مۇزدەك   بىر جۈپ   قول  مۆمىن !!!!!!       دەپلا  ۋاقىراپ      بېلىمنى    تۇتقان   ئىدى.  ۋاي    جان    جېنىم  چىقاي   دىدى.     ئالدىمغا   دۈملا   چۈشۈپ تاس قالدىم    ھۇشۇمدىن  كەتكىلى ،  ئۆزەمنى  ئوڭشاپ  بولغىچە   ئابباسنىڭ   قاقاقلاپ   كۈلگەن  ئاۋازى  ئاڭلاندى.  ئاچچىغىمدا   ئۇنى تىللىماقچى   بولدۇم.  بىراق   بەك  قورقۇپ  كەتكەچكە  ئۇنى تىللىغىدەكمۇ   ھالىم  قالمىدى.  پۇت  قوللۇرۇم  تىتىرەپ  ، چىرايىم  كۆكۈرۈپ  كەتتى. كۆزۈمدىن توختىماي ياش ئېقىپ تۇراتتى  .مىنىڭ   بۇ ھالىمنى  كۆرۈپ   ئابباسمۇ   قورقۇپ  كەتتى  بولغاي  ، دەرھال  يېنىمغا   كىلىپ   كەچۈرۈم    سورىدى.   مەندە قىلچە ئىنكاس يوق ،ئابباس مېنى يۈلەپ باقتى لىكىن تۇرالمىدىم .  ئەسلى  ئۇ    باغدا  بولغان ئىشنىڭ ئاخىرسىنى ئاڭلاشقا  چىقىپ تىكەن.  ئىشىكتىن  كىرىپلا   مېنى قورقاتماقچى  بۇلۇپ  ئىشىكنىڭ كەينىگە  مۈكىۋاپتۇ.   مەن  ئىشىىكتىن چىقىپلا    ھەر  تەرەپنى  ئىزدەپ  ، ئاشخانىغا  كىركەتكەن   پۇرسەتتىن   پايدىلنىپ  ،  ئايپاڭ   كاللا    مېنىڭ  ياتاق  ئۆيۈمگە كىرىپ  پەردىنىڭ  كەينىگە  مۈكىۋالغان  ئىكەن  .  مىنىڭ  قايتىپ  كىرىپلا   ئۇنى  كۆرمەي  ئالدىدا  ئولتۇرغانلىقىمنى  غەنىمەت   بىلىپ  مېنى  چۈچۈتۈپ  قويماقچى  بۇلۇپتۇ.  خاپا   بولما   ئاداش  مەن  سېنى  بۇنچىۋالا   قورقۇپ  كېتە   دەپ  ئويلىمغان.   ئۇنىڭ  ھەممە گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇردۇ، لىكىن  گەپ قىلىشقا مادار يوق   . كۆزۈمدىن ياش  ئېقىپلا   تۇردۇ  .


مېنىڭ  بۇ ھالىمنى  كۆرگەن  بۇرادىرىم  ،ماڭا ئېسلىپ  يىغلاپلا  كەتتى .  ئۇنىڭ ماڭا  بۇنچىۋالا  ئامراق ئىكەنلىگىنى  بىلمىگەن ئىكەنمەن  .ئۇنى يىغلىما دىمەكچى  بولدۇميۇ بىراق گەپ  قىلالمىدىم  ، شۇياتقىنىمچە ئۇخلاپ قالدىممۇ  ياكى ھوشۇمدىن  كەتتىممۇ  بىلمەيمەن   .   


ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن   بىلمىدىم   ،ئابباس  بېشىمدا  قاراپ  تۇردۇ  .  ئاپامغا تىلفۇن قىلىپ  ئاپامنىمۇ  چاقىرغان  چېغى  بىچارە  ئاپام  بېشىمنى  سىلاپ  يىغلاپ  تۇرۇپتۇ ،  ئۆيدە  يەنە  نۇرغۇن  ئادەملەر  بولسا كېرەك ، پىچچىرلاشقا  ، كۇسسۇرلاشقان  ئاۋازلار  ئاڭلىنىپ   تۇراتتى     .  ئورنۇمدىن تۇرۇشقا  شۇنچە  ئورۇنغان  بولساممۇ تۇرالمىدىم  ،  ھەم گەپمۇ قىلا لمىدىم   ،   شۇ ئاردا  چۈشۈمدە  كۆرگەن ھېلىقى  قارا  سايە  كېلىپ  قۇلۇمنى  تۇتقان   ئىدى  ،  تېخىمۇ  قورقۇپ  تىترەپ  پۇت  قوللۇرۇم  پوشىشىپ   يەنە  ئۇيقىغا كەتتىم .  

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 04:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 09:34 PM
ما ھىكايە ماڭا بەك ياردى جۇمۇ ،مەنمۇ يەنە 6يىل بويتاق ي ...

يۈركۈم زىدە   ،  ساق  سالامەت  ئۈرۈمچىدىن  قەشقەرگە  بېرىۋالغان  ئوخشىمامسىز.   قارسام   خېلى  بولدى  مۇنبەردە  بار  سىز،    بۈگۈن  مۇبارەك  قەدمىڭىز  مىنىڭ  ئەسىرىمگىچە  يېتىپ   ،  قىممەتلىك  ئىمزايىڭىز    .   سۇلتانلارنىڭ مۆھۈردەك   تېمامغا  بېسىلىپتۇ  .  

مېنى چ  چ   رىڭىزدىنمۇ   يۇيۋېتىپتىكەنسىز   ، مەن  تېخى   **********   كۆرۈپ  خاپا   بوپ قالغان  چېغى  دەپ  تىمەن.  

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش