مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: پىروزە

قىل ئۈستىدىكى ئىپپەت (پوۋسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 09:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوش نىكاھلىق دادا (داۋامى....)

- سىز چوڭ بوپسىز قىزىم، بۇ گەپلەرنى سىزدىن يوشۇرۇپ يۈرمەي، مەن تولۇقسىزنى ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۆيدىكىلەر مېنى مەكتەپتىن ئاجىرتىۋىلىپ قوشىنىمىزنىڭ ئوغلى بىلەن تويۇمنى قىلىپ قويدى، كىچىكلا توي قىلغاچقا، ئېرىمغا، يىڭى ئۆيۈمگە كۆنۈپلا كەتتىم، تۇرمۇشۇم بىر يىل ئىنتايىن ياخشى داۋاملاشتى، قېيىنئاتام، قېيىنئاناملار مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ ئەزىزلىدى، لېكىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ بويۇمدا پەقەتلا قالمىدى، كۆپ داۋالاندىم ئەمما پايدىسى بولمىدى، ئاخىرى كۈندە دېگۈدەك تىل ئاڭلاپ، تەياق يەپ يۈرۈپ 4يىلدىن كېيىن ئاجىرشىپ كەتتىم، بىزنىڭ بۇرۇنقى چوڭ ئۆيۈمىز ھۆكۈمەتنىڭ قۇرلۇشىغا توغرا كېلىپ ئاللابۇرۇن يېقىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاپام چوڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتاتتى، شۇڭا ماڭىمۇ چوڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا توغرا كەلدى، لېكىن بىر ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالماي، ئاران قالغان يەڭگەم مېنى قارشى ئالمىدى، ھە دېسە زەھەردەك گەپلەر بىلەن مېنى ئۆيىدە تۇرغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھەممىدىن يامان بولغىنى ئاپام مەن سەۋەپلىك تىل قىسىنچىلىقىدا قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن تەۋەككۇل دەپلا ئۆيدىن چىقتىمدە ئۇدۇل شەھەرگەر كىرىپ، ئۇيان سوقۇلۇپ، بۇيان سوقۇلۇپ مىڭ بىر تەسلىكتە بىر ئاشخانىدىن خىزمەت تاپتىم، ئەمدى تۇرمۇشۇم رەتكە سېلىنىپ «ئۇف» دېگىنىمدە ئويلىمىغان يەردىن دادىڭىز بىلەن ئۈچۈرشۈپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنى، تۇغماسلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن ماڭا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، شۇنداق قىلىپ بىز بارا-بارا چىقىشىپ  قالدۇق، ئۇ ماڭا تۈنجى قېتىم توي قىلىشنى ئېيىتقاندا، ئايالى، بالىلىرى بارلىقىنى بىلمەي، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولغان ئىدىم. لېكىن تويغا ئاز قالغاندا، دادىڭىز ماڭا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى شەھەردە ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بارلىقىنى شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز توي قىلغاندىن كېيىن، ماڭا يېزىدىن ئۆي ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى، باشتا بۇ ئىشقا قەتتى قوشۇلمىدىم، ئايالى بار ئادەمگە تىگىشنى خالىمىدىم، لېكىن دادىڭىزنىڭ «مەن ئايالىمنى پەقەت ياخشى كۆرمەيمەن، ئائىلىدە ماڭا پەقەت خاتىرجەملىك يوق، باللىلىرىم ئازىراق چوڭ بولۇپ، بىر ئىشنى چۈشەنگىدەك بولغاندا ، ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ كىتىمەن، ئۇ چاغدا سېنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ بىللە تۇرىمىز» دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ، بىر كىچىدىلا نىكاھ ئوقۇتۇپلا بىر ئۆيگە كىرۋالدۇق، چۈنكى بۇ يۇرىت-مەھەللىدە بۇنداق ئايالنىڭ ئۇستىگە توي قىلغانلار خېلى كۆپ ئىدى.
بىز توي قىلىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سىز تۇغۇلدىڭىز، دادىڭىز ئىككىمىز شۇنداق خۇشال بولدۇق، بۇلۇپمۇ «بۇ ئومرۇمدە ئەمدى ئانا بۇلالمايمەن» دەپ ئويلىغان مەن، سىزنىڭ تۇغۇلىشىڭىز بىلەن پۇتۇن غەم-ئەنىدىشەم بىراقلا يۇقاپ كەتتى، لېكىن دادىڭىز بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنى بىراقلا ئۇنتۇپ ھېلىغۇ ئۇ ئايال بىلەن ئاجىرشىشكەن، شەھەردە چوڭ ئۆيلەرنى سېلىپ، روناق تېپىپ بىزنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتتى، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز بولۇپمۇ بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى بىزدىن بەكلا يىراقلىشىپ كەتتى، مانا ئەمدىلىككە كەلگەندە، شەھەردىكى ئۇ ئايال دادىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى نەدىن بىلدىكىن ئۇقۇپ قاپتۇ، شۇڭا باياتتىكى ئىش يۈز بەردى.- ئاپام گىپى تۈگە-تۈگىمەي ئۆكسۈپ يىلغاپ كەتتى.
- ئاپا بولدى يىغلىماڭ، ھەممە  ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ، دادامغا دەيلى ئەمدى ئۇ بۇ ئۆيگە كېلىپ بىز بىلەن بىللە تۇرسۇن، شەھەردىكى ئايالىدىن ئاجىرشىپ كەتسۇن ماقۇلمۇ ئاپا.
- ياق، قىزىم، ھەممە ئىش تەقدىر بىلەن بولىدۇ، باياتتىن ئۇلارنىڭ ئەلپازىنى كۆردىڭىز، ئەگەر بىز جىم يۈرمىسەك، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، قالدى ئىشنى دادىڭىزغا قويۇپ بېرەيلى، ئۇ ھەل قىلىدۇ....
بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىپ، ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن نەچچە ۋاقىتتىن شۇنچە ئىش چىقىسىمۇ، بىز بىلەن كارى بولمىغان دادام تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى ۋە كەتمەي ئۆيۈمىزدە بىرەر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدى. ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ سۇلىشىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى پەملىدۇقيۇ، لېكىن نېمە بولغانلىقىنى سورىيالمىدۇق، چۈنكى ئۇ بىزگە بەرىبىر راسىت گەپ قىلمايتتى.
- كىنو كۆرىۋاتامسىز؟-دېدى دادام تاماقتىن كېيىن تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسام يېنىمغا كېلىپ.
- ھەئە، سىزمۇ ئولتۇرىڭە دادا.
- ئاپىڭىزچۇ؟-دېدى دادام يېنىمدا ئولتۇرۇپ.
- قوشنىمىز چاقىرتىپتىكەن شۇ يەرگە چىقىپ كەتتى.
- ھە....  قىزىم؟
- نېمە دادا؟
- ئۆتكەندە، باشقىلار ئۆيۈمىزگە كېلىپ جىدەل چىقارغاندا، سىز بارمىتىڭىز؟
- ھەئە، مەنمۇ ئاپامنىڭ قېشىدا ئىدىم.
- ھە، - دادام يەرگە قاراپ سەل تۇرۋەتكەندىن كېيىن تەستە قوينىدىن بىر بولاقنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى.
- مەڭ قىزىم، بۇنى مەن كەتكەندىن كېيىن ئاپىڭىزغا بېرىپ قويۇڭ.
- سىز كەتكەندىن كېيىن؟ سىز نەگە كىتىسىز دادا؟
- بىرنەچچە ئاي سودا ئىشى بىلەن يىراققا چىقىپ قېلىشىم مۇمىكىن.
- ھە، يەنە شۇ سودا ئىشىما؟ ئەمىسە بۇ نېمە دادا، ئېغىرلا تۇرىدۇ؟
- پۇل، مەن كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئىقتىساد قىلىپ تۇرىدىغان پۇل.
- پۇل بولسا، نېمىشقا ئاپامغا ئۆزىڭىز بەرمەيسىز؟
- ئاپىڭىزغا مەن بەرسەم ئالمايدۇ، شۇڭا سىز بېرىڭ.
- ھە ماقۇل،-مەن شۇنداق دېگەچ دادامنىڭ قولىدىكى بولاقنى ئالدىم.
- ماڭا قاراڭ قىزىم، مەن كەتسەم ئاپىڭىزنىڭ سىزدىن بىلەك ھېچنىمىسى قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ گىپىنى ياخشى ئاڭلاڭ، ئۇنىڭغا يادەملىشىڭ، ھەم سىز ئوقۇشىڭىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويماڭ، ئاپىڭىزدەك بولۇپ قالماي دېسىڭىز چوقۇم ئاخىرغىچە ئوقۇڭ ماقۇلمۇ؟
- ھى، ھى ماقۇل دادا.
- نىمىشقا كۈلىسىز قىزىم.
- سىز خۇددى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەكلا گەپلەرنى قىلىپ كەتتىڭىزا، ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۇرۇپ.
- ھەي قاراڭە شەيتانلىقىڭىزنى، لېكىن ياخشى ئاڭلاڭ مەيلى مەن قايىتىپ كىلەي ياكى كەلمەي چوقۇم گىپىمنى ئاڭلاڭ.
-ۋاي ماقۇل، قايىتىپ كەلمەي نەگە كىتەتتىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز تۇرسا.
- جېنىم قىزىم مېنىڭ،- دادام شۇنداق دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى.

شۇ كۈننىڭ ئەتىسى دادام سودا بىلەن يىراققا سەپەرگە چىقىمەن دەپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى، ھېچقاچان دادام كەتسە يىغلىمايدىغان ئاپام نىمىشقىكىن بۇ قېتىم ئىسەدەپ يىغلاپ  تۇرۇپ دادامنى ئۇزىتىپ قويدى ، داداممۇ بىز بىلەن كۆزى لىق ياش ھالەتتە خوشلاشتى.
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ دادامنى قايتا كۆرمىدىم، باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ، تېلفۇن قىلىپمۇ دادامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدۇق.
ئويلىمىغان يەردىن ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ تۇيۇقسىز مەھەللىدە «سادىر قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كىتىپتۇ» دېگەندە سۆزلەر پەيدا بولدى.

داۋامى بار...........

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 10:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىر نەچچە جاننى ۋەيران قىلدى . قېنى داۋامىنى كۆرەيلى . ....

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، بوغۇلۇق ئەمدى شۇ قىزغا بۇلدىغان بولدى دە، قىنى داۋامىنى ساقلايلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ساقلىتىۋەتمەڭ جۇمۇ .....

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ داۋامى بار دىسە ئەجەپ بىر خىل بوپ قالىمەن دىسە

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇقۇلما سەل جايىدا بولماي قالدىمۇ قانداق؟ قوش نىكاھلىنىۋىلىش جىنايىتى شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىككىلا ئايال بىلەن نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى ئايال بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇپلا  توي قىلغانلار جىق. ھەممىسىنى تۈرمىگە تاشلايدىغان ئىش يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104505
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:49:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئازىراق يېزىپ داۋامى بار دەپلا تۈگىتىدىغان ئىش نىمانداق كۆپ ...مىسرانىمدىكى كۆپلىگەن ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تاپالماي قېلىۋاتىمەن ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103864
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-2-21
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 12:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنەبىر   ياخشى  ئەسەر  باشلىنىپتۇ     قولىرىڭىزغا   زېھنىڭىزگە    دەرىت   كەلمىسۇن   

داۋامىغا  تەشنامەن    بەك   ساقلىتۋەتمىگەيسىز     ئوماق   خان  

ئىزىڭدىن  تىكەن  ئۈنسە  ئەۋلاتلىرىڭنىڭ   پۇتىغا   سانجىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 12:30:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاامى قاچان چىقار؟ بېشىنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن بۇرۇنراق چىقسا بولاتتى!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107953
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-6-22
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:05:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش