مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ablat324

شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:12:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 10:24 AM
ئەگەشتىم .

ۋاقتى كەلگەندە مۇكاپاتلىق ئەسەر نامزاتىغا بېلەت تاشلىشىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12646
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلىنىشقا تېگىشلىك تېمىكەن، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئسىل تېما بوپتۇ.
شېئىر يېزىشنى يېڭى ئۈگۈنىۋاتقان تورداشلار تەپسىلى ئوقۇپ چىقسا خېلى بىر نەرسىنى بىر نەرسىنى بىلىۋالغۇدەك تەپسىلى يېزىلىپتۇ.
ھىسسىيات__ شېئىرنىڭ جېنى، شېئىرنى رېئاللىقتىكى ئىشلار ئادەمگە تەسىر قىلغاندا، بەدئى تەسەۋۋۇر، ئوبرازلىق تىللار ئارقىلىق، شۇ رېئاللىقتىكى مەزمۇننى ئىنتايىن يىغىنچاق قىلىپ ئىپادىلەپ چىقساق، شۇ چاغدا ئۇ شېئىر شېئىر بوپ چىقالايدۇ.
گەپلەرنى تۆت چاسا قىپ تىزىپ، قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ قويۇش  ئۇ ھەرگىز شېئىر بولۇپ ھىساپلانمايدۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 01:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا مۇشۇنداق بىر ماتىريال بەك لازىم ئىدى ياخشى يوللاپسىز ،،ئاپرىن.

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:35:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ھىسيات ۋە تەسەۋۋۇر بايلىقى خېلى مول، لىكىن تىل ئىشلىتىش جەھەتتە، ئىستىلىكىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش جەھەتتە  قىينىلىمەن ،يەنە قاپىيە، رېتىم، ۋەزىننىمۇ تازا ياخشى كەلتۈرەلمەيمەن.



ئىنتايىن ياخشى تىما بوپتۇ، مۇشۇنداق ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەرنىڭ تاللىنىشىغا، كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19 03:26 PM  


ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11240
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:44:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن ، شېئىرىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن نەزىريىۋى بىلىملەرنى بىلۋالدىم .

ئۇشبۇ ماقالىنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر بولۇپ تاللىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالايدىغانلارنىڭ ئەسەرلەرنىڭ پايدىلنىش قىممىتىنى ئېنىق ئايرىپ باھالىشىنى يۇقارقىدەك ئېسىل ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ چۈشىنىپ باھالىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئاخىردا ئۇشبۇ ماقالىنىڭ بىرىنجى بولىشىنى يەنە بىر قېتىم
ئۈمۈت قىلىمەن .

ماقالە ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 04:59:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 12:22 PM
نادىرلىنىشقا تېگىشلىك تېمىكەن، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىر ...

شېئىرىيەتكە بولغان تونۇشىڭىز خېلى يۇقىرىكەن، بۇ ماقالە ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر باكلاۋۇرلۇق ئىلىمىي دىسىرتاتسىيىسى بولۇپ باھالانغان، مىسرانىم مۇنبىرىگە سۇندۇم، ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، ياخشى ھەزىم قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 33 رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 05:06:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barquk8 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 02:44 PM
پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن ، شېئىرىيەت توغرى ...

ئالدى بىلەن ماقالەمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا، ماڭا ئامەت ۋە مەدەت تىلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مەزكۇر مۇنبەردە شائىرلار ۋە ئىشقى مۇھەببەت ھېكايىلىرى ۋە قوشاقلىرىغا ئامراقلار كۆپمىكى دەپ شېئىرىيەت توغرىسدا نىسبەتەن ئەتراپىلىق ئىزدەنگەن بۇ ماقالەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدىم، بەلكىم بۇ تېمىغا ئىنكاس چۈشمەي، سوغۇق تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇغۇ دەپ ئويلىغان، يەنىلا ئىلىمخۇمارلار كۆپكەن، مەدىتىڭىز ماڭا زور ئىلھام بولدى، ئالدىمىزدا يەنە باشقا ئەسەرلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 01:29:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 07:44 PM
نەچچە ئاي بولغان مۇنبەردە مۇنداق ئېسىل تېما كۆرمىگىلى. ...

ئالدى بىلەن ماقالەمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا، ماڭا ئامەت ۋە مەدەت تىلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مەزكۇر مۇنبەردە شائىرلار ۋە ئىشقى مۇھەببەت ھېكايىلىرى ۋە قوشاقلىرىغا ئامراقلار كۆپمىكى دەپ شېئىرىيەت توغرىسدا نىسبەتەن ئەتراپىلىق ئىزدەنگەن بۇ ماقالەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدىم، بەلكىم بۇ تېمىغا ئىنكاس چۈشمەي، سوغۇق تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇغۇ دەپ ئويلىغان، يەنىلا ئىلىمخۇمارلار كۆپكەن، مەدىتىڭىز ماڭا زور ئىلھام بولدى، ئالدىمىزدا يەنە باشقا ئەسەرلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 11:50:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىردىكى ھېسسىيات ،تەسەۋۋۇر،.ئوبراز ئامىللىرى ھەققىدە

مەلۇمكى شېئىر  باشقا ئەدەبىي تۈرلەرگە ئوخشاشلا بىر خىل سەنئەتتۇر،لېكىن ئۇشائىرنىڭ ئىچكى سۇبىكتى بىلەن قايناق ھېسياتىدىن تۇغۇلىدىغان ئالاھىيدە بىر خىل بەدىئي تۈر بولغاچقا ئۇ ئالدى بىلەن ھېس –تۇيغۇ سەنئىتىدۇر.
شائىر تەبىئەت ۋە جەمىئيەتنى كۆزەتكەن،ھاياتتىكى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن چاغلىرىدا ھامان تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك بىر نەرسىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنەرسە ئۇنىڭ قەلبىدە ياكى گۈزەللىك تۇيغۇسى ياكى نەپرەت  تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇخل تۇيغۇ ئۇنىڭدا يىرگىنىش،غەزەپ ياكى خۇشاللىق ۋە غورۇرنى مەزمۇن قىلغان بىرخىل ھاياجان بىلەن كەيپىيات بىنورماللىقىنى قوزغايدۇ،دەل مۇشۇنداق ھېسسىيات ئالاھىيدە مەزمۇنغا ئىگە بولغان مۇشۇنداق ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇ شائىرنىڭ بەدىئىي –غايىۋى مەقسىتىنى ،شېئىرنى بەدىئي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ،بۇ نەرسىلەر شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتدە بىر خىل ئوبرازلىق ئىجتىمائىي پىكىر تۈسىگە كىرىپ،رىتىم، ۋەزىن،ۋە قاپىيىلەرۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ جانلىنىپ.كىتابخانىدا بىر خىل ئىستېتىك سىزىم پەيدا قىلىدۇ.بىز دەۋاتقان بۇ رىتىم ،ۋەزىن،قاپىيە قاتارلىق نەرسىلەر ئەسەرنىڭ شەكلىگە تەۋە بولغان بەدئىي ئامىللار بولۇپ،ئۇھېچقانداق ۋاقىتتا شېئىرنىڭ ئورنىنى ،ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان ئجتىمائىي_بەدىئىي پىكىرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ،شېئىرنىڭ مەزمۇنى يەنىلا شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقى لىرىك ھېسسىياتنىڭ رەڭدار بەدىئىي تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ،شۇڭا ۋەزىن ۋە قاپىيگە چۈشۈرۈلگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرمۇ ،مۇزىكىلىق تۈسكە ئىگە بولغان نەزمىي ئاخباراتلارمۇ شېئىر بولالمايدۇ،مىسرا ۋە كۇپلېتلارغا جايلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق شوئار ۋە چاقىرىقلار تېخىمۇ شېئر بولالمايدۇ. شېئىر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قايناق ۋە ئويناق  شېئىرىي ھېسسىيات بىلەن جانلىق ۋە ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بولۇش كېرەك.بۇ ئىككى ئامىل ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ يېڭى ۋە تىپىك زېمىندەبىر نەرسىگە ئايلىنىپ،يېڭى ۋە ئىجادىي بولغان ھەقىقى لىرىك شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ئەمەلىي تەسىراتى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن ھاياجانلىق ھېسسىياتى قانچىلىك باي.چوڭقۇر ۋە نازۇك بولسا،ئۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقان شېئىرى تىل قانچىلىك ئوبرازلىق،جىلۋىگەر ۋە ئىچكى مەناغا ئىگە بولسا ئۇ شېئىردا  يۇرۇتۇلغان لىرىك مەزمۇنمۇ شۇنچىلىك كەڭ ۋە چەكسىز بولىدۇ.، خۇددى بىلىنىسكىنىڭ پۇشكىن شېئىرلىرى توغرىسىدا ئېيتقىنىدەك مۇشۇنداق شېئىرلارنى <ھەممە ئاددىي كىشىلەر چۈشىنىدۇ،لېكىن ئاددىي كىشى ئۇنىڭ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ> شېئىرنىڭ لىرىك مەزمۇنى قانچىكى كەڭ ۋەچوڭقۇر بولغانسېرى كىتابخاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنىشى ئۇنىڭدىكى شېئىرىي پىكىرلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ،مۇنداق ئىستىتىك ئىنتىلىش بىلەن ئەقلىي ئىزدىنىش ئۇنى شېئىرىي ئوبرازلار ئاستىغا يوشۇرۇنغان ھاياتىي گۈزەللىكلەر بىلەن ئەقلىي ھېكمەتلەرگە بارغانچە يېقىنلاشتۇرۇپ،ئۇنى تېخى ھېس قىلىنمىغان يېپيېڭى بىر مەنىۋىي ئالەمگە باشلاپ كىرىدۇ.
شېئىر ئەركىن ۋە ئازاد ئىنساننىڭ بەدىئي پىكىرىنىڭ مەھسۇلى،شۇڭا ئۇنى ھېچقانداق ۋاقىتتا بىرەر ئۆتكۈنچى سىياسەت بىلەن ،بىرەر گورۇھنىڭ كارنىيى ،ياكى بىرەر نامدار شەخسينىڭ ئىرادىسىنىڭ قۇلى بولمايدۇ. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلق بىلەن،ئۇنىڭ قايناق ھاياتى بىلەن بىللە ياشايدۇ.خەلق بىلەن بىلە كۈلىدۇ،خەلق بىلەن بىللە يىغلايدۇ،ئۇنىڭدىن  كۈچ ۋە ھاياتىي ئۇزۇق ئېلىپ ئىنسان بەدىئىي پىكىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تىنىمسىز ئىلگىرلەيدۇ.
شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەزمۇن ،ماھىيتنىڭ شائىر سۇبىيكتىدا ئوبرازلىق ئەكىس ئېتىشىدىن ،ئۇنڭ ئەقىل ۋە ۋىجدانىدا تاۋلىنىپ چىققان يېڭى ھاياتىي پىكىرلەرنىڭ لىرىك ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن يارقىن يۇرۇتۇپ بېرىلىشىن بارلىققا كېلىدۇ،ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرئۇنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ ھېسابلىندۇ،ھېسسىيات شېئىرنى جېنى بولۇپ ،ئۇنىڭ ھەممە ئجتىمائىي قىممىتى ئالدى بىلەن ھېسسىيات تەرپىدىن بەلگىلىندۇ.
ھېسسىيات دېگىنىمىز: شائىرنى ھايات گۈزەللىكلىرىنى سېزىش ۋە ھېس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئەڭ قايناق،ئەڭ نازۇك ،ئەڭ ئۆتكۈر بىر خىل ئىجتىمائىي سىزىمدۇر،تېخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئېيتساق ئۇ شائىر سۇبىيېكتىنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئىچىدىكى تۇيۇقسىز  پارتلىشى،ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تىنىچ ۋە مەيىن ھالەتتىن مەۋىجلىك ،دولقۇنلۇق ھالەتكە كۆچۈشىدۇر،شائىر ئىجادىيەتتە پەقەت مۇشۇنداق روھىي ھالەتكە يەتكەن چېغىدىلا،ئاندىن دۇنيانى بىلىش ۋە ھېس قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا،ھاياتى ئىنتىلىش بىلەن ئىجادىي ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگەكۆتۈرلۈپ، ،كىتابخاننى  ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى  بەدىئىي ئالەم ئاچالايدۇ، شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە يالغۇز ھېسسىياتنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كۈچلۈك تەسەۋۋۇرمۇ بولۇشى لازىم،چۈنكى شائىر ئۆزھېسسىياتىنى پەقەت تەسەۋۋۇر ئارقىلىقلا قاناتلاندۇرىدۇ،تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى غايىۋى-سېھرىي دۇنياغا كىرىپ .رومانتىك ئالەم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ،شېئىرنى تېخىمۇ يېڭى لىرىك مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىدۇ.
مىسال سۈپىتىدە شائىر ئابلېكىم خېۋىرنىڭ <ئون> ناملىق شېئىرىدىكى ئانا مەزمۇنىدىكى مىسرالارغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.
قەلبىمدە بىر دەريا ھۆرمەت ئاقىدۇ،
بىر دەريا مۇھەببەت،بىر دەريا ھۆرمەت.
بىر ئانا ئۇلۇغلۇق ناخشىسى بولۇپ،
دىلىمدا ھاياجان قوزغايدۇ پەقەت.
ئانىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئاپتۇرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ،ھاياتنىڭ ھەممە راھەت- لەززىتىنى پەرزەنتلىرىگە بېرىپ،ئۆزى جاپا مۇشاقەت ئىچىدە  ئۆتكەن ۋە بۇنى ئۆزى ئۈچۈن بەخىت ۋە خۇشاللىق دەپ ھېسابلايدىغانبۇ ئالىيجاناپ ئانىغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تۇيۇغۇسى شائىرنى ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭى بىر شېئىرنىڭ  مەزمۇن ئۈندۈرمىسى پەيدا بولۇپ،ئۇنى ئانا مىھنىتىنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلغان بەدىئي ئىنتىلىش يولىغا باشلايدۇ.
قانچە ئون كېچىلەر تولغاق يەپ چىقىپ،
نەچچە يۈز قېتىملاپ كەتكەنسەن ھالدىن.
ھەر تولغاق ئازابى ساڭا بىر لەززەت  ،
جاكار ئۇ سۈبھىدىن-يېڭى بىر تاڭدىن
شېئىر باشتىن –ئاخىرى ئەنە شۇنداق ئوبرازلىق مىسرالار بىلەن بەنى بەدئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان ھېسياتلىق مىسرالار بىلەن داۋاملاشقان،ھەر بىر مىسرادا ئانىنىڭ ئالىيجاناپ ۋە بۈيۈكلۈك خاراكتېرى چوڭقۇر ھېسسياتلار قاينىمىدا ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئېچىپ بېرىلگەن، ئاپتۇر  قايناق شېئىرىي ھېسسىيات بىلەن قۇدىرەتلىك بەدئىي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ،ئۆز شېئىرىدىكى لىرىك باش قەھرىمان بولغان ئانىنى بەدئىي يۈكسەكلىك ئىچىدە كۆز ئالدىمىزدا  نامايەن قىلغان.
شېئىر ئىجادىيتىدە ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئي بىرلىككە ئېرىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇنداق بىر زۆرۈر شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ شائىر ھېسسىياتىنىڭ ئالدى بىلەن چىن ۋە ھەقىقى بولۇشى،بەدىئي تەسەۋۋۇرنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسى بىلەن شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ مەزمۇن ۋە ماھىيتىگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن ئىبارەت ، مۇبادا ئاپتۇر ئادەملەر ۋە ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيتىگە نىسبەتەن توغرا ئىستىتىك قاراش بولمىسا ،رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە يوشۇرۇنغان  ھاياتىي ھېكمەتلەر ئورنىغا ئۆز ئېڭىدىكى تەييار سىياسىي چۈشەنچىلەرنى دەسسەتسە ، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇرمۇش قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولمىغان خىيالى،سۈنئىي ۋەقەلەرنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەت بولسا،قىسقىسى ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتى ساختا،بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇترۇقسىز بولسا ،ئۇ مەڭگۈ ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ بەدئىي بىرلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ،نەتىجىدە ئۇنىڭدىن چىقىدىغىنى پەقەت ئوبىيكتىپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ماھىيتى بۇرمىلانغان،ساختا سەنئەت ھەلى بىلەن يالتىرىتىلغان قۇرۇق ۋە يالىڭاچ نەرسىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.
شېئىردا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر ئامىل بار ،ئۇ بولسىمۇ   شېئىرىي ئوبرازدىن ئىبارەت،شائىر ئىجادىيەتتە ئڭقۇم ۋە چۈشەنچە تۈسىدىكى ئابىستىراكىت نەرسىلەرنىڭ ئادەتتىكى نەزمىي سۈرىتىنى سىزىپ بېرىشنى ئەمەس، بەلكى جانلىق تۇرمۇش مەنزىرسى بىلەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىياتنىڭ بەدىئىي بىرلىكى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان گۈزەل شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساس    قىلىدۇ،ئۇ تاللانغان،ئىپادە قىلىش كۈچىگە باي بولغان ئىجادىي ،بەدىئىي تىلدىن ،ۋە ھەرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، كىتابخان كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان شېئىرىي ئوبراز يارىتىدۇ ،بۇ ئوبراز ئۇنىڭغا شېئىرىي مەزمۇننى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ،ئۇنى ئەڭ ئىخچام بولغان ھەرىكەتچان بەدئىي فورمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيتىنى بېرىدۇ، مەسىلەن،: مۇھەممەدجان سادىقنىڭ < نان > ناملىق شېئىرىغا قارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز،
تاڭ شەپىقىدەك توقاچنىڭ ،
چىشلەپ يېدىم چېتىدىن.
ئاھ................
سەزگۈلەر ئويغاندى لەززەتنى تېتىپ،
يالقۇن ئۆرلىدى يۈرەك قېتىدىن.
نان !
نانسىز ئۆتەرمۇ ئالەمدە بىر كۈن،
كىملەر زىرىككەن تەمىنى تېتىپ؟!....
ئاپتۇر بۇ شېئىرىدا مىللىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا  بولميدىغان ئاددىي ناننى تېما قىلىپ ،ھېسسىياتلىق شېئىرىي تىل ۋاستىسىدە يارىتىلغان جانلىق بەدئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىھقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ ئەمگىكىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بۇ شېئىردا  يېڭى ۋە ئىجادىي شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان،ئەنە شۇ لىرىك ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن شائىرلار ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە تەسىراتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە    مەركەزلەشتۈرۈپ  ئەڭ ئىخچام بەدىئىي فورمىغا سىغدۇرغان.
شېئىرنىڭ ھەجىم ۋە فورمىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ،بەزى شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بىر شېئىرىي پىكىر بىلەن بىر ھېسسىيات يۆنىلىشى ئاساساىدا بارلىققا كېلىدۇ، بەزى  شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بولسا ھەرخىل شېئىرىي پىكىر ۋە كۆپ لىنىيلىك ،مۇرەككەپ ھېسسىيات ئېقىمى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ،تەبىئىيكى مۇنداق شېئىرلار ئۇزۇنراق ،مەزمۇنغا مۇناسىپ ھەجىم كەڭلىكىگە ئىگە بولىدۇ،لېكىن بىر نەرسە ئىنىقكى شېئىر مەيلى قىسقا بولسۇن،مەيلى ئۇزۇن بولسۇن ،ئۇلاردا ئوخشاشلا مەركەزلەشكەن پىكىر بىلەن يىغىنچاقلانغان ھېسسىيات  مۇئەييەن بەدىئىي ئىخچاملىقتا ئەكىس ئېتىدۇ،شائىرنىڭ رېئال ھايات تەسىرىدە  پەيدا بولغان ھېس تۇيغۇسى يۈكسەك دەرىجىدە بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان لىرىك ئوبرازلار ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ،شېئىر مۇشۇ ئالاھىيدىلىكنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرسىلا   ئۇ ھەجىم ۋە فورما يېقىدىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاشلا مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 01:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرنىڭ تۈرلىرى ( شەكلى ۋە مەزمۇن  ئىپادىلەش جەھەتتىن قانداق تۈرلەرگە  بۆلىنىدۇ؟) مۇشۇ ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش