ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 03:47 PM
مەلىكە،كەچۈرىڭ،مەن ئىپادىلەشتە كەتكۈزۈپ قويغان ئوخ ...
چۈشەندىم، مەنمۇ رەسمى بىر تۆمۈر تاۋاقلىق ئەمەس.. ئەمما مەن تۇرۋاتقان بۇ يەردىمۇ سىز دېگەندەك ئۆز مىللىتىگە ئۆز زۇلۇم سېلۋاتقانلار يوق ئەمەس... لېكىن، ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى، ئۆزىمىزنىڭ دېھقىنى دەپ ئۆز شەخسى مەنپەئەتىدىن، ھەتتا نام ئابرويىنى قايرىپ قويۋاتقانلار بار ھەتتا دەل شۇلارنىڭ ئۇۋالچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ...
بۇ يەردە بىر باشلىق ساددا دېھقانلارغا يەردىن ئۇزۇن مۇددەت خاتىرجەم ھەم ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ۋە ئىقتسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايتا- قايتا تەربىيە ئىشلەپ ئاڭلىتالماي ئاخىرى تاكاللىشىپ قالغاندا ئاشۇ دېھقاننىڭ بالىلىرى تەرىپىدىن تاياق يەپ قولى سۇنۇپ كەتتى..... ئۇ دېھقان ئۆزى تۈركىيىدە تۇرۇپ كەلگەن ئادەم ئىكەن، نۇپۇسىمۇ شۇ يەردە ئىكەن، ئەمما باللىرىنىڭ نۇپۇسى بۇ يەردە ئىكەن. ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ چەت ئەل ئادىمى ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان دەپ، باللىرىنى خېلى ئۇزۇن مۇددەت قاماققا ھۆكۈم قىلغان ھەم ئىقتسادى تۆلەمگە بۇيرۇغا ئىدى. ئەمما، ئۇ باشلىق نەقمەيداندا ‹ئەينى چاغدا گۇناھ مەندە ئىدى› دەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ھۆكۈمنى بىكار قىلدۇردى ھەم تۆلەپ بەرگەن تۆلەم پۇلنى رەت قىلىپ، شۇ دېھقانغا ئۆزى خالىسا يېنىدىن 5000يۈەن پۇل چىقىرىپ شۇ مەھەللىگە سۇ بارىدىغان ئۆستەڭنى رىمۇنىت قىلىپ قويۇشقا بۇيرۇدى.... ئەمما، ھەممىز بىلىمىز ئۇ چاغدا باشلىقتا گۇناھ يوق ئىدى. ئۇ شۇنداق كۆتۈرۈشلۈك ھەم يۇقىرى ساپالىق باشلىق ئىدى. باشلىقىنىڭ بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى كاتىپى ھەم بىر قانچىمىزلا بىلدۇق، باشقا ھەممەيلەن خەۋەرسىز قالدى.... ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە مۇشۇنداق ئىشلار ساماندەك....
دېھقاننىڭ ئۆز يېرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقانلار، ھەر تەرەپتىن بېسىمغا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتقانلار ساماندەك....
شۇڭا، بىز ھەممىمىز ئۆز- ئارا چۈشىنىشكە مۇھتاج. ھەممىدىن بەك ئىشىنىشكە مۇھتاج. بىز بىر- بىرىمىزگە كىرەكلىك ئىكەنلىكىمىزگە، بىرىمىزنىڭ چوقۇم يەنە بىرىمىزگە ياردىمىمىز تېگىدىغانلىقىغا ئۆزلىرىمىز ئىشەنمىسەك، ئەسقاتىدىغان ئىقتدار ھەم جاسارەتلەر كۆمۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا خەلق ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقانلار خەلىقنىڭ ئىشەنچى ئارقىلىق كېلىدىغان ئۈمىدكە مۇھتاج. ئەمما ئەمەلى ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ھۆكۈمەت كادىرلىرى كەينىدىن يامان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانلارنى ئۇچراتسام بەكمۇ ئەپسۇسلىنمەن.
شۇڭا، بىر- بىرىمىزگە ئىلھام بېرىپ، بىر- بىرىمىزگە ئۈمىد بېغشىلاپ تۇرساق تېخىمۇ ياخشمىكىن دەيمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-31 06:22 PM