مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Abdul

پەرھات ‹جوڭگو ياخشى ئاۋاز›ىنى بويسۇندۇردى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99308
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆرەلمىدىمغۇ ، ئاۋۇ توربەتتىكى نەرسىلەر پەقەت چىقمايدۇ مىنىڭ كومپيوتېرىمدا .
باشقا توردا كۆرۈش ئادېرسى بولسا يوللاپ قويساڭلار

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىلىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.خەنچە ئېيتامدۇ ياكى رۇسچە ياكى ئىنگىلىسچە .....ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا بولدى.يارايسىز پەرھات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54988
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3146 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات خالىقنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ۋە ‹‹قېتىق›› ئەترىدى ھەققىدە پارىژدا ئىنسانشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقىۋاتقان مۇقەددەس مىجىت ئىشلىگەن ماتېرىيال فىلىم ئىككىنچى قېتىم گېرمانىيەدىكى فىلىم فېستۋالىغا تاللاندى.پات ئارىدا قويىلىدۇ.فىلىم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەنگەن پەرھاتنىڭ ناخشا ئەلبومىمۇ ياۋروپادا بازارغا سېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 996
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:16:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە خەنزۇچە ناخشا ئىيتسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دەپ تۇرۇپ ئىيتسىلا مىنىڭچە بۇنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا زىينى يوق دەپ قارايمەن، قايسى تىلدا ئىيتسۇن ، قايسى تىلدا  سۆزلىسۇن ئۇ مەڭگۈ ئۇيغۇر.

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3483
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھاتكامنىڭ ناخشىلىرنى بۇرۇندىنلا ياختۇرۇپ ئاڭلايتىم ، ئالاھىدە ئاۋاز تۈسى بىلەن ئېيىتقان بۇ ناخشىسىنى ئۆزىنىڭ ئاخىردا دىگەن ھىكايىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلىسا  ناخشا سىزگە باشقىچە ھوزۇر بېردىكەن ،  

   ئېيىتقان ئۇيغۇرچە ناخشىمۇ ناھايىتى ئەركىن ، ھەم ئاددىي ھەم مەزمۇنلۇق ئىكەن ، ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ئادەمگە باشقىچە مەنا بېردىكەن !!      زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3483
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھاتكامنىڭ ناخشىلىرنى بۇرۇندىنلا ياختۇرۇپ ئاڭلايتىم ، ئالاھىدە ئاۋاز تۈسى بىلەن ئېيىتقان بۇ ناخشىسىنى ئۆزىنىڭ ئاخىردا دىگەن ھىكايىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلىسا  ناخشا سىزگە باشقىچە ھوزۇر بېردىكەن ،  

   ئېيىتقان ئۇيغۇرچە ناخشىمۇ ناھايىتى ئەركىن ، ھەم ئاددىي ھەم مەزمۇنلۇق ئىكەن ، ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ئادەمگە باشقىچە مەنا بېردىكەن !!      زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 09:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگو ياخشى ئاۋاز پىروگىراممىسىنى كۆرىدىغانلاردىن خېلى باركەنمىز جۇمۇڭلار.
ئۇيغۇرچە ئېيتامدۇ دەپ سوراۋاتقانلار بىلسەڭلار: ئۇ پەرھات خەنزۇچە ناخشىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ياخشى ئېيتىپلا قالماي، ئۇيغۇرچە ئاتا دىگەن ناخشىسىنىمۇ ئۇيغۇرچە ئېيتىپ، شۇ پۈتۈن مەيداندىكى تىل چۈشەنمەيدىغانلارنى، گىتتار مۇزىكا ۋە ناخشىدىكى مۇڭى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ يىغلاتتى. بۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 09:33 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6368
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 09:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى قېتىق مۇزىكا ئەترىتى



20140802115737346.jpg



نۇر تورى خەۋىرى :
Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋروپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۈنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كۆرگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۈتىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى كۆرگەندەك چۇقان سېلىشتى.
قېتىق ئەترىتىنىڭ بىرىنجى ناخشىسى لىرىكىلىق ھەم غەمكىن باشلىنىپ، ۋىزا ئېلىش مۇمكىن بولماي بۇ بايرامغا كىلەلمىگەن پەزىلەت تۇرسۇن ھەم مەھمۇت مەمەتكە بىغىشلاندى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرىتنىڭ قانچىلىك بەدەل، ھەم جاپادا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇڭغا چۇشتى. 19 ياشلىق قازاق مۇزىكانت ئىرشات دىلشاتنىڭ قوش تونلۇق (humai) ناخشىسى كىشىلەرنى پايانسىز يايلاقلارغا باشلاپ كىردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەرھاتنىڭ ئىشچى ناخشىسى، سۈرىيەلىك داڭلىق Kilaniretchi Kinan Azmeh نىڭ قايناق solo لىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ئەسەبىلەرچە ئۇسۇلغا چۇشۇرۇپ، چۇقان سۈرەنلەر پۇتۇن زالنى كۆتۈرۈپ تاشلىدى. تارىم ناخشىسى (پەرھات ۋە پەزىلەتنىڭ قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن)، ئاق بايان، قىزلار، نازىركوم قاتارلىق ناخشىلار ئارقا-ئارقىدىن، بۇ گىرمانىيەنىڭ تىنچ كىچىك شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.
كونسېرتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پەرھات روكلاشتۇرغان دولان مۇقام بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. تاماشىبىنلار بۇ ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئاجايىپ ھاياتى كۈچكە تولغان، ماگىنىتسىمان ئاۋازلىرىغا قايىللىق بىلدۈرۈشۈپ توختىماي ئالقىشلار ياڭراتتى.
Osnabrück ئەسلى Blues مۇزىكانتلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەرھات ئېرشاتلارمۇ Blues مۇزىكىسىنىڭ ھىرىسمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئوينىغان، ئەمما ئۇيغۇر پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان Blues نى نەق مەيداندا تەبىئى ئورۇنلىشىنى (ئالدىن مەشىق قىلىۋالماي، يەنى improvisation ) كىشىلەر بۇ دۇنياۋى مۇزىكا تۇرىدىكى يىڭىلىق دەپ ماختاپ كەتتى. ئەسلى 1 سائەت پىلانلانغان كىچىلىك تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، مۇزىكانتلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسىياتى بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، كونسېرت ئاياقلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈزۈلمەي ياغدۇرغان چاۋاك سادالىرى ئاستىدا، مۇزىكانىتلار سەھنىگە ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلىدى.
بۇ سېھىرلىك كىچىدىن مەس بولۇشقان تاماشىبىنلار كونسېرت ئاياقلىشىپ تاڭ ئاتقىچىمۇ Lagerhalle نىڭ ئەتراپىدىن كىتىشمىدى. ھەممەيلەن ھاياجانلىق ئىچىدە، بۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كەلگەن سەنەتكارلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. بىر نەچچە ياشانغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، بۇ كونسېرتنى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ ئېسىل روك مۇزىكا كونسېرتى دەپ كۆزلىرىگە ياشلار ئالدى.)
يەرلىك گېزىتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە توختىماي بۇ كونسېرتتىكى قەھرىمانلارغا مەدىھىيەلەر ئوقۇدى. ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كۈن بۇ شەھەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.


قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «تەكلىماكاندىن كەلگەن روك» ناملىق پىلاستىنكىسى يېقىندا گىرمانىيەدە رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ پىلاستىنكىغا «دولان مۇقامى» ، «قارا يورغا»، «ئاق بايان»، «ئىشچى»، «تۇغۇلغان كۈنۈم»، «قىزلار»، «تارىم»، «شۈكرى دېدىم» ، « زەيتۇنخان- نازىركوم» قاتارلىق ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باھاسى 17 ياۋرو.
قېتىق مۇزىكا ئەترىتى 2010-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئەترەتنىڭ ئاساسلىق گىتارچىسى ۋە ناخشىچىسى پەرھات خالق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مۇزىكا ئەترىتىدە يەنە قازاق، تاتار ياشلىرىمۇ بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا ئالاھىدىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك.
بۇ مۇزىكا پىلاستىنكىسى گىرمانىيە ئوسنابۈرك شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئاۋازغا ئېلىنغان. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامى «قېتىق» سۆزى گەرچە ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىسىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. شۇ چاغدا بىر تورداش مۇنداق دەپ باھا يازغان :« پەرھاتنىڭ ناخشىلىرى قېتىقتەك ئاستا-ئاستا ئۇيىدۇ، ناخشا ئېيتسا پۇتۇن ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئوقۇپ قېتىقتەك ئۇيۇپ كېتىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ ،مۇڭلۇنۇپ قېتىقتەك بولۇپ كېتىدۇ». بۇ بەلكىم مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا بولسا كېرەك.


http://www.nur.cn/news/2014/08/179372.shtml


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 09:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلمىي ماقالىنى خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە يازغاندەك ناخشىنىمۇ بەزىدە خەنزۇچە ياكى باشقا تىللاردا ئېيتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. خۇددى ناۋائىي ھەزرەتمۇ زۆرۈر بولغاندا پارسچە شېئىر يازغانغا ئوخشاش. بەزى مەسىلىلەردە ئىدىيەنى ئازاد قىلمىسا بولمايدۇ.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 09:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئەركىن ئابدۇللا ۋە رەمەتلىك شاۋكەت مۇھەممەت قاتارلىقلارمۇ خەنزۇچە ناخشىلارنى ئېيىتقان، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تاماقلىرىمىزنى خەنزۇلار يەيدۇ، خەنزۇلار ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى بىز ئىشلىتىمىز، خەنزۇلارمۇ ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىدۇ، مەسىلەن خەن خوڭ، ئۇيغۇرلار بەزىدە مۇشۇنداق خەنزۇچە ناخشا ئوقۇپ قويىدۇ. كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش