مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: heslirim

سىرلىق قىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 817 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 05:39:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز قېرىندېشىم ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنى  ھازىرقى زامانغا ئەكىلىپ ئىسىل ئەسەردىن بىرنى باشلاپسىز   ئاخىرىنىڭ ياخشى چىقىشىنى تىلەيمەن   ھارمىغايسىز  

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 05:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkogul يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 05:39 PM
يارايسىز قېرىندېشىم ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنى  ھازىرقى ...

بۇ  لار  پەقەت  مېنىڭ خىيالى تۇيغۇم .  مەن  ئۇيغۇر خەلىق  چۆچەكلىرنىمۇ  ئوقۇمىغان  ،  ھەممىسى  خىيالى  تۇيغۇمدىن  ئېلىنغان  تۇقۇلمىلار  .  دوستۇمنىڭ  ،  قوللاپ  بېرىشى  بىلەن  يېزىۋاتىمەن.  مەن بۇ ھېكايەمدىككى بايانلارنى  ھېچقانداق  چۆچەك  ياكى  رومان ھېكايىلارغا ئاساسەن يازمىدىم،  ئەگەر تورداشلار  شۇنداق  ھېس  قىلىپ  قالسا  بۇ  پەقەتلا  تاسادىبىلىق

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 05:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ  ئۈستىگە  بۇئەسەر    ھېكايە دىسەك  ،بەك  ئۇزۇن  ئەسەر  ،  چۆچەك  بۇلۇشقا  تېخىمۇ  ماس  ئەمەس،  

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئۆزگەرمەيمەن، ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3352
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9146
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 1415 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 06:10:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەك ياقتۇرۇپ قالدىن داۋامىنى ساقلاپ ئوقۇيدغان ئەسەردىن يەنە بىرنى كۆپەيتىم. نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسىرڭزنى مۇكاپاتلىق  ئەسەر قىلىپ يولمايسىز؟

ئۆزگەرمەيمەن، ئۆزگەرمىگىن، تاشلىمايمەن، تاشلىمىغىن!

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Destiny يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 06:10 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەك ياقتۇرۇپ قالدىن داۋامىنى ساقلا ...


ۋەئەلەيكۇم   ئەسسالام                         مەن    ئۇ  مۇكاپاتقا  ئانچە   قىززىقمايمەن  ، ئەسرىمنىڭ  قىممىتىنى  ئۇمۇكاپاتتىن  نەچچە  ھەسسە  يۇقرى  دەپ قارايمەن ،  قىسقىسى  مەن   ئۆزەمگە  ئىشنىمەن .                               بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   heslirim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 11:25 PM  


ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسرىمنى  قوللاپ بەرگەن  ،يۇقۇرى  باھالارنى   بەرگەن   دوسلارغا  چىن كۆڭلۈمدىن   رەھمەت ئېيتىمەن،    تېمىنىڭ   بەت  سانىنى   ئاشۇرۋېتىپ   ئەسەرنىڭ  ئاخىرنى  تاپماق  تەس  بوپ  قالمىسۇن   دەپ   ، ھەربىر  ئىنكاسقا   نەقىل  ئالماي   بىراقلا   جاۋاپ   يازدىم، لىكىن  ھەر بىر  ئىنكاسنى  تەپسلى ئۇقۇپ  چىقتىم  ،   قوللىغىنىڭلارغا    رەھمەت  ،   قېرىنداشلار

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 01:13:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         4- باپ  قارا سايە                                                   



شۇ ياتقانچە  قانچىلك  ۋاقىت  ياتقىنىمنى   بىلمەيمەن   ، ئويغۇنۇپ    كۆزۈمنى  ئاچسام  بېشىم  قېيىپ  كۆڭلۈم  ئېلىشىپ  ئىچكى  ئەزالىرىم  ھازىرلا  يېنىپ   چىقىدىغاندەك   ئېچىم  ئېلىشىپ  بەكلا   بىئارام  بۇلۇپ  كەتتىم.  پەقەت  بولالماي    ئىچ قارنىمنى  بوشتىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا  چىقماقچى     بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى  بولدۇم.     ئەمما  پەقەتلا   تۇرالمىدىم.         پۇت  قولۇم  قېتىپ قالغاندەك   ھەرقانچە  قىلساممۇ مىدىرتالمىدىم  .                                                                                                               شۇنداقتىمۇ خېللى  كۈچەپ ، بېشىمنى  ئاران  كۆتۈرپ ئۆي ئىچىگە نەزەر سالدىم  .                                جىمجىتلىققا  تولغان  مۇھىش  ئۆي ئىچدىن    تۇنجى  بۇلۇپ  كۆرگۈنۈم  بىچەرە   ئاپامنىڭ   نۇرسىز  كۆزى بولدى.  ئەزەلدىن  ئاپامنى  بۇ ھالەتتە  كۆرۈپ  باقمىغان  ئىدىم  ، كىچىگىمدىن  مېنى  ئۆزى  يالغۇز بېقىپ  چوڭ  قىلغان  جاپاكەش   ئاپام   .           ھەرقانداق  ئېغىر  دەت  كەلسىمۇ  مېنىڭ  ئالدىمدا  چاندۇرمايدىغان  ، يۈرگى يىغلاپ  تۇرسىمۇ  مېنىڭ ئالدىمدا  كۈلۈپ  تۇردىغان.  مىھرى  ئىسسق  جۈپ كۆزلىرى   ئولتۇرشۇپ   نەچچە  ياش  قېرىپ كەتكەندەك  كۆرنۈپ    ،ئىچىم  سىرلىپ   يەنە يىغا  ئولاشتى       ...    ئاپامنى  قاخشاتقانلىرىمنى  ئۇنىڭ  بىلەن  تەڭ   تۇرۇپ  يىغلاتقانلىرمنى  ئويلاپ   قىلغانلىرمغا ئىچ ـ ئىچىمدىن  ئۆكۈنۈپ  ئۆلۈمۈمنى تىلەپ  كەتتىم .بىچارە  ئاپا مېنى  بېقىپ  چوڭ  قىلىغىچە  تارتمىغان  جاپايىڭ  قالمىدى. مۇشۇ  ياشقا  كىرىپمۇ يەنە  ساڭا  ئېغىرچىلىقمنى  سېلىپ،  سېنى قىيناۋاتىمەن. ......   لەنەت  بولسۇن  مەندەك  ئوغۇل  بالىغا  !!!!!!!!!                                  ئاپام  بېشىمنى  كۆتۈرگۈنۈمنى  سەزمىدى  بولغاي ، تېخىچە  خىيالغا  پاتقان  ھالدا  تامغا  يۈلۈنۈپ  ئولتۇراتتى .  .... خۇداغا  شۈكرى   ئاران  ھۇشىڭىزغا   كەلدىڭىز !    بىزنى  بەكلا   ئەنسىرەتتىڭىز  . كەينى  تەرپىمدە  ناتۇنۇش   بىر يىگىت  مېنىڭ  بېشىمنى  كۆتۈرگەنلىكىمنى  كۆرۈپ مېنى  'يۈلەشكە  باشلىدى. مەن  كۆزۈمنى  ئاچقاندا  كەينىمگە  قارمىغاچقا  ئۇنى  كۆرمەپ تىمەن.   ئۇ  ماڭا يۈلەنچۈك  ئورنىدا  يوتقاننى  قاتلاپ    قۇيۇپ  بېرىپ   سۆزىنى  داۋاملاشتۇردى. ئورنىڭىزدىن  تۇرمەن   دەپ  بەك  كۈچەپ  كەتمەڭ  ، سىز ھازىر  بۇرۇنقىدەك  كۈچلۈك  ئەمەس،ھازىر  سىز ياخشى  ئارام  ئېلشقا  مۇھتاج ،ھېلىمۇ  ئىككى  كۈندىن  ئاشتى  ھېچنىمە  يىمەي  يېتىۋاتىسز.  ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران  قالدىم.  ئىككى  كۈن  دىدىڭىزما ؟  شۇنداق  ، ئىككى  كۈندىن  ئاشتى!  مەن   تېخى  بىر نەچچە  سائەت  ياتقان ئوخشايمەن   دەپ ئويلاپتىمەن.    ياق   ئىنىم !! نەۋاق  سىز  ياتقىلى    ، ھۇشسىز يېتىپ ھېچىمنى  سەزمىگەچكە  سىزگە  شۇنداق  بىلنىپتۇ..مۇشۇ ئىككى  كۈن ئىچدە   نۇرغۇن ئىشلار  بولدى  ، خۇدا   سىزنى  ئۆز پاناھىدا   ساقلاپتۇ   ! مەن  مۇشۇ ياشقىچە  سىزدەك  كېسەلنى   ئۇچراتمىغان.                                               نىمە  نىم       كېسەل   ؟  سىز  دوختۇرما؟ ئېيتىڭە  !مەن  زادى  نىمە  بوپتىمەن؟    بىر يوللا  نۇرغۇن  سۇئالنى  سورۋەتىىم   ،     مەن  بىرنەچچە   سۇئالنى  بىراقلا  سورغاچقىمۇ  ئۇ  تەمتىرەپ  نىمە دىيىشنى بىلەلمەي  تۇراتتى،    ئۆھۆ  ئۆھۆ! ئاپامنىڭ    يۈتىلشى  بىلەن ،  بۇ  ئادەم  گەپنىڭ  ئايغىنى  يۈتىۋەتتى... بەزى  ئىشلارنى  ئاپىڭىز   بىلمىگىنى  ياخشى سىزگە  كىيىن  چۈشەندۈرۈپ   قويمەن  ، ئاۋال  ئاپىڭىزنى   بىر خاتىرجەم  قىلايلى .   ئويغانغىنىمنى  كۆرۈپ  ئاپام  پۇتى  كۆيگەن تۇخۇدەك  ئالدىراپلا   يېنىمغا  كەلدى.  ۋاي جېنىم  بالام  بەك  ئەنسىرەتتىڭ   مېنى. ئاپام  يۈزلۈرۈمنى   سۈرتۈپ  پىشانەمگە  يېنىش   -يېنىشلاپ  سۆيدى.                      قارغاندا  ئاچچىغى  يېنىپتۇدە، ئۆزۈمگە  پىچىرلاپ   قويدۇم.   ئاپامنىڭ  ماڭا  قىلغان  مىھرىبانلىقدىن    ،  ئۆزەمنى  گۈدەك  چاغلىرىمغا  قايتقاندەك   ھېس   قىلىپ  كەتتىم . بىر تەرەپتىن  ئۇنى قاقشاتقانلىقىمنى  ئويلىسام.  ئۆزەمنى  كەچۈرگۈم  كەلمەيتى. شۇتاپتا ئاپامغا   قاراپ  يۈرۈگۈم   سىماپتەك  ئېرىپ كۆزۈمگە  ياش  كەلدى. لىكىن ئاپامغا  چاندۇرۇپ  قويماسلىق  ئۈچۈن   ئۆزەمنى    زورىغا   بېسۋالدىم.  يېنىمدا  ئولتۇرغان  ئاداشمۇ  كۆڭلۈمدىكىنى  بىلگەندەكلا   ،   مۆمىنجانغا  يىگىدەك  بىرنەرسە  ئەچىقسىلا   ئاچا  ،  ۋاقىتنى  چىڭ  تۇتۇپ  ئىشمىزنى  داۋاملاشتۇرمىساق  بولمايدۇ.  ئاپام  ئورنىدىن  تۇرۇپ  تاماق  قىلىشقا ماڭدى  .
          توغرا     قورساقنىڭ  ئاچقىننى    ئۇنتۇپلا   كېتىپتىكەنمەن ،    تاماقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ  قورساقلىرىم  راۋاپ چېلىپ،  نەپسىم تاقىلداپ    كەتتى.          ما   ئاداش  گەپ  قىلغاندا  بەكلا  يۇقىرى  ئاۋازدا  سۆزلەيدىكەن  .ئۇنىڭ  جاراڭلىق  ئاۋازى    ئۆينىڭ  بىر  بۇلۇڭدا  تۈگۈلۈپ  ئۇخلاپ   قالغان  پەينەك  باش  ئاغىنەمنى  ئويغىتۋەتتى  .  ئۇ مېنىڭ  يوتقانغا  يۈلىنىپ  ياتقانلىقىمنى  كۆرۈپ  ، كۆزىنى ئۇۋلالىغاچ  سۆزلەپلا  كەتتى.    يا  ئاللاھ   مۆمىن  ئاداش  ئاخىرى  ئويغۇنۇپسەن  ! خوتۇن  ئال   دەپ   قويسا  ،  قورقۇپ نەچچە  كۈن     ھوشۇڭدىن  كەتتىڭ   . سېنىڭ  خۇتۇندىن  بۇنچىۋالا   قورقىدىغانلىقىڭنى  ئويلاپمۇ ؟ باقماپ تىكەنمەن. ئەگەر  سېنى  ئۆيلەپ  قويساق   ئىش  بار  ئوخشايدۇ.   ھاھاھاھا    !! ئۇنىڭ  بۇ چاقچىقىغا  ئاۋال قىدەك  گەپ  قايتۇرالمىساممۇ    لىكىن  بۇ قېتىم  ،  پەقەت   تېرىكمىدىم  ، ئەكسىچە  ئۇنىڭغا  قاراپ  كۈلۈپ  قويدۇم.  .   ئالامەت  ئاغىنەمدە   بۇ  ، بىر چاقچاق  بىلەن  ، كۆڭلۈمدىككى   غەشلىكنى  كۆتۈرۋەتتى.  ئۆيدىكىلەرنىڭ  ھەممىمىز  ئۇنىڭ چاقچىقىغا  تەڭ  كۈلدۇق،   مەنمۇ  بىرلا كۈلۈپ خېلى  روھلىنىپ قالدىم. ئابباسنىڭ  چىرايىدا   مەن  ھۇشۇمدىن  كەتكەن  ئىككى  كۈن ئىچدە  خېللى چوڭ  ئۆزگۈرۈشنى  كۆردۈم.  ئىككى  كۈندە  باشقىچىلا   ئۇرۇقلاپ  كۆزلىرى  ئولتۇرشۇپ   قىزرىپ كەتكەن  ئىدى، ئۇنىڭغا  بەكلا   ئىچىم  ئاغرىپ  كەتتى.   تاماق پىشقىچە ئابباس  بىلەن   بىردەم  پاراڭلىشىپ  ئولتۇردۇق.ئابباس  قىزىقچى  بولغاچقا  مۇشۇ  ئىككى كۈندە  بولغان، لىكىن  مەن  ھوشۇمدىن  كەتكەچكە  خەۋەرسىز  قالغان  ھەممە  ئىشلارنى  چالا قويماي  سۆزلەپ  بەردى ، مەن بەكلا  ھەيران قالدىم.ئۇ يەنە ئاخىردا ھوشسىز  ياتقان  چاغلىرىمدا     نەچچە  قېتىم  جۆيلۈپ  كەتكەنلىرىمنى تېخى ئورنۇمدىن  تۇرۇپ ئېلى قارنىڭ «ئابباس ناتۇنۇش ئاداشنى شۇنداق  چاقىردى» گېلىنى  بوغۇپ  ئۇنى  ئۆلتۈرۈپ  قويغىلى  قىل قالغىنىمنى   سۆزلەپ  بەردى. .توۋا  ھىچ  ئىشەنگىم  كەلمەيدۇ  .مەن  قانداق  بۇلۇپ  ئۇنىڭ گېلىنى بوققاندىمەن  ؟شۇنچە ئويلاپمۇ  تىگىگە  يىتەلمەي  بېشىم ئاغرىشقا  باشلىغان ئىدى  .          تاماق  بىشتى !     ئاپام  دەستىخاننى  كۆتۈرۈپ  كىرىپ  گەپنىڭ  بېلىگە  تەپتى.     ئاپام  شۇ ئارلىقتا  بىردەمدە  .كەپتەر  شورپىسى  قىلىپ  چىقىپتۇ.        ئاپام  يېشى  بىر  يەرگە  بېرىپ  قالغان  بىلەن  .ھازىرقى  ياش  قىزلاردىن  نەچچىنى  قاتلايدۇ  .تاماق  ئىتىش  قاتارلىق  ئۆي  ئىشلىردا.  ھازىرمۇ  تېز سۈرەتتە  تاماق پىشىپ  بوپتۇ.                                                                                                                                      ماۋۇ شورپىنى   قىززىغىدا  ئىچۋېلىڭلار  باللىرىم  !   مۆمىنجان  ئاغرىپ  قېلىپ  سىلەرمۇ  كۆپ  جاپا  تارتتىڭلار ، سىلەرنى  بەكلا   ئاۋارە   قىلدۇق  باللىرىم  ،  ئالدىڭلاردا  مەن  بەك  خىجىل .         



ھۆرىخچا   مەنمۇ  سىلنىڭ   باللىرى جۇما،   تولا  مېنى  چەتكە   قاقمىسلا!       ھاھاھاھا  ئابباس  شۇنداق   دەپ  يەنە   كالچاراپ   قويدى.                                                                                                      ئادەم    قورساق ئاچقاندا  ھەممىنى ئۇنتۇيدىكەن. شۇڭا  بىز  تۈزىت  قىلىپ  ئولتۇرمايلا    ھۇجۇم   باشلاپ   بىردەمدە   تاماقنى  سوقۇپ  بولاي  دىگەن  دىدۇق  .                       قاچىنىڭ ئاستى   كۆرۈنەي   دەپ  قالغاندا،   ناتۇنۇش  مىھماننىڭ چىرايى جىددى  تۈسكە   كىرىپ   ، ئالدىراشلا   قىلغان  ئىككى  ئېغىز  گېپى   ھەممىمىزنى  جىددىلەشتۈرۋەتتى .          بولوڭ  ئابباس  قارى،  تاماقنى  قويۇپ  ، تېز   دەستىخاننى  ئېلۋىتىپ  مۆمىنجاننى  قىلبىگە قاراپ  ياتقۇزۇڭ، ئەھۋال   چاتاق  ،  ئۇلار  يەنە  كەپتۇ  !    بۇ  قېتىم  ئالدىنقى  قېتىمدىكىدىنمۇ  كۆپرەك  ئەسكەر  كەلگەندەك  قىلدۇ.                                                                                                        مەن  تۇرغانلا  يىرىمدە   داڭ  قېتىپلا    قالدىم. ئۇلارنىڭ  نىمە  دىيىشكىننىمۇ  چۈشەنمدىم ،ئۆزەمنىڭ  نىمىشقا  بۇنداق  تۇردىغانلىقىمنى  ھېچ  بىلمىدم  .ئىشقىلىپ   مەن  نۇرمال   ئەمەس    .   ئابباس  مەن  يۈلنىپ  ياتقان  تەكىنى  ئېلىۋېىتىپ  بول  ئاداش  يېتىۋالغىن ،     قارىم  نىمە  دىسە  شۇ  بويچە  قىلمىساق    ئىش چاتاق  تېز بول. مۆمىن ،  مۆمىن !!!! !  نىم  بولدۇڭ  ئاداش   !  ئادەمنى  ئۇنداق  قورقۇتما ؟                                             ھەممىنى  بىلىپ  تۇرمەن  ،ئەمما  ئىنكاس  قايتۇرالمايمەن. بېشىم پىرقىراپ   بەئەينى  ئۈسۈمۈك  ئادەمگە ئوخشاپ  قېلىۋاتاتىمەن .    ئابباس   ماڭا   بىر  قارۋېتىپ ئەنسىز توۋلاپ  كەتتى .ئېلى قارىكا   تېز بولۇڭ !   ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرمەن.  لىكىن  بىرسى  كىلىپ  يۈزۈمگە تۈكۈرۋەتسىمۇ  قاراپلا  تۇرۇشتىن  باشقىنى  قىلالمايمەن.                 ئابباس قارى !مۆمىنجاننى  جايىدا  ياتقۇزۇپ   سىز   پۇتىنى  چىڭ  بېسىپ  تۇرۇڭ ، ھەرگىز تۇرۇپ   كەتمىسۇن    .  قارى  شۇنداق  دەپلا   ،   كۆپىنىڭ  ئاستىدىن  ئۇزۇن  بىر  پىچاقنى چىقىرىپ   بەزدە  تېشىدا  بەزىدە  ئىچىدە   بىرمۇنچە  بىرنەرسىلەرنى   ئوقۇشقا باشلىدى.  كېسىپ  ئېيتىمەن   ،ئۇنىڭ  ئوقۇغىنى ئايەت ئەمەس ،  ئەگەر  ئۇ ئايەت  ئوقىغان  بولسا   ، مېنىڭمۇ  ئەرەپچە   سەۋىيەم  خېلى  يۇقۇرى  بولغاچقا  بىر ئاڭلىساملا  بىلىۋالاتتىم.  بىراق شۇنچە  دىققەت  قىلساممۇ  ھېچ  نىمنى  چۈشەنمىدم.  ئۇ  زادى  نىمە  ئۇقۇۋاتقاندۇ  ؟  گاھى  سۇغا  گاھى  قولىدا  تۇتىۋالغان  بىرمېتىر  ئۇزۇنلۇقتا  كىلدىغان يوغان پىچىقىغا    سۈھلەپ   سۈف   دەپ   قۇياتتى.                   بەزىدە  ھېلىقى  ئۇزۇن  پىچىغىنى  ماڭا  دىۋەيلەپمۇ   قوياتتى.ئۇ  ھەر بىر   قېتىم  پىچاقنى ماڭا دىۋەيلىگەندە  ئىچىمدىن بىرخىل چىقىراق  ئاۋاز چىققاندەك بۇلۇپ  بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتەتتى.                                                                                                                            كۆڭلۈمدە  بۇ       ئادەم  زادى  قانداق   ئادەم  بىر  قارسام  جىنكەش  باخشىلارغا  ئوخشايدىكەن   .لىكىن  ئۇنىڭ  ئۇ  تۇرقى  پەقەت جىنكەش  باخشىغا  ئوخشىمايتى   . بۇلۇپمۇ  كىينىشى  . مەن  بۇرۇن  چوڭلاردىن   ئاڭلىغان.  باخشىلارنى  ناھايىتى  سۈرلۈك  ھەم  بەت  بەشرە  بولىدۇ   دەپ . لىكىن  ئۇنىڭ  كىينىشى ، مەندىنمۇ  بەكرەك شۇشەن .يېشىمۇ  ئانچە  چوڭ  ئەمەس   مېنىڭچە   بۇ ئادەم  ،  پۇل تېپىشنىڭ  كۈيىغا  كىرۋالغان  ئالدامچى   . ھېلى كۆرىمىز تېخى ،ئۇھېلىقى  قارا سايىنى كۆرسە   قورققىندىن ئىشتىنغا  سىيىپ  قويامدۇ  تېخى.                    ئانناڭنى  جىننى  قورقىتامىش!ئۇنىڭ  ئۇ  ئەپتىدىن  جىننى  ئەمەس،  باغدىككى ياۋا  توشقانلارنى  قورقىتالىسا    چوڭ گەپ .                                                                                                                            ھەرخىل  خىياللار  ئىچىدە  لەيلەپ  يۈرۋاتمەن . ئويلىغانلىرمنىڭ  باش  ئاخىرى  يوق.  شۇنداق   خىيالارنى  سۈرۈپ  يېتىپ  كۆزۈم  يۇمۇلۇپ  قالدى  ، ئەمما  ئۆيدە  بۇلىۋاتقان  ھەممە  ئىشلارنى  بىلىپ  تۇرمەن. ئابباسلارنىڭ   قىلشىۋاتقان  ھەممە  گېپىنى  ئاڭلاپ  تۇرۋاتىمەن  .  ئۇشتۇمتۇت  قارا سايە  يەنە  پەيدا  ئۇنى  كۆرۈپ قاچىدىغان      تۈشۈك تاپالماي  قالدىم  ،  بۇقارا  سايە  زادى نىمىدۇ  ؟   نىمىشقا   ماڭىلا  چاپلىشۋالدىغاندۇ ؟؟؟                        ئۇ يېقىنلاپ  كەگەنسىرى يۈرگۈمنىڭ  سوقىشى تېخىمۇ تىزلىشىپ ،قۇرقۇنۇشۇم  نەچچە  ھەسسە كۈچەيدى .   يۈرگۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ تۇراتتى . چۈنكى  قارسايە  بۇ  قېتىم    يالغۇز  ئەمەس  ، ئۇنىڭ  كەينىدە  سان  -ساناقسىز  كىشلەر  ئەگىشىپ  كېلىۋاتىدۇ  ،  ئۇلار  ئۈلۈكنى  كىپەنلىگەن  كېپەنگە ئوخشاش. بېشىدىن پۇتىغىچە  ئاپپاق  كىيىم  كىيۋالغان  . ئۇلا  ماڭا  يېقىنلاپ كەلگەن  سىرى    ئۇلارنى  تېخىمۇ  ئېنىق  كۆردۈم.                                                                                                                                ھەممە  يىرى  ئادەم   بىراق  بېشى  سەل  چوڭ  ، ئۇلارنىڭ  بۇرنىدىن    توختىماي  ئىس  چىقىپ  تۇردۇ. ئاغزىدىن  ئوت  يېنىپلا  تۇراتتى.  نىمىشقىمۇ  ئۇلارغا   قارغاندىمەن  !  مەن ئۇلارغا قاراپ  تۇرغاندا  ئۇلارنىڭ  ئېچىدىككى بىرسى شۇنداقلا  ئۆرلۈپ  ماڭا  قارغان  ئىدى ، ئىككىمىزنىڭ  كۆزى  ئۇچۇرشۇپ كۆزۈمنى قاچۇرۇشقا  ئۈلگۈرەلمىدىم   .  ئۇماڭا  شۇنداقلا   بىر ھۇمايدى   !! خۇددى  بىرنەرسە پۇتۇمدىن  كىرىپ بېشىمنى تىشىپ  چىقىپ كەتكەندەك  ، سوغوق ئەمما تىكەنلىك  بىرخىل  سىزىم ، بەدىنىمنى تاتلاپ  ئاياق تەرپىمدىن كىرىپ   باش تەرپىمگە  ئېقىپ  يۇقاپ  كەتتى.     بەدىنىم  تىكەنلىشىپ  تىترەپ  كەتتىم .   لىكىن  ئولار  يەنىلا  كۆز ئالدىمدا  كۆزۈمنى  يۇمساممۇ  ۋەياكى ئاچساممۇ  ئۇلارنى كۆرۈپلا  تۇرمەن.  ئاھ  خۇدا  مەن زادى  نىمە  بولغاندىمەن !!!   نىمىشقا  ئۇلا  مېنى  قورشىۋالىدۇ ؟   ئۇلارنى  كۆرۈشنى  خالىمساممۇ  كۆرمەسلىككە  پەقەت ئامال  يوق  ، ۋاي  ئاللاھىم   بۇ  تەلۋە  جىنلار  مېنىڭ  ئەتىراپىمدا   ئايلىنىپلا   يۈرۈيدىغۇ !!!!                                                                                                                                                                                                                                                       بۇ تەلۋىلەرگەزادى  نىمە  قىلغان  بولغۇيتۇم  مەن؟بۇلاردىن قۇتلۇش پەقەت مۇمكىن بولمىدىغۇ قانداق قىلارمەن ئەمدى .......            كۆپ ئويلاندىم  ، ئاخىرى  بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەكچى  بۇلۇپ   بىر ئازدىن  كىيىن  يەنە ئۇلارنى كۆزتىشكە باشلىدىم  ،   ئۇلارنىڭ  سانى  بەكلا  كۆپ بولغاچقا  ئۇلارنى  نەچچە  ئون  ئادەم  بىرلىشىپ  سانىسمۇ  ساناش  مۇمكىن ئەمەس.  ئۇلارغا   قاراپ گاھ  ھەيران  بۇلۇپ  گايىدا  قورقۇپ كېتەتتىم .  تۇساتتىنلا  ئاق  كىيىملىكلەرنىڭ  ئالدىدا   نۇرغۇن  قاپ  قارا  كىيىنگەن  بويى  ئاق  كىيىملىكلەردىن  سەل  پاكار      بىر  توپ  ئادەملەر  پەيدا   بولدى  ،كېيىن  مىنىڭ يېنىمدىممۇ بىرنەچچە  قار كىيىلملىك،  ئادەمگە ئوخشايدىغان ئەمما   چىرايىنى كۆرگىلى بولمايدىغان  بىرنەچچە غەلىتە  نەرسىلەر پەيدا بۇلغان  ئىدى. مېنى قورشىۋالغان  لالمىلار دەرھال  قېچىشقا  باشلىدى .                                                                                                                     كېيىن ئاق -قارا كىيىنگەن  ئۇ  ئالۋاستىلار  بىر ئىشتا  كىلشەلمەي ۋاتقاندەك  ،خېلى  ئۇزاققىچە  بىرنەرسىلەرنى  دىيشىپ  تاكاللاشتى  . گېپىنى  پەقەتلا   چۈشەنمىدىم .                                                                      كېيىن بىرلىككە  كىلەلمىدى  بولغاي،قاتتىق  ئۇرشۇپ  كەتتى. ئاق  كىيىملىكلەرنىڭ  قولىدا  لاۋىلداپ   كۈيىۋاتقان   ئوت.   قارا  كىيىملىكەلرنىڭ   قولىدا  ئۇزۇن  قېلىچ  پەيدا  بولدى .                                                               كېيىن    قار كىيىملىكلەرنىڭ  سانى بەكلا  ئازبولغاچقا  ئاق  كىيىملىكلەر  ئاسانلا  ئۇلارى  قورشىۋالدى .      

قارا  سايە  ئاق كىيىملىكلەرنىڭ   باشلىغى بولسا كېرەك  ،  قورشىۋېلىنغان  ئاق كىيىملىكلەرنىڭ  ئالدىغا  كېلىپ  بىرسىنڭ  گېلىنى جان جەھلى  بىلەن  بوغىۋاتقان  ئىدى .      شۇنداق   يوغان   دەرجىدىن  تاشقىرى  چوڭ  بىر  يولۋاس  ئېتىلىپلا  كېلىپ   قارا سايىنى  بېسىۋالدى  .                                                                                                                             ھېلىقى  قارا   سايە  قورقۇپ كەتتىمۇ   ياكى   نىم  بولدى  بىلمىدىم  ،   ئالدىنقى قېتىمغا  ئوخشاش  ئىسقا  -تۈتەككە ئايلىنىپ  يۇقاپ  كەتتى  .  لىكىن  ئۇنىڭ  ئاق كىيىملىك  مەخلۇقلىرى  جايىدىن قىمىرلاپمۇ قويمىدى.  قار كىيىملىكلەر  ئۇلارنىڭ  ئارسىدا  تۇرىۋەردى، يا ئۇرۇشمىدى ، يا تاكاللاشمىدى ، پەقەتلا  بىر بىرگە ھەيۋە قىلشىپ تۇراتتى ، ئۇشتۇمتۇت ھېلىقى  يولۋاس دەسلا   ئورنىدىن  تۇرۇپ     قارا  كىيىم كىيۋالغان   ئادەم شەكىلگە  كىردى ،   ئۇنىڭ  چىرايىغا   شۇنداقلا  قاراپ  تاس قالدىم. قورقۇپ  جېنىمدىن  ئايرىلىپ  قالغىلى،   ھۇپ  ۋاي  ئانام  !!!!!!   ھېلىقى  يولۋاستىن  ئۆزگەرگەن  قاراكىيىملىك  دەل  باياتتىن  بىز بىللە  تاماق  يەپ  كۈلۈشۈپ  چاقچاقلىشىپ  ئولتۇرغان  ، ئابباس  ئېلى قارى  دەپ  چاقىرغان ،  ئېلى قارى    دەل   ئۆزى  .......                                            مەن  بەكلا  قورقۇپ  كەتتىم   .   ئەجىبا   ھېلىقى ئېلى قارى جىنمىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ .  مېنىڭ  كۆرگەنلىرمنى  چۈش  دىيىشكە  قەتئى  بولمايدۇ.         خىيالى سىزىم  بولىشى  ئەسلا مۇمكىن ئەمەس   ،  ئۆيدە  بۇلىۋاتقان  ھەممە  ئىشلارنى ھېس  قىلىپ  تۇرۋاتىمەن.   ئۇستىگە   مەن  ھېلىقى  قار زەڭگىنى بۇرۇنمۇ  كۆرگەن ،  ئۇتېخى  مىنىڭ  قۇلۇمدىن  تارتقان  .                                              ئۇيەنە تېخى  نەچچە  يىل    بۇرۇن   زۇمرەتنى  باغلاپ  ئەكەتكەن  ،   زۇمرەت   دىگەن  دىۋىلەر  شاھىنىڭ   قىزى  زۇمرەتكە  ئادەتتىكى  جىننڭ  كۈچى   يەتمەيدۇ  .    بۇ   ئىشلارغا    پەقەت  ئەقلىم  يەتمىدى ........                           مېنىڭچە  بۇ قارىمدا  چۇققۇم  بىر سىر  بار، ئەگەر  بۇ  جىن  بولمىغان  تەغدىردىممۇ  ،  كامالەتكە  يەتكەن  جىنكەش  .      ......    بۇ ئىشلار  ئاياقلاشقاندا  بۇ ئىشلارنىڭ  ھەممىنى  ئېنىقلايمەن.       قارا  سايە  ئىسقا  ئايلىنىپ  يۇقاپ  كەتكەندىن  كېيىن   ئۇنىڭ  كەينىدىن  ئەگىشىپ  كەلگەن  ،ئاق  كىيىملىككەر   ھېچ  قانداق  ھەركەت قىلماي  جايىدا  توختاپ  قالدى.  بىرئازدىن كىيىن قار  كىيىملكلەر   يولۋاسقا  ئايلىنىپ  يۈگۈرگىنچە بارغانسىرى  يىراقلاپ      كۆزئالدىمدىن    غايىپ  بولدى.  بۇنىڭ   نىمە  ئىش   ئىكەنلىگنى پەقەتلا  بىلەلمىدىم بۇ ئىشلارنى  ھەرخىل  تەسەۋۋۇر  قىلىپ  باقتىم  ئەمما، ئۆزەمنى  قايىل  قىلغىدەك  بىرەر  جاۋاپقا  ئېرىشەلمىدىم.                    شۇئەسنادا تۇرۇپلا   يۈزۈمگە  ئوت كەتتى    بىرەرسى ماڭا   بېنزىن  چېچىپ  ئاندىن  ئوت  ياققاندەكلا   پۈتۈن  بەدىنىم  كۈيۈشكە  باشلىدى،  ھەيران  قالارلىقى  شۇكى  بەدىنىم  كۈيىۋاتدۇ،  لىكىن  ھېچ  قانداق  ئاغرىق  ھېس  قىلمىدم.           توۋا  مەن    پۈتۈن سىزمىمنى يۇقاتتىممۇ  نىمە  . بەدىنىم  كۆيىۋاتىدۇلىكىن  ئاغىرمىدى ،قاچاي دىسەم ئورنۇمدىن  تۇرالمايمەن .        ئۆزەمدىن  ئەنسىرەپ  تۇرتتىم.   ناھايىتى  سەت  قاپقارا  قولدىن  بىرسى  كەپ  تۇيۇقسىزلا گېلىمنى  بۇغۇپ كەتتى . بار كۈچۈم بىلەن  قولنى  كەيمىگە ئىتتىرىپ  باقتىم.  بىراق  بۇ نىجىز  قول  ھېچ  ئاجىرايدىغاندەك  ئەمەس  .بارغانسىرى  نەپسىم  قىسلىپ ، كۆزلۈرۈم  يۇمۇلۇپ. نەپەس  ئالالمايلا  قالدىم. ئەمدى  راسلا  ئۆلىدىغان  بولدۇم.    ئالدىنقى  قېتىم  چۈشۈم  ئىدى.  بىراق  ھازىر  مەن  ئويغاق  بۇ  ئىشلارنىڭ  ھەممىسى  ھەقىقەت . خۇددى  گېلىغا  پىچاق  ئورۇلغان  قويدەك  دەسلەپتە  بەكرەك تىپپىرلاپ ، بارغانسىرى پۇتلىرىممۇ مىدىرماي قالدى   .                                                                                                                           جېنىم تېنىمدىن  چىقاي  دەپ  ئاخىرقى  باسقۇچقا  يەتكەندە  ھېلىكى جىنكەش  باخشىنىڭ     ئاۋازى  قۇلقۇمغا  كىرىپ  قالدى. ئۇنىڭ  ئاۋازى  ئۈلۈمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر   چارىسدەك ، ئۇنىڭ شۇ ئاۋازى  مېنى ئۈلۈمدىن  قۇتۇلدۇرۇپ  قالدىغاندەك .  ھېس  قىلىپ  پۈتۈن  زېھنىمنى  يىغىپ  تىڭشاپ باقتىم .                                                ھەي   مەخلۇق  ساڭا  پۇرسەت  بېرىپ  ساق  قويسام  ،  نىمە   دەپ  گۇناھسىز  ئادەمنىڭ  گېلىنى  سىقىسەن  ؟؟    دەرھال  ئۇنى قۇيۋەت   !!!!!!    قۇلاق  تۈۋۈمدىلا   بىر  چىرقىراق  زىل  ئاۋاز  ئاڭلاندى.  مەن  ئۇنى  ئۆلتۈرۋېتىمەن!!ئۆلتۈرۋېتىمەن !!!    ئۆلتۈرۋېتىمەن !!!!!!!!!!! نىمە  دەپ  ئۇنى  ئۆلتۈرسەن  ؟  ئۇ ساڭا  نىمە  يامانلىق  قىلدى؟  ھى   ئۇ  مېنىڭ  بالامنى  دەسسەپ   ئۆلتۈرۈپ  قويغان  جانغا  جان  ئالىمەن.  جانغا   جان   ،  قاراپ  تۇر   ئۇ ھازىرلا   ئۆلىدۇ   .                                                                                                                                                                                                                                                                            ئۇ  گېلىمنى  تېخىمۇ  چىڭ  سىققىپ  ئاخىرقى  سۆزلىرنى  ئاڭلىغدەك   ئىمكان  قالمىدى.   پۇت  قوللۇرۇم بوشاپ  ، بەدەنلىرم سوۋۇپ   كەتكەندەك  بۇلۇپ تىنىقم  توختاپلا  قالدى.   شۇ تاپتا  كاللامغا   بىرلا  ئوي  كەلدى،مەن  تۈگەشتىم    ، دۇنيادىن  مەڭگۈ خوشلاشتىم ! مەندىن  رازى  بولۇڭ  ئاپا!!ئارانلا  شۇنچىلىك ئويلاشقا  ئۈلگۈرۈپ  بوشىشىپ  كەتتىم.            



داۋامى  ئىنكاس   شەكىلدە   داۋاملىق  يوللىندۇ !!!!!!!!!!




ئەسكەرتىش؛   بۇئەسەر   مېنىڭ ئىجادى  ئەسرىم   مېنىڭ  رۇقسىتىمسىز  ھەرقانداق مۇنبەر، سالون ،ياكى بىلوگلارغا  يوللاشقا   بولمايدۇ .




ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 03:49:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك بارغانسىرى قىزززىۋاتىدۇ!داۋامىغا تەشنامەن!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 01:06:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي   تۆرەم   باكەنلا    ھە  .   يۇقاپلا  كەتتىلا   ئادەمنى  ئەنسىرتىپ

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12407
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7785 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 02:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنىڭ ياخشى چىقىشىنى تىلەيمەن   ھارمىغايسىز  
بىراق توغاچنىڭ ئۇرىقى يوق .بەلكى ئۈچكىسى بار .سىلىق ئەمەس يۈتكىلى بولماسمىكىن ھەر قانچە كىچىك بولسىمۇ

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش