بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 06:31 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 _% b/ S& c/ Z9 g/ w- q4 p0 Q2 E
ئۆردەك ئۈزۈپ ئويناۋاتقان كۆللەرگە ھەقسىز كىرىپ، ئوين ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- c) H; i1 T. S& o$ W9 K" N' M
بۇ كۆل مارالبېشى ناھىيە بازىرىغا 7 كىلومىتىر كېلىدۇ. يوللىرى ئاسفالىتلاشقان، ماشىنا بىلەن ئەدەتتە 10 مىنۇتتا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇ كۆلنىڭ دائىرسىگە كۆز يەتمەيدۇ. بۇ كۆل ئەمەلىيەتتە مارالبېشىىنىڭ سۇ ئامبىرى. ئەتراپىنىڭ ۋە ئىچكىرسىنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەل. بۇ كۆلنىڭ شىمال قىسمىنى بىر يولداش كۆتۈرە ئېلىپ، نەچچە مىليون خەجلەپ غايەت زور كېمە شەكلىدىكى رېستۇران، ۋە ئارامگاھ ياسىتىپ تىز سۈرئەتلىك 10 كىشىلىك، 6 كىشىلىك كاتىرلىرى، ئىككى كىشىلىك سۇ موتوسىكلىتلىرى بار بولغان ساياھەت نوقتىسىغا ئايلاندۇردى. ئەلۋەتتە بۇ ئورۇندا(رېستۇراندا) قىلىنغان ھەر قانداق ئىستىمال ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە قىممەت. كاۋاپنىڭ بىر كىلوسى بازاردا 60 سوم چاغدا بۇ يەردە 120 سوم ئىدى. ئادەتتە بازاردىكى 5-6 سوملۇق سوغۇق ئىچىملىكلەر 10-15 سوم. 10 كىشىلىك كاتىرغا چىقىپ بىر چوگلىسىڭىز 40 سوم(بىر كىشىلىك ھەق)، سۇ موتوسى 100 سوم. ئادەتتە 10-15 مىنۇتتا كۆلنىڭ 5-6 كۇۋادرات كىلومىتىر دائىرىسىنى ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. كاتىر ھەيدەيدىغانلار ئۇيغۇر. ئەگەر ئۆچرەت كۈتۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ئاز بولسا ياكى كاتىرچىلارنىڭ ئىنساۋى تۇتۇپ قالسا ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن تونۇش بولسىڭىز يەنە نەچچە مىنۇت ئۇزاق ئولتۇرالايسىز. ياخشى يىرى ئۇلار كاتىرنى سىز دىگەن يۈنىلىشكە ھەيدەپ ماڭىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" f q, o' G; X0 { W/ I. L( b/ Y. N
بۇ ئورۇننىڭ مىھمانلىرى ئاساسەن سىرىتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىدىغانلار ۋە ياكى باشقا رايۇندىن كەلگەن مىھمانلىرىنى كۈتۈشكە ئېلىپ چىقىدىغان سىز بىزدەك مىھماندوس يىگىتلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& @% |; ?3 N: ~
ئاناركۆلنىڭ يۇقۇرىقى كۆتۈرە ئېلىنغان قىسمى پۈتۈن كۆلنىڭ 20 دىن بىر قىسمىغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق يېرىدە خالىغانچە پائالىيەت ئېلىپ بارسىڭىز ھەق ئېلىنمايدۇ. كۆلدە ئۈزۈپ ئوينامسىز ياكى قازان-قومۇش، كاۋاپدان ئېلىۋېلىپ ئوپچە دالا تامىقى يەمسىلەر كارى يوق. كۆل ئەتراپىدا ئوتۇن تەييار(مىنىڭمۇ ئىدارىدىن شۇ يەردە ئويۇشتۇرغان يېرىم كۈنلۈك دالا تامىقى پائالىيىتىدىن ھازىرلا كىلىشىم). يەرلىكتىكىلەر ئاساسەن ئۆزى تەييار يىمەك-ئىچمەك ياكى خام ماتىرىياللىرىنى ئىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرى تەييارلاپ كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ پاقلان ياكى ئوغلاقلىرى تەبىئى شوردا بېقىلغان، بەك تەملىك. باھاسىمۇ بازار باھاسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئاقكۆڭۈل يەرلىك مالچىلار سېتىپ بىرىدۇ ھەم ناھايىتى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن(سويغان مالنىڭ گۆشىدىن بەرسىڭىزمۇ بولدۇ) سويۇپ، قازانلىرىغا سېلىپ پىشۇرۇپ ياكى يۇلغۇن چىۋىقلىرىدىن زىخ، چاسا تاشلاردىن كاۋاپدان ياساپ سىزگە مىزىلىك جاڭگال كاۋىپى قىلىپ ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ بىرىدۇ. مىللى ئادىمىز تۇپەيلى ئەلۋەتتە سىزمۇ ئۇلارنى شۇ داستىخىنىڭىزغا داخىل بولۇشقا تەكلىپ قىلماي تۇرالمايسىز ئەۋەتتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 H- r9 S. \" k( L$ K6 e* E0 I
بۇ كۆلدە قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بەك ھەۋىسىڭىز بولسا بۇ كۆلنىڭ بېلىق تۇتۇش كېنىشكىسىنى بىجىرىسىز ياكى بىر كۆنلۈك قارماق تاشلاش ھەققى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ئىشەكتىن توقۇم قىممەت توختاپ قالىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Y6 E' I- ]' z4 V! _* C* q) T بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ قانداق