مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

خالىدەم (پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 03:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-باپ
رەھمان  بۇ كۈنلەردە بەكمۇ خۇشال ئىدى، بارات بوۋاينىڭ ئۆيى مەھەللىدىن سەل يىراق بولغاچقا، ئۇ يېرىم كىچىلەردە بارات بوۋاينىڭ كەپىسىگە بېرىپ بىر تەرەپتىن دۇتتار  چېلىپ  ‹خالىدەم› ئۈچۈن تۇقىغان قۇشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا ئېيىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەشۇقى ئۈچۈن قوشاق توقۇيتى.
جاڭگالغا بارغان چاغلاردا،  ئەتىگەن- ئاخشاملىرى ئەزالار ئېغىلدىكى كالا-ئىشەكلەرنى ئېلىپ ئىشلىگىلى كېتىپ، ئەتراپتا ئادەم قالمىغاندا مۇڭلۇق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپ، خالىدەمگە بولغان مۇھەببىتىنى ھارماي كۈيلەيتى. خۇددى شىلدىر-شىلدىر قىلىپ بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇلاردەك، ئۇنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ناخشىلار ئەتراپقا تارقىلىپ، چوقچا ئاسمانلىرىدا ياڭرايتى.  
چارشەنبە كۈنى سەھەر، ئەترەتنىڭ كانىيىدىن ئەزالىرىنى ئىشقا چاقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رەھمان ئاتا-ئانىسى ئەتىگەنلىك دولقۇنغا كەتكەندىن كىيىن، ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر مۇشت چوڭلىقىدىكى زاغرا ناننى قايناقسۇغا چىلاپ ناشتا قىلدى، ئاندىن سېرىق ھەربىيچە ئايىغىنى كېيىپ، تۇلا ئىشلەتكەنلىكتىن سىلغىيىپ، پارقىراپ كەتكەن تايىقىغا تايىنىپ ئۆيدىن چىقىپ ئەترەت ئېغىلى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئېغىلغا كەلگەندە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىشەك-كالىلار ئاللاقاچان ئېلىپ كېتىلىپ، ئېغىلدا ئازغىنە قوي-ئۆچىكە  بىلەن ئەترەتنىڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئىككى كۆرۈمسىز ئېتى قالغان ئىدى، قوي-ئۆچىكىلەر ئاي  باشلىرىدا تاغلاردىكى يايلاقلاردىن ئېلىپ كىلىنىپ، ئېغىلدا ئازغىنە ۋاقىت بېقىلغاندىن كېيىن ئەزالارنىڭ ئايلىق گۆش نورمىسى ئۈچۈن سۇيۇلاتتى، ئاۋۇ ئىنجىمارۇق ئاتلار بولسا، ئەترەتنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان ئاشلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن توشۇلىدىغان تاغار-تاغار ئاشلىقلارنى يۆتكەش، ئەزالارنىڭ ئاشلىق نورمىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان قوناق-بۇغدايلارنى تۈگمەنگە ئېلىپ بېرىپ ئۇن تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. رەھمان ئادەمسىز قالغان ئېغىلدا ئات-كالىلارغا يەم تەييارلىغاچ يەنە ئوتتۇرا ئاۋازدا ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.

                   ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇ،
                   قاراپ باقسام لايلاپتۇ.
                  ئوتۇڭ ئەجەپ يامان ئىكەن،
                   مەندە تاقەت قالماپتۇ.
                   ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش،
                   ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ.
                   ... ...
رەھمان تازا بېرىلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز سىرىتتىن بىرەيلەن يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، رەھمان ناخشىسىنى دەرھال توختىتىپ، سىرتتىكى ئاۋازنى تىڭشىدى، بىرەيلەننىڭ قەدەم ئاۋازى بارغانسىرى يېقىنلىشىپ، ئەترەت قورۇسى ئىچىگە ئاندىن رەھمان ئىشلەۋاتقان يەم-خەشەك ئامبىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.
-كىم؟
رەھمان سۇئال سوراپ بولغۇچە ئىشىك ئېچىلىپ قاسىم قارا كىرىپ كەلدى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ؟
- نېمىشىقا ئىنقىلاۋى سالام قىلمايسەن، ھېلى بىكار بىرى ئاڭلاپ قالسا، ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىدۇ.
-ئەمسە سەنمۇ نېمىشىقا ئەترەتنىڭ ئېغىلىدا تەپ تارتماي سېرىق ناخشا ئېيتىسەن، بىرى ئاڭلاپ قالار دەپ ئەنسىرىمىدىڭمۇ؟
- ئېتىز-ئېرىقلارغا كەتكەنلەرنىڭ كېلىشىگە خېلى ۋاقىت بار ئىدى، سەن ئەجەپ تىز قايتىپسەنغۇ؟
-ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ بۇگۈن دېگەن چارشەنبە، بۈگۈن بازارغا بارىدىغان ئەزالار دولقۇنغا بالدۇرراق چىققاچقا، ئەزالارنىڭ ئالدى قايتىشقا باشلىدى، ئانام كۆزلىكى بىر-ئىككى تاغار جىگدە قۇرۇتۇپ قويۇپتىكەن، دادام ئىككىمىز ئۇنى سېتىپ چىقماقچى ئىدۇق. ئۆيگە كېتىۋىتىپ ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ،يېنىڭغا كىرىشىم.
-جىگدىنى سېتىۋەتسەڭلار ئاي ئاخىرىدا نورما تۈگكەندە قورساقنى نېمە بىلەن گولدايسىلەر.
- ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، دادام ئۆيىمىزدىكى ھەممەيلەنگە پۈتۈن ئەمگەك كۈچى قاتارىدا چام (ۋەزىپە) ئاپتىكەن، شۇڭا قىشتىن بىرى ئالغان نورمىمىز ئەپلەپ يېتىۋاتىدۇ، ئانامنىڭ دېيىشىچە پات ئارىدا گۈلئايىمنىڭ تويى بولغۇدەك، ئانچە-مۇنچە تەييارلىق قىلىپ قويمىساق بولماس.
-گۈلئايىم سەندىن بۇرۇن توي قىلامدىكەن؟
-نىكاھ غايىپ دېگەن شۇ، ھازىر قولىمىز قىسقا، ھىلىمۇ ئاكاملار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىۋاتىمىز، ئەگەر مەنمۇ توي قىلسام ماڭا ئايرىپ بەرگۈدەك ھوجرا ئۆي يوق. سىڭلىمنىڭ ئىشى بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن يول بويىدىكى قالدۇرۇق يېرىمىزگە ئىككى ئېغىز ئۆي قوپۇرۇپ ئاكامنى بۆلەك قىلىۋەتسەك، ئاندىن بىر گەپ بولار، سەنچۇ؟ ئىشلىرىڭ قانداق؟ مەشۇقىڭغا ئەلچى كىرگۈزۈشنى ئويلىمايۋاتامسەن؟
-ئويلىمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ ھېلىقى سەن ئاغرىپ قالغان كۈنى سېنى ئۆيۈڭدىن تاپالماي كۆل بېشى تەرەپكە ئىزدەپ مېڭىپ قالدىم دېگىنە، ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، ئاداش.
-مەن سىڭلىم بىلەن تىۋىپنىڭ يېنىغا كەتكەندە كەلسەڭ كېرەك، ھە، قانداق ھەيران قالارلىق ئىش بولدى.
- ئۆستەڭ بويىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ، خىيالى كېتىۋاتسام ئالدىمغا خالىدەم چىقىپ قالماسمۇ، ھاياجاندىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى.
-ھۇششەرە، ماۋۇ توغرا كېلىپ قالغىنىنى، خالىدەم بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدا نېمە ئىش قىلىدىكەن، ئادەتتە ئۇنى ئانىسى ئۆيىدىن چىقارماي باققاتتىغۇ.
-باشتا مەنمۇ ھەيران قالدىم، كېيىن ئۇقۇشۇمچە، ئۇ گۈلئايىمنىڭمۇ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئانىسىدىن مىڭ تەسلىكتە رۇخسەت سوراپ، گۈلئايىمنى يوقلىغىلى كەلگەن ئىكەن.
-ھە،ھە، ئاخىرىدا قانداق بولدى، بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشالىدىڭمۇ؟
-ھازىر ئويلىسام ئۆزەممۇ ھەيران قالىمەن، ئاداش، باشتا ئۇنىڭغا  تىكىلىپ قاراپلا قاپتىمەن، كېيىن ئۇنڭ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى قۇلىقىمغا كىردى، نەدىن غەيرەت بىلمىدىم بىر چاغدا  ھېلىقى ساڭا ئېيتىپ بەرگەن قوشاقلارنى ئېيتىپ كېتىپتىمەن. قىز بۇ قوشاقنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى، مەن قۇشاققلا ئۇلاپلا نۇرغۇنلىغان يۈرەك سۆزلىرىمنى سۆزلەپ كېتىپتىمەن، ئىككىمىز خېلى پاراڭلاشتۇققۇ دەيمەن، مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ماڭىمۇ مەيلى باردەك ھېس قىلدىم. لىكىن...
-نېمە لىكىن؟
-ئۇنىڭغا ئەلچى كىرگەنلىكى راسىت ئىكەن، قۇۋانئاخۇن ئاكام ئەلچىلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار  قېلىنلىق بىلەن ھەپتە ئاتلاپ كېلىۋىرىپ، سارىخان ئاچامنى يۇمىشىتاي دەپ قاپتۇ.
-ئۇنداق بولسا بولماپتۇ، سەنمۇ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، ئەلچى كىرگۈز، قۇۋان پادىچى ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ياخشى ئادەم، مېنىڭچە سېنىڭ ئەلچىلىرىڭنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ.
-تازا ئىشەنچىم يوق ئاداش، ئاق مەيدانلىق جۈمەخۇن دېگەن يەتتە ئەزاسى بىجىرىم، ماڭا قارىغاندا كېلىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنڭ ئائىلىسىنىڭ يۈز-ئابرۇيى چوڭ.
- سەن داۋاملىق گەپ ئادەمنىڭ جىسمىدا ئەمەس روھىدا، دەيتىڭغۇ،  سەن كىچىك ۋاقتىمىزدىلا خالىدەمنى گەپ بىلەن قايىل قىلىپ، ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا سەۋەبچى بولغان، كېيىن بىر سىنىپ-بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرۇپ، بىللە ئۈگنىش قىلىپ، بارىنى تەڭ يەپ، مەكتەپكە بېرىپ-قايتقۇچە ئۇنى قوغداپ، بىللە چوڭ بولغان. بارات بوۋامدىن ئۈگىنىۋالغان كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈپ ھەممىمىزنىڭ كاللىسىنى ئاچقان ئەمەسمىدىڭ، جۈمەخۇننىڭ ماددى بايلىقى كۆپ بولسا، سېنىڭ مەنۋى بايلىقىڭ كۆپ، خالىدەممۇ سېنىڭ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىڭنى ياقتۇرسا كېرەك. شۇڭا سەن ئۆزەڭنى كەمسىتمەي دەرھال ھەرىكەتلەن، يەنە مۇشۇنداق سۆرەلمىلىك قىلىپ يۈرسەڭ، ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىسەن.
-بىراق، مەن تېخى خالىدەمنىڭ ماڭا مەيلى بار يوقلىقىنى ئېنىق بىلمىسەم.
- قارا ئاداش، ئادەمسىز يەردە بىر قىزنىڭ سەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن پاراڭلىشىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ سەن بەكمۇ زىل ئىدىڭ، بۇ ئىشقا كەلگەندە نېمانچە دۆتلىك قىلىسەن دەيمەن. ئىشقىلىپ دىققەت قىل، ئاڭلىسام بۈگۈن قۇۋان پادىچى ئايالى بىلەن چارشەنبىگە كىرگۈدەك، ئەر-ئايالنىڭ تەڭ كىرگىنىگە قارىغاندا چوقۇم بىر ئىش بار.
- ئۇلارنىڭ چارشەنبە بازارغا بارىدىغانلىقىنى قانداق بىلىسەن؟
-بۇ..بۇ... بۇ مۇنداق ئىش، داداممۇ چارشەنبە بازارغا بارماقچى ئەمەسمىدى، قۇۋان پادىچى دادام بىلەن بىللە بارايلى،دەپ ئۇقۇشىپتىكەن. ۋاي، بۇ يەردە گەپ بىلەن بولۇپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن، ماقۇل ئاداش، مەن ماڭاي، ھېلى دادام ئىزدەپ قالدۇ.
- سېنىڭ كېسىلىڭ قانداق بولدى، گەپ بىلەن بولۇپ سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
-ياخشى، ياخشى، تىۋىپ بەرگەن دورىنى بىر ئىچىپلا ساقىيپ كەتتىم.

چىڭقى چۈش.رەھماننىڭ  ئەتراپلىرى سۆگەت، توغراقلار بىلەن قاپلانغان سالقىن كۆل بويىدا خالىدەمنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرغىنىغا بىر ئاش پىشىمدىن ئاشتى.  ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ كەلمەي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ،رەھماننىڭ ئىچى تىتىلداشقا باشلىدى. رەھمان كىچىكىدىن باشلاپلا خالىدەمنى بەك ياقتۇراتتى. باشتا ئوغۇلنىڭ پۇتى ئاجىز، قىزنىڭ قولى ئاجىزلىقىدىن ئىبارەت بىر ئورتاقلىق رەھماننى قىزغا يېقىنلاشتۇرغان ئىدى، كېيىنچە ئۇلار ئىككىسى بىر پارتىدا بىللە ئوقۇپ،مەكتەپكە بىللە بىرىپ- كىلىپ باشقىلارغا قارىغاندا يېقىن ئۆتتى. رەھمان بىلەن بارات بوۋاينىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشقانسىرى، رەھماننىڭ ئەقلى قابىلىيىتى باشقىلارغا قارىغاندا تىز تەرەققى قىلدى، رەھمانمۇ تىرىشچانلىق بىلەن  بارات بوۋاينىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى،بارا-بار داپ، نەي، دۇتتار چېلىشنى، خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ئۈگىنىۋالدى. مەكتەپكە بېرىپ يانغۇچە بارات بوۋايدىن ئاڭلىۋالغان چۆچەكلەرنى، ئىبرەتلىك ھېكايىلەرنى، ئۆزى ئوقۇغان كىتابلاردىكى ئىسىل مەزمۇنلارنى تاللاپ ساۋاقداش-دوستلىرىغا ئېيىتپ بېرەتتى. رەھماندىكى بۇ ئالاھىدىلىك ساۋاقداشلىرىنى، ئاتا-ئانا  ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ  ھەيران قالدۇراتتى. خالىدەم رەھمان بىلەن بىر مەھەللىك ھەن پارتىداش بولغاچقا، رەھماننىڭ پايدىسىنى جىق كۆرەتتى. ئۇ تېخى رەھماننىڭ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمىگەن ناخشىلىرىنى، چىلىپ بەرمىگەن نەيلىرىنى ئاڭلاشقىمۇ مۇيەسسەر بولالايتى.
  4-يىللىقىنى پۈتتۈرگەندە ئۇلارنىڭ تاتلىق،رەڭدار بولغان باللىق كەچمىشلىرى ئاخرلىشاي دەپ قالغان ئىدى. رەھمان خالىدەمنىڭ رايۇندىكى مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، چىكىنىش سەۋەبىنى سورىغاندا تىرنىقىنى تاتلاپ جىم تۇرىۋىلىپ ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زورلاشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماي مەكتەپتىن چىكىندى. خالىدەمنى كۆرەلمىگەنسىرى تېخىمۇ ئىچى پۇشىدىغان، تېرىكىدىغان، ئاتا-ئانىسى بىلەن سوقۇشىدىغان بولۇۋالدى، ئۇ كۆڭلىدىكى خالىدەمنى كۆرەلمەسلىكتىن پەيدا بولغان غەشلىكنى پەقەت بارات بوۋاينىڭ سۆھبىتى ئارقىلىقلا باسالايتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارات بوۋاينىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بارات بوۋاينىڭ ئۆيىدە تۇرىۋىلىپ،،ئۈچ يىلدىن كىيىن بارات بوۋاينىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنلا  ئاندىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە  ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىلىرى بارات بوۋاينى ئۇخلىتىپ قويۇپ قۇۋان پادىچىنىڭ ئۆينى نەچچە يۈز قېتملاپ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ خالىدەم بىلەن بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ، بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقىنى يوق. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزنىڭ گەپ قىلغان، كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاش، يىراقتىن كۆرۈۋىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ كىچىلىرى قۇۋان پادىچىنىڭ ئۆيىگە قاتراپ يۇرىۋەردى، بارات بوۋاينىڭ كىسىلى ئېغىرلاشقان ئاخىرقى يېرىم يىلىدا بارات بوۋاينى يالغۇز تاشلاپ چىقىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، كىچىلىرى خالىدەمنىڭ ئۆيىگە قاتراشنى توختاتقان ئىدى. بارات بوۋاي ۋاپات بولۇپ ئىككى-ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاغىنىسى قاسىم قارا بىلەن جاڭگالغا مېڭىش سەپىرىدە خالىدەم بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچراشتى ھەم تېخى نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى. رەھمان ئادەتتە قىز بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچراشسام ياكى بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋالسام مۇرادىمغا يېتىمەن، سېغىنىش ئازابلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلىمەن دەپ ئويلايتى. نەدىكىنى ئۇ قېتىمقى ئۇچراپ قېلىش ۋە قىسقىغىنە پاراڭ ئۇنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللەتمەكتە يوق،ئۇنىڭ ئازابلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى، قىزنى سېغىنىش، قىزنى بىر كۆرۈۋىلىش ئىستەكىلرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قولى ئىشقا بارماس بولۇپ قالدى، ئاغىنىسىنى يوقلاپ بارغاندىكى تاسادىبىي ئۇچرىشىش ئۇنىڭغا ئىشەنچ، كۈچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەلچىلەرنىڭ بىزەڭلىك بىلەن قايتا-قايتا قىز سۇراپ كىلىۋىرىشى، ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر مىيىپ ئىكەنلىكى كاللىسىغا كىرىۋىلىپ، قىزدىن ئايرىلىپ قېلىش، مەشۇقىنىڭ ۋېسالىغا يېتەلمەسلىك ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. مانا ئەمدى قىزنى ساقلىغىنىغا بىر ئاش پىشىم ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، قىز تېخىچە يوق. قىز ئۇنىڭغا، بىر ئاش پىشىمغىچە چىقمىسام قايتىپ كېتىڭ، دېگەن ئەمەسمىدى، بۇ قايىتىپ كېتىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئايرىلىش، ئىرىشەلمەسلىك، جۇدالىق... ياق، ياق يىگىت قاراڭغۇ چۈشكىچە، ھەتتا نەچچە كۈن قىز تاكى ئۇچرىشىشقا چىققۇچە ساقلايدۇ، ھەرگىز،ھەرگىز قىزدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
رەھمان چۈشكۈن ھالەتتە ئاستىنى لەش بېسىپ كەتكەن كۆپكۈك كۆل سۈيىگە قاراپ، خىيال بىلەن ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز كۆلگە يوغان بىر نەرسە چۈشۈپ، چاچرىغان سۇلار يىگىتنىڭ ئۆستى-بېشىنى ھۆل قىلىۋەتتى. يىگىت تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زەربىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئارقىسىغا قارىدى
-خالىدەم

داۋامى بار

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھھاي، خالىدەم نىمانچە يۈرەكلىك قىزدۇ؟ كۆلگە پولتوڭڭىدە تاش تاشلاپ رەھماننىڭ ئۈستى-بېشىنى ھۆل قىلىۋىتەلىگەن بولسا.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4133
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31185
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9051 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 08:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمان باشلانغۇچتىن ئاجرىغاندا قانچە ياشتا ئىكەن،ئۇ شۇ چاغدا مۇھەبەتلەشكىدەك ياشقا كىرىپ بوپتىكەنمۇ؟!
بىلىشىمچە مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ھەرقايسى يۇرت(گوڭشې)لاردا  بازار كۈنى پەقەت يەكشەنبىگىلا توغرلىنىپ شۇ يۇرتلارنىڭ بۇرۇنقى ھەپتە ئىچىدىكى باشقا كۈنلىرى بولىدىغان بازار كۈنلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.مېنىڭچە بازار كۈنى چاشەنبە ئەمەس يەكشەنبە بولۇشى مۈمكىن.
  رەخماننىڭ دوستى قاسىم قارا تولۇق ئوتتۇرىىنى پۈتتۈرگەن ياكى تولۇقسىزنى بولسىمۇ ئەلا پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىمۇ؟ ئۇ ماددى بايلىق بىلەن مەنىۋى بايلىق دېگەن ئاتالغۇلارنى بىلىدىكىنا؟
ئەينى چاغدا ئۆيلەردە نەرسە كېرەك ساقلاش ۋە بازارغا ئاپىرىپ سېتىش چەكلەنگەن بولغىيمىتتى دەيمەن.سودا سېتىق قىلىشنى كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغانلىق دەپ خەقلەرنىڭ بازارغا ساتقىلى كىرگەن نەرسىلىرىنى مۇسادىرە قىلاتتى. سېتىقچىلارنى ‹‹قاراڭغۇ بازارچى›› دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ سازايە قىلىدىغان ئىش بار ئېدى.ئېسىمدە قېلىشىچە قويغا ئوخشاش نەرسىلەرنىبازارغا ئاپارماي يوشۇرۇنچە  ئۆز -ئارا سودا قىلىشالىغان بىلەن ھېچكىم بازارغا جىگدە-قاق،دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ يايما يېيىپ سودا قىلالمايتتى. سىز دەۋرى شارائىتنى شۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەتنى ئەسلىيەلەيدىغان  چوڭلار يەنى ھازىرقى 50-60-ياشلىقلارىن ئوبدانراق سوراپ بېقىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 09:04 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:16:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 08:58 PM
رەخمان باشلانغۇچتىن ئاجرىغاندا قانچە ياشتا ئىكەن،ئۇ ش ...

چوڭلارنىڭ دېيىشىچە ئۇچاغلاردا باشلانغۇچ مائارىپى ھازىرقىدەك مۇنتىزىم بولمىغاچقا، يەتتە-سەككىز ياشلىق بالىلارمۇ 10-11 ياشلىق بالىلارمۇ مەكتەپكە يېڭى كىرىپ بىللە ئوقۇيدىكەن، رەھمان باشلانغۇچتا تۆت يىل ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە 15-16ياشقا كىرىپ بولغان ئىكەن، ماتىرىيال يىغىش جەريانىدا مۇشۇ ھېكايە يۈز بەرگەن يۇرتتىكى دېھقانلار بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ‹خالىدەم› 16ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى، قىزىم ئاجىز بولغاچقا چوڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرى ئاللاقاچان توي قىلىپ ئاللاقاچان بىر-ئىككى بالىلىق بولۇپ قالدى، قىزىمنىڭ پەرىزىنى قاچانمۇ ئادا قىلارمەن، دەپ ئەندىشە قىلغان ئىكەن.  بىلىشىمچە،ئۇ ئىككىسىگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان دەسلەپكى چاغلار يىگىت 15-16 ياش، قىز 13-14 ياش ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:27:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بازار مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ماتىريال يىغىش داۋامىدا شۇ چاغلاردا ئاشلىق قىس بولغاچقا كىشىلەر ئۇننى تىجەش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇماچ ئېتىدىكەن، ئۇماچقا ئۇننى ئازراق چېلىپ، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى چاڭگال جىگدە تاشلىۋەتسە، ئۇماچ قويۇقراق بولىدىكەن ھەم ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدىكەن، شۇڭا شۇ چاغلاردا جىگدە ئەتىۋارراق ئىكەن. بىر-ئىككى تاغار جىگدىگە بىرقانچە كىيىملىك رەخت، بىرەر ئاياغ ۋە ناۋات-چاي دېگەندەك ئەتىۋارلىق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.
ئاخشام ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە چوڭلاردىن سوراپ باقتىم، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ھېكايىدە بايان قىلىنىۋاتقان يۇرت شەھەردىن بەك يىراق بولغاچقا، بىز بىلىدىغان ھازىرقىدەك ھەققى مەنىدىكى بازار بۇ ئەتراپتا يوق ئىكەن، ئۇلار مەخسۇس بىر كۈننى بىكىتىۋىلىپ، ئاشۇ كۈنى ئاشلىق بىلىتى، ئاز-تۇلا ئاق ئاش(بۇغداي ئۇنى) رەخىت بىلىتى، قەنت-ناۋات، چاي بىلىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىھتىياجى بويىچە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدىكەن. بۇ چارشەمبە كۈندىكى بازار ئاخىر تەرەققى قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى پەيزىۋات ناھىيە  قىزىلسۇ يېزىسى(8-گۇڭشى)نىڭ ھەر ھەپتىلىك قانۇنلۇق بازىرى بولۇپ شەكللىنىپتىكەن. مەن بۇ ئەھۋاللارنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم، چارشەمبە بازار ھەققىدەتەپسىلى ئەھۋالنى  بىلىدىغانلار ياكى تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرگەنلەر بولسا، خاتا كەتكەن يەرلەرگە تۈزۈتۈش بەرسە بولىدۇ.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:42:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ چاغلاردا سىز دېگەندەك ئاشكارا ئېلىم-بېرىم بولمايدىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يۇرت شەھەردىن بەك يىراق بولغاچقا مۇسادىرە قىلىپ، كىشىلەرنى سازايى قىلىدىغان ئەھۋاللار ئانچە كۆپ يۈز بەرمىگەن ئىكەن. باشقا سىياسەتلەرمۇ ئانچە بەك قاتتىق ئىجرا قىلىنىماپتىكەن، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەر.
ئەمدى قاسىم قارىنىڭ زىيالىغا ئوخشاش سۆزلەپ كېتىشى مېنىڭچە ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن، قانداق دېگەندە مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم باشلانغۇچ 4-سىنىپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى مەكتەپكە خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئورۇنلىشىپتىكەن، ئۇ چاغلاردىكى مائارىپ ھازىرغا قارىغاندا ئىلغارراق بولسا كېرەك، باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا خەلق ئوقۇتقۇچىسى، بۇغالتىر، يېزا كادىرى بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىكەن، ئۇلار ھەم شۇ خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھماننىڭ بارات بوۋايدىن ئىبارەت خەلق ئارىسىدىكى بىلىملىك زاتتىن تەلىم ئېلىشى، بىلگەنلىرىنى دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنى ھازىر بىز بىلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن خېلى ئارتۇق ئىدى، دېسەك خاتا بولماسمىكى دەپ ئويلايمەن، قالغان مەسىللەرنى يەنە ئورتاقلىشارمىز.  بەرگەن تەنقىدىڭىز بەك ئورۇنلۇق ھەم جايىدا بوپتۇ، مەن بۇ ئىنكاسقا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر كىچە ئىزدەندىم دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. رەھمەت سىزگە. سىزدىن كۆپ مىنەتدار بولدۇم.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 04:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        5-باپ

     رەھمان قىزغا يەنە مەجنۇنلارچە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. قىز ئۆتكەنكى ئۇچرىشىتا كەيگەن كىيىملىرىنى كەيگەن، چاچلىرىمۇ ئوخشاش، بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، قىز بۈگۈن قارلىغاچ قانىتىدەك ئەگىم قاشلىرىغا ناھايتى ياراشتۇرۇپ ئوسما قۇيۇۋالغان، ئوسمىسىمۇ شۇنداق بىلەن ئۆزلىشىپ، قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى قىزىل گۈلدەك ئېچىلدۇرىۋەتكەن ئىدى. رەھمانمۇ يەنە شۇ تۇرىقى بىلەن، ئۆتكەنگە ئوخشىمايدىغان بىرلا يېرى، ئۇ قولىدا يوغان بىر تۈگۈنچەكنى تۇتۇۋالغان ئىدى.ئارىدىكى جىمجىتلىق يەنە ئۇزۇن داۋاملاشتى، يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ ئۇچقۇنلار چاچرايتى، بۇ ئۇچقۇنلار قىزنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىلا، ئوۋچىنىڭ يا ئۇقىدەك ئۇچۇپ بېرىپ قىزنىڭ قەلبىگە سانجىلىپ قىزنى ساراسىمىگە سالاتتى، شۇ تاپتا بۇ بىرجۈپ قىز-يىگىت كۆزلىرى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىز يەنىلا تۈرگۈنلىك بىلەن ئارىدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزدى.
-سېنى كېتىپ قالدىمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم.
- سېنى چىقماسمىكى دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم.
-ئانام-داداملارچام(ۋەزىپە)نى تۈگتىپ ئەمدى كەلدى.
- داداڭ دائىم چامنى ھەممىدىن بۇرۇن تۈگىتەتتىغۇ.
- ئۇغۇ شۇنداق، دادام ئەترەتنىڭ قويىنى باقماس بولغاندىن بىرى، دادامغىمۇ چام بۆلۈپ بېرىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، تېخى مېنىڭ ۋەزىپەمنىمۇ دادام قىلىدۇ.
-ئۇلار بازارغا كەتتىمۇ؟
- شۇنداق، ئۇلار لازىملىق نەرسىلەرنى تاپالماي قالمايلى دەپ ئالدىراپلا بازارغا ماڭدى، مەن ھاممامغا گۈلئايىنى يوقلاپ كېلەي،دەپ بۇياققا ماڭدىم، سېنى دەپ يالغانچى بولۇپ قالدىم مانا.
-سېنى بەك سېغىنغان ئىدىم.
- بۇنداق گەپ قىلساڭ كېتىپ قالىمەن جۇمۇ.
-ئەمسە نېمە دەيمەن. ناخشا ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
-ۋاي، بولدى ناخشىنىڭ گىپىنى قىلما، تۆنۈگۈن ھويلىنى سۈپۈرىۋاتسام، سىرتتا ئىككى بالا ناخشا ئوقۇپ ماڭدى، تىڭشاپ باقسام، ئۇلار  ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ، دەپ ناخشا ئوقۇۋاتىدۇ، قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى، ئەگەر يا دادام يا ئانام بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قالسا، قانداق قىلار بولغىيتىم. ئەمدى ناخشا ئېيتما، بولامدۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي.
-ناخشا مېنىڭ جېنىم، سېنى سېغىنغاندا ناخشا ئېيتمىسام ھەسرەتلىرىمنى، سېغىنىشلىرىمنى، يۈرىكىمدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلىرىمنى قانداق باسىمەن، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ قىل، بىراق ناخشا ئېيىتماسلىقىنى تەلەپ قىلما.
- بولدى، بۇنى تالاشمايلى، بۈگۈن ساڭا دەيدىغان مۇھىم خەۋەر بار، ئانام ئەلچىلەرگە رازىلىق بەرگەن ئوخشايدۇ.
-نېمە، داداڭچۇ، سەنچۇ، ئۇلار سەندىن ئۇنىڭغا مەيلىڭ بار،يوقلىقىنى سورىمىدىمۇ؟
-داداممۇ بەك تەڭقىسلىقتا قاپتۇمىش، ئۆلۈشكۈنگە قەدەر ئاناممۇ بەك چىڭ تۇرغان ئىدى، نېمە ئىش يۈز بەردى، بىلمىدىم، تۆنۈگۈن تۇيۇقسىزلا بۇ تويغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، دادام يەنە بىر مەزگىل قاراپ باقايلى، دېگەن ئىدى، ئانام،شۇنداقتىمۇ ئازراق تەييارلىق قىلىپ قويايلى، دەپ بازارغا مېڭىشتى. ئەگەر داداممۇ بۇ ئىشقا قوشۇلۇپ قالسا...
  قىزنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولدى، ئۇ ئېسەدەپ كېتىپ، گېلىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك گەپنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمىدى.
رەھمانمۇ قىزنىڭ قولدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى يوقۇتايلا دەپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، پۈتۈن ئالەم چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئۆز جايىدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئىككى ناتىۋان مۇشۇ ھالەتتە يەنە خېلى ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتتى.
-        ئۇلار سېنىڭ مەيلىڭنى سوراپ قويمىدىمۇ؟
يىگىتنىڭ سۇئالى قىزنى ئېسىگە كەلتۈردى.
-        ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىدىن رازىلىق ئالىدىغان ئىش نەدە بار. مەن تېخى دادامنى مېنىڭ كۆزۈمگە قارايدۇ، دەپ ئويلايتىم، ئاخىرى ئىشەنگەن تاغدىمۇ كىيىك ياتمايدىغان ئوخشايدۇ.
-        ئەمدى قانداق قىلساق بولۇر؟  مەن تېخى بۈگۈن ئۆز ئاغزىڭدىن رازىلىق ئالالىسام بۇ ئىشنى ئانامغا دەپ، كۈزدە ئەلچى ئەۋەتەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-        ئەسكى، ئەگەر مەن رازىلىق بەرمىسەمچۇ؟
-        ئۇنداق بولسا سەن جۈمەخۇنغا...
-        تۇلا ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە، مەن يا ئۇ ئادەمنى چۈشەنمىسەم.
ھەممە ئىش ئېنىق بولدى، دىمەك قىزنىڭمۇ يىگىتكە كۆڭلى بار دېگەن گەپ. قىزنىڭ ئەگىتىپ بەرگەن جاۋابىدىن يىگىت سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قانلىرى قىزىپ، كۆزلىرى تېخىمۇ نۇرلىنىپ، قىزغا مەردانىلىق بىلەن تىكىلدى، قىز كۆل ئاستىغا يىغىلىپ قالغان لەشلەرگە قارىغىنىچە بىر قولىدا چېچىنى ئويناپ ئولتۇراتتى، دىققەت بىلەن قارىغان ئادەم قىزنىڭ ئىككى مەڭزىىنىڭ سۇس قىزارغانلىقىنى، چېچىنى ئويناپ ئولتۇرغان قولىنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا ئۈچ-تۆت قەدەم ئارلىق بار ئىدى، يىگىت قىز تەرەپكە بىر قەدەم، يەنە بىر قەدەم سۈرۈلدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارلىقىدا ئىككى قەدەممۇ ئارلىق قالمىغان،يىگىت قولىنى سوزسىلا بارماقلىرىنى قىزنىڭ قولىغا تەگكۈزەلەيتى. بىرەر يات جىنىسلىق ئادەم بىلەن بۇنچە يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ باقمىغان قىزنىڭ نەپىسى ئىتتىكلەپ، پۇت-قوللىرى لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. يىگىت قولىنى قىز تەرەپكە سوزىۋىدى، قىز قورقۇپ كېتىپ كەينىگە بىر قەدەم داجىدى.
-        نېمە بولدۇڭ، بۇنى ئال.
قىز يىگىتنىڭ ئەسلى ئۆزىنىڭ قولىنى تۇتماقچى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە بىر نەرسە بەرمەكچى ئىكەنلىكنى بىلىپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتتى.
-نېمە بۇ؟
-ئېچىپ قاراپ باق.
قىز سەل ئىككىلىنىپ قالغان بولسىمۇ، يىگىتنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قولىنى سوزدى. يىگىت قولىدىكى تۈگۈنچەكنى ئاستا قىزغا بەردى، شۇ چاغدا ئۇ ئىككىسىنىڭ بارماقلىرى بىر-بىرىگە تېگىپ كېتىپ، ھەر ئىككىسىنى چاقماق سوققاندەك ئەندىكتۈرىۋەتتى-دە، ھەر ئىككىسى بىر قەدەمدىن كەينىگە يېنىشىپ كەتتى.
قىز يىگىت بەرگەن تۈگۈنچەكنى ئاستا ئاچتى، تۈگۈنچەكنىڭ ئىچىدە ناھايىتى سىپتا ياسالغان بىر ھارۋا تۇراتتى. بۇ ھارۋىنىڭ ياسىلىشى شۇنداق سىپتا، ئىنچىكە ھەم كۆركەم بولۇپ، ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياسالغان چاقلىرى، چوكىدىن ياسالغان ئىككى شوتىسى، ھارۋىنىڭ يان يۆلەنچۈكلىرىنىڭ ھەممىسى ئېنىق، راستەكلا ئىدى.
-        ۋاي، نېمانچە چىرايلىق، كىم ياسىغان ھارۋىچاق بۇ، ماۋۇ ئېسىلقلىق قامچىلىرىدىن ئايلىنىپ كېتەي.
-        مەن ياسىدىم، سەن ئۈچۈن.
-        سەن تېخى ياغاچچىلىقمۇ قىلالامسەن.
-        بارات بوۋام،ئوغۇل بالىغا 72 ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ دەپ،ئۈگىتىپ قويغان. بىلىسەنغۇ، ئۇ رەھمەتلىكنىڭ قوللىرى گۈل ئىدى، ئىلگىرى ھارۋا، ھارۋا جابدۇقلىرى، ئىشىك-دېرىزە ياساپ جان بېقىپتىكەن، مەن مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئىزدەپ كەلگەن ھاجەتمەنلەرنىڭ رايىنى قايتۇرماي، ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قوياتتىكەن، شۇ چاغلاردا مېنىڭمۇ بارات بوۋامنىڭ كەينىدە يۈرۈپ كۆزۈم پىشىپ قاپتىكەن.
-        ئاران مۇشۇ ھارۋىنىلا ياسىدىڭمۇ؟
-        ياقەي، شۇنداق جىق نەرسىلەرنى ياساپ باقتىم، ئەمبەل، ئاش تاختا، كەتمەن سېپى، بۇسۇغا، شادا ئىشىك، يەنە تېخى يۇلغۇن شېخىدا توقۇغان چويلا، سىۋەت، زەمبىل دېگەنلەرنى كۆرسەڭ ھەيران قالىسەن.
-        ئەتىگەن ئاخشىمى ئەترەتتە ئىشلەۋەتساڭ، قايسى چاغلاردا يۈرۈپ بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ياسىدىڭ.
-        خېلى ۋاقىتلار بولدى، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس، بىكار تۇرۇپلا قالسام، ئىچىم پۇشىدۇ، شۇڭا كىچە-كۈندۈز ئايرىماي، قولۇم بىكار بولسىلا، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈيمەن،
-        بەك يامان ئىكەنسەن جۇمۇ، راسىت داداممۇ دائىم ھۈنەرلىك ئادەم خار بولماس، دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، شۇڭا ئانام يىپ ئىگىرسە، دادام ئۇ يىپتا تاغار، خۇرجۇنلارنى توقۇپ، ئۆينىڭ ئۇششاق-چۈشەك دەردىنى تارتىدۇ.
-        خالىدەم، ھارۋىچاقنى ياقتۇردىڭمۇ؟
-شۇنداق، بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن چوڭ بولغاندىن بىرى ئېرىشكەن ئەڭ قممەتلىك سوۋغا مۇشۇ بولدى.
- يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق سوۋغاتلارغا ئېرىشىپ تۇرۇشنى خالامسەن؟
- بۇ نېمە دېگنىڭ؟
- مەن...مەن... دېمەكچى، سەن مېنى ياقتۇرامسەن؟
-بۇ... بۇ، مەن بىلمەيمەن.
-ئەلچى كىرگۈزسەم مەيلى دەمسەن؟
-...
-گەپ قىلساڭچۇ؟
-...
يىگىت قىزنىڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سەل ھودۇققان بولسىمۇ، يەنىلا جۈرئەتكە كېلىپ، قىز تەرەپكە ئىنتىلىپ قىزنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولدى، قىز تېخىمۇ ھۇلۇقۇپ نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى، يىگىت قىزنى قىستاپ كىلىۋەردى، يىگىت بىر تاتىرىپ، بىر قىزىرىپ قىزنىڭ بىلەكلىرىنى تۇتۇپ، قىزنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى، ئۇلارنىڭ تىقىلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلدى، قىز شاش ئاتتەك چاپچىپ، كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى، ھەم ‹گۇناھ بولىدۇ، گۇناھ بولىدۇ› دېگەن گەپنى تەكرارلىغىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا يۈگۈرۈپ ئۆيى تەرەپكە قېچىپ كەتتى.

داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 04:14 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108864
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2014-8-1
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 06:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، داۋامىنى ساقلايمىز.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەغدىرىڭ شۇنداق بولۇر

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 6-باپ
  رەھمان شۇ كۈنى كەچتىلا خالىدەمگە ئەلچى ئەۋەتىش ئىشىنى ئانىسىغا ئېيتتى ھەم ئىشنىڭ جىددىلىكىنى، قىزغا ئاق مەيداندىن تۇلا ئەلچى كېلىپ، ئۇلارغا ئارام بەرمەيۋاتقانلىقى، ئانىسىنىڭ بۇ ئىشقا ماقۇل دېگۈسى بولسىمۇ دادىسىنىڭ ئارا تۇرۇۋىلىپ، ئەلچىلەرنى قۇرۇق ياندۇرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۈگۈن توي تەييارلىقى ئۈچۈن بازارغا ماڭغانلىقىنى قويماي ئېيتىپ، بالدۇرراق  ئەلچى ئەۋەتىشنى ئۆتۈندى.
ئانا ئۇزۇندىن بىرى ئوغلىنىڭ خالىدەمنىڭ دەردىدە ئوت-كاۋاپ بولۇپ يۈرىۋاتقانلىقىنى، خالىدەم ھەققىدە قوشاق توقۇپ، ناخشا ئېيتىپ يۇرىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. نەچچە قېتىم ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى بالىلارنىڭ دادىسىغا ئېيتىۋىدى، دادا، ئوغلىمىز بىر ئاجىز، ئۇ قىزمۇ بىر ئاجىز، ئىككى ئاجىز بىر بولسا جېننى جان ئېتەلەرمۇ، دەيدىغان ئەندىشىسى بارلىقىنى، ئوغلى ئېغىز ئاچمىغۇچە جىم بولۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىش كىرەكلىكىنى ئېيىتپ، جىم تۇرىۋالغان ئىدى. دادا بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ ئانىسىغا دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىش قارارىغا كەلدى، ئۇنىڭسىزمۇ دادا بۇ كۈنلەردە ئوغلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە جىمغورلىشىپ، ئادەم بىلەن ئارلاشقۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى، ھە دېسە بارات بوۋاينڭ كەپىسىگە بېرىۋىلىپ، كىچىچە ئۇخلىماي، جىن چىراقنىڭ يۇرۇقىدا ئولتۇرۇپ گاھىدا  قېلىن قېلىن كىتابلارنى ئوقۇسا، گاھىدا بىر نېمىلەرنى ياسىغاچ، ناخشا ئوقۇيدىغانلىقىنى، گاھىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ، ئۇھ تارتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. دادا ئوغلىنىڭ ئەزەلدىن كۆڭلى سۇنۇق ئىكەنلىكىنى، خۇشاللىق-خاپلىقلىرى بولسا، ئۆزلىرىگە بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىدىغانلىقىنى، بارات بوۋاي بىلەن يېقىنلىشىپ قالغاندىن كېيىن بارلىق ئاتا مېھرىنى ئاشۇ بوۋايدىن ئىزدەپ، ئۆزى بىلەن بارغانسىرى ياتسىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ئويلىدى. دادا بولماق نېمانچە تەس، بولۇپمۇ ئۆزى ئاجىز، دىلى سۇنۇق بالىغا يا ۋاقىراپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلغىلى بولمىغان. پۇتنىڭ ساقايمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ بالىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان  دوختۇر، تىۋىپلارغا ئاپارغان ئەمەسمىدى. دادا نەچچە كىچە نەچچە كىچە بارات بوۋاينىڭ دېرىزىسى يېنىدا تۇرۇپ  ئوغلىنىڭ دەرت-ئەلەم، پىغانلىرىغا ھەمدەم بولمىدىمۇ؟! دادا ئىلگىرى ئوغلىنى پۇتى ئاجىز بولغانلىقتىن كۆڭلى سۇنۇق دەپ ئويلايتى، كېيىن ئوغلىنى بارات بوۋاينىڭ ئۆلۈمىگە چىدىيالماي قالدى، دەپ ئويلىدى، ئاخرىدا بولسا ئوغلىنىڭ مۇڭلۇق ناخشلىرىنى ئاڭلاپ، سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇھ تارتىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوغلىنىڭ ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئاشىق بولغاندىمۇ پەرھات شىرىنغا، غېرىپ سەنەمگە، ئابلىمىت غەزەل روزىلەمگە ئاشىق بولغاندەك، چىن ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى، ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى تاغدەك كۆتۈرىدىغان قىز قولدىن چىقىپ كېتەي دەۋاتسا، دادا تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇراتتىمۇ، ئىسلامئاخۇن نەچچە كۈندىن كىيىنلا يۇرتتا ئىناۋىتى بار، ئۆزى سۆزمەن بولغان كىشىنى قۇۋان پادىچى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشقا ئەۋەتتى.. قۇۋان پادىچى ئەلچىنى ناھايتى تەكەللۇپ بىلەن ھۆرمىتىنى قىلىپ قارشى ئالدىيۇ،رەسمى گەپكە كەلگەندە، رەھمانغۇ ئالدىمىزدىلا چوڭ بولغان ئوڭلۇق بالا، پۇتى ئاجىز بولغان بىلەن نى نى بىجىرىم ئەركەكلەردىن قېلىشمايدۇ.لېكىنزە، قىزىمىزنى سىلەردىن بۇرۇن سوراپ كەلگەنلەر بارئىدى، ماقۇل، دەپ لەۋز بېرىپ قويۇپتىكەنمىز، دەپ تىلىنى چاينىدى، ئىسلامئاخۇن تاللىغان ئەلچى بۇنداق بىر ئېغىز گەپكە بوپتۇ،دەپ قاراپ تۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ شۇ ئەتراپتا نامى چىققان گەپدان، ئىش ئۇقىدىغان، ئەلچىلىك ئىشلىرىنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ پۈتتۈرەلەيدىغان ئادەم ئىدى، ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە سائەتلەپ پاراڭلاشتى، ئاخىر گەپ تاپالمىغان قۇۋان پادىچى كۆڭلىدىكىنى دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى:
-        ماڭا قاراڭلا بۇرادەر، بايامدىن بىرى ھەممىنى دەپ باقتۇق، ئەسىلى بىراۋنىڭ ئەيىپىنى تىلغا ئېلىش نامەردلىك بولاتتى. ئەمدى گەپ چىڭغا چىققاندا دېمەي بولمىدى، مەن رەھماننىڭ  پۇتىدىكى ئەيىپنى  ئاجىزلىق دەپ  ئويلاپمۇ باققىنىم يوق، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ئىككى-ئۈچ ئايدىن بىرى ئاق مەيداندىن كەلگەن ئەلچىلەرگە سۆز بەرمەي كەلگەن ئىدىم، ئەسىلىدە  تالا-تۈزدىكى مىش-مىش گەپلەردىن سىلىنىڭ ئوغۇلنىڭ قىزىمغا كۆڭلى بارلىقى ماڭىمۇ ئايان بولغان، مەن بۇ ئىككى ئاجىزنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويارمەن دەپ ئويلاپ، سىلى تەرەپتىن بىرەر ئېغىز گەپنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. لېكىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر ئىش مېنىڭ قارارىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى، يەنى ئۈچ كۈن بۇرۇن كىچىدە سۇ ياقلاپ كېتىۋاتسام، ئىچ بېشىدا ئىككى-ئۈچ يىگىت پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-        ھەي، ئاغىنلەر ئاڭلىسام ئاۋۇ رەھمان توكۇر خالىدەم چولاقنىڭ ئىشقىدا ئېلىشىپ قالايلا دەپتىغۇ.
-        مەنمۇ شۇنداقراق مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلىدىم، تېخى رەھمان توكۇر خالىدەمنىڭ ئىسمىنى قېتىپ قوشاق قېتىپ ناخشا ئېيتىپ يۈرىمىشمۇ.
-        بۇ راسىت ئىكەن، ئەترەتنىڭ ئېغىلىدا ناخشا ئېيتىۋاتقاندا ئاڭلاپ قالغانلار بار ئىكەن، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغانلار ئەگەر ئۇنى ئاجىز دەپ ئاياپ قالمىغان بولسام، سېرىق ناخشا ئېيتقانغا تويە، سەن توكۇر ھالىڭغا باقماي مەھەللىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل قىزىغا كۆز تاشلىدىڭمۇ دەپ،تازا ئەدىبىنى بېرەتتىم، دەپ يۈرۈيمىش.
-        ئۇنىڭ خالىدەمنىڭ ئىسمىنى قېتىپ ئېيتقان ناخشىسىنى ئېيتتىپ بېرەيمۇ.
-        ...
قۇۋان پادىچى، ئۇ ناخشا مەزمۇنىنى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كەتتى: بۇ ناخشىنى يولدىن ئۆتكەنلەرمۇ ئوقۇيدىكەن، سۇ تۇتقانلارمۇ ئوقۇيدىكەن، رەھماننى خېلى ئەقىللىق چوڭ بولدى، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، مەھەللە- يۇرتلاردا قىزىمنىڭ بىر پۇڭلۇق ئابرۇيىنى قويمىدى، ئەمدى دەپ باقسىلا، قىزنىڭ ئابرۇيىنى يەربىلەن يەكسان قىلغان ئادەمگە قانداقمۇ قىزىمنى بېرەلەيمەن.
-ئۇنداق دەپ كەتمىسىلە، ئاشىقلىقىنى ئاللائىگەم ئۆزى بەندىلىرىنىڭ دىلىغا سالىدۇ، سىلىمۇ بىللا ئابلىمىت غەزەل روزىلەمگە ئاشىق بولۇپ، نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى، قىزنىڭ ئىشقىدا تاس قالدى جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى، رەھمانغا قارىسام، ئۇ  ئاشۇ ئابلىمىت غەزەلگە ئوخشاش چىن ئاشىق بولغان ئوخشايدۇ، ھازىر بىز قاتتىقلىق قىلىپ قويۇپ ئاشۇ ئىككى ئاجىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويمايلى دەيمەن.
- روزىلەمنى تىلغا ئېلىپ ياخشى قىلدىلا، مانا ئۇلارمۇ ئايرىلساق ئۆلىمىز، ياشالمايمىز، دەپ داۋراڭ سالغان ئەمەسمىدى، تېخى

      كۆزدە ئۈزگەن قوناقنڭ،
      بوڭگىسى راۋاپ بولدى.
      روزىلەمنىڭ ئىشقىدا،
      يۈرەكلىرىم كاۋاپ بولدى.
دەپ قوشاقلار توقىغان ئەمەسمىدى، ئاخىرى قانداق بولدى، مانا ئەمدى روزىلەم باشقا ئەردە جىمىپ، گۈلدەك ياشاۋاتمامدۇ، بۇرادەر، ئەسلىدە بۇ گەپنى تىلغا ئېلىپ دىللىرىغا ئازار بېرىش نېيىتىم يوق ئىدى، گەپتىن گەپ چىقىپ دىيىلىپ قالدى، كېلەر ھەپتە قىزىمىزنىڭ تويى بولىدۇ، لەۋز قىلىپ بولغان ئىشنى بۇزساق ياخشى بولماس. ئەمدى سىلىدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، توينىڭ خاتىرجەم ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن رەھماننى ھەپتە-ئون كۈنلۈك بىر يەرگە ئەۋەتىۋەتسەڭلار، رەھمان يەنە بالىلىق قىلىپ تويدا قوشاق توقۇپ، ناخشا ئېيىتپ، ئىشنى بۇزمىسىكەن، دېگەن ئۈمىدىم بار.

داۋامى بار

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51348
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9932 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 12:28:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىشكە ۋە ئوقۇشقا تېگىشلىك بولغان تارىخى پوۋىستنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.مۇئەللىپ شورۇقنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاتۇش كاتيايلاققا بارغان چېغىمدا،شوپۇر ئۇستام ماڭا رۇزىلەم دېگەن ناخشىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرسىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ھەمدە رۇزىلەمنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.مەن شوپۇر ئۇستامغا رۇزىلەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقايلى دېسەم ماشىندىكى باشقا ئادەمنى ساقلىتىپ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويمايلى دەپ كىرەلمىگەن ئىدىم.
بۇ پوۋىستنى چوقۇم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن ھەمدە بۇ تارىخى پوۋىستنىڭ ئۇيغۇر ئاقارتىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى تارىخ بېتىنى ئاچقان ئالتۇن ئارتۇچنىڭ مۇپەسسەل تارىخىنى،ئارتۇچ خەلقىنىڭ كىشىلىك ئالاقە ،دۇنيا قاراشلىرىنى چۈشىنىشتە قىممىتى بار يازما بولۇپ قېلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش