مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sabinur

ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97738
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 05:40:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئارزۇيىڭىزدىكى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
  نەق گەپكە كەلسەم سىزنىڭ تاللىغان يىراقتىن سىزىش ئىلمى دىگەن كەسپىڭىز خەنزۇچىدىكى 遥感 دىگەن كەسىپتەك تۇرىدۇ. ياتاقداشلىرىم، دوستلىرىم ئىچىدە بۇ كەسىپتە ئوقۇيدىغانلار بولغانلىقى ئۈچۈن مىنىڭمۇ بۇ كەسىپتىن ئانچە مۇنچە خەۋىرىم بار، تۆۋەندە سىزگە سۆزلەپ بېرەي.
يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسى خەنزۇچىدە 遥感 ئېنگلىزچىدە RS دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى remote sensing دىگەن گەپنىڭ قىسقارتىلمىسى. بۇ كەسىپ يەرشارى قورۇلۇش ئىلمى تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش 3S تېخنىكىسىنىڭ بىرسى.
3S تېخنىكىسى تۆۋەندىكى 3كەسىپتىن تەركىپ تاپىدۇ:
RS- 遥感技术- يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسى
GPS- 地球定位系统- يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى
GIS- 地理信息系统- جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سېستىمىس

ئۈچ كەسىپنىڭ ھەممىنى بۇيەردە بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ئولتۇرسام ھىكايە بەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك، تۆۋەندە يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسىنىلا قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسىنىڭ ئاسالىق تەتقىقات ئوبىكتى بولسا سۈنئىي ھەمرا ياكى ئايروپىلاندا تارتىلغان يەر يۈزىنىڭ سىپېكتۇرۇملۇق سۆرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يەر يۈزىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن:
ئەڭ ئاددىي ئوخشىتىش: مەلۇم شەھەرنىڭ يېشىللاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، مۇشۇ شەھەرنىڭ سىپېكتۇرۇملۇق سۆرىتىنى تاتىپ ئاندىن يېشىل رەڭنىڭ(دەل-دەرەخ دىگەن يېشىل رەڭدە بولىدۇ ئەمەسمۇ.) قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كەسپىي يۇمشاق دېتال ياكى ئۆزى تۈزۈپ چىققان پىروگرامما ئارقىلىق ھىسابلاپ چىقىدۇ.
سەل كەسپىيتەك ئوخشىتىش: ھەممىمىزگە مەلۇم نۇر دىگەننىڭ كۆز بىلەن كۆرىنىدىغان قىسمى بولىدۇ،كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان قىسمىمۇ بولىدۇ، بەزى كان بايلىقلىرى يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ ، كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان نۇر تارقىتىشى مۇمكىن، بىز ئاسماندىكى ئاپىراتقا مۇشۇ كۆرۈنمەيدىغان نۇرنى سېزەلەيدىغان ئىقتىدارنى قوشۇپ يەر يۈزىنى رەسىمگە تارتساق نەدە قانداق كان بايلىقلىرى بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ!
بەكەرەك كەسپىيرەك ئوخشىتىش : بەزى رادار، باشقۇرىلىدىغان بوببا دىگەنلەر ئوبىكىتنىڭ تارقاتقان ئېنفىرا قىزىلنۇرىغا ئاساسەن ئىز قوغلايدۇ. ئايروپىلاننىڭ ماتۇرىدىكى تېمپراتۇرا ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا چىقارغان ئېنغىرا قىزىل نۇرىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن نىشانغا چۈشۈپ قالىدۇ.
مەزكۇر كەسىپ توغرىسىدا ئانچە مۇنچە كۆز قاراشقا ئىگە بولدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمدى ئازراق سىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلاي:
بۇ كەسىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ناھايىتى يۇقىرى كەسپىي سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، تۇلۇق كۇرۇس باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار يۇقرىدا دىيىلگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ كىتىشى ناتايىن، تۇلۇق كۇرۇس باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئۇنۋىرسال بىلىملەر ۋە كەسپىي نەزىرىيەلەر، كەسپىي يۇمشاق دىتاللارنى ئاددىغىنە ئىشلىتىش ، پىروگرامما لاھىيىلەشنى ئۆگىنىش قاراتلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ.
ئەگەر سىزگە پەقەت مەكتەپنىڭ ئىشىكتەك چوڭلۇقتىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋانامىسىلا لازىم بولسا، مۇشىنچىلىك ئۆگىنىپ قويسىڭىز بولدى، ئەگەر بۇ كەسىپ ھەجەپ ياغدەك ياقتى ماڭا بەك ئۆگەنگۈم بار دىىسىڭىز ئاسپىراتلىقتا ئۇقىشىڭىز كېرەك، ئاسپىراتلىقتا ئوقۇغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالايسىز.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم مەيلى سىز ئىككى يىل ياكى بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ ئىشقىلىپ كومييۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى، پىروگرامما تۈزۈش ،  ماتىماتىكا، ئېنگلىزتىلى قارارلىقلارنى ئۆگۈنۈپ قۇيۇڭ.
نىمىشقا كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىمەن؟ چۈنكى بۇ كەسىپتە erdas, envi قارارلىق كەسپي يۇمشاق دېتاللار ئىشلىتىلىدۇ، ۋاقتى كەگەندە يۇمشاق دېتالنى قانداق قوزغىتىش قاچىلاشنىمۇ بىلمەي ئولتۇرسىڭىز بولماس.
نىمىشقا پىروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىمەن؟ چۈنكى بۇرغۇن ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىنى كەسپىي يۇمشاق دېتاللار تەمىنلىمىگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئۆزى پىروگرامما تۈزۈپ ئانالىز قىلىدىغان گەپ.
نىمىشقا ماتىماتىكا لازىم بوپقالدى؟ ئانالىز دىگەن ھەرخىل فورمىلا ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان گەپ، فورمىلا دىگەن .....  ماتىماتىكا ئەمەسمۇ!
نىمىشقا ئېنىگلىز تىلى لازىم بوپقالدى؟ چۈنكى يۇقىرى يىللىققا چىققاندا مۇئەللىملەر دەرىسنى ئېنگلىزچىلا سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بەزى كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنىڭ پەقەت ئېنگلىزچە  نۇسقىلىسلا بار.
ئەمدى بۇنداق دىسەم قورقۇپ كەتمەڭ ئۇكام ،سىز پەقەت ناھايىتى ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولىمەن دىسڭىز يۇقىرىدىكىلەرنى ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قويسىڭىزلا بولدى.

بۇ كەسىپتە مەن تۇنۇيدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نوچىسى نەنجىڭ ئۇنۋېتستىتىدىكى دوكتۇر ئاسپىرانت ئالىم سەمەت، ھازىر ئىتالىيىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ!
بۇيىل بىر تەتقىقاتى خەلىقارا ئىلىكتىر ۋە ئىلىكتىرۇن ئىنجىنىرلىقى كومىتىتى  IEEE ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە ئۈچىنجىلىككە ئېرىشتى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabinur + 100 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97738
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 05:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقۇرغۇچىغا: ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى، يازغان ئىنكاسىم يوللاندىمۇ يوللانمىدىمۇ بىلمەي قالدىم، شۇڭا ئىككى قېتىم يوللىۋەتتىم ، ئەگەر ئىنكاسىم قايتىلىنىپ كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلغايسىز، قايتىلىپ كەتكىنىنى ئۈچۈرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 07:52:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 04:25 PM
ھىچكىم ئەمەل قىلمايدىغان نەزىرىيە .ئىنكاسىڭىز بەك يې ...

  بىزنىڭ ھەقىقى ئىرادىلىك ياشلىرىمىز باشقىلار ئىنتىلىدىغان تۆمۈر تاۋاق ئالدىغا كەلگەن تەقدىردىمۇ قارامدۇ-قارىمامدۇ،بۇنى سىزدەكلەر چۈشەنمەيسىلەر. ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلىۋاتقانلار ھەرگىزمۇ  تۆمۈر تاۋاق ئىگىلىرى ئەمەس،بەلكى  دۆلەت ئايرىماي ئىلىم تەسىل قىلىۋاتقان، ئائىلىسى ۋە يۇرتىنى تاشلاپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان, كېچە-كۈندۈز كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مىللىتى  ئۈچۈن خالىس تەر تۆكۈۋاتقانلار.....بىر ھەقىقى ئىقتىساس ئىگىسى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا(دىيارىمىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)كۆمۈلۈپ قالمايدۇ.تۆمۈر تاۋاقتىن ئايرىلىپ قالسا ياشىيالمايدىغانلارنى بىز ھەرگىزمۇ ئقتىساس ئىگىسى ھېساپلىمايمىز.مىللىتىمىزمۇ ئۇنداقلاردىن ئۈمۈد كۈتمەيدۇ. سىز يۆل گەپلىرىڭىزنى ئەشۇنداقلارنى تېپىپ قىلىپ بېرىڭ. شۇنداقلار سىزنىڭ تەلىمىڭىزگە مۇھتاج.  بىز مىللەت باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك،بولۇمسىزلىقىنى باشقىلاردىن كۆرسە مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-28 08:10 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 10:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 04:25 PM
ھىچكىم ئەمەل قىلمايدىغان نەزىرىيە .ئىنكاسىڭىز بەك يې ...

ئارىمىزدا ئاشۇ «قۇرۇق»گەپلەرنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىۋاتقانلار نۇرغۇن . مەسىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ،ئەگەر ئەركىن سىدىق ئاكىمىز تۆمۇر تاۋاق ئۇچۇنلا ئوقۇغان بولسا ۋەتىنىمىزدە بوينىغىچە پۇلغا كۆمۇلۇپ كىتەتتى .
  سىزنىڭ قولىڭىزدا تەربىيلەنگەن پەرزەنتلەرگە تولىمۇ ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ .ئىست ئسىت ئىسىت

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10064
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 11:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
No七 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 10:19 AM
بۇ كەسىپنى ئىلگىرى مەنمۇ تاللاپ ئوقۇپ باققان،  سىزگە ئ ...

بۇ كەسىپ نىمىلەرگە چېتىلىدۇ،نىمىلەر ئۆتۈلىدۇ ماڭا تەپسىلىيرەك دەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خۇش بولاتتىم قېرىندىشىم

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10064
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-29 12:04:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bodekjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 05:40 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھا ...

رەھمەت  سىزگە ، تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، بىرقۇر چۈشەندىم.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 12:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulak يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 10:19 PM
ئارىمىزدا ئاشۇ «قۇرۇق»گەپلەرنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتى ...

سىزنىڭ ئاشۇ ‹‹دەبدەبىلىك ››شۇئارىڭىز بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ ئەركىن سىدىقتەك دۇنياۋى ئالىم بوپكېتىشىمۇ ناتايىن ،ھەم مىنىڭ شۇ بىربەت ‹‹ئەخلەت ››ئىنكاسىم ئارقىلىق ئۇنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ئاللىقانداق تىراگىديەلەرگە يولۇقىشىمۇ ناتايىن .بىر بەت ئىنكاسنى كۆرۈپلا خەقنىڭ قانداقلىقىغا باھا بەرگۈدەك ماھارىتىڭىز بولغاندىن كىيىن مۇنبەردە بىر يايما ئاچسىڭىزمۇ بولغىدەك جۇمۇ .ھەراست قانداق قىلغاندا مۇنبەردە ئازراقلا خاتالىق سادىر قىلغانلارنى پاچىقىدىن چىشلىگىلى بولىدۇ ؟ مول تەجىربىگە ئىگىدەك قىلىسىز؟تەلىمىڭىزنى ئايىماڭ .
يەنە بىر گەپ ‹‹ئالىي جاناپ ››قىياپىتىگە كىرۋېلىپ دەبدەبىلىك شۇئارلارنى توۋلاۋاتقاىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ھەر بۇلاڭچى ،قاراقچى ، تىرورچى ..........چى......چى......چىلارنىڭ چىققانلىقىنىمۇ،‹‹ ئەخلەت ››،‹‹پۈچەك››سۆزلەرنى قىلىدىغانلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ئەل -يۇرتقا ھەقىقى نەپ بېرىۋاتقانلارنىڭ چىققانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8815
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 02:39:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 12:09 AM
سىزنىڭ ئاشۇ ‹‹دەبدەبىلىك ››شۇئارىڭىز بىلەن تېما ئىگى ...

ماۋۇ ئاداشنىڭ  باشتىكى ئىنكاسلىرىغا قارىتا بىر تەرەپ تۈرىمەن . بىراق ھازىرقى نەقىل ئالغان ئىنكاسىغا قارىتا ئەمەلىي مەسىلىنى ،ئەمەلىي رىئاللىقنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ .

  ئادەم بىر نان بىلەن ئاسمانغا . بىر نان بىلەن يەرگە دۈم چۈشسە ، ئىنسانلىق خاسلىقىنى خۇنۈكلەشتۈرۇپ قويدۇ .
بىر ئىنساندا خىمىتۇرچ بولمايدىكەن . ئۇ ئۆزۈمنى كەلگۈسىدە ئوخشىتىمەن دىسە ئوخشىيالمايدۇ .

  مىنىڭ پويىز بولغۇم بار ئىدى ، بىراق پويىز بولدىغان سالاھىيتىم باشقىلار تەرپىدىن بىتچىت قىلۋىتىلگەن بولسا چۈشكۈنلىشىپ  ئىشەك ھارۋىسى بولسام بولمايدۇ . چوقۇم ماشىنا بولۇشۇم كىرەك . مانا بۇ جۇڭگۇچە تۇرمۇش ئەندىزىيسى .

    چەتئەل ، جۇڭگۇ .

ماشىنا بولۇشنى تاللىشىم . مىنىڭ پۈتۈن جۇڭگۇ بويۇنچە ئەڭ ئىقتىدارلىق كىشى ئىلەنلىگىمنى جانلىق ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . جۇڭگۇدا پويىز بولۇشىمنى تاللىشىم ، مىنىڭ پۈتۈن جۇڭگۇ بويۇنچە  لاتارىيە بىلتىدىن كەلگەن پۇل بىلەن كەلگۈسىمنى قۇرىمەن دىگەن كىشىنىڭ لاتارىيە يولى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تاللىغىنغا ئوخشاشلا بىر ئىش  .

پويىز بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ خىمىرتۇرۇچىمغا قارايمەن . ئەگەر خىمىتۇرۇچىمدا پويىز ياساشقا كىرەكلىك ئىلمېنىتلار بولمىسا ماشىنا بولۇشقا تىرىشىمەن . بۇ ئەڭ ئاقلانە تاللىشىم بولۇشى مۈمكىن .

   ئالى مەكتەپنىڭ تاملىرىدىن سويۇلۇپ چۈشكەن ئۈزۈندىلەردىن پارچە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 02:40 AM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 05:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 12:09 AM
سىزنىڭ ئاشۇ ‹‹دەبدەبىلىك ››شۇئارىڭىز بىلەن تېما ئىگى ...

ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندە سىزنى سەل بىتەرەپلىمە قاراشقا ئىگە ئادەم ئىكەن. دەپ ئويلغان ئىدىم. لىكىن بۇ ئىنكاسىڭىزدا سىزگە قايىل بولدۇم. ھەقىقى گەپنى قىپسىز. ھىسياتقا تايىنىپ كەتكەن ھازىقى ياشلار ۋە بەزى كىشلەر ئاشۇ ‹تۆمۈر تاۋاق› ئچىدىمۇ، ئەلگە مىللەتكە ھەقىقى نەپ بېرىۋاتقانلار نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمەيدۇ... ئۇنى ئۇلار چۈشەنگەن بولسا، بۇنداق قارىغۇلارچە تالاشمىغان بولساق، كۈنلىرىمىز خېلى ياخشى بۇلۇپ قالار ئىدى....
شۇڭا... ھەر ئىككىڭلار خېلى بىلملىك كىشلەر ئىكەنسىلەر، شۇڭا ئەمدى تالاشمىساڭلار.... مىسرانىمدا مۇنچلىىك ئادەملىرىمىز باركەن. سۈيۈندۈم.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 05:04 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 05:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 07:52 PM
بىزنىڭ ھەقىقى ئىرادىلىك ياشلىرىمىز باشقىلار ئىنتىلى ...

دەسلىپىدىكى ئىنكاسىڭىزدا سىزگە بەكلا قايىل بولغانتىم. ماۋۇ ئىنكاسىڭىز بىر ئاز ئۈمتىسزلەندۈردى. بەلكىم ماڭمۇ تەنىلەر تەيياردۇ، بىراق ھىچقىسى يوق. مەن سىزگە سىز ياراتمايۋاتقان ئاشۇ ‹تۆمۈر تاۋاق› لىقلار ئىچىدە مىللەت ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەقىقى نەپ بېرىۋاتقان، ئۈچ ۋاقىلىقىغا قۇرۇق نان يەپ، ھەتتا ئۈچ ۋاقىلىقىنى جايىدا يىيەلمەي، ھەتتا ئاشۇ بىر قىسىم نادان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن، نام- شەرىپىگە دەخلى يېتىشىدىنمۇ كېچىپ، ئۆزى توغرا چۈشەنمەي، دۈشمەنلەرچە قاراۋاتقان ئاشۇلارغا: ئۇلار نادان، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئادىمى، چىدا، دەپ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان تۆمۈر تاۋاقلىقلار بار دىمەكچى. سىز ئۇنداق يەڭگىلتەك بولماڭ.... ئۇيغۇر دۇنيانىڭ نەرىلىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرغىمۇ مۇھتاجدۇ؟ ئەمما ئاشۇ تۆمۈر تاۋاق ئىچدىكى ئۇيغۇرغا تېخىمۇ بەك مۇھتاج. نۇرغۇن گەپلەرنى قىلماقچى ئىدىم... قىلماسلىقىنى ئويلىدىم. ئاشۇنداق ياخشى ئىش قىلۋاتقانلار ئۆزلىرى داۋراڭ سالماي، جاپا تارتىپ، ئۆز كىشلىرى تەرىپىدىن ئۇۋالچىلىق تارتىپ ئىشلەۋاتقان يەردە مەن يەنە سۆزلەپ نېمە قىلاي؟ تۆمۈر تاۋاقنى ياراتمايدىغانلار سىلەر نېمە دېمەڭلار، ئۇلار ئۆز جاپالىرى بىلەن ئالدىراش.... چۈنكى ئۇلار تۆمۈر تاۋاقنى تاشلىسا، پۇقرالارنى، دېھقانلار تاشلىيالمايدۇ. پۇقرالار تىرىكچىلىك قىلمىسا، دېھقانلار يەرلىرىنى تېرىمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئگىلىك تىكلىمەيلا، يۇرتىنى تاشلاپ سەرسان بولمايلا... ئەمما ئائىلىسىنى ئايلاپ تاشلاپ مىللەت پۇقرالىرى، دېھقانلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتىدۇ.... ئۇلار تورداشلار پۇقرانى ئانداق قاقشاتتى... دېھقانلارنى مۇنداق ئىشلەتتى، دەپ غاجايدىغان ئاشۇ ئۇيغۇر كادىرلار.... تۆمۈر تاۋاقلىقلار..... مەيلى سىلەر نىمە دەپ سۆزلەپ كۆپمەڭلار تەسىرلىك ئىشلار، مىننەتسىز جاپا مۇشەققەتلەر، يەڭگىلتەك ئادەملەردىن كېلدىغان ئۇۋالچىقلار ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ...
شۇڭا، گەپنى قىسقارتىسام سىزمۇ ئوقۇغان بىلىملىك كىشىدەك قىلىسىز. ئاشۇ بىلىمنى تەكشۈرمەي ئېنىق بىلمەي قارىغۇلارچە ئۆچمەنلىككە، تالىشىشقا، مەنسىتمەسلىككە ئىشلەتمەي، چۈشىنىشكە ئۆز- ئارا قوللاشقا ئىشلەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟ ئۇيغۇر تۆمۈر تاۋاقلىق ئۇيغۇر كادىرلارغا تېخىمۇ بەك مۇھتاج، چۈنكى ئۇلار شۇلار ئارقىلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئەل ھۆكۈمەتكە مۇھتاج. ھەم سىز ماختىغاندەك زامان ماكان ھالقىغان ئىختىساسلىقلارغىمۇ مۇھتاج، شۇڭا ئازارلاشماي، چۈشىنىش تېخىمۇ مۇھىم. سىز خېلى ئۇقۇمۇشلۇقتەك تۇرسىز. مېنىڭچە چۈشەندىڭىز....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
furkan + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش