مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

خالىدەم (پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96034
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:18:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ياتقان يىرىنى جەنەتتىن قىلسۇن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 02:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قالۇ  لىللاھى ۋەئىننا ئىلەھى  راجىئۇن.        
  بۇ   ئەسەرنى    ئوقۇپ    خۇددى   شۇ  زامانغا  بېرىپ    قالغاندەك  بولدۇم  ....

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 04:45:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شورلۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 01:12 PM
خالىدەم بۈگۈن بىر نەچچە يىللىق كېسەل ئازاۋىدىن قۇتۇلۇ ...

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 04:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالىدەم باقىيغا سەپەر قىلغان بىلەنلا بۇ ئەسەر توختاپ قالمىغاي شورلۇق ئەپەندىم. داۋامىنى ساقلاۋاتقانلار خېلى كۆپ.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96034
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 08:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالىدەم باقىيغا سەپەر قىلغان بىلەنلا بۇ ئەسەر توختاپ قالمىغاي شورلۇق ئەپەندىم. داۋامىنى ساقلاۋاتقانلار خېلى كۆپ
بەكمۇ توغرادەپسىز....

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 09:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 04:47 PM
خالىدەم باقىيغا سەپەر قىلغان بىلەنلا بۇ ئەسەر توختاپ ق ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىنداشلار، ‹خالىدەم›نىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاش بىر نەچچە كۈن توختىتىپ قويۇلغان ئىدى، پۈتۈن چوقچا خەلقى (پۈتۈن يۇرت ) مۇسىبەت ئىچىدە تۇرغاندا ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاۋىرىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، تۆت كۈندىن بىرى تورغىمۇ چىققۇم كەلمىگەن ، مانا بۇگۈن تورنى ئېچىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ مۇسىبەتتىن ئاللاقاچان خەۋەردار بولۇپ بولغانلىقىنى بىلدىم، مېيىت ئۆيدىن چىققۇچە، سەۋر تۈڭلۈكتىن كىرىپ بولىدۇ، دېگەن گەپ بار، شۇڭلاشقا ئاللا خالىسا، ئەتىدىن باشلاپ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاشنى باشلايمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 03:44:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          8-باپ

ئارىدىن 10نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى،  مەھەللىگە تىزرەك قايتىش، توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزىگە ۋاپا قىلمىغان مەشۇقىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئارزۇسىدا بۇ ئون نەچچە كۈن ۋاقىت رەھمان ئۈچۈن ئون نەچچە ئاي ياق، ئون نەچچە يىلدەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى، بۇغداي ئورۇشتىن خامان ئېلىشقۇچە  بولغان پۈتۈن ۋەزىپنى  20نەچچە كۈندە تاماملىغان ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن مەھەللىلەرگە قايتىپ كېلىشكە باشلىدى، رەھماننىڭ ئاتا-ئانىسى، يۇرتتا قالغان قۇلۇم-قوشنا، دوست-ئاغىنىلىرى رەھماننىڭ جۈدەپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىدىن ئانچە ھەيرانمۇ قېلىشمىغان ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، پۈتۈن مەھەللە، يۇرت-يۇرتلاردا رەھماننىڭ ئاشىق بولۇپ، قوشاق توقۇپ يۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ مەشۇقى ‹خالىدەم›نىڭ مەجبۇرى ھالدا باشقا بېرىگە ياتلىق قىلىۋىتىلگەنلىكى، بۇ ئازابقا چىدىمىغان رەھماننىڭ ئاش-تاماق يېمەي، چۆللەردە قوشاق توقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكى تارقىلىپ، رەھمان ھەققىدە پەيدا بولۇپ كەتكەن گەپ چۆچەك، رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتاتتى.
-        چوقچا دېگەن يۇرتتا خالىدەم ئىسىملىك بىر گۈزەل بار ئىكەن، ئۇنىڭ چاچلىرى شۇنداق توم ھەم ئۇزۇنكى، ئەگەر ئۇ قىز چاچلىرىنى تۈگۈۋالمىسا تاپانلىرى ئاستىدا قالىدىكەن، قاش كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن، مەڭىزلىرىنىڭ قىزىللىقىدىن قەشقەرنىڭ ئانارلىرىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىكەن
-        شۇغىنىسى، ئۇ گۈزەلنىڭ بىر قولى ئىشلىمەيدىكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقى كۆزگە كۆرۈنمەي، ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا لەك مىڭ لەك مىڭ يىگىتلەر ئىشىق ئازابىغا چىداشماي، مەيدىسىنى زەي يەرگە يېقىپ ئاھ ئۇرۇپ يېتىشىدىكەن.
-        شۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا رەھمان ئىسىملىك بىر غەزەلچى بار ئىكەن، ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ، ئاشۇ قىزنى كۆرگەندىن بىرى گەپ قىلسا، ئاغزىدىن قوشاق تۆكۈلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
-        رەھمان ئىسىملىك بۇ يىگىت قولىغا ھەرقانداق سازنى ئالسىلا بۇلبۇلدەك سايرىۋىتەرمىش، ئۇ ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىسا ئادەم تۈگۈل، ئېغىلدىكى چارۋا، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۆزىنى باسالماي ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.
-        ھېلىقى گۈزەل قىزمۇ بۇ يىگىتنىڭ ناخشىسىنى بىر ئاڭلاپلا ھوشىدىن يۇقۇتۇپ،يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇمىش.
-        يەنە جۈمە ئىسىملىك بىر يىگىت مەيدانغا چىقىپ، رەھمان بىلەن قىزنى تالىشىپ قاپتىمىش، ئاخىرى جۈمە  ئىسىملىك يىگىت رەھماننى ئۇرۇپ، بىر پۇتى سۇندۇرۇپ،  توكۇر قىلىپ قويۇپ،  قىزنى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ قېچىپتۇمىش..
-        بۇ ئازابقا چىدىمىغان يىگىت، كۈنلەپ، كۈنلەپ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي يۈرۈيدىغان، ‹مەشۇقى› ئېسىگە كەلسىلا قوشاق توقۇپ، ناخشا ئېيتىپ پىغانىنى باسىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
رەھماننىڭ ئۆز ئەتراپىدا ئۆزى ھەققىدە بولۇۋاتقان راسىت-يالغان گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلىغۇدەك ھالى يوق ئىدى، ئۇ بىر مەزگىل خامانلىقتا ئۆز خۇدىنى بىلمەي ئاچ-توق يۈرۈپ كەتكەچكە ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى،  ئاتا-ئانا، دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتى، قاسىم قارا ئۆزىنىڭ ئامبارچىلىقدىن پايدىلنىپ، بىر كىچىدە بىر ئوغلاقنىڭ گۆشى بىلەن ئىككى چارەك ئاق ئۇننى رەھماننىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ كۈنلەردە بۇ قاسىم قارا ئۈچۈن چوڭ قاراملىق ئىدى، شۇڭا ئىسلامئاخۇنلار قورقۇپ كېتىپ، گۆش ۋە ئاق ئۇننى كۈندۈزلىرى ئىشلىتىشتىن قورقۇپ، يېرىم كېچىلەردە تاماق ئېتىپ، رەھماننىڭ تېننى قۇۋەتلەندۈرۈشكە تىرىشتى. رەھماننىڭ دىل ئازابى، تەن ئازابىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر بولغاچقا، ئۇ كىشىلەرگە  يەنىلا مەيۇس ھەم مىسكىن كۆرۈنەتتى. رەھماننىڭ خالىدەمنى بىر كۆرۈۋېلىش ئارزۇسى، ئۇنى مۇددەتتىن بورۇن ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئۇ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئۆيدىن چىقىپ، بىر تاياققا تەينىگىنىچە ئاق مەيدانغا قاراپ يول ئالدى. پۈتۈن مەھەللىدىكى ئەزالار دولقۇندىن تېخى يانمىغاچقا،قايسىبىر ئۆيلەردىكى بۇۋاق بالىلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى سېغىنىپ، يىغلاشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن ئەتراپ جىمجىت ئىدى، ئىلگىرى شۇنداق گۈزەل، يېقىشلىق كۆرۈنىدىغان يوللار ئەمدى رەھمانغا شۇنداق كۆرۈمسىز كۆرۈنىۋاتاتتى، ئىلگىرى رەھمانغا شۇنداق مېھرلىك كۆرۈنىدىغان مەھەللىلەر، ئەمدى ئۇنىڭغا شۇنچە سوغۇق، مېھرسىز كۆرۈنىۋاتاتتى. ئۇ سىرتلارغا چىقسام كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن پۈتۈن ئەتراپ يىشىللىققا پۈركەنگەن 8-ئاينىڭ مەيىن شاماللىق بۇ ئەتىگىنى يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكىنى يەنىلا يوقىتىۋىتەلمىدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم خالىدەم بىلەن كۆرۈشكەن كۆل بويىغا كەلگەندە لەش باسقان كۆل يۈزىگە قاراپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى، قاراپ تۇرغانسىرى كۆپكۈك سۇ يۈزلىرىدە خالىدەمنىڭ گۈزەل سىماسى پەيدا بولۇپ، رەھماننىڭ پىغانىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى. ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلار، يا ئۇقىدەك كىرپىكلەر، توغاچتەك مەڭىزلەر، ئالۇچىدەك لەۋلەر، سۇ ئىچسە كۆرۈنگىدەك  سۈتتەك ئاق بويۇنلار، مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىم بەللەر، مېنىڭ پۇتۇمدەك ئاجىز، ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان نازۇك قوللار... ياق، ياق مەن بۇ رېئاللىققا چىداپ بولالمىغىدەكمەن، ئى، مەرھەمىتى كەڭ ئاللا، ئۆزەك سالغان ئىشىق، ئۆزەڭ سالغان ئوت، ئۆزەڭ تاشلىغان ئازاپ دېڭىزى بۇ، ئەمدى ماڭا ھەسسىلەپ سەۋىر ئاتا قىلغايسەن...  ئاللاغا نالە قىلىپ بولۇپ، جىمىپ قالغان يىگىت بىر ھازادىن كېيىن ‹يەنىلا قوشاق توقىسام، ناخشا ئارقىلىق  دەرت-پىغانلىرىمنى ئازلاتسام بولغۇدەك› دەپ ئويلاپ تۆۋەن ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.

مەن توكۇرغا، ئاجىزغا،
نېمە بارتى بىنەمدە.
قىسالمىدىم مەن سېنى،
قىزىل گۈلدەك چىكەمگە.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.

سۆزلەپ بەردىم دەردىمنى،
كۆل بېشىدا توغراققا.
تاشلاپ كېتىپ سەن مېنى،
قويدۇڭ ئەجەپ ئۇياتقا.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.

مەشۇق دېگەن ئاشىقنىڭ،
يەتمەيدىكەن ھالىغا.
قۇلاق سالار كىم ئەمدى،
مەن ئاجىزنىڭ دادىغا.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.

سۇ ياقىلاپ مېڭىپ،
بۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم.
سەن يارىمنىڭ دەردىدە،
كىسەلمەن بولۇپ قالدىم.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.

بۇ يىل تومۇز بەك يامان،
دىمىق ئەجەپ بولدىغۇ،
سەن يارىمدىن ئايرىلىپ،
يۈرەك دەردكە تولدىغۇ.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.

باشتا بەرگەن ۋەدەڭگە،
ئەمەل قىلماي ياندىڭغۇ.
تېپىۋىلىپ جۈمەكنى،
مەن توكۇردىن چاندىڭغۇ.

ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.
...
رەھمان كۆل بويىدا ئولتۇرىۋىلىپ، ھەسرەتلىرىنى، دەرد-پىغانلىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن  ئېيتقان ناخشىلىرىغا  سىڭدۈرۈپ، كۆل بويىلاپ ئۆسۈپ كەتكەن قاتار- قاتار توغراقلارنى، ئۇچلىرى كۆل ئىچىگە ئىگىلىپ تۇرغان مايماق-سۇيۇق سۆگەتلەرنى، بۇ يەردىكى دەل-دەرەخ، كۆللەرنى ماكان تۇتقان جان-جانىۋارلارنى ھەسرەتلىك ناخشىلىرى بىلەن مۇڭلاندۇرۇپ قويۇپ، ئاخىرى ھالسىز قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئاق مەيدان تەرەپكە قاراپ يولنى داۋاملاشتۇردى.

داۋامى بار

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:38:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇنداق   قىزىقىپ   ئوقىۋاتسام    بىردەمدە   تۈگەپ    كەتتى   دىسە   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 02:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9-باپ
بۇ كۈنلەردە خالىدەمنىڭ كۈنلىرى تولىمۇ تەستە ئۆتۈۋاتاتتى. خالىدەم توي قىلىپ ئىككى ھەپتىگە بارا بارمايلا ئانىكىسىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى، ئۇ ئانىكىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قاراپ  قېيىنىئانا ئەمەس قىيىن ئانا دېگەن گەپلەرمۇ راسىت ئىكەن، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.
سەزگۈر ئانا سىرتتىكى گەپ-چۆچەكلەرگە پەرۋا قىلماي، ئوغلىنىڭ مەيلىگە بېقىپ، ئارزۇلاپ ئالغان كېلىننىڭ ئوغلىغا كۆڭۈلسىز ئىكەنلكىنى تاسادىبىي بىر پۇرسەتتە بايقاپ قالغاندىن بىرى، ئىلگىرى ۋاي تاتلىق بالام، ئۆزەمنىڭ قىزى، ئائىلىمىزنىڭ بەخىت قۇشى دەپ خالىدەمنى ئەركىلىتىپ ھالى قالمايدىغان خوتۇن تۇيۇقسىزلا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغان،  ئىلگىرى قوشنا-قۇلۇملارنىڭ قىز-كېلىنلىرى كەچلىك تاماقتىن جىمىقىپ، ئۇخلاشقا تەييارلىنىدىغان چاغدا ئاران تاماق تەييار قىلىدىغان خالدەمنى ماختاپ، تاماقنىڭ سۆينى پىشۇرۇپ، خېمىرغا بەلەن ئىشلەپ، ئادەمنىڭ ئېغزىغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتىدىغان، ئۆزىمۇ تاتلىق. قولىمۇ تاتلىق  كېلىنگە ئۇلىشىپتىمەن، دەپ تاماقنىڭ كەچ قالغىنى ئېغىر ئالمايدىغان خوتۇن، ئەمدىلىكتە يېرىم كېچىدە تەييار بولغان بۇ يۈدەڭنى ئېتقا ئەپچىقىپ تۆكۈپ بەر، دەپ ئاچ قورساق ياتىدىغان بولۇۋالغان، ئىلگىرى بىكار بولسىلا ھۇجرا ئۆيىگە بىكىنىۋالىدىغان خالىدەمنى باشقىلارغا، مېنىڭ بۇ ئۇز قىزىم ئېرىگە ئامراق چىقىپ قالدى، دەپ شۆلگەيلرى ئېقىپ قالغۇچە ماختاپ كېتىدىغان بۇ خوتۇن ئەمدى، خالىدەمنىڭ يۈزىگىلا ئۇۋىسىدىن چىقمايدىغان چولاق قاغىغا ئۇچراپ قاپتىمەنمۇ، قانداق دەپ غۇدرايدىغان بولۇۋالغان ئىدى. بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش خالىدەمنى ھەيران قالدۇردى، ئىلگىرى ئانىكام بولسىمۇ ماڭا ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ، دەپ ئويلايدىغان خالىدەمگە بۇ ئائىلە ئەمدىلىكتە بەئەينى دوۋزاققىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئەسلىدە،  بىر ئاخشىمى خالىدەملەر يېتىپ بولغاندىن كېيىن جۈمەخۇننىڭ جىم ياتقۇسى كەلمىدى، ئۆزىنى پەقەتلا تۇتقۇزماي كېلىۋاتقان قىز يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنى قاچۇردى. نېرىپلىرى ھاياجاندىن تىترەپ كەتكەن ئەر خېلى ئېيتىشىپمۇ قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالالماي، ئاخىرى غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ سۆزلەپ كەتتى.
-        بىلىمەن، سەن زىدى پەس، چولاقنىڭ پۈتۈن ئوي خىيالى ھېلىقى توكۇردا.
قىز بېشىدىن باشقا يېرىنى يوتقىنىغا پۇركىۋىلىپ، كۆزلىرىنى ئالدىدا ئولتۇرغان يېرىم يالىڭاچ ئەرگە غەزەپ بىلەن تىكىپ ئۇندىمەي  ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئۈندىمەي جىم تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئەر ئاۋازىنى خېلىلا پەسلىتىپ ئەلەم بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن مېڭىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغان دەلتۈشتىمۇ بار، ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە، بىلەمسەن مەن سېنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، ھېلىقى توكۇرىڭ سېنى بىر ياخشى كۆرسە مەن سېنى مىڭ ياخشى كۆرەتتىم. . سېنى قاچان كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭدىن بىرى كۆزۈمدە ئۇيقۇ، تائاملىرىدا لەززەت، قىلغان ئىشلىرىمدا بەرىكەت يوق.بىر يىل  ئىلگىرى قوشنا مەھەللىدىكى بىر مەشرەپتىن يېنىپ، بارات ساراڭنىڭ ئەسكى كەپىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق بىر ناخشا ئاڭلاندى.
‹ ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،
ئاللا خالىدەم، ئاللا قەلەم قاش.›
مەن دىققەت بىلەن قارىسام كەپىنىڭ يېنىدىكى ئېرىق بويىدا ھېلىقى توكۇر دۇتتار چېلىپ ئولتۇرىدۇ. مەن ‹ بۇ ئاڭلىمىغانلا بىر ناخشا ئىكەن، خالىدەم دېگەن كىم بولغىيىتى، دەپ ھەيران بولدۇم، شۇ ئارىدا دۇتتار چېلىشىنى توختىتىپ، قولىدىكى دۇتتارنى ئېرىق بويىدىكى قاغا جىگدىنىڭ بىر شېخىغا ئېسىپ قويدى ۋە مەھەللە تەرەپكە قاراپ ئاستا يۈرۈپ كەتتى. مەن ‹ بۇ توكۇر بۇنچە كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ، ئاستا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. ئۇ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن بىر ئۆينىڭ ئەتراپنى چۆرگىلەپ، تېخىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا بايامقى ئاھاڭدا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. بۇ دەل سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ناخشىسىدىكى ‹خالىدەم›نىڭ سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ئەتىسىلا ئامال قىلىپ سېنى بىر كۆرۈپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، سېنى بىر كۆردۇم،دە ‹ بۇ توكۇرنىڭ قوشاق قېتىپ ناخشا ئېيتقۇچىلىكى بار ئۇز قىز ئىكەن› دەپ ئويلىدىم ۋە  سەن بىلەن توي قىلىپ ئۇ توكۇرنى داغدا قويۇشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن كىچىلىرى سېنىڭ ئۆيۈڭنى چۆرگىلەيدىغان ئادەم ئىككى بولۇپ قالدى. بىراق مەن ئۆزۈمنى ھېچچكىمگە كۆرسەتمىدىم. سېنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرساممۇ، بىرەر قېتىم يالغۇز ئۇچرىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى ئەلچى كىرگۈزدۈم. ئۇزۇن ۋاقىت كەينىڭدە يۈرۈپ توي قىلغانمۇ بولدۇم،بىراق توي كىچىسىدىن باشلاپلا ئۆزۈمنىڭ بىر خوتۇن ئەمەس، مېھىرسىز قورچاق ئالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. شۇنداقتىمۇ  يەنە كېيىنچە ئۆزلىشىپ قالار دەپ ئۈمىد بىلەن ھېچنەرسىنى چاندۇرماي كۈندۈزلىرى ئويناپ-كۈلۈپ يۈردۇم. بىراق  رەھمان توكۇرنىڭ سەن  ھەققىدە ئېيتقان ناخشىلىرى، دوست-دۈشمەنلىرىمنىڭ رەھمان ئىككىڭلار ھەققىدىكى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلغۇدەك سۆز-چۆچەكلىرى قەلبىمنى لەختە-لەختە قىلىۋەتتى. مەن بۇ دەردلەرنى ئىچىمگە يۈتۈپ،بوپتۇ، ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ، ئارزۇلاپ ئالغاندىكىن ئۆيۈمنى تۇتۇپ قالاي يەنە ساڭا يول قويۇپ كەلدىم. بىراق سەن يەنىلا ئاشۇ ئىت خۇيۇڭىنى ئۆزگەرتمەيۋاتىسەن. مەن ساڭا دەپ قوياي، ئەمدى ئۇ توكۇرنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋەت، سەندەك توي قىلىپ بولغان تۆشۈك مۇنچاقنى ئەمدى ھېچىكىم ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا ئالمايدۇ، ماڭا ياخشىلىق بىلەن بولسىمۇ خوتۇن بولىسەن، يامانلىق بىلەن بولسىمۇ خوتۇن بولىسەن. گەپ قىل، ياخشىلىقىنى تاللامسەن، يامانلىقنىمۇ؟!
قىز يەنە كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىكىپ، ئۇندىمەي ئولتۇراتتى. قىزنى گەپ قىلدۇرالمىغان جۈمەخۇن ۋاقىراپ-جاقىراپ ئۆينى بېشىغا كەيدى، تۇيۇقسىز سىرتتىن تاراق-تۇرۇق ئاۋاز ئاڭلىنىپ يەنە بىر دەمدىن كېيىن جىمىپ قالدى. سىرتتىكى تاراق-تۇرۇق ھۇجرا ئىچىدىكىلەرنىڭ ئاغزىنى شۇ پېتى يەملەپ قويدى. ئەسلىدە، كىچىسى ھاجەتكە چىققان ئانا ئوغلى بىلەن كېلىنى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى تولۇقى بىلەن ئاڭلاپ قالغان ئىدى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەممە ئادەملەر ئەترەتنىڭ ھويلىسىغا يىغىنغا كېتىپ، خالىدەم ئۆيدە يالغۇز قالدى. ئۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ھويلىنى تازلاي دەپ قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ تۇرىۋىدى، ھويلىنىڭ ئەگىن ئىشىكى ئېچىلىپ، جانجىگەر دوستى گۈلئايىم كىرىپ كەلدى. توي قىلغاندىن بىرى بۇ دوستىنى كۆرۈپ باقمىغان قىز ھاياجانىنى باسالماي سۈپۈرگىنى تاشلاپ، دوستىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، دوستىنى قۇچاقلاپ، ئۇن تارتىپ يىغلاپ كەتتى. گۈلئايىممۇ دوستىغا جۆر بولۇپ يىغلاپ تاشلىدى، ئۇلار بىر ھازا يىغلاشقاندىن كېيىن بىر-بىرىنى بەزلەپ يىغىدىن توختىدى ھەم ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھال سۇراشتى. گۈلئايىم خالىدەمدىن  ئىككى ئاي بۇرۇن چۈشۈرگىگە توي قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى دوست ئارلىق يىراق بولغاچقا كاككۇك بىلەن زەينەپتەك بىر بىرنى ئۇچرىتالماي، بىر-بىرىگە قانمايلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
-بۈگۈن ئۆيۈڭلارغا بارسام، ئاناڭ بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، دەپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتىكەن، سېنى سورىسام ،تېخى ئۆلۈشكۈن كەپتىكەن، كەلمەسمىكى دېدى.شۇنىڭ بىلەن يالغۇز بولسا، بىر مۇڭدىشىۋالاي، دەپ تەۋەككۇل قىلىپلا كېلىۋىدىم، تەلىيىمگە ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز ئىكەنسەن.
- ئاداش، ئانامغا نېمە بوپتۇ، تېخى ئۆلۈشكۈنىلا ساق ئەمەسمىدى.
-شۇ بىنەمگە بېرىپ  خامان ئالغانلار قايتىپ كەپتىكەن، رەھماننىڭ ھالى بەك خاراپمىش، ئاناڭ... ۋاي، بولدى، دېمەيلا قوياي...
- بەك ئاڭلىغۇم بار، دەۋەرگىنە.
-ئەمدى ئېرىڭ بار ئايال بولۇپ قالدىڭ.شۇڭا دەيمىنا.
-ۋاي قۇيە بۇ گەپلىرىڭنى، رەھمانغا نېمە بوپتۇ، ئۇنىڭ ھالى نېمىشىقا شۇنچە خاراپ ئىكەن.
-دېمىسىغۇ بۇ ئىشنىڭ يوشۇرىدىغان يېرى قالمىدى. رەھمان ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى بىلمەيدىغان ئادەم قاپماپتۇ، تۈنۈگۈن ئامبار ياسايمىز دەمدۇ، ئىشقىلىپ كىچىڭىز تەرەپتىن چۈشۈرگىگە بىرمۇنچە كادىرلار كەپتىكەن، ئۇلارمۇ رەھمان غەزەل دېگەن كىم، ئۇ ئاشىق بولغان گۈزەلچۇ، دەپ سوراپ كېتشتى.
-ئاداش،رەھمان ئۇ...
-ۋاي ئالدىرىمىغىنە، مەن بۈگۈن ساڭا ئاڭلىغانلىمىنىڭ ھەممىنى دەپ بېرىمەن، سەن توي قىلىپ ئەتسى ئاكام توي قىلغانلىقىڭنى ئىچىگە پاتۇرالماي رەھماننىڭ يېنىغا چىقىپ، بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپتۇ، شۇنىڭدىن بىرى رەھمان يەپ ئىچىشتىن قېلىپ، ئادەملەرگە ئارلاشماي كىچىلىرى ئۆزىچە توختىماي قوشاق توقۇپ، ناخشا ئوقۇيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ-يالىڭاچ يۈرگەچكە ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، ئاناڭ ئۇنىڭ ئاغرىپ قلېىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىقىدا ئاغرىپ كېتىپتۇ.
-شۇنداق، مەنمۇ ئۆيدىكى ماۋۇ ئادەمنىڭ تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كېتىشىدىن، رەھماننىڭ قايتىپ كېلىپ، مەھەللىلەردە يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم، بىلەمسەن ئاداش،  ماۋۇ ئادەم ھەممىنى بىلىدىكەن، مەن رەھماننىڭ ماڭا كۆيەپ يۈرگىنىنى بىلمەيدىغان چاغلىرىمدىن تارتىپ، كىچىلىرى رەھماننىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرۈشلىرىغىچە ھەممە ئىشنى بىلىدىكەن، بىلىپ تۇرۇپ، رەھماندىن قىزغىنىپ مېنىڭ پىيىمگە چۈشۈپتۇ، ئاخىرى ئانام-داداملارنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ مەن بىلەن توي قىپتۇ.
-ۋىييەي، سەن بۇ ئىشلارنى قانداق بىلدىڭ؟
-بىر كۈنى كىچىسى ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئاچچىقىدا ھەممىنى دەۋەتتى.
-ۋېييەي توي قىلغىنىڭغا تېخى بىر ئاي بولماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ ئۇرۇشالىغانسەن؟
- سەن بىلمەيسەن ئاداش، مەن توي قىلغىنىمغا خۇددى نەچچە يىل بولغاندەك ھېس قىلىپ كېتىۋاتىمەن. ئىشەنسەڭ ئاداش، ئۇ ئادەم بىلەن ئىككىمىزنىڭ جىدىلى توي كىچىسىلا باشلانغان.
-تۆۋە، نېمە دەيدىغانسەن؟
-شۇنداق، مەن رەھماننى بۇنچىلىك ياخشى كۆرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئاتا-ئانامنى يۇرتنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتماسلىق ئۇچۇن بۇ توينى قىلغىنىمنى بىلىمەن، مۇللام قاچان نىكاھ ئوقۇدى، شۇنىڭدىن بىرى نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم، مەندە بىر خىل ئىسيانكارلىق روھى پەيدا بولدى، بەزىدە شۇنداق قورقۇپ كېتىمەن، ھالاللاپ نىكاھىغا ئالغان ئەرگە بوي بەرمىگەن ئايال ئۇچرايدىغان جازالارنى ئويلىسام تېنىم شۈركىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزەم خالاپ كىرىۋالغان بۇ تۇرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققۇم،، پۇت-قولۇمدىكى كۆرۈنمەس كىشەنلەرنى ئۇرۇپ-چېقىپ، نەلەرگىدۇ غايىپ بولغۇم كېلىدۇ، بىراق يەنە دادام-ئانامنى ئايايمەن. بېشىمغا نەدىن چۈشكەن سەۋداكىن بىلمىدىم، كىچىكىمدە رەھمان كۆزۈمگە بەك ئىسىسىق كۆرۈنەتتى. ئۇمۇ ئاجىز، مەنمۇ ئاجىز تەقدىرداشلاردىن بولغاچقىمىكىن، ھەممە ئىشتا ئۇنى دورىغۇم كېلەتتى. كېيىن تاسادىبىي بىر پۇرسەتتە ئۇنىڭ ۋە بارات بوۋامنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى بىلەن مەكتەپكە كېرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يەتتىم. رەھمان خۇددى ئۆز ئاكامدەك مېنى قوغدايتى، مېنى ئاسىرايتى. سىنپتا بىر پارتىدا ئولتۇرغاچقا بىلمىگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭدىن سورايتىم، ئۇ خۇددى ماڭا ئوقۇتقۇچىمىزدىنمۇ بەكرەك بىلىملىكتەك كۆرۈنەتتى، نىمىشىقا دېسەڭ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغان، قىلالمايدىغان ئىشلىرى يوق ئىدى.11-12 ياش چاغلىرىم ئىدى،خامان ۋاقتىدا  ئىككىمىز ئەترەتنىڭ قويلىرىنى باقاتتۇق، شۇ چاغلار مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ مەنىلىك، ئەڭ كۆپ ئەسلەيدىغان چاغلىرىم بولۇپ قالدى، مەكتەپكە بېرىپ ياناشىمىزدا سىلەرگە ئېيتىپ بەرمىگەن يېڭى-يېڭى ھېكايىلەرنى بىرىنچى بولۇپ ماڭا سۆزلەپ بېرەتتى، ھېچىكىمگە ئېيتىپ بەرمىگەن ناخشىلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرەتتى. تېخى ماڭا نەي چېلىشنىمۇ ئۈگىتىپ قويغان، ئۇ 13 يېشىمدا تۇنجى قېتىم ماڭا ئۆزى ياسىغان بىر نەينى سوۋغا قىلغان ئىدى، مەن ھېلىمۇ بىر-ئىككى ئاددى ئاھاڭلارغا چالالايمەن. كېيىن مەن مەكتەپتكە بارماس بولدۇم، ئۇمۇ مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپتۇ، كېيىن ئويلىسام مەن مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان بولغانلىقىمغا ئەمەس، ئەمدى رەھمان بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىپ يۈرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىكەن. ئارىدىن ئىككى –ئۈچ يىل ئۆتۈپ تەڭتۇشلىرىم بىر-ئىككىدىن توي قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن  مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ياشلىق ھېسلىرى ئويغۇنۇشقا باشلىدى. مەن ئەسلىدە رەھماننى ئاكا ئورنىدا كۆرىمەن دەپ ئويلايتىم، ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇنى  كېيىنچە كەلگۈسىدە توي قىلىدىغان ئادىمىم دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قاپتىمەن. ھېسىيات مانا مۇشۇنداق ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. بارات بوۋام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىسكىن ھالتىنى كۆرۈپ، ئىچىم سىيرىلىپ، بىر كىچە تازا يىغلاپتىمەن، شۇنىڭدىن بىرى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم، كۆزۈمگە رەھماندىن باشقا بېرى كۆرۈنمەيدىغان، خىيالىمدا ئۇنىڭدىن باشقا بىرى كەچمەيدىغان بولۇپ قالدى، بىر قېتىم كۆلدىن سۇئېلىپ يانسام، ئاكاڭ ئىككىسى جاڭگالغا مېڭىپتىكەن، ئاكاڭ مېنى كۆرۈپ، باش لىڭشىتىپ سالام قىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى. نەچچە يىلدىن بىرى مۇنچىلىك يېقىن ئارلىقتا ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا ھەر ئىككلىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ قېتىپلا قاپتۇق. شۇ چاغدا مەن بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قېلىشتىن بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن رەھماننى كۆرگۈم كېلىدىغان، سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سەن ئاغرىپ قالدىڭ، مەن سېنى يوقلاش ئۇچۇن ئۆيۈڭگە كېتىۋىتىپ، يېرىم يولدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۆزۈم چاندۇرمىغان بىلەن، بۇ تاسادىبىي ئۇچرىشىشتىن ھاياجانلىنىپ، ھوشۇمدىن كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھايات زەنجىرى بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپلا كەتتى، مانا ھازىرمۇ ئاشۇ كۆرۈنمەس زەنجىر ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن. مەندە ئۇنىڭ ئىككى ئەڭگۈشتەرى بار بىرى نەچچە يىللار بۇرۇن سوۋغا قىلغان  نەي، يەنە بىرى تېخى توي قىلىشتىن نەچچە ئاي بۇرۇن سوۋغا قىلغان كىچىك ياغاچ ھارۋا... كېيىن كۆل بويىدا مەخىپى ئۇچراشتۇق، بىراق مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ توي خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئەلەمدە قويدۇم.  مەن نېمە قىلالايتىم. ئاتا-ئانامغا، ياق، سىلەر قوشۇلغانغا مەيلىم يوق، دېيەلەمتىم، ياكى ئۆتمۈشتە ئۆتكەن ئاشىق مەشۇقلاردەك قېچىپ كېتەلەمتىم. رەھمان بەرگەن كىتابلارنىدىن بىلىشمچە قېچىپ كېتىپ، توي قىلىش  ئادەتىمىزغۇ بار ئىكەن، بىراق بۇ زاماندا نەگە بارساڭ. قارا نوپۇس دەپ تۇتۇۋىلىپ، يەنە مەھەللىگگە ئەكلىپ قويىدىغان ئىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت گۈلۈم ئېچىلماي تۇرۇپ خازان بولدى. ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنىپ ياشايدىغان ئوخشايمەن. ئاداش ئەسلى كۆڭلۈمدىكى بۇ گەپلەرنى ھېچىكىمگە ئېيتماسمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. سېنى كۆرۈپ ئۆزەمنى باسالماي قالدىم، ئىچىم دەرت-ھەسرەتكە توشۇپ كېتىپتىكەن، ئىچىمنى بىر بوشاتقۇم كېلىپ قالدى، قانداق قىلىمىز، زامان مۇشۇنداق تار ئىكەن، ھەر قېتىم رەھماننىڭ قوشاقلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالسا، تەنلىرىم يايراپ كېتىدۇ، ئۇ ناخشىنى مەيلى كىم ئېيتسۇن، مەيلى قانچىلىك يېقىمسىز ئاۋازدا ئېيتسۇن، يەنىلا شۇنداق مۇڭلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلايمەن، كىچىلىرى كوچىدا ناخشا ئېيتىپ ئۆتكەن ئادەملەر ماۋۇئادەمگە دۈشمىنىدەك كۆرۈنسە، ماڭا مۇھەببەت پەرىشتىسىدەك بىلىنىدۇ، ئۇھ، دەردىم، شۇنداق شور پىشانە، بەخىتسىز ئىكەنمەن. رەھماننىڭ ماۋۇ مىسرالىرىنى ئاڭلا:

باشتا بەرگەن ۋەدەڭگە،
ئەمەل قىلماي ياندىڭغۇ.
تېپىۋىلىپ جۈمەكنى،
مەن توكۇردىن چاندىڭغۇ.

مەن بۇ مىسرالارنى ئاڭلاپ، قانچە-قانچە كۈنلەر يىغلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئىككىمىز ئاغزىمىزدا ئالىمىز، تىگىمىز دەپ ۋەدىلەشمىگەن بولساقمۇ، يۈرىكىمىز، كۆزلىرىمىز ئارقىلىق ۋەدە بېرىشكەن. تولىمۇ ئەپسۇس مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ قالدىم،مەن بەزىدە ماۋۇ ئادەمدەك كېلىشكەن، بىجىرىم ئادەمدىن مىڭنى ئاشۇ بىر توكۇر رەھمانغا تەڭ قىلمايدىغانلىقىمنى پۈتۈن ئالەمگە جاكارلىغۇم كېلىدۇ، يەنە شۇ كىملەرنىدۇ ئايايمەن. قەلبىمدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننى زورمۇ-زور بېسىپ ياشايمەن.
...
گۈلئايىم دوستنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان  ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىرىنى ئاڭلاپ، ھەيرانۇ ھەس بولدى. ئۇ ئەسلىدە پەقەت رەھمانلا بۇ دوستۇمغا ئاشىق دەپ ئويلايتى، ئويلىمىغان يەردىن دوستى خالىدەممۇ رەھمانغا ئۆلگۈدەك ئاشىق بولۇپ چىقتى.

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 02:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا 9-باپ تەكرار تەكرار يوللىنىپ كېتىپتۇ، كەچۇرىڭلار، مۇمكىن بولسا، باشقۇرغۇچىلار بۇ تەكرار يوللىنىپ كەتكەن ئىنكاسلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولساڭلار، رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-13 02:26 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش