مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ablat324

شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 10:19:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aisadap يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 01:51 PM
شىئېرنىڭ تۈرلىرى ( شەكلى ۋە مەزمۇن  ئىپادىلەش جەھەتتىن  ...

ئىجادىي شېئىرلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى دېگەن مەزمۇننى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز جاۋاب تاپالايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    × ×
    ئەگەر شائىر شېئىرىيەت تېخنىكىسىنى جانلىق ۋە مۇھىم مەزمۇن بىلەن تولدۇرالمىسا، ئەگەر ئۇ تېخنىكا بەلگىلىك سالماققا ئىگە بولمىسا، يەنە ئۇ ئۆز ئالدىغىلا، ئۆزى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولسا، شېئىرنىڭ قانداق چىرايلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن تىزىلغىنىغا قارىماي، ئۇ جانسىز، تەسىرسىز بولۇپ قالىدۇ. پەقەت تالانتلىق، تەجرىبىلىك، ئىجادىي سىزىملىرى، ئاڭ سەۋىيەسى يۇقىرى كىشىلەرلا شېئىر تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ.
    × ×
    ئەگەر شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا بىرەر تېما توغرىلىق مەلۇمات بېرەلىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەلۇماتلارنى كونىراپ كەتكەن سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلسا، ئۇنداق شېئىرلارنى ياخشى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ.
    × ×
    كىلاسسىكلاردىن ئۆگىنىش دېگىنىمىزشېئىرىيەتنى چۈشىنىشتە، بىلىشتە، شۇ كىلاسسىكلارنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش، ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن باي ۋە خىلمۇخىل شېئىرىيەت تەجرىبىسىنى ئىگىلەش دېگەنلىكتۇر. دېمەك، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز شېئىرىيىتىدىكى ئالىي خۇسۇسىيەتلەرگە قانداق بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يەتكەنلىكىنى بىلىش دېگەنلىكتۇر.
    مەلۇمكى، كىلاسسىكلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى دوراش، ئۇلارغا تەقلىد قىلىپ يېزىش ۋە ئۇلاردىن كۆچۈرۈۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس. كىلاسسىكلاردىن ئۆگىنىشھەر بىر شائىرغا شېئىرىيەتنى چۈشىنىشتە، بىلىشتە مانا شۇ كىلاسسىكلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن، ئۇلار ياراتقان، قالدۇرۇپ كەتكەن تەجرىبىسى بىلەن قوراللىنىش ئۈچۈن لازىمدۇر.
    × ×
    شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا بىرەر ھادىسىنى تەسۋىرلىمەكچى بولسا، شۇ ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق، ھەممە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شائىر ئالدىغا قويغان مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ ۋە تەسۋىرلىگەن ھادىسە تۇتۇق، ئېنىقسىز ھەتتا يالغان بولۇپ قالىدۇ.
    × ×
    شېئىرنىڭ ئالغا سۈرگەن ئىدىيەسىنى، مەزمۇنىنى بىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئېيتماقچى بولغان پىكىرنى ئالدىن پەرەز قىلىش ھەم ماتېرىياللارنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق جەملەپ جاي – جايىغا قويۇش شېئىرىيەت ماھىرلىقىنىڭ ئاساسلىق تەرىپى.
    × ×
    شائىر ھەرقانداق تېمىدا شېئىر يېزىشى مۇمكىن. جۈملىدىن ئىلگىرى يېزىلغان، باشقىلار تەرىپىدىن ھەل قىلىنغان تېمىلاردىمۇ يېزىشى مۇمكىن. لېكىن شائىر تېمىنى يېڭىچە يورۇتۇپ، ئۇنى ئۆزگىچە، يېڭى مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتكەن تەقدىردە ۋە ئۇ تېمىنىڭ باشقىلار تېخى بايقىمىغان يېڭى تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭغا تامامەن يېڭى سۈپەت ئاتا قىلغاندا، ئاندىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
    × ×
    شېئىردا شائىرنىڭ شېئىر يېزىش ماھارىتى، ۋەقە، ھادىسىلەر ھەققىدىكى قابىلىيىتىلا ئىپادىلەنمەيدۇ. شائىرنىڭ خاراكتېرى، شەخسىيىتى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئادەمگەرچىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ.
    × ×
    شائىر ۋەقەنى ئۆز ئەقلى، يۈرىكى بىلەن قانداق كۆرگەن بولسا، شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ. ئەلۋەتتە، شائىر بۇ ھەقتە ئوبيېكتىپ بولۇشقا تېگىشلىك، يەنى ئۇنى خاتا تەسۋىرلىمەي، ھەقىقەتتىن چەتنىمەي، ۋەقەنى توغرا چۈشىنىشلىك ئەكس ئەتتۈرۈش لازىم.
    × ×
    شېئىرىيەتنىڭ ‹‹يوشۇرۇن سىرى›› نى بىلىش ھەر بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەتتە مۇستەقىل بولۇشىدىن ئىبارەت. يەنى پەقەت ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىمدە يوق، پەقەت ئۆزۈڭگىلا خاس خۇسۇسىيەت بىلەن سۆزلىشىشىڭ كېرەك. چۈنكى سەن ئېيتماقچى بولغان ۋەقە، ھادىسىنى پەقەت ئۆزۈڭلا كۆردۈڭ، ئۇ توغرىلىق ئۆزۈڭ ئويلىدىڭ، ھېس قىلدىڭ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندىڭ، بەلگىلىك خۇلاسىگە كەلدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ ئېيتماقچى بولغان پىكىرنىڭ تېمىسى شائىر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك، جەلپكار بولۇشى كېرەك.
    × ×
    ھەرقانداق ياخشى ناخشا مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك:
    1.  روشەن، ئىجادىي پىكىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
    2.  تىلى ئاددىي، ئېنىق، ئوچۇق بولۇشى كېرەك.
    3.  تۇرغۇن سۆزلۈك بولماسلىقى لازىم. ناخشا تېكىستىنىڭ ھەر بىر ئىبارىسى يېڭى – يېڭى نەرسىلەر توغرىلىق ئېيتىلىدىغان بولۇپ، مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 02:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم ئەپەندى، باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرسا بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 08:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ماقالىنىڭ يازغۇچىلار تورىدىكى ئادرېسى:

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21084


بۇ مەزكۇر ماقالىگە يېزىلغان ئوبزورنىڭ ئادرېسى:

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21439#lastpost

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 08:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:11:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باشقۇرقۇغۇچىلار، مەن بۇ تېمامنى مىسرانىم مۇبىرىگە ئاۋۋال يوللىغان، ھ مۇنبەرگە يوللىنىدىغان تېما، ئىنكاس بەك كۆپ بولغاچقىمۇ تېمام بىر كۈن ئىچىدىمۇ تەستىقلانمىدى، شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىترىگە يوللىغانتىم، ق ئىنكاسىنى ھازىر تېلېفوندا كۆرۈشۈم، خوتەندە تور نورمال ئەمەس، شۇڭا ھازىرچە مۇشۇنچىلىكلا چۈشەنچە بېرىپ تۇراي، قالغىنىغا ئەتە چۈشەنچە بېرىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 10:17:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ تور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشقىنىمغا ئالاھەزەل ئون يىل بولدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە ئىشتىراك قىلدىم، نۇرغۇن ئىنكاس يازدىم، لېكىن تېما يېزىشقا بەك قىززىپ كەتمىدىم، چۈنكى مەن ئاز بولۇش ساز بولۇشنى ياقتۇراتتىم، شۇڭا ئامال بار پىشمىغان ئوي پىكىرىمنى ئالدىراپ تورغا چىقارمايتتىم،  بۇ قېتىم مىسرانىم تورىنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن، قاتنىشىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ ئۇشبۇ ماقالىنىھوزۇرۇڭلارغا سۇنغانتىم، ئەپسۇس، نىمە بولدىكىن تېمام بىر كۈنگىچە تەستىقلانمىدى، مەن تېخى مۇنداق يېرىك، ئىلمىي ماقالىلەر تەستىقلانمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىدىم، يازغۇچىلار مۇنبىرى ناھايىتى تېزلا تەستىقلىدى، باشقۇرغۇچىلار يازغۇچىلار تورى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەھۋالنى سەلىللىسە تامامەن بولىدۇ، تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى بۇ ماقالە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق تور ياكىمتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ باقمىغان، ناۋادا يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغىنى خاتا بولسا دەرھال ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ، مېنىڭ بۇ ئەسىرىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى بەك چوڭ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يوليۇرۇق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 11:07:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablat324 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 10:17 AM
مېنىڭ تور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشقىنىمغا ئالاھەزەل ئون ي ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەھرىر، مۇكاپاتلىق ئەسەرنىڭ تەلىپى بويىچە، تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى بۇ يەردىن يېرىم كۈن بۇرۇن يازغۇچىلار تورىدا تەستىقلىنىپ كەتكەن تېمامنى ئۆچۈرۋەتتىم، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablat324 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 11:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96228
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 08:38:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablat324 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 11:07 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەھرىر، مۇكاپاتلىق ئەس ...

يازغۇچىلار تورىدا موكاپات تەسىس قىلغان بولسا مىسرانىمدىكىنى ئۆچۈرەتتىڭىزمۇ؟ (چاقچاق)
ئامەت تىلەيمەن،سەمىمىي تەكلىۋىم:ئۆزىڭىزنىڭ تىمىسىغا ئۆزىڭىز ئارقا ئارقىدىن ئىنكاس يازمىغىنىڭىز ياخشى،مىسرانىم ئەھلىدە كۆرىدىغان كۆز ۋە ئەقلىي تەپەككۇر بار دەپ ئىشەنسىڭىز بولىدۇ!……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-23 10:57:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyulturk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 08:38 PM
يازغۇچىلار تورىدا موكاپات تەسىس قىلغان بولسا مىسرانى ...

تېمامغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش